تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ...
– قاتىل تۇرغۇن
ئاغىنىلەر ئارىسىدىن تۇنجى بولۇپ ماشىنا ئالغان ئادەم تۇرغۇن بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۆز ھالىغا باقماي نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگە ماشىنا ئېلىشى ئاغىنىلەر ئارىسىدا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىدى.
-ئەينى ۋاقىتتا تۇرغۇننىڭ كەينىگە كىرىپ، شېغىل زاۋۇتىغا پاي قوشقان بولساق بىزمۇ بىر ماشىنىلىق بولۇپ قالىدىكەنمىز،ھە، ئاغىنىلەر.
-سەن نېمنى بىلەتتىڭ، تۇرغۇن شېغىل زاۋۇتىدىن پۇل تاپمىدى، مەھەللىمىزنىڭ ئايىغىدىكى تۇراق بەڭگىنىڭ ‹مال›لىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن تاماكىچىلارغا ئۆتكۈزۈپ باي بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ تاپقان-تەرگىنىنىڭ ھەممىسى ھارام، ئەگەر ھارام ئارلاشمىسا،بىر نەچچە يىل شېغىل سېتىپ باي بولۇپ كېتەمتى؟
-سىلەر ئۇنداق دېگەن بىلەن پۈتۈن ناھىيىمىزدەسېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى تۇرغۇننىڭ شېغىلى بىلەن قۇمىنى ئىشلىتىدىكەن،دەيمەن.ئۆتكەندە تەرەكتۇر بىلەن قۇمغا بېرىپ قاپتىمەن، نەچچە سائەت ئۇچرەتتە تۇرساممۇ ماڭا نۆۋەت كەلمىدى، كېيىن تۇرغۇن كېلىپ قېلىپ، قۇم ئۇستۇرۇپ بەردى ھەم ئاغىنە تۇرۇپمۇ پۇل تەڭلەمسەن،دەپ مەندىن پۇل ئالمىدى.
-شۇڭا ئاشۇ كۆكەمىنىڭ كەتمىنىنى چېپىۋاتىمەن دېگىنە.
-بولدى، تالاشماڭلار، قانداقلا بولمىسۇن ئارىمىزدىن ماشىنا ئالالايدىغان ئادەم چىقتى. بىزمۇ كۆڭۈل توختىتىپ بىر ئىش قىلساق پۇل تاپالايدىغان ئوخشايمىز جۇمۇ، بولمىسا، بەش يىل بورۇن تۇرغۇنمۇ بىزگە ئوخشاشلا يالاڭتۆش ئىدى. مانا بۈگۈن نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك HONDA ھەيدەپ يۈرۈيدۇ، تىرىشقان تاپار دېگەن شۇ ئوخشايدۇ.
ئاغىنىلەر بىلەن بىر يەرگە كىلىپ قالساق، تۇرغۇن تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ. مانا بۈگۈنمۇ يەنە شۇ تۇرغۇننىڭ گېپى، قەيسەرنىڭ كىلىشى بىلەن پارىڭىمىز تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.
-ئاغىنىلەر مەن ئەڭ يېڭى خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، تۇرغۇن توغرۇلۇق.
-ئېيتە، قەيسەر، تۇرغۇنغا يەنە نېمە ئىش بوپتۇ، ساقچىلار تۇتۇپ كەتمىگەندۇ؟
-ئاق تاماكا چىكىپ، قېتىپ قاپتۇمۇ-يە؟
-ئاشنىسى بىلەن تۇتۇلۇپ قالغان گەپ.
-قالايمىقان پەرەز قىلماڭلار، بالىلار، تۇرغۇن بىر ئادەمنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.
-ماشىنىسىدا غادىيىپ ئولتۇرۇپ بەك كۆرەڭلەپ كېتىپتىكەن ئۇ يالاڭتۆش، زادى بىلەتتىم،مۇشۇنداق بولۇشىنى.
-ماشىنىنى ئوڭشاپ ھەيدەلمەيدىغان ھالىغا، غىت قىسىپ يۈرسە بولمامدۇ، مانا ئەمدى تۇرغۇن تۈگەشتى، تاپقان پۇللىرى...
