ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنى قانداق يۇقىتىمىز؟
1200يىللىق تارىخقا ئىگە كوردابا (قۇرتەبە)چوڭ مەسچىتى كېيىنكى مەزگىللەردە بۇ مەسچىت چېركاۋغا ئۆزگەرتىۋىتىلگەن.
مۇسۇلمانلار مىلادىيە 712-يىلىدىن 1429-يىلىغىچەبولغان 780 يىلدا ئەندەلۇسقا (ئىسپانىيە) ھۆكۈمرانلىق قىلدى،گەرچەئىسپانىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەممە قىسمى ئىسلام بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ ،ھازىرئۇ يەردە مۇسۇلمان يوق (پەقەت ئاز ساندىكى يېقىنقى يىللاردا مۇسۇلمان بولغانلاردىن باشقا).ئىسپان تىلىدانۇرغۇنلىغان ئەرەپچە سۆزلەر بار،ئۇلارنىڭ مۇزىكىسىمۇ ئەرەپچە ئاھاڭلارغا تۇيۇنغان،ئۇلارنىڭ مەدەنىيتى ياۋروپامەدەنىيتىگە قارىغاندا ئەرەبلەرنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغان،ھەتتا ئۇلار خاس ئىسملارنىڭ ئالدىغا ئەرەپچىدىكى "ئەل"قۇشۇمچىسىنى ئىشلىتىدۇ.1429-يىلى،مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىياسى كۈچ قەلئەسى بولغان گىرنادا قولدىن كەتكەندىن كېيىن ،ئىسپانىيەمۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى ئازىيىشقا باشلاپ،1612-يىلى ئەڭ ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرغان مۇسۇلمانلار ئىسپانىيەدىن ئايىرىلغانغا قەدەر بولغان 120يىل داۋامىدا ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى.شۇندىن كېيىن ،ئىسلام ئىسپانىيە تۇپراقلىرىن يوقالدى.
كوردابا مەسچىتىنىڭ مېھرابى ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلار سانى تېز سۈرئەتتە ئازىيىۋاتقان بۇ دەۋىردە ،كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر مەسلە بار بۇلۇپ ،بارلىق مەدەنىيەتلىك دۇنياغا مۇسۇلمانلارھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى.ئوسمان تۈركلىرى 1453-يىلى ئىستانبۇلنى فەتىھ قىلىپ ،پۈتكۈل بالقان يېرىم ئارىلىنى ئۆز ئىلكىگە كىرگۈزدى.مىسىر كۈچلۈك ماملۇكىيلار تەرىپىدىن ،ھىندىستان موغۇللار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىۋاتاتتى ،پارىسلار ئابباسىيلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا سىياسى يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن ئىدى.مانا مۇشۇ مەزگىللەردە ئىسلام ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىدىن(ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە) يوقىتىلدى ،ئەمما شۇنچە ھەيۋەت قوشۇنلىرى بار مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلار ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھىچقانداق ئىش قىلمىدى.ئىسلامنىڭ قانداق قىلىپ ئىسپانىيەدىن يوقتىلغانلىقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدىكى ھىندى ناتسىسلىرى ئۈچۈن ناھايىتى جىددى تەتقىقات بولدىىكى ،ئۇلار بۇ خىل" غەلبە قازانغان"ئۇسۇلنى ھىندىستاندا كوپى قىلىش ئۈچۈن ،ئۇنىڭ مۇمكىنچىلكىنى مۆلچەرلىدى.ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئاز سانلىق مىللەت بولغان (ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى 1981-يىلى ئومۇمى نۇپۇسنىڭ 11.35%نى ئىگەللىگەن)،يۇقىرى قاتلامدىكى ھىندىلار ئۈچۈن ئېغىر باش ئاغرىقى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ قان –ياشلىق ئىزىنى بېسىپ قالماسلىق ئۈچۈن ،مۇسۇلمان رەھبەرلەرمۇ ئىسپانىيە ئۇسۇلنى" ئۆگەندى".ئەمما ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇقىتىلىش تارىخىغا نەزىرىنى سېلىپمۇ قويمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى نۇرغۇنلىغان ھىيلە مىكىرلەر قورشاپ تۇرىدۇ. بىزبۇ ئارقىلىق ئاساسى تېمىمىزنى يۇرۇتۇپ ،مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھېسداشلىق قىلغۇچىلرىنىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ ،تەپەككۇر يۈرگۈزىشىگەئۈندىمەكچىمىز.ھىندىستاندىكىگە ئوخشاش ،ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرى ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپىدۇ.(1) ئەسلى ئەرەبلەرنىڭ ئەۋلادلىرى،(2) ئەرەب دادا ۋە خىرىستىيان ئانىلارنىڭ ئەۋلادلىرى ،(3) خىرىستىيانلىقنى تاشلاپ ئىسلامغا كىرگەنلەر.گىرنادا قولدىن كەتكەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئەسلى ئەرەبلەر جانلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن (ماللىرىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىپ كىتىشىگە يول قۇيۇلمىغان)،ماراكەش ۋە تۇنىسقا كەتكەن،نۇرغۇنلىرى بۇ سەپەردە ھۇجۇمچى خىرىستىئانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.قالغان ئەسلى ئەرەبلەر ئىسپانىيەدە قېلىشنى تاللىغان بۇلۇپ ،ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلارغا"چەتئەللىك "تامغىسى بېسىلغان (خۇددى ھىندىستاندىكىگە ئوخشاش ) ۋەئىسپانىيە بۇزغۇنچىلىرىغا ئايلىنىپ قالغان.قالغان تۈردىكى مۇسۇلمانلار _مۇسۇلمان ئاتا ۋە خىرىستىيان ئانىلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ۋە خىرىستىئانلىقنى تاشلاپ مۇسۇلمان بولغانلار پادىشاھ فىرنانىدنىڭ دىننى ئەركىنلىككە پۈتۈنلەي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىق ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئىسپانىيەدە قېلىشنى تاللىدى.(ھىندىستاندىمۇ ئوخشاشلا بىزلەرنىڭ تولۇق بولغان دىننى ئەركىنلىك ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولايدىغانلىقىمىز تەكىتلىنىدۇ).مۇسۇلمانلارئازايغان دەسلەپكى دەۋىرلەردە ،خىرىستىيانلار تەرپىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىغا ۋەمېلىغا قىلىنغان ھۇجۇملار ۋاقىتلىق ھادىسەسۈپىتىدە كەچۈرۋىتىلدى. بۇنى 1947-يىلى ھىندىستان بۆلۈنگەندىن كېيىنكى ئىشلارنىڭ تەرققىياتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ.ئەمما ئىسپانىيەدە مۇسۇلمانلىرىنىڭ جېنى ۋە مېلىغا قىلىنغان ھۇجۇم كۈنسايىن ئازايماستىن ،بەلكى ئانداساندا يۈز بىرىدىغان كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئايلىنىپ 50يىل داۋام قىلدى.(خۇددى بۈگۈنكى كۈنلەردە ھىندىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلاردەك).دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى بۇنداق ئىشلارغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ ،قايتۇرما ئۇرۇش قىلدى.كوچىلاردىكى كىچىك ئۇرۇشلار ،ئىككى تەرەپ روبىرو ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان جەڭگەئايلاندى ،ئەمما ھەر قېتىمدا مۇسۇلمانلار يېڭىلىپ قالدى.