مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 433|ئىنكاس: 4

خۇشخەۋەر: ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىغا ماقالە قۇبۇل قىلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئانا تىلنى بىلمى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1408
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10617
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 2384 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 01:15:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ ساقلىق سۆيەر تورداشلار،
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى قۇرۇلغاندىن بېرى ئىزچىل ھالدا «سۈپەت بىرىنچى سان ئىككىنچى» دېگەن پرىنسىپ بويىچە تىرىشىپ، توختىماستىن يېڭىلىق يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولسا كېرەك، ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى نورۇزدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن بېرى ھەر قايسى ساقلىق سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى ھەمدە بۇ جەرياندا بىر قىسىم قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدۇق.
بىز تور ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇنجى سانىدا كىچىك ئەسكەرتىش بېرىپ، ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىنى تورداشلار بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ قىممىتى بار تور ژۇرنىلى قىلىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىزدىن تورداشلارنى خەۋەرلەندۈرگەن ئىدۇق. بىز داۋاملىق تورداشلارنىڭ تور ژۇرنىلىمىزغا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپ بېرىپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ قېتىم مەزكۇر يازمىنى تەييارلاشتىكى تۈپ مەقسەت، تورداشلارنى يەنە بىر يېڭىلىقتىن خەۋەردار قىلماقچىمىز.
ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلى 2-ساندىن باشلاپ كەڭ تورداشلاردىن ھەقلىق ماقالە قۇبۇل قىلىدۇ.


ماقالە قۇبۇل قىلىش شەرتىلىرى ۋە تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە:
1. ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىمىز تېببىي كەسىپنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور ژۇرنىلى بولۇپ، ژۇرنىلىمىزغا ماقالە بېرىش دائىرىسى تېببىي كەسىپ بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
2. ماقالە ئاپتۇرىنىڭ كەسپىي، جىنسىي، يېشى قاتارلىقلار چەكلەنمەيدۇ. پەقەت نادىر بولغان تېببىي ساھەدىكى ماقالىلەر بولسا ھەممىسى قۇبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزىلىدۇ.
3. ماقالە تەمىنلەشتە، ئىجادىي (كەسپىي خادىملارغا ماس كېلىدۇ) ۋە قىممىتى يۇقىرى بولغان تەرجىمە ماقالىلەر بولسا بولىدۇ. «چوقۇم ئىجادىي ياكى چوقۇم تەرجىمە بولۇشى كېرەك.» دەپ شەرت قويۇلمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ماقالىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى!
4. ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىغا بېرىلىدىغان ماقالىلەر چوقۇم ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىگە يوللىنىشى كېرەك. ژۇرنالغا كىرگۈزۈلىدىغان ماقالىلەر مۇنبەردىن تاللىنىدۇ.
5. ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىغا ماقالە قۇبۇل قىلىش ۋاقتى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولىدۇ.
6. 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىگە يوللانغان ماقالىلەردىن 2-سان ژۇرنالغا كىرگۈزۈلىدىغان ماقالىلەرنى تاللاپ بېكىتىپ چىقىدۇ.
7. ھەر قانداق ماقالە ئەسلى ئاپتۇرنىڭ نام-شەرىپى بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ. (كونكىرت ئەھۋالنى تۇنجى سان ژۇرنالنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.)
8. ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلى ھەر تاق ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.

قەلەم ھەققى ھېسابلاش ئۆلچىمى:
1. ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىغا بېسىلغان ماقالىلەر مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تاللاپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ھەر بىر بېتى ئۈچۈن 30 يۈەن (ئوتتۇز يۈەن) بويىچە قەلەم ھەققى ھېسابلىنىدۇ.
2. ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلىنىڭ ماقالە بەت ئۆلچىمى ئۆلچەملىك A4 قەغىزى ئۆلچىمىدە بولۇپ، كونكىرت بەت تىزىلىشى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:


كەڭ ساقلىق سۆيەر تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:


ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى

ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى

2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eldawa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 01:21 PM  


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com

ئانا تىلنى بىلمى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1408
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10617
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 2384 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 03:49:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازراق مەزمۇن چالا قاپتۇ.
ژۇرنالغا قۇبۇل قىلىنىدىغان ماقالىلەر دائىرىسى: تېببىي ساھە ۋە پسىخىكا جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74481
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 07:57:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر سەھنە قۇرۇلۇپتۇ قىنى مەرھەمەت.........

ئانا تىلنى بىلمى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1408
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10617
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 2384 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 10:49:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
halattergul يوللىغان ۋاقتى  2012-4-2 07:57 PM
يەنە بىر سەھنە قۇرۇلۇپتۇ قىنى مەرھەمەت.........

قارىشى ئالىمىز!

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79076
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-4-19
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 11:54:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش