مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3211|ئىنكاس: 46

پۇشايمانغا قويغان گۇمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 2080
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 501
تۆھپە نۇمۇرى: 2846
توردا: 10305 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 09:37:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پۇشايمانغا قويغان گۇمان


ئەتە قۇربان ھېيىت،ھەبىبە ئۆينى پاك-پاكىز تازىلاپ، ھېىيتنىڭ تەييارلىقىنى بىرقۇر قىلىپ بولدى.ئەمدى پەقەت يولدىشى ياقۇپنىڭ بالدۇرراق سەپەردىن قايتىپ كىلىپ ،بۇ ئىككىسىنىڭ ئۆي ئايرىپ چىقىپ  تۇنجى رەت ئۆتكۈزدىغان قۇربان ھېيتى ئۈچۈن قوي سېتىۋېلىپ،ئۇرۇق-تۇققان دوس يارەنلىرىنى ئۆز ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ھېيىتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشلا قالدى.ھەبىبە ئەنە شۇنداق تاتلىق خىياللارنى قىلغاچ،يولدىشى ياقۇپنىڭ ھېيىت كۈنى كىيدىغان يىڭى كىيىملىرىگە قايتا دەزمال سېلىپ تەييارلاپ قويدى.ھەبىبە بۈگۈن دەم ئالغاچقا ئۆينىڭ ئىشلىرىنى تۈگتىۋالاي دەپ،ئۈستەلگە تاتلىق- تۈرۈم قۇرۇق يەر يىمىشلەرنى رەتلىك تىزىۋېتىپ،سائەتكە قاراپلا ياقۇپنىڭ كىلشىگە ئازقالغانلىقىنى بىلىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى.

ياقۇپ سەپەردىن قايتىپ كىلىپ ھەبىبە ئوخشىتىپ ئەتكەن سۈيقاشنى ئىچىپ شۇنداق راھەت ھىس قىلىپ،ھەبىبەنى <<تاتلىق خۇتۇن سىز تاماققا بەك ئۇستا جۇمۇ؟>>دەپ ماختاپ قۇيدى.ھەبىبە ياقۇپنىڭ ماختىشىدىن خۇرسەن بۇلۇپ،ياقۇپقا ئەركىلەپ تۇرۇپ<<سەپەردە مىنىڭ ئەتكەن تامىقىمنى سېغىندىڭىزمۇ ياكى مېنى......؟>>دەپ سورىدى.ياقۇپ ھەبىبەنىڭ ئەركىلەپ تۇرۇپ قىلغان سۆزىدىن قاتتىق سۈيۈنۈپ <<خۇتۇن مەن سىزنىمۇ ئەتكەن تامىقىڭىزنىمۇ  بەك سېغىندىم>>-دىدى.ھەبىبە ياقۇپنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈزلىرى ئوت بۇلۇپ قىزىرىپ كەتتى.ھەبىبە يولدۇشىنىڭ مېھرىلىك سۆزلىرىدىن ئۆزىنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلىپ،شىرىن خىياللارنى سۈردى.ئايال كىشىنىڭ ئەرنى مەھلىيا قىلدىغان گۈزەللىكى ئۆي ئىشىدا ۋە ئەخلاق پەزىلىتىدە بىلنىدۇ،شۇ تاپتا ھەبىبە مۇشۇ ئۆينىڭ ھەقىقىي خۇجايىنى ۋە جان كۆيدۈرەر پەرۋىشكارى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتى.بۇ ئۇنىڭ  ئاياللىق بۇرچىغا بىرخىل ئۇلۇغۋارلىق بېغىشلىدى.ھەبىبە ئەنە شۇنداق بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ياقۇپقا،مېھرىلىك ئويناق كۆزلىرىدە قاراپ،ھېيتنىڭ تەييارلىقىنى ئۆزى بىلگەنچە بىرقۇر قىلىپ بولغىنىنى ياقۇپنىڭ قوي سىتۋېلىپ كەلسىلا بولدىغانلىقىنى -دېدى.

ياقۇپ ھەبىبەنىڭ دېگىنىدەك بازارغا چىقىپ بىردەمدىلا چوڭ قويدىن بىرنى سېتۋېلىپ كەلدى.بۇلار ئەمدى ئەتە ھېيت نامىزىدىن  كېيىن ئاتا-ئانىسنىڭ قېشىغا بېرىپ دۇئاسىنى ئېلۋېتىپ قوينى ئۆلتۈرۈپ ئۇرۇق-تۇققانلارنى ئۆز-ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ھېيىت ئۆتكۈزسىلا بولدى.ياقۇپ بازاردىن سېتۋالغان قويغا سۇ بىرىپ دېگەندەك تۇراتتى...تېلفۇنى سايراپ كەتتى.ياقۇپ تېلفۇننى ئېلىپ:

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇرات جىڭلى،ئايەم ھارپىسىدا ئەجەپ تېلفۇن ئۇرۇپ قاپلىغۇ؟بىرەر ئىش بارمىدى.