-ھەي، بالىلار ياخشىراق گەپ قىلساڭلار نېمە بولىدۇ، باشقىلارغا يامانلىق تىلەش ياخشى ئىش ئەمەس، ھە، قەيسەر ئىشنىڭ باش-ئاخرىنى تولۇقراق دېمەمسەن؟
-ئۇ ئۈلۈشكۈن ئاخشام ئۇ ئۆيگە قايتىۋىتىپ، چوڭ تاشيولدا بىر ئەخلەت يىغىپ ساتىدىغان خەنزۇ بوۋاينىڭ قانغا مىلىنىپ ھوشىسىز ياتقانلىقىنى كۆرۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەپتۇ. دوختۇرلار،يەنە بىر قەدەم كىچىكسە، ھاياتىغا كىپىللىك قىلغىلى بولمايدىكەن،دەپ بوۋاينى دەرھال ياتاققا ئاپتۇ. كېيىن ھېلىقى بوۋاينىڭ تۇققانلىرى دوختۇرخانىغا كېلىپ، تۇرغۇنغا، تۇققىنىمىزنى تۆلەپ بەر، دەپ ئېسىلىۋاپتۇ ۋە تۇرغۇن ئۆزىنى مىڭ ئاقلىسىمۇ ئۇنىماي ساقچى چاقىرىپتۇ، ساقچىلار تۇرغۇننى، ئادەم سوقۇۋىتىپ، نەخ مەيداننى ساقلىمىغان، دەپ تۇتۇپ كېتىپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئىككى كۈندىن بىرى ھېلىقى بوۋاي ھوشىغىمۇ كەلمەپتۇ. بولغان ئىش مۇشۇ.
-بۇ كۈنلەردە ساقچىلارنى ئالدىغىلى بولامتى، ئەسلى تۇرغۇن ئۆزى سوقۇۋىتىپ، قۇتقۇزىۋالدىم دېگەن گەپ.
-ئۇ بوۋاينىڭ ساق قالغىنىدىن ئۆلگىنى ياخشى ئىدى، ئەمدى تۇرغۇننىڭ ئۆمۈرى ئۇ بوۋاينى بېقىش بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدى-دە
-ئەمدى ئۇ بوۋايمۇ ئەخلەت يىغىپ جان بېقىشتىن قۇتۇلۇپ قالدى.
-مۇشۇ تۇرغۇننىڭ پۇل تېپىپ باي بولغىنىغامەن بەك ھەيران جۇمۇ، ئۇ ئاشۇ دۆت كاللىسى بىلەن قانداق پۇل تاپىدىغاندۇ، چوڭ تاشيولدا بولغان ۋەقە بولغاندىكى، تاشلاپلا قاچمامدۇ،ئۆزىگە ئىش تاپقۇچە، تاڭ ئاتقاندا قاتىلنى كىم تاپالايتى.
-راسىت، جۇمۇ، ئەگەر مەن تۇرغۇننىڭ ئورنىدا بولسام، كەينىمگە يېنىپ، ئۇ بوۋاينى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ ئاندىن قاچاتتىم.
-تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ئۇ، بولمىسا ئۆلەرمەن قېرىنى تاشلاپلا ماڭماي، دوختۇرخانىلاردا كۆتۈرۈپ يۈرەمدۇ، ئۆزىگە ئىش تېپىپ.
- يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگگۈچە، بۇرنى قاناپتۇ.دېگەندەك، تۇرغۇنغايېڭى ماشىننىڭ ئايىغى ياراشمىغان گەپ.
نەچچە كۈنلەرگىچە تۇرغۇننىڭ ئادەم سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى مەھەللىلەردە قىزىق نوقتا بولۇپ قالدى. بىز ئەمدى تۇرغۇننى كۆرەلمەيدىغان بولدۇق دەپ ئويلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تۇرغۇن پاقىراپ تۇرىدىغان،قاپقارا، سۆلەتلىك ماشىنىسىنى ھەيدىگىنىچە يەنە مەھەللىدە پەيدا بولدى، ئۇزۇن قۇلاق خەۋەرچىلەر ھەركەتكە كەلدى.
-تۇرغۇن راسىت گۇناھسىز ئىكەن،بىر ھەپتە ھوشىسىز ياتقان بوۋاي،ئاخىرى ھوشىغا كېلىپ،ئۆزىنى بېسىۋەتكەن ماشىنىنىڭ يوغان يۈك ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى، ماشىنا نۇمۇرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇمىش.(10-بۆلەك)
مەنبە: ئۆزەم
ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. (روزىمۇھەممەت ئىرپان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-2 12:25 PM