مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 424|ئىنكاس: 2

غەم قىلماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2490
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1101 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 12:14:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  غەم قىلماڭ


ئاپتۇرى: دوكتۇر ئابدۇللاھىل ئائىز قەرنىي

تەرجىمانلار: زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

              بىلقەيس  ئابدۇللەتىف  تۆمۈرى

(گەنسۇ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان خەنزۇچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىندى)

خەنزۇچە نەشىرىگە كىرىش-


مۇۋاپىقىيەت نىيەتكە باغلىق، مەغلۇبىيەتمۇ ھەم


ئىنىمىز كوڭ دېجۈن تەرجىمە قىلغان «غەم قىلماڭ» ناملىق  ئۇشبۇ كىتاب- سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق ئۆلىماسى د. ئائىز قەرنىينىڭ تونۇلغان ئەسىرى. بۇ كىتابنى خەنزۇچە نەشىرگە تەييارلىغان كوڭ دېجۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىگە بارغاندا سېتىۋالغان نوسخسىلا 2008- يىللىق 22- نەشىرى بولۇپ ، بۇ كىتابنىڭ يالغۇز ئەرەبچە نەشىرىنىڭلا شۇ چاغدا 2 مىلىيون تىراژدىن ئارتۇق سېتىلغانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭدىن باشقا تىللاردىكى نەشىرلىرىنىڭ ئومۇمىي تىراژىنى دەڭسىمەك قېيىن بولمىسا كېرەك.

بۇ بىر ئەقىدە-ئېتىقاتنىڭ روھىي ساغلاملىق ۋە كىشىلىك ھايات كوردىناتىغا بولغان تەسىرى سۆزلىنىدىغان كىتاب، دۇنيا مىقياسىدا بۇ قەدەر زىلزىلە پەيدا قىلالىغان كىتابلار ئۇنچە كۆپ ئەمەس. بۇنداق بولۇشىنىڭ ۋەجى ئۈچۈن زىيادە چۈشەندۈرۈش بىھاجەتكى، يالغۇز مۇسۇلمانلار ئەمەس، يەر يۈزىدىكى ئىنسان ئاتىغى بار ھەممە بۈگۈنكى كۈندە روھىيەت ۋە روھىي ساغلاملىققا ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋىرلەردىكىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلمەكتە. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ماشىنا ئۈچۈن رول قانچىكى مۇھىم بولغىنىدەك، روھىيەت ۋە روھىي ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈشمۇ كىشىلىك ھاياتقا نىسبەتەن شۇنچىكى مۇھىمدۇر.

كوڭ دېجۈن كىشىلەرنىڭ ئادەتلەنگەن قارىشىدىكى زىيالىيلاردىن پەرقلىق ھالدا كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ھەقىقەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەتنى بىرلەشتۈردى. «غەم قىلماڭ» ناملىق ئۇشبۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇش- دەل ئۇنىڭ ئىزچىل تۈردە ئىسلامنى ھايات بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە دېققەت- ئېتىبارىنى ئاتىغان روھىنىڭ تولۇق نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەنسىزلىككە تولغان 2008 – يىلى، بىر مىليارت ئۈچ يۈز مىليون جوڭگۇلۇقنى مۇسىبەتكە چۈمدۈرگەن ئاپەت- ۋېن چۈەندىكى چوڭ يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن مەزگىلدە، جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرىدىن بولغان مىھرىبان ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەر ئۇشبۇ «غەم قىلماڭ» ناملىق كىتابنىڭ ئىنىمىز كوڭ دېجۈن تەرجىمە قىلغان پەسىللىرىنى كۆپەيتىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا تارقىتىپ بەرگەن ئىدى. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ماددىي جەھەتتىكى ياردەمدىن بۆلەك روھىي جەھەتتىكى تەسەللىيگە بەكرەك مۇھتاج ئىدى.