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ياقۇپ،شۇنداق مۇھىم ئىش بىلەن تېلفۇن قىلىشىم.سىزنىڭ بۈگۈن سەپەردىن  قايتىپ كەلگىنىڭىزنى بىلىمەن،ئەمما بىزگە ئامال يوق ،ئىدارىدە ئادەم كەمچىل شۇڭا سىز ئەتە سەھەر يەنە ماڭمىسىڭىز بولمايدۇ.ياقۇپ مۇرات جىڭلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ نېمە دىيشىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى.مۇرات جىڭلى جىددىيلىشىپ،-ياقۇپ...ياقۇپ،قېنى تىز بىرنەرسە دەڭ-دېدى.ياقۇپ ئامالسىز بۇيرۇققا بۇيسۇنۇش قارارىغا كىلىپ،<<ماقۇل مۇرات جىڭلى>>-دېدى.ئەمما ئاتا-ئانىس بىلەن ھەبىبەگە نېمە دەرمەن دەپ بېشى بەك قاتتى.

ھويلىدىن ئۆيگە <<يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك >>سالپىيىپ كىردى.ھەبىبە ياقۇپنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ كۆڭلى سەزدى بولغاي،<<ئۆزى ئاغزى بىلەن دېسۇن>>دەپ ياقۇپتىن ئارتۇق گەپ سورىماي ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى.ياقۇپنىڭ ئىچى تىتىلداپ ھەبىبىگە ئۇدۇل قاريالماي قالدى.ھەبىبەنىڭ ياقۇپنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى.

-ياقۇپىم نېمىش بولدى.ئەجەپ بىرتېلفۇن بىلەن غەمگە پېتىپ قالدىڭىزغۇ؟

-جېنىم خۇتۇن بۇگەپلەرنى دېسەم ھەرگىز رەنجىمەڭ،ئەتە سەھەر ھېيىت نامىزىنى ئۇقۇپ بۇلۇپلا يەنە سەپەرگە چىقدىكەنمەن،شۇڭا بەك ئاچچىقىم كىلىپ سىزگە نىم دىيشىمنى بىلەلمەي قالدىم.

ھەبىبە ياقۇپنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ،تۇلىمۇ خۇرسۇنغان ھالدا<<بۈگۈن كەلگەن تۇرسىڭىز يەنە ماڭامدىكەنسىز......؟بۇ ئۆيدە بىزنىڭ تۇنجى قېتىم ھېيىت ئۆتكۈزىشىمىز ئىدىغۇ؟>>دەپ ھەبىبەنىڭ چىرايى ئاسماندىكى بۇلۇتتەكلا تۇتۇلدى.ئۆزىمۇ ئۇڭايسىزلىقتا قېلىپ رەڭگى تاتىرىپ كەتكەن ياقۇپ، چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن بېشىنى تۆۋەن سېلۋالغاندى.ھەبىبە يەنىلا ئارتۇق ئويلىماي قاتناش شىركىتىنىڭ بۇيرىقى دەپ توغرا چۈشەندى.شۇڭا ئۇ قەلبىدىكى شىرىن خىياللارنى قايرىپ قۇيۇپ،بۇلۇتتەك تۇتۇلغان چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتىپ،دەرھال سۆزىنى ئۆزگەرىتتى:

-بۇپـتۇ ھېيتتا ئۆيدە بۇلالمىسىڭىز،سىزگە بەك ئۇۋال بۇلىدۇ شۇ ،ئاتا-ئانىڭىز بىلەن تېخى كۆرۈشمىگەن ئىدىڭىز،سەھەر ماڭسىڭىز كۆرشۈپمۇ ئۆلگۈرەلمەيدىكەنسىز،ھېيىتلىق كىيىمنىغۇ تەييارلاپ قويغان،ئەمما سەپەردە كىيگەن كىيىملىرىڭىزنى تېخى يۇمىغان ئىدىم.ئەمدى بۇبەك سەت بولدى،-دەپ ئۆكۈنۈپ كەتتى.

ياقۇپ ئادەتتە سەپەرگە چىقماقچى بولسا ھەبىبە نەچچە قۇر كىيىملىرىنى،پاكىر يۇيۇپ دەزمال سېلىپ ،يولدا جاپا تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن،يىمەك-ئىچمەكلەردىن تارتىپ تەييارلاپ بىرەتتى...ياقۇپ بۇلارنى ئېلۋېلىپ كۆڭۈل ئالدىغان تاتلىق سۆزلىرى بىلەن ھەبىبەنى پەپىلەپ قۇيۇپ ماڭاتتى.بۇقېتىم ھەبىبەنىڭ چىرايىغا قاريالماي قالدى.ئۇ خۇددى ئىلاجىسىز قالغان ئادەمدەك،ئېغىر خۇرسىنىپ :ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ-ھەي ياقۇپ شوپۇر بولغىنىڭغا تويە-توي-دېدى.