كيىنچە ،ھىندى ساقچىلىرى تېخمۇ كۆپ ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرى يېڭىلىپ بەرگەن بولدى. ئەمما خىرىستىئانلار گۇرۇپپا تەشكىللەپ مۇشۇنداق چوڭ قىرغىنچىلىقلارنى قىلىشقا باشلىغاندا،فىرنانىد مۇسۇلمانلارنى خىزمەت ۋە قۇبۇل قىلىنش جەھەتتىن چەتكە قاقىدىغان تۆۋەندىكى بىر يۈرۈش ئۇسۇللارنى قوللاندى. ئەرەب تىلىنى مەمۇرى ئورگانلاردا ئىشلىتىشتىن قالدۇردى. مەسچىتكە يانداش سېلىنغان مەكتەپلەردە ئىلمى ئۇقۇتۇش ۋە پەن تېخنىكا،تارىخ ،ماتىماتىكاۋە پەلسەپە پەنلىرىنى ئۆتۈشى چەكلەندى.پەقەت دىننى دەرىس ئۆتۈشكىلا رۇخسەت قىلىندى. تارىخ دەرىسى ئۆزگەرتىلىپ ،مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلار نەچچە ھەسسە ياۋايى قىلىپ كۆرسىتىلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسپانىيە تەرەققىياتىغا بولغان زور تۆھپىسى تىلغا ئېلىنمىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرى زور بايلىق يىغىۋالغان ۋە يۇشۇرۇن يىغىلىش قىلغان دىگەن باھانە بىلەن،گۇندىپاي ساقچىلارنىڭ دائىملىق ئاختۇرۇش نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئەسلى ئەرەب مۇسۇلمانلار خىرىستئانلارنىڭ دۈشمىنى ۋە ئىسپانىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىرى دەپ كۆرسىتىلدى. خىرىستىئانلىقنى تاشلاپ مۇسۇلمان بولغانلارغا ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس تۇپرىقىدا ئاتا بوۋىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ زورلىشى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ،ھازىر ئۇنداق زورلاشنىڭ يوقلۇقى توغرۇلۇق نەسىھەت قىلىنىپ ،خىرىستىئانلىققا قايتىشقا مەجبۇرلاندى. مۇسۇلمان_خىرىستىئان ئەجدادتىن بولغان مۇسۇلمانلارغا ھارامدىن بولغان دىگەن ماركا چاپلىنىپ،مازاق قىلىش ئوبىكتىغا ئايلاندى ۋە خىرىستىئانلىققا قايتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. ئىسلامى قائىدە تۈزۈملەر بىلەن بولىدىغان نىكاھ توي ئىشلىرى قانۇن ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىشى بىلەن بولىدىغان قىلىپ بىكىتىلدى. ئىسلام شەرىئىتى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىندى. ئىسپانىيەدەيولغا قۇيۇلغان بۇ ئۇسۇللار ھىندىستاندا ئەڭ ياخشى ئېنىقلىق دەرىجىسى بىلەن سىناقتىن ئۆتكۈزۈلدى.ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرى زاڭلىق قىلىش ئوبىكتىغا ،ۋە گۇناھى بارلارغا ئايلاندى ،ئۇلارغا بولغان ھۇجۇممۇ يەنىلا داۋام ئەتتى.مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقدىسادىنى ۋەيران قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ دۇكانلىرى ۋە ئۆيلىرىگە ئوت قۇيۇۋىتىلدى.مۇسۇلمانلارنىڭ خىرىستانلىققا قايتقانلىقى ئۈچۈن ئەخمەقلەرچە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى ۋە بۇ خىل مۇراسىم جەمىيەتتە ئاممىۋىلاشتۇرۇلدى.ھىندىستاندىمۇ ھىندى ناتسىسلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئارياساماج ،راماكىرىشنا ،ۋىشۋا ھىندى پەرىشاد قاتارلىقلارمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلماقتا.دەسلەپكى ئىككى ئەۋلاد ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرى ئامالسىزلىقتىن پاسسىپ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ،ئۆيدە ۋە مەسچىتتە بالىلىرىغا ئەرەبچە ئۆگىتىش ۋە ھازىرقى ئەمەلىيەتنى ئاغزاكى سۆزلەپ قۇيۇش بىلەن دىنىنى ساقلاپ قالدى ،بارا-بارا ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىمۇ پەسكويغا چۈشۈشكە باشلىدى.توي ئىشلىرى چۇقۇم گوۋىت يېتەكچىلىكىدەتەبرىكلىنىش بۇيرۇقى چۈشكەندە ،دەسلەپكى مۇسۇلمانلار توينى ئاۋال گوۋىت مەمۇرىيتى يېتەكچىلىكىدە،ئاندىن ئۆز ئۆيىدە ئىسلامى قائىدە تۈزۈملەر بىلەن ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇربولدى.كېيىنچە بۇنداق شەخسى تەبرىكلەشلەرمۇ چەكلەنگەندىن كېيىن ئىككىنچى مۇراسىممۇ تەدرىجى ئەمەلدىن قالدى. بۇمەزگىللەردە ،مۇسۇلمان جامائىتى بارا بارا مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ قولدىن ئاجراپ چىقىشقا باشلىدى. يۇقىرى قاتلامدىكى مۇسۇلمانلار تۇركىيە،تۇنىس،ماراكەش ،مىسىرقاتارلىق ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغان دۆلەتلەرگە ئېقىشقا باشلىدى.نامرات مۇسۇلمان جامائىتى غۇربەتچىلىكىتە ئۆز يۇرتلىرىداقېلىپ قالدى.مانا مۇشۇ ھىندىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار شۇ.ئىنگىلىزچە مائارىپتا تەربىيلەنگەن باي مۇسۇلمانلار بىراخمانلارغا (ھىندى دىنىدىكى يۇقىرى نەسەپ تەبىقىسى)ئايلاندى.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىق سالاھىيتىنى ئۇنتۇپ ،ھىندى دىنىدىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ تەقلىدچىلىرىگە ئايلاندى.نامرات مۇسۇلمانلار (ئۇلار مۇسۇلمانلار نۇپۇسىنىڭ%95پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ) شۇنچە غۇربەتچىلىكتە قالغان ،كۈنلىرى قىيىنچىلىقتائۆتۈۋاتقان بولسىمۇ ،يەنىلا تەقۋادار مۇسۇلمانلىق سالاھىيتىنى ساقلاپ قالدى.شۇندىن بۇيان ئۇلار مۇسۇلمانلارغا قارشى توپىلاڭنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. ئىسپانىيەدەئالدىنقى يېرىم ئەسىردە تېرىلغان ئۇرۇقلاردىن ئۈنگەن مايسىلار كېيىنكى يېرىم ئەسىردە ئىگىلىشكە باشلىدى.ئۇلاردىكى سىياسى رەھبەرلىك ،مۇسۇلمانلار ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئورگان، ۋە ياكى يىراقنى كۆرەر خاراكتىرلادىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.گەرچە مۇسۇلمان رەھبەرلەر ئۆزى بىلگەن ئىسلامى قائىدە پىرىنسىپلار بىلەن بولسىمۇ ھازىرقى ھالەتنى كونتىرول قىلىشى ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقارغان بولسىمۇ ،ئەمما گوۋىت مەمۇرىيتىنىڭ كۈچلۈك تەشۋىقات بېسىمى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈگەن مۇرتەدلەرگەقولايلىق يارىتىپ ئۇلارنى ئۆزىگە سۈمۈرىشى ،ئىسلامى قىممەت قاراشلارنىڭ جامائەت نەزىرىدىن ساقىت قىلىنىشى،مۇسۇلمان جامائىتى قەلبىدىكى ئۆزىنى تۆۋەن ئورۇندا كۆرۈش ھېسىياتى قاتارلىق غايەت زور كۈچ ئۇلارنى ئامالسىز قۇيۇپ قويدى.بۇ ھالەتنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن بىر سىياسى رەھبەرلىك ۋە گوۋىتلارغا قاشى بىر ئارمىيە تەشكىللەش كېرەك بۇلۇپ ،مۇسۇلمانلاربۇنى ئورۇندىيالمىدى. مەنبە: http://www.missionislam.com/conissues/india.htm ماقالىنىڭ ئەسلى تېمىسى "ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنى قانداق يوقىتىمىز "بۇلۇپ ،بۇ يەردە ئەندەلۇس مۇسۇلمانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىلا تەرجىمە قىلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا perfume تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-2 10:45 AM
|