تەۋرەش دولقۇنى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ يېرىمىغا قەدەر تەسىر كۆرسەتكەن بۇ چوڭ يەر تەۋرەش 30 يىل مابەينىدە ئاپەت ۋە يېغىلىقتىن خالىي ھالدا بۆرەكنىڭ ئىچىدىكى ياغدەك سائادەت ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاپ كەلگەن جوڭگۇ خەلقىنىڭ قەلبىگە ئۇنتۇلماس، ئەلەملىك مۆھىرىنى باستى. ئۇنىڭ كىشىلەرگە تاڭغىنى قان-قېرىنداشتىن ۋە مال- مۈلۈكتىن ئايرىلىش ئازابىلا ئەمەس، بەلكى بۇ دەرتلەرنىڭ ئۈستىگە دەرت بولۇپ قوشۇلغان روھىي تەۋرىنىش بىلەن جاۋاب بېرىش قېيىن بولغان روھىي سۇراقتۇر. « ئاپەتنى تاللاش-تاللىماسلىق بىزگە باغلىق ئەمەس، بىراق  ئاپەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش بىزگە باغلىق» دىگەن سۆز ئەينى چاغدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دەستەك سۆزىگە ئايلاندى. خۇددى ئۇلار ئىسلامنىڭ كىشىلىك ھايات چۈشەنچىسىگە لايىق رەۋىشتە سۆزلەۋاتقاندەك :

ئەندىشىسىز قۇبۇل قىل بىلىنگەننىڭ بارىنى.

بەلنى چىڭ تۈر بىلىشكە بىلمىگەننىڭ بارىنى.

ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرى، مۇتەخەسىسلارنىڭ تەھلىلىدىن كۆرە، بىرقىسىم ھاياتىي مۆجىزىلەرنىڭ كۆرۈنۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە، خارابە ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغانلاردىكى پىسخىك ساپا ۋە روھىي ھالەت ئەڭ مۇھىم ئامىل بولغاچقا، ئاپەت رايۇنىدىكى قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنى داۋالاش ئورنى مۇسىبەتلىك كۆڭۈللەرنى ئىللىق تەسەللىي بىلەن ئاۋۇندۇرۇپ، يېڭىچە ھاياتتىن بەھىرلىنىش بىلەن بىرگە، ھاياتىنى بەھىرگە ئىگە قىلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ، سالامەتلىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم پىسخىكا دوختۇرلىرىنى سەپلىگەن ئىدى.

ۋەھالەنكى، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يارىلانغانلاردىن باشقا يەنە ئۇرۇق-تۇققان، يېقىن-يورۇقلىرىدىن ئايرىلغان ۋە بۇ بالايى ئاپەتنىڭ بىۋاستە قازاسىغا ئۇچرىغان مىليونلىغان ئورتاق تەقدىردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئىنسان ئىرادىسىگە باقمايدىغان بۇنداق بالايى-ئاپەتكە قانداقمۇ يۈزلىنەر؟ ئۆزلىرىنىڭ نەچچە مىليونلىغان مۇسىبەت ئەھلىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ قۇبۇل قىلار؟ ئاپەت ئاپەتلىكىنى قىلغان، ئۇرۇق- تۇققان، يېقىن يورۇقلار باقىيغا سەپەر قىلغان، ئۆي-ئىمارەتلەر خارابىگە ئايلانغان، بىجىرىم قامەتكە ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇش تەقدىر قىلىنغان ئىكەن، ئۇنداقتا، ھۆڭرەپ يىغلاپ، دەرد-ئەلەم پايلىماي جاندىن تويامدۇق، ياكى ئەلھۆكمۇلىللاھ دەپ تەقدىرگە تەن بېرىپ،  كېيىنلىكىمىز ئۈچۈن تىرىشامدۇق؟  پەرقلىق روھىي ھالەت پەرقلىق تاللاشقا، ھەتتا پەرقلىق تەقدىرگە سەۋەب بولىدۇ! روھىي ھال تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ: «بىر قەۋم ئۆزىنى ئۆزى ياخشىلىمىغۇچە، ﷲ ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلىمايدۇ». قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئايىتىنى ئەسلى قۇرئان تېكىستى بويىچە تەپسىرلەپ «بىر قەۋم ئۆز ھالىنى ئۆزى ياخشىلىمىغۇچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلىمايدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. زىندانغا تاشلانغان ئىككى مەھبۇس بولغان ئىكەن. بىرى بولسا ئۈمۈدسىز، يەنە بىرى بولسا ئۈمۈدۋار ئىكەن. بىر قېتىم بۇ ئىككى مەھبۇس دەرىزىدىن سىرتقا تەڭلا نەزەر تاشلىشىپتۇ. ئۈمۈدۋار كىشىنىڭ كۆرگىنى ئاسماندىكى يۇلتۈزلار بولۇپ، ئۇمۈدى ھەسسىلەپ ئېشىپتۇ. يەنە بىرىنىڭ كۆرگىنى يەر يۈزىدىكى خەس بولۇپ، ئەلەمدىن ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپتۇ. ئامېرىكا چوڭلار مائارىپى مۇتەخەسىسى داللىي كارنىگ،- ئامېرىكا دوختۇرخانىلىرىدا داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى روھىي توسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، دەپ يازغان. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يەنە مۇنداق بىر جۈملە مەشھۇر سۆزى پۈتۈن دۇنياغا تارالغان: « سىزنىڭ بەختلىك بولۇش- بولماسلىقىڭىز ئىدىيىڭىزگە باغلىق.»  بۇ بىر جۈملە سۆز دەل «بىر قەۋم ئۆز ھالىنى ئۆزى ياخشىلىمىغۇچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلىمايدۇ» دىگەن ئايەتنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى ئەمەسمۇ؟