ياقۇپ ئەتتىگەن ھېيىت نامىزىنى ئۇقۇپ بۇلۇپلا سەپەرگە ئاتلاندى.ھەبىبە ياقۇپنى چىرايلىق خوشلىشىپ ئۇزىتىپ قويدى.ياقۇپنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئالغان قۇيى ئۇلارنىڭ كىچىك ھويلىسىدا مەقىرەپ قالدى.ھەبىبە ياقۇپنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ،قوينى قانداق قىلارمەن دەپ بېشى قاتتى...شۇتەرقىدە بىردوستى ھەبىبەنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەپ تېلفۇن ئۇردى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم ھەبىبە،قۇربان ھېيتىڭغا مۇبارەك بولسۇن!

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام زۆھرە سىنىڭمۇ ئايىمىڭگە مۇبارەك بولسۇن!ھېيتتا گۆشنى جىق-جىق يەپ ھېيىتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈز.

-رەھمەت-رەھمەت ھەبىبە سەنمۇ شۇ؟ھەراس  يولدۇشۇڭ ياقۇپقا مەندىن سالام دىگىن،بولسا چوڭلارنى يوقلىۋېتىپلا بىزنىڭ ئۆيگە كىلىڭلار،ساۋاقداشلار ھەممىسى كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە يىغىلماقچى -دېدى.ھەبىبە زۆھرەنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئېغىر خۇرسىنىپ:

-زۆھرە ئاداش ياقۇپ ئۆيدە يوق،سەھەر يەنە سەپەرگە چىقىپ كەتتى...ئۇ كەلگەندە پەتىلەپ بارايلى،رەنجىمەڭلار-دېدى.

-ھە نىم دەيدىغانسەن ئاداش،بۈگۈن دېگەن ھېيىت تۇرسا!ياقۇپنىڭ سېنى يالغۇز قۇيۇپ سەپەرگە چىققىنى نىمىسى...ھەراس قوي ئالغانمىدىڭ!

-شۇنداق ئالغان،ياقۇپ تۈنۈگۈن بازاردىن سېتۋېلىپ كەلگەن ئىدى.

-ئۇنداق بولسا قوينى قانداق قىلدىڭ؟ياقۇپ ئۆلتۈرۈپ بىرىشكە ئۆلگۈرمگەندۇ؟

-ياق-ياق ئاداش ئۆلگۈرمىدى.قوي ھويلىدا باغلاقلىق،قانداق قىلارمەن دەپ بېشىم قاتتى.چوڭ ئۆيگە ئاپراي دېسەم تېخى ئارلىق يىراق،ئاپرىدىغان بىرنەرسىمۇ يوق،يا موتوسىكىلىتقا باسقىلى  بولمىسا؟

-ھەبىبە ئاداش غەم قىلما مەن ھازىرلا ئەكبەرنى ئەۋەتەي،بىزنىڭ قوينى سۇيۇپ بۇلاي دېدى.ئۇ ھازىر بېرىپ سۇيۇپ بەرسۇن:ھەبىبە زۆھرەنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ خۇشال بۇلۇپ كەتتى...رەھمەت-رەھمەت ئاداش مىنى يەنىلا سەن بەك ئويلايسەن جۇمۇ؟

-بولدى ئاداش رەھمەتنى قوي،بۈگۈن مەن ساڭا ياردەم قىلغان بولسام ئەتە سەن ماڭا،بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالام،بىزدېگەن يىقىن دوسلار بىر-بىرىمىزدە قالمايدۇ.يىقىن دوسلار مۇشۇنداق چاغدا ئەسقاتمىسا قانداق چاغدا ئەسقاتىدۇ.ھەبىبە زۆھرەنىڭ چىن دوسلۇق بىلەن دېگەن سۆزلىرىدىن سۈيۈنۈپ ،قايتا رەھمەت دىمەي خوشلاشتى.


زۆھرەنىڭ يولدىشى ئەكبەر تۇلىمۇ سىپايە ئاخكۆڭۈل بالا ئىدى.زۆھرە بىلەن ئەكبەر باشلانغۇچتىن باشلاپ بىللە ئۇقۇغان ساۋاقداشلاردىن بۇلۇپ،مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن توي قىلىپ ھازىرقى ئىللىق ئائىيلىسىنى قۇرغان ئىدى.ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار بۇلۇپ بۇلار  بەخىتلىك ئائىيلە ئىدى.ھەبىبە زۆھرەنىڭ ئائىيلىسكە بارسا قىزىغا ئامراقلىق قىلىپ قىلمىغىنى قالمايىتتى.ھەبىبەنىڭ زۆھرەنىڭ ئائىيلىسىگە مەسلىگى كىلىپ، تېلفۇننى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى.زۆھرەنىڭ يولدىشى ھايال ئۆتمەي كىلىپ قوينى سۇيۇپ بىرىپ كەتتى.ھەبىبە قوينىڭ گۆشىنىڭ يېرىمىنى توڭلاتقۇسىنىڭ سۇغۇق ساقلاش يېرىگە سېلىپ قۇيۇپ،يېرىم قوينىڭ گۆشىنى موتوسىكىلىتىغا بېسىپ ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتى.


ياقۇپ ماشىنا ھەيدىگەچ ھەبىبەنىڭ ئاچچىقلاپ قويماي خۇشال ئۇزۇتۇپ قويغان ھالىتىنى ئويلاپ،بىر تۇرۇپ خۇشال بولسا بىرتۇرۇپ،گۇمان تۇمانلىرىدا قاپسىلىپ قىلۋاتاتتى.ياقۇپنىڭ كاللىسىنى شەيتان ئورىۋېلىپ،كاللىسنى چىگىش خىياللار بىلەن ،دىلغۇل ھىسيات كولدۇرلاتماقتا ئىدى.ياقۇپنىڭ ئىدارىسى قاتناش شىركىتى بۇلۇپ يىل بۇيى ئالدىراشلا ئۆتەتتى.ياقۇپنىڭ قاتتىق سېلۋاتقان يۈرىكى ئۇنىڭ نەپسىنى بۇغۇپ، چىگىش خىياللار مىڭىسنى قوچۇپ ،ئۆز قىلقىدىن گۇمانخورلىقىدىن يىرگەندەك؛ئۆز-ئۆزىگە :<<مىنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىم شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسكە ئالدىنىپ بىكارغىلا ھەبىبەدىن گۇمانلىۋاتىمەنغۇ؟>>دەپ پىچىرلاپ مېڭىپ ماشىنا ئالدىغا تۇيۇقسىز چىقىپ قالغان،بالىنى سۇقۋەتكىلى تاسلا قالدى.ياقۇپ قوققىنىدىن ماشىنىنى قاتتىق تۇرمۇزلاپ توختاتتى.ياقۇپنىڭ يۈركى قاتتىق سۇقۇپ ئىتتىك بالىنىڭ قېشىغا باردى.-ئۇف ھەنىم بولسا بۇ بالا ھېچ نېمە بولماپتۇ.خۇداغا شۈكرى،<<پىشانەم ئوڭكەن >>دەپ ماشىنى ھەيدەپ ماڭدى.بىراق ياقۇپنىڭ كاللىستا ھەبىبە تۇلىمۇ سىرلىق بىلىندى.


ياقۇپ ھەبىبە بىلەن تاسادىبىي تۇنۇشۇپ قالغان بۇلۇپ،ھەبىبە ئالىي مەكتەپتە ئۇقۋاتقان چاغدا يۇرتۇغا قايتىش يۇلىدا ياقۇپنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرغان ئىدى.ھەبىبە ئۇ چاغدا شۇنداق جىددىيلىشىپ ياقۇپقا <<ئۇستام ماشىنىنى تىز ھەيدىگەن بولسىڭىز ...>> دەپ ئۆتۈنەتتى.ياقۇپ قىزنىڭ جىددى ھالىتىگە قاراپ<< نىمىش بولغىنىنى يولغا نىمانچە ئالدىرايدىغانلىقىنى >>-سورىدى.ھەبىبە ياقۇپنىڭ كۈيۈنگەن ھالەتتىكى سۇئاللىردىن،ماشىنىنى تىزراق ھەيدەرمىكى دەپ،بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.

ھەبىبە ئاتا-ئانىستىن كىچىك قالغان بۇلۇپ،ئاكىسى بىلەن ئىككى ئاچىسنىڭ ھامىيلىلىقىدا چوڭ بولغان ئىدى.ئالىي مەكتەپ خىراجىتىنى تۇلىراقى ئاچىسى بىرەتتى.ئاچىسنىڭ ھال كۈنى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ھەبىبەگە بەك كۈينەتتى.مانا بۇ قېتىم ھەبىبە ئاچىسنىڭ ئاغرىپ قالغانلىق خەۋرىنى ئاڭلاپ ساراڭ بۇلايلا دەپ قالدى.ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە ئىككى ئاي قالغان چاغدا ،ئاچىسنىڭ ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى،يەنە كىلىپ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىلىپ قالغانلىق خەۋەرى ھەبىبەنى بەك ئازاپلىغان ئىدى.ھەبىبە يىغلاپ تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى ياقۇپقا سۆزلەپ بەردى.ياقۇپ ھەبىبەگە تەسەللى بىرىپ ماشىنىنى شۇنداق تىز ھەيدىدى.يولدا ھەبىبەنى زورلاپ تاماق يىگۈزۈپ، ئاخىرقى نوقتىغا بارغۇچە ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى.ياقۇپ ھەبىبەنى ئاچىسنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەكىلىپ قۇيۇپ،ھەبىبەگە  <<ماڭدىغان چاغدا ماڭا تېلفۇن ئۇرۇڭ،مەن ئالغاچ كىتەي >>دەپ قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپ كەتتى.

ھەبىبە ئۆيگە كىرىپ ئاچىسنىڭ كىسەل دەردىدىن بىر تىرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان چىرايىغا قاراپ،ئۆزىنى ئاچىسنىڭ باغرىغا ئېتىپ يىغلاپ كەتتى.ئانىسنىڭ ئورنىدا مېھرى-مۇھەببىتىنى ھەبىبەگە يەتكۈزىۋاتقان ئاچىسى،ھەبىبەنىڭ باش-كۆزلىرىنى سىلاپ<< قەيسەر، ئىرادىلىك بۇلۇڭ،ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەڭ سىڭلىم >>دەپ   ھەبىبەگە بىر تالاي نەسھەت قىلدى.ھەبىبەمۇ ئاچىسنىڭ يېنىدا پەرۋانە بۇلۇپ، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى.<<كەلمەكنىڭ كەتمىكى بار >>دەپ ھەبىبەنىڭ سۈيۈملۈك ئاچىسى ھەبىبە:كىلىپ 10 كۈن بولغاندا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى...ئاچىسنىڭ 2-پەرزەنتى يولدىشى ،ھەبىبە قان يىغلاپ قالدى.ھەبىبە ئاچىسنىڭ يەتتە نەزىرلىرىنى تۈگۈتۈپ، مەكتەپ پۈتتۈرگىلى ئاز قالغاچقا مەكتەپكە قايتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى.ئۇ كىيىملىرىنى رەتلەۋېتىپ،ياقۇپنىڭ يېزىپ بەرگەن تېلفۇن نۇمۇرنى ئۇچرىتىپ قالدى.<<ئۇرايمۇ-ئۇرمايمۇ؟>>دەپ بىردەم ئويلىنىپ،ئۇرۇش قارارىغا كىلىپ ياقۇپقا تېلفۇن قىلدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:ياقۇپ ئۇستام،مەن ئۆتكەندە سىزنىڭ ماشىنىغا چىققان ھەبىبە بۇلىمەن.

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ھەبىبە،ئىسىمگە كەلدىڭىز؟ھەراس!ئاچىڭىز قانداقراق؟

-ئاچام تۈگەپ كەتتى،يەتتە نەزرىسىنىمۇ بىرىپ بولدۇق،مەن مەكتەپكە قايتاي دېگەن.يۇلىڭىز توغرا كىلەرمۇ؟

-توغرا كىلىدۇ.ئەتە سەھەر ماڭماقچى ئىدىم.

-ماقۇل ئەمىسە سىزنى يەنە ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم.

-ھېچقىسى يوق،بۇنداق تەكەللۇپ قىلماڭ.سەھەر بىكەتكە كىلىپ مىنى ئىزدەڭ.

ھەبىبە ياقۇپقا رەھمەت ئېيتىپ تېلفۇننى قويدى.سەھەر بىكەتكە بىرىپلا ياقۇپنى ئۇچرىتىپ،ھەبىبە شۇنچە زورلىسىمۇ ياقۇپ ئۇنىماي،ھەبىبەنى <<نەۋرە سىڭلىم>>دەپ بىلەتسىزلا ماشىنىغا سالدى.ئاپپاق يۈزلۈك چىرايلىق قىز ئاچىسنىڭ ئۆلۈم قايغۇسىدا جۈدەپ چىرايىدىن كەتكەن ئىدى .ئۇنىڭ كۆڭلى سۇنۇق ،چىرايىدىن مۇسبەت ئىزنالىرى چىقىپ تۇرسىمۇ،يولغا چىققاندىن كېيىن كۆڭۈل يارىسنى يۈركىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يۇشۇرۇپ،ياقۇپقا ئىللىق چىراي ئېچىپ مۇڭدىشىپ ماڭدى. ياقۇپنىڭ قەلبىدە ھەبىبە شۇنچە ئېغىر مۇسبەتتە تۇرۇپمۇ ،ئۆزى بىلەن ئىللىق چىراي  مۇڭدىشىپ ماڭغىنى ،ياقۇپنىڭ يۈرەكلىرىنى ئوينىتىپ،شىرىن-خىياللارغا غەرىق قىلۋەتتى... ياقۇپ بۇ قىزغا مۇھەببەت ئىزھار قىلاي دىدىيۇ،ئەمما بۇنداق چاغدا ئېغىز ئېچىشنىڭ ئەپ ئەمەسلىكىنى ئويلاپ ،ئارزۇ-ئۈمۈتلىرىنى كىيىنگە قويدى.

ۋاقىت ئاتقان ئوق دەپ،ماشىنا ئاخىرقا نوقتىغا يىتىپ كەلدى.ياقۇپ ھەبىبەنى مەكتىپىگىچە ئەكىلىپ قۇيۇپ،ھەبىبگە بىرەر ئىشى بولسا تارتىنماي تېلفۇن ئۇرۇشنى،قايتا-قايتا ئىېيىتتى.ھەبىبە ياقۇپقا رەھمەت ئېيتىپ خوشلىشىپ مەكتىپىگە كىرىپ كەتتى.ياقۇپنىڭ بولسا قەلبىدە ھەبىبەنىڭ سىماسى توختىماي چاقناپ،يۈرەكلىرى قىلدەك تولغۇنۇپ،<<ھەبىبە ماڭا تېلفۇن قىلارمۇ؟ياكى مىنى ئۇنتۇپ قالارمۇ؟كېيىن كۆرسىمۇ تۇنماسقا سالارمۇ؟>>دەپ نۇرغۇن خىياللارنى قىلدى.يەنە<<ياق-ياق ھەبىبە ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەس،مەندىن سەپەر جەريانىدا ئاتا-ئانامنىڭ ئىسىم فامىلىسنى، نەچچە پەرزەنىت ئىكەنلىكىمنى،ئۆينىڭ ئادرىسىنى،ئىشلەيدىغان ئىدارەمنى سورغىنىغا قارغاندا ئۇنىڭمۇ ماڭا كۆڭلى بارمۇ نېمە؟ۋاھ شۇنداق بۇپ قالسىغۇ بەك ياخىشى بۇلاتتى...قېنى ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ باقسۇن قېنى؟شۇچاغدا چۇقۇم ئۇنى دادىل قوغلىشىپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىمەن.>>دەپ يامان خىياللىرىنى ياخشى تەرەپكە بۇراپ ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خوش قىلدى.


ھەبىبە مەكتەپ پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتىپلا ياقۇپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاتا-ئانىسنى يوقلىدى.ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەبىبەنىڭ ئەخلاقلىق ئۇڭلۇق قىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قەۋەتلا خوش بولدى.ھەبىبە ئۇلارنى ئۆز ئاتا-ئانىسى كۆرۈپ ۋاقتى يەتسىلا يوقلاپ تۇردى.ھەبىبە ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسنى يوقلاپ بارغاندا ياقۇپ ئۆيدە بولمىغان بولغاچقا،ھەبىبەنىڭ بۇئىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئىدى.بىركۈنى ھەبىبە ياقۇپنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ،ئۆيلەرنى تازىلاپ كىرقاتلارنى يۇيۇپ بۇلۇپ،تاماق ئىتۋاتقان چېغىدا كەپ قالدى.ئۆيگە كىرىپ ئاتا-ئانىسنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈپ ،<<دائىم گىپىنى قىلدىغان قىزكەلگەن >>ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى.ياقۇپقا ئاتا-ئانىسى ھەبىبەنىڭ پىكرى بىلەن تېخىچە ،ئۆيگە دائىم كىلىپ يوقلاپ تۇردىغان قىزنىڭ ،ھەبىبەنى ئىكەنلىكىنى دىمىگەن ئىدى.

قۇلىدا ھورى چىقىپ تۇرغان تاماقنى كۆتۈرۈپ كىرگەن ھەبىبەنى ياقۇپ كۆرۈپ،ئۆز كۆزىگە ئىشەنمىگەندەك  شۇنداق ھەيران قالدى.ھەبىبە يىقىملىق كۈلۈمسىرەپ:<<تىچ-ئامان قايتىپ كەلدىڭىزمۇ ياقۇپجان>>دەپ ئەھۋال سورىدى.ھاڭۋېقىپ قالغان ياقۇپ ئانىسنىڭ نۇقۇپ قۇيىشى بىلەن ھۇشىنى تاپقاندەك،<<شۈكرى تىچ-ئامان>>-دېدى.ياقۇپنىڭ ھاڭۋېقىپ قالغىنىنى كۆرگەن ھەبىبە،يىقىملىق كۈلۈپ تۇرۇپ،<<مىنىڭ كىملىكىمنى بۇچاققىچە سورمىغانمۇ؟>>-دېدى.ياقۇپنىڭ بايىقى  جىددىيلىكى بىرئاز پەسىيىپ،ھەبىبەگە:<<سورىغان ئەمما ئاتا-ئانام دىمىگەن>>-دېدى.ياقۇپنىڭ بۇگەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەبىبە قاتتىق كۈلۋەتتى.بۇلار قىزغىن كەيپىياتتا بىللە تاماق يىدى.تاماق يىگەچ ياقۇپ ھەبىبەگە يەرئاستىدىن بىلىندۈرمەي قارايىتتى...ھەبىبەمۇ ياقۇپ كۆرمىگەن ھالدا ياقۇپقا قارايىتتى.

ھەبىبە كەچ قارايغاندا ئۆيىگە قايماقچى بۇلۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى.ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسى ياقۇپقا ھەبىبەنى <<ئاپرىپ قوي >>-دېدى.ياقۇپ ھەبىبەنى ئۆيىگە ئاپرىپ قۇيۇشقا ماڭدى.ئۇلار يولدا ماڭغاچ تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئۆز پارڭىنى قىلشالمىدى.ھەبىبە ياقۇپ بىلەن خوشلىشىپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.ياقۇپ بولسا ھەبىبەنىڭ ئارقىدىن قاراپ خىيال دېڭىزىغا غەرىق بۇلۇپ،ئېغىر قەدەملىرىنى ئاستا يۆتكەپ ئۆيىگە قايىتتى.كاللىستا ھەبىبەنىڭ يىقىملىق كۈلۈشلىرى،مېھرىلىك قاراشلىرى توختىماي پەيدا بۇلۇپ ياقۇپنىڭ ئۇيقۇسىمۇ قاچتى.ياقۇپ ئۆز-ئۆزىگە <<ئەتە ھەبىبەنى ئىزدەپ توي تەكلىۋى قۇيىمەن >>دەيىتتى.تاڭمۇ ئاتتى ياقۇپقا يەنە ئالدىراش تېلفۇن كىلىپ،كېچىدىكى قىلغان خىياللىرى بىرچەتتە قالدى.ياقۇپ يەنە سەپەرگە چىقىپ كەتتى.


ھەبىبە بولسا شۇ كەتكەنچە ياقۇپنىڭ ئۆيىگە كەلمىدى.ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەبىبەنى قەۋەتلا ياقتۇرۇپ قالغاچقا،ئۆز قىزىدەك كۆرۈپ ئىچەكەپلا كەتكەن،ھەم يالغۇز ئوغلىغا ھەبىبەنى ئېلىپ بىرىپ كىلىن قىلىشنى ئويلىغان ئىدى.ھەبىبەنىڭ كەلمەسلىكى بۇ ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسنى خېلىلا ئەنسىرتىپ قويدى.ياقۇپ ئىشىكتىن كىرىپ بولغۇچە <<بىردەم ھاردۇق ئال بالام!>>دىمەي ھەبىبەنى ئىزدەشكە بۇيرىدى.ياقۇپ ھەبىبەنىڭ ئاكىسنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ،ھەبىبەنى قانداق چاقىرىشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى.شۇ ئەسنادا ھەبىبەنىڭمۇ يۈركى سەزگەندەك ، ئىشىكتىن چىقىپ ياقۇپنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قالغان ھەبىبە ياقۇپتىن:

-ياقۇپجان ئەجەپ كەپ قاپسىزغۇ؟

-شۇ سىزنى ئىزدەپ كەلدىم،ئاتا-ئانامنىڭ سىزنى بەك كۆرگىسى كىلىپ كىتىپتۇ.مەن سەپەرگە چىقىپ كەتسەم يوقلاپمۇ قويماپسىز؟سەپەردىن كەپ بولغۇچە ئۇلار سىزنى چاقىرىپ كەل دەپ قاخشاپلا كەتتى.

-ھە مۇنداق دەڭ،ئۇلارنىڭ كۆرگىسى كىلىپ چاقىرىپ كىلىڭ دىمىسە كەلمەمتىڭىز؟-دېدى،ھەبىبە كۈلۈپ تۇرۇپ:

-ياق-ياق پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس،دەپ ياقۇپنىڭ يۈزلىرى قىزىپ قىلغىلى گەپ تاپالماي قالدى.ياقۇپنىڭ ئۇڭايسىز ھالىتىنى كۆرگەن ھەبىبە،ئارتۇق گەپ قىلماي <<جۈرۈڭ ئەمىسە ماڭايلى... >>دەپ ياقۇپ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى.ھەبىبەنى شۇنداق سېغىنغان ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسى،ھەبىبەدىن <<نېمىشقا كەلمەيسىز قىزىم،بىزدىن رەنجىپ قالدىڭىزمۇ؟>>دەپ سورىدى.ھەبىبە بۇ ئارىدا خىزمەت ئىشىم بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ قالدىم دەپ، ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزدى.

تاسادىبىي تۇنۇشۇش بىلەن رىسىقى قۇشۇلغان،بۇ ئىككى ياشنىڭ تۇيى شادلىق ئىچىدە بولدى.ھەبىبە دوختۇر بولغاچقا خىزمەت بىلەن ئائىيلە ئىشلىرىنى، رەتلىك ئېلىپ بېرىپ ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ ئەتىۋارلىق كىلىنى بۇلۇپ قالدى.ھەبىبە ياقۇپ بىلەن توي قىلىپ بىر يىل بولغاندا بۇيىدىن ئاجراپ كەتتى،نەۋرىلىك بۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان قىينى ئانىسى شۇنداق قايغۇرۇپ كەتتى.ھەبىبە ياخشى  تەكشۈرتۈپ تىزراق نەۋرە تۇغۇپ بىرىمەن دەپ،بىرقېتىملىق تەكشۈرتۈشتە بالياتقۇسىدا ئۆسمە بارلىقىنى بايقىدى.ۋاقتىدا ئوپراتسىيە قىلىپ ئۆسمىنى ئېلۋەتتى. بۇ ئىشلاردىن كىيىن ،ئۇزاق ئۆتمەي كىسەل سەۋەبىدىن ياقۇپنىڭ ئانىسى بۇئالەم بىلەن خوشلاشتى.ھەبىبە ئۆز ئانىسنىڭ مھېىرىنى ھىس قىلدۇرغان،ئانا مېھرىگە تەشنا قەلبىنى مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن سۇغارغان،قىينى ئانىسنىڭ ئۆلىمىگە شۇنداق قايغۇرۇپ كەتتى.

ۋاقىت ھەممىنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلدۇرىدى دەپ،ھەبىبە قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ،قىينى ئاتىسنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلدى.قىينى ئاتىسى ئۇلاردىن ئايرىلىپ،يېزىغا بىرىپ يېزىنىڭ ساپ ھاۋاسىدا ،ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن ھال مۇڭ بولغاچ نەپەس ئالاي دەپ يېزىدىكى ئۆيىگە كەتتى.ھەبىبە كۈندە بارالمىسىمۇ ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر بېرىپ،تاماقلىرىنى تەييارلاپ،ئۆيلەرنى تازىلاپ كىلەتتى.ئۇ تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بىرىپ ھېيىتنىڭ تەييارلىقىنى پوختا قىلىپ ،ھېيت كۈنى ھېيىت نامىزىدىن كىيىن بۇ ئۆيگە كىلىپ ھېيىت قىلماقچى بولغان ئىدى.


ياقۇپ ھەرقېتىم سەپەرگە چىقسا ھەبىبەنىڭ ،قاخشىماي چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قۇيشىدىن،ھەردائىم سەپەردىن كەلگەندە ،ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن كۈتۋېلىشىنىڭ تىگىدە چۇقۇم بىر سىر بار دەپ، تېگى يوق خىياللارنى قىلىپ،شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدە ھەبىبەنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىدىن،گۇمانلىنىشقا باشلىدى.ئۇ قەلبىدىكى گۇمانى قاراشلار بىلەن،ھەبىبەنىڭ كۈلۈپلا تۇردىغان  بىرجۈپ قوي كۆزىگە يەنە نىملەرنىڭ يۇشرۇنغانلىقىنى،قەلبىنىڭ چوڭقۇر يىرىدە قانداق  سىرلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەي،بىتاقەت بولدى. ياقۇپتا ھەبىبەنى <<قانداق سىنىسام بۇلار>>دېگەن پىلان پۈتۈپ يىتىلمىگەچكە،گۇمانى ئەندىشىسى ئۇنى يۆگىمەچ ئۇتىدەك چىرمىۋېلىپ،زادىلا ئارام بەرمەيۋاتاتتى.

ئۇ بۇ قېتىملىق سەپەردىن مانا مۇشۇنداق ئازاپلىق خىياللارنى قىلىپ،تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز قالدۇرۇپ قايتىپ كەلدى.ئەمما ھەبىبەگە ھازىرچە<< قايتالمايدىكەنمەن >>دەپ قۇيۇپ ئۆزى يۇشۇرۇن  يېرىم كېچىدە قايتىپ كىلىپ ھەبىبەنى سىنىماقچى بولدى.ھەبىبە قېرىشقاندەك ئۇدا ئۈچ كۈنگىچە ئۆيگە كەلمەيۋاتاتتى...ھەبىبەنىڭ ئۆيگە كەلمىگىنىنى كۆرۈپ،ياقۇپنىڭ گۇمانخورلىقى تېخىمۇ قۇزغۇلۇپ مىڭىسى تېخىمۇ قىزىدى،ھەبىبەنى ئىدارىسى ئالدىدىن كۆزۈتۈپمۇ تاپالمىغان،ياقۇپنىڭ قەلبىنى گۇمان بۇلۇتلىرى تامامەن قاپلاپ ئىسكەنجىگە ئالدى.

ياقۇپ چاندۇرماي ھەبىبەنىڭ خىزمەت ئورنىغا كىلىپ،ئۆزىنى تۇنمايدىغان بىر سىستىرادىن ھەبىبەنى سورىدى.

-ھەبىبە دوختۇر بارمۇ؟سىستىرا پەرۋا قىلمىغان ھالدا:

-ھەبىبە دوختۇر يوق،ئارام ئېلۋاتىدۇ-دېدى.

ياقۇپ سىستىرانىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ،تېخىمۇ تەشۋىش ئىچىدە ھەبىبەدىن گۇمانلىنىپ ھەرخىل بولمىغۇر خىياللارنى قىلدى.<< مەن ئۆيگە ھەپتىدىن كېيىن بارىمەن دېسەم،قارا ماۋۇ پۇرسەت پەرەسنى.......ئۆيگە ئاياغ باسماي نەلەردە يۈرۈيدىغاندۇ.خەپ جۇمۇ؟قۇلۇمغىمۇ چۈشەرسەن سېنى قانداق قىلىمەنكى قېنى...!!!>>دەپ ئاچچىقتا ياقۇپنىڭ مىڭىسى چۇۋۇلۇپ كىتەيلا دەپ قالدى.ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ مەس ئادەمدەك دەل-دەڭشىپ مېڭىپ،ئالدىدىكى بىر توپ بۇلۇپ ماڭغان ئادەملەرگە سۇقۇلۇپ كەتتى.ئارىدىن بىرقىز قاخشاپ:

-ۋوي قانداق ئادەم بۇ؟كۆپ-كۈندۈزدە سۇقۇلۇپ يۈرگىنىنى...بۇگەپنى ئاڭلىغان ياقۇپ  ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قارىدى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى،ھەبىبەنىڭ يىقىن دوستى ئالمىرە ياقۇپنى تۇنۇپ :

-ۋۇي بۇ ھەبىبەنىڭ يولدىشى ياقۇپجانغۇ سىز...؟بۇيەردە نىمىش قىلىپ يۈرۈيسىز