ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
ئىسلام بولسا ئۇ بىر رىئال پىرىنسىپ بۇلۇپ ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە شۇنداقلا مۆمصنلةرگة مۇنداق دەپ تةۋسصية قصلصدۇكص ، ئص مۆمصنلةر!قۇرقۇشتا پةقةت يالغۇز ئاللاھ دصنلا قورقۇڭلار . ئاللاھ نصڭ ھةقلصرنص ئادا قصلصشقا تصرصشصڭلار . دۈشمةنلصرصڭلارغصمۇ ئادصل بۇلۇڭلار ، ئاللاھ غا تةقۋادارلصق قصلصڭلار يةنص[ئى مۆمىنلەر! اﷲ نىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا)ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۇشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار)تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، اﷲ دىن قورقۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر]5-سۈرة (8).
يةنص [ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىيە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى ، يەر يۈزى ئەلبەتتە خاراپىيلىشاتتى ]2-251.
يەنى [ئى ئىنسان ! سەن ھەقىيقىتەن پەرۋەردىگارىڭغا ئۇچىراشقىنىڭغا قەدەر ئۆز ئىشىڭدا جاپا چىكىسەن -ئۇنىڭ نەتىيجىسنى كۆرىسەن ]84-5.
يەنى [بىز ھەقىيقىتەن ئىنساننى جاپا مۇشاقەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق ]90-4. دەيدۇ .
دىمەك ئىسلام ئىنساننى دۇنيا تىرىكچىلىكى (يەنى يەر يۈزۈدىكى خىيالى جەننەت بىلەن قايمۇقتۇرمايدۇ ! ھەم ئۇنىڭغا سەن دۇنيادا ھۇزۇر ھالاۋەتنى ئىككى قەدىمىڭ بىلەن تاپىسەن دىمەستىن ، بەلكى ھايات جاپا ۋە مۇشاقەت كۈرەش ۋە تىركىشىش دەيدۇ . شۇنداقلا ئىسلام ئىنساننىڭ ئۆزىگە نىسىپىتەنمۇ رىئال تۇرمۇش بولغانلىقتىن ئۇ ئىنسان ھاياتىغا ھەرگىزمۇ ساختا كۈرنۈش تەغدىم قىلمايدۇ . دىمەك ئىسلام كىشىلەرگە زىمىندىكى كۈرەشلىرى ، ھاياتنىڭ ئازاپ ئۇقۇبەتلىرى ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ، يۈكسىلىش بىلەن چۈشكۈنلىشىش ئوتتۇرسىدىكى تەۋرىنىشلەردە رىئال ھەقىيقەتنىڭ ئاچقۇچىنى تەغدىم قىلالايدۇ . شۇنداقلا ئىسلام ئىنسانلارنى ھەرگىز گۇناھسىز پەرىشتە ياكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلەر دەپ قارىمايدۇ ، بەلكى ئىنسان ئاجىز يارىتىلدى . ئادەملەرنىڭ ھەممىسى خاتالىشىدۇ دەيدۇ . دىمەك ئىسلام كىشىلەرنىڭ نېرۋېلىرنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە كۆڭەللىرنى خۇشاللاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ . شۇنداقلا ئىسلام كىشىلەرنىڭ نىرۋېلىرغا ، كۈچلۈك تەبىئىي ھېسىياتقا قارشى تۇرۇش بىلەن بېسىم ئىشلەتمەيدۇ . بەلكى ئۇلارغا تەبىئىي ھېسىيات يۇلىنى خۇشاللىق ۋە پاكلىق بىلەن ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىدۇ . شۇڭلاشقا ئىسلامدا ئۇنىڭغا كىرىشكە زورلۇق يوقتۇر . دىمەك ئىسلام كىشىلەرنى يەر يۈزۈدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن چەكلەيدۇ . چۈنكى بۇزۇقچىلىق ئاللاھ ئىنسانغا تاپشۇرغان توغرا خەلپىلىكنىڭ داھېرسى ئىچىدە جەمىيەت مۇناسىۋېتىنى ئىنتىزام بىلەن قېلىپلاشتۇرالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام بۇزۇقچىلىقنى ..........چەكلەيدۇ . ئىسلامنىڭ بۇنداق بۇزۇقچىلىقنى چەكلىشى ئىنسانلارنى تەسلىكتە قالدۇرۇش ئەمەس . بةلكى بۇزۇقچىلىقنىڭ ئاللاھ نىڭ خەلپىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈندۇر . شۇڭلاشقا ئىسلام بۇزۇقچىلىقنى تۈزةيدصيغان ، ئصنسانلارنصڭ مۈشكصلاتصنص ئاسانلاشتۇرىدىغان ، ئةخلاقصنص گۈزەللەشتۈرۈدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئۈندەيدىغان ، شۇنداقلا بۇزۇق ئىشلارنى چةكلةيدصغان بىر دىنبىر ھةقصيقةتتۇر .
دصمةك ئصسلام ئصنسانلارنصڭ ھةرقانداق ئصشقا ھةقصيقةتسصز (يةنص نۇرلۇق كصتاپسصز )ھالدا تۇرۇپ ساراڭلارچە ئارلىشىشنى چەكلەيدۇ . دىمەك ئىسلام بىزنى : ئەھۋالىمىز خەيىم خىتەر ئۈستىدە قالغان
ئةھۋال ئاستصدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ، باشقىلارنى زىيان تاتقۇزماسلىققا چاقىرىپ ، ئۇ مەيلى ئۇرۇق تۇقانلىرىمىز بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر ئۆز ئارلىرىمىزدا ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ .
يەنى[ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزەڭلارنىڭ ۋە ئاتا- ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پىقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، اﷲ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر]4-سۈرە (135). يەنى [ئاللاھ ھەقىيقىتەن( كىشىلەر ئارىستا )ئادىل بۇلۇشقا ، (جېمى خەلىققە ) ياخشىلىق قىلىشقا ، خىش - ئەقىربالارغا سىيلە رېھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ .قەبىھ (سۆز - ھەركەتلەر)دىن ، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن تۇسىدۇ . نەسىيئەتنى قۇبۇل قىلسۇن دەپ ئاللاھ سىلەرگە پەندى نەسىھەت قىلىدۇ .]16-90.
دىمەك ئىسلام ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىپلا قالماستىن . بەلكى جېمى خەلىققە ياخشىلىق قىلىشقا ، خېش ئەقىربالاردىن سىيلە رېھىمنى ئۈزۈپ قويماسلىققا بۇيرۇيدۇ .
مەنبە؛ قۇرئان كەرىمدىن پايدىلىنىپ رىئاللىقتىن يېزىلدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-5 01:07 AM