«غەم قىلماڭ» دىكى نۇرغۇنلىغان كۆز قاراشلار داللىې كارنىگنىڭ مۇناسىپ بايانلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ. بىراق بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرى داللىې كارنىگ ئەسەرلىرىدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان روھىيەت بېغى بىلەن چەكسىز مىھرىبانلىققا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەچكە، مەزكۈر ئەسەرنىڭ قىممىتى ئاشۇرۇلغان.

داللې كارنىگ ۋە شۇنىڭدەك ئۇستازلار كىشىنى دەرتتىن خالىي قىلىدىغان دەھرىيانە رېتسىىپ يېزىپ بەردى دېسەك، ئۇ ھالدا مەزكۈر كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئائىز قەرنىينى دۇنيالىق ئىسىل رېتسىپنى يېزىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىنسان روھى ۋە ئۇنىڭ پاناھ گاھىغا ئالاقىدار مۇقەددەس رېتسىپ بىلەن، ياكى مۇقەددەسلىك بىلەن دۇنيالىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈنۈملۈك تەدبىر بىلەن تەمىن ئەتتى، دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقىلا، بۇ تەدبىرنى قوللىنىپ ماددا بىلەن روھنىڭ، دۇنيالىق بىلەن مۇقەددەسلىكنىڭ بىرلىكى بولغان ئادەمنىڭ رەنجىگە شىپا تاپالايمىز:«پەرۋەردىگارىم! بىزنى دۇنيا ھەم ئاخىرەتتە ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىغىن»(2-سۈرەبەقەرە  156–ئايەت). «تىجارەت قىل، مەڭگۈگە ئۆلمەيدىغاندەك؛ ئىبادەت قىل ئەتىگە قالمايدىغاندەك» (ھەدىس). ساددا دەھرىيانە ئۇسۇلغا قارىغاندا، بۇ تەدبىر  ئىنسان روھىيىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر قاتلىرىغا سىڭىپ، ئىنسانغا بولغان چەكسىز مىھرىبانلىقنى نامايەن قىلىدۇ. ۋە بۇ سەۋەبلىك يەنىمۇ مول بولغان روھىي قۇۋۋىتى ۋە يەنىمۇ يۈكسەك بولغان مەدىنىيەت مەزمۇنلىرى بىلەن ئىنساننىڭ دەرد-ھەسرىتىنى ۋە ئارامسىزلىقىنى شىپا تاپقۇزىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆمرى بېرىسى ئائىلىدىكى غەلدە-غەشلىكلەردىن تارتىپ نېرىسى چىدىغۇسىز رەنجى ئەلەملەرگىچە بولغان ئازابلىق يۈزلىنىش ئىچىدە ئۈزلۈكسىز خوراپ بارىدۇ. بەزىلەرنىڭ يەر تەۋرەش، كەلكۈن دىگەندەك ئاپەتلەردىن ساقلىنالىشى مومكىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇق- توققان، يېقىن يورۇقلىرىنىڭ باقىيغا سەپەر قىلىشىدىن ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈمگە يۈزلىنىشىتىن ئىبارەت ھاياتىي رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرالىشى مومكىن ئەمەس. ئۇنداقتا، بۇخىل ھايات ماھىيىتىگە تەۋە رېئاللىققا يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭ دەردى-ھەسرەتلىرىنى شىپا تاپقۇزۇشتا، ئىسلام بىلەن ساددا دەھرىيلىك نىمە بىلەن پەرىقلىنەر؟  مىسال ئۈچۈن قولىمىزغا سانچىلغان تىكەننى ۋە ئۇ سەۋەبلىك شەكىللەنگەن بىئاراملىقنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ بىر تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىش بولغىنىدەك، ئادەتتىكى روھىي بېسىملارنى يەڭگىللىتىش ئۇسۇللىرىمۇ گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. بىز ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقان قازالارنىڭ ئالدىدا ئۇنى غەم دەپ بىلىشنىڭ ئۆزى بىر غەمدۇر.  ئەمما، ئىسلام بۇخىل پىسىخىك مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ھەم نازۇكلۇققا ھەم چوڭقۇرلۇققا ئىگە: ئۇ، تىكەن ۋە ئۇنىڭ ئاغرىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، تىكەن سانچىلىشتىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە ئىشنى بىر خىل سىرلىق ئەھمىيەت، مەڭگۈلۈك ئىدىيەگە باغلايدۇ.  «مۆئمىننىڭ قولىغا كىرگەن تىكەنمۇ، ئۇنىڭ مەلۇم گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدۇ». (ھەدىس)  بۇ خىل روھىي ھالەتتىكى مۆئمىن بىلەن بىر ساددا دەھرىينى تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولامدۇ؟ ئېغىر دەردۇ-ھەسرەت ھەتتاكى پاجىئە(مەسىلەن، سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنىڭ ئۆلۈمى... دىگەندەك)لەردىن كىممۇ خالىي دەيسىز؟ بىراق، ئىسلام بىلەن ساددا دەھرىيلىكنىڭ پەرقى – دىندىن خالىي تىل ۋە پانىيلىق قاراشلىرىدىن ساددىلىق بىلەن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى قايغۇ-مۇسىبەتكە سەۋىرچان بولۇشقا ئۈندەشتە ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ بىر ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان رەھىمسىز رېئاللىقنى ئىنساننىڭ ئاداققىي قىممىتى ۋە ھاياتىي مەۋقەلىرىگە باغلاپ، بۇ ئارقىلىق كىشىگە ئۆلۈمنىڭ ھېكىمىتىنى تونۇتۇپ، زەخمىناك كۆڭۈلنى يەنىمۇ زور تەسەللىياتقا ئىگە قىلىشتا. بەختسىزلىك(يېقىن-يورۇق، سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز، مەشھۇر داھىلىرىمىزنىڭ ۋاپاتىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)كە ئۇچرىغىنىمىزدا، ئىسلام بىزنى تۈۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇشقا بويرۇيدۇ:«ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇۋنە» (بىز ئاللاھ ئۈچۈندۇرمىز،  ھەقىقەتەن ئاللاھقا قايتقۇچىلارمىز). پەيغەمبىرىمىزنىڭ يەنە مۇنداق ھەدىسىمۇ بار:« ئاتا- ئانا بولغۇچى بېشىغا كەلگەن پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىش مۇسىبىتىگە سەبىر قىلسا ، قىيامەت كۈنى، پەرزەنتلىرى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن يېتىلىگىنىچە جەننەتكە كىرىدۇ». يەر تەۋرەش ئاپىتى ۋە باشقا ئاپەتلەردە قازا قىلغان ھەمدە ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلماستىن تۇپراق يۇتۇپ كەتكەن بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- تۇققان، يېقىن-يورۇقلىرىغا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق تەسەللىي بولۇرمۇ؟ ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئەسلا تەڭدىشى بولمىغان بۇ ئاپەتكە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىپ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنى ھەم بىر نېئمەت دەپ بىلسەك، تۇرمۇشتا بىز يېگىدەك يەنە نىمە غەم قالىدۇ دەيسىز؟ قەدىمدە ئۆتكەن بىر ئىسلام ئالىمى ھەقىقەت دەۋاسى بىلەن زىندانغا تاشلىنىپ، ئاقىبەت شۇ زىنداندا قەبزى روھ بولغان ئىكەن. ئۇ زىنداندا مۇنداق بىر مەڭگۈ ئەسلىنىدىغان مەشھۇر سۆزنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن: « دۈشمەنلىرىم ماڭا نىمە قىلىۋاتىدۇ!؟ مېنىڭ جەننىتىم ۋە بوستانلىقىم مېنىڭ قەلبىمدىدۇر، مەن ماڭسام ئۇمۇ بىللىدۇر، مېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشۈم شاھادەتتۇر، سۈرگۈنلۈكۈم-ساياھەتتۇر، زىندان ماڭا خىلۋەتتۇر».. زامانىمىزدىكى بىر مۇسۇلمانلار داھىيسىمۇ مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، ئارقىدىنلا بۇ جازا  مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن. موخبىر ئۇنىڭدىن: ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندا خىيالىڭىزدىن نېمىلەر كەچتى؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ:«ھېچنەرسە كەچكىنى يوق، پەقەت شۇ ئارام ئالغىلى مېھمانخانىدىن ھوجرىغا ماڭغاندەكلا بولدۇم» دېگەن. قاراڭ، ئۇ نەقەدەر سوغوققان، نەقەدەر خاتىرجەم، نەقەدەر ئۈمۈدۋار، نەقەدەر ئىشەنچكە تولغان-ھە! دېمەككى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى ئوخشاش تۇتقاندىلا، كىشى ئاندىن ئۈمۈد مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ جەمىئىيەتنى ۋە ھاياتىنى يورۇتالايدۇ.

