قازا قىلغان كىشىنىڭ بانكىدىكى پۇلىغا قانداق بىجىرىشى كېرەك ؟
بانكىدىكى ئامانەت پۇلغا ۋارىسلىق قىلىشتا ، ۋارىسلىق ھوقۇقى گۇۋاھلىقى بىجىرىتىش كېرەك . ئالاقىدارلار بۇ گۇۋاھلىقنى بىجىرتىشتە تۆۋەندىكىدەك ئىلتىماس قىلىش ماتىرياللىرىنى تەمىنلىشى كېرەك :
(1) ئالاقىدارلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ، مەسىلەن ، كىملىكى ، نوپۇس دەپتىرى ، توي خىتى . باشقىلارغا ۋەكالىتەن ئىلتىماس قىلىدىغانلار ۋەكالەتچىلىك ئىسپاتى (ھاۋالىنامە ، شۇنداقلا ۋەكالەتچىنىڭ كىملىكى ، سالاھىيەت ئىسپاتى ) قاتارلىقلارنى تاپشۇرىشى كېرەك ؛ ئالاقىدارلار قۇرامىغا يەتمىگەن ، روھىي كىسەل ياكى گاس – گاچا بولسا ، ۋەسىيسى ۋەكالەتچىلىك بىجىرسىمۇ بولىدۇ ، ۋەسىيسى ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ھەمدە ئالاقىدار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىسپاتىنى تاپشۇرىشى كېرەك .
(2) مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قازا قىلغانلىق ئىسپاتى .
(3) مىراس قالدۇرغۇچى مىراس قالدۇرغان مال – مۈلۈكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتى ، مەسىلەن : بانكىنىڭ ئامانەت پۇل كىنىشكىسى ، ئاكسىيە كىنىشكىسى قاتارلىقلار .
(4) مىراس قالدۇرغۇچى قازا قىلىشتىن ئىلگىرى ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا ، شۇ ۋەسىيەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى .
(5) مىراس قالدۇرغۇچى بىلەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئىسپاتى (بارلىق قانۇنىي ۋارىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) .
(6) ئورۇنباسار ۋارىس گۇۋاھلىق بىجىرتىشتە ئىلتىماس قىلغاندا يەنە مىراسقا ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ مىراس قالدۇرغۇچىدىن بۇرۇن قازا قىلغانلىق ئىسپاتى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىسپاتنى تەمىنلىشى كېرەك .
(7) گۇۋاھلىق ئورگانلىرى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان باشقا ماتىرياللار . گۇۋاھلىق ھەققى مال – مۈلۈك قىممىتىنىڭ %2 ى بويىچە ئېلىنىدۇ .
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، ئالاقىدارلار يۇقىرقى گۇۋاھلىقنى بىجىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم ھەقىقى ئىسپات ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك . «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى » نىڭ 44 – ماددىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن : « گۇۋاھلىق ئالغۇچىلاردىن ۋە شۇنىڭدەك باشقا شەخىسلەر ياكى تەشكىلاتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلىپ ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خېلاپلىق قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ :
(1) يالغان ئىسپات ماتىريالى بىرىپ ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار ؛
(2) يالغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلغانلار ؛
(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق خېتىنى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى ياسىۋالغان ، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ياسىۋېلىنغان ، ئۆزگەرتېۋىلىنغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى ئېلىپ ساتقانلار .
يۇقىرقى ماددىغا ئاساسلانغاندا ، ئالاقىدارلار ئەگەر گۇۋاھلىق بىجىرتىش داۋامىدا گۇۋاھلىق بىجىرىش ئاپپاراتىنى ساختا ئىسپات ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە مۇناسىپ جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/