|
|
|
|
تونۇلۇۋاتقان ياش ناخشىچى ۋە ئىجادىيەتچىمىز ئادىلە سىدىقنى بىلىدىغانلار ئاز ئەمەس. ئۇنى ئاساسىي جەھەتتىن يېقىنقى نەچچە يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى، «جۇلا» ۋە ئىلگىرىكى «ناۋا» پروگراممىلىرىدا ئۇچرىتىپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئورۇنلاش ماھارىتى، تەسەۋۋۇرغا باي ئىجادچانلىقى ۋە خەلقئارا سەۋىيىگە يەتكۈدەك يېقىملىق ئاۋازى ئىزچىل كۆپلىگەن ياشلىرىمىزنى قايىل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات-ئۇنىۋېرسال قانىلى (XJTV-2) نىڭ بۇ قېتىملىق «سەنئەت گۈلزارى» پروگراممىسىنىڭ 231-سانىدا، تالانتلىق ياش ناخشىچى ئادىلە سىدىق بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە جەريانى، يەنە ئائىلە تۇرمۇشى، خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدا قىزىقارلىق پاراڭلار بولۇنغان.
قېنى، بۇ تىرىشچان قىز بىلەن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تونۇشۇپ باقايلى:
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
www.Qutyar.net/mb/thread-2098-1-1.html
www.Qutyar.net/mb/thread-2657-1-1.html
|
|
|
|
|
|