ئىنسانىيەت 21-ئەسىرگە قەدەم باسقىنىدا، كىشىلەر ئۆزىچە پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ۋە تۇرمۇش سەۋىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز يوقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىلىم-پەن ئىنسانىيەتنى بارلىق قايمۇقۇش ۋە باش قېتىنچىلىقتىن خالاس قىلىدۇ، دەپ چوتنى خاتا سوقۇشقان ئىدى. ۋەھالەنكى، ئۇچقاندەك سۈرئەتتىكى تۇرمۇش رېتىمى ئىچىدە ئويلىنىشقا چۇلىسى قالمىغان كىشىلەر بىردىنلا ئۆزلىرىدىكى باش-قېتىنچىلىق ۋە قايمۇقۇشلارنىڭ ھەرگىزمۇ پەن-تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەنلا ھەل بولمايدىغانلىقىنى، ئىلىم-پەننىڭ ئىنسانىيەتكە مىسلىسىز ئەۋزەللىك ۋە گۈللىنىش ئاتا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى يادرو تەھدىتى ۋە مۇھىت كىرزىسى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، يۇقىرى قان بېسىم، دېئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ نىسبىتى ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر دەۋردىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، ئىختىيارسىز ئەس-ھوشىنى يوقىتىشقا باشلىدى: بىز تەرەققىي قىلدۇقمۇ ياكى ئارقىدا قالدۇقمۇ؟ زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىمۇ ئالدىن توپ-توغرا مەلۇمات بېرەلمەيدىغان يەر تەۋرەش، يانار تاغ پارتىلاش، دېڭىز تاشقىنى، كەلكۈن ئاپىتى ۋە بىگۇناھلارنىڭ بېشىغا چىقىشتا ئىلگىرىكىسىدىن پەرىقلەنمەيدىغان ئۇرۇش....قاتارلىقلار خۇسۇسىدا، ئالىملار نۇرغۇن گەپلەرنى سېتىشقان بولسىمۇ، ئەمما پىكرىدە بىرلىك بولمىدى. ھازىرقى زامان ئىسلام مۇتەپەككۇرى سەييىد قۇتۇب (1903-يىلدىن 1966-يىلغىچە ياشىغان) ئۇرۇش ۋە تىنچلىق، ئىنسانىيەت ۋە تەبىيئەت مەسىلىلىرىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى- ئىنسانىيەتنىڭ قەلبى بىلەن ئىدىيەسىدىكى ماسلىق ۋە ئىجىللىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناق، دۇنيانىڭ تىنىچ بولۇشىدىكى ئالدىنقى شەرت  ئىكەنلىكىنى، تەكىتلىگەن. قۇرئان كەرىم كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنىڭ تۇرمۇشتىكى تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ شۇنداق دەيدۇ:«كۆڭۈللەر ئاللاھنى زىكرى قىلىش بىلەن ئارام تاپىدۇ»؛ «كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزى ياخشىلمىغۇچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلىمايدۇ». ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە، سەييىد قۇتۇپنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە دىمەكچى بولغىنى: ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق، دوستانە مۇناسىۋىتىكى، ھەرگىزمۇ تىركىشىش، دۈشمەنلىشىش مۇناسىۋىتى ئەمەس؛ دوستلۇق ئىكەنكى، دۈشمەنلىك ئەمەس. ئۇشبۇ ۋەجدىن بۇ خىل ئىدىيە  مۇقەرەركى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئارام ۋە پىكىرىگە ئەركىنلىك ئاتا قىلىدۇ. ھالبۇكى، قەلب بىرلە پىكىر ئۆز نۆۋىتىدە ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنىڭ سۈپەت ئۆزگۈرۈشىدىكى ئاچقۇچتۇر. بۇ ھەم ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق خۇمارى كۈچلۈك تەلۋىلەر ئۈچۈن مەڭگۈ يىتەلمەيدىغان مەنزىلدۇر.

كاشىلىنىڭ ئىلىم-پەندە ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئىكەنلىكى ئەقىل ئىگىلىرىگە ئايان بولدى. شۇ سەۋەبلىك ئىلىم-پەننىڭ ھەممىگە قادىرلىقى تارىخقا ئايلاندى. ئىنساننىڭ تەبىيئەت ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمۇ گۈزەل ئەپسانە بولۇپ قالدى. كىشىلەر ئىلمىي ۋە ئەقلىي ئىزدىنىشكە سەل قارىماسلىق بىلەن بىرگە، كۆڭۈل خاتىرجەملىكى بىلەن روھىيەت قەسىرىنى ئىزدەشكە كىرىشتى. ۋە شۇ سەۋەبلىك ئىناقلىق چۈشەنچىسى كەسكىن تەرغىباتقا، دىنىي مەدەنىيەت تونۇش ۋە چۈشۈنۈشكە ئېرىشتى. قەلب ساغلاملىقىنىڭ ئەڭگۈشتەرى، ئىلھامچى كىتابلارنىڭ ئېسىلى بولمىش «غەم قىلماڭ» ناملىق ئۇشبۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە نەشىر قىلىنىشى- ئىناق جەمئىيەتنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە مەدەنىيەتلىك جوڭگۇنىڭ گۈللىنىشىگە ئاتالغان قىممەتلىك ھەدىيە، دېسەك ئارتۇقچە كەتمەس. بۇنداق دىيىشمىزگە سەۋەب ناھايىتىمۇ ئاددىيكى: ھەممىمىز قەلب ئىگىسى، قەلب تەسەللىيسىگە مۇھتاجمىز؛ ھەر بىرىمىزدە ئۆزىمىزگە تۇشلۇق غەم بار، بىز ھەم بۇ غەمدىن خالاس بولۇشقا مۇھتاجمىز؛ بىز ھەممىمىز تىنچلىقنى سۆيىمىز، تىنچلىقنى ئاسراشقا تېخىمۇ مۇھتاجمىز.  «بۇشاشماڭلار، غەم قىلماڭلار، ئىمانىڭلار كامىل بولسىلا، غالىبلىق سىلەرگە خاستۇر»(قۇرئان كەرىم)


                                        خەن گې

                               2009-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى


http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=11792

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 12:18 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5560
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 1049 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 02:30:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپ ئىنسا نىيەت يارايقان مەدىنىيەتنى ساقلىغۇچى، تارقاتقۇچى، ئالماشتۇرغۇچى ئامىلدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78656
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 306
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-4-11
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 03:11:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپ

❉كۈيچى ئاۋازلىق كۇلۇبى سزنى قارشى ئالدۇ❉ي ي پىنداۋ  رىمىز:37877◆ ي ي چۈشۇرۈش ئادىرسى :www.yy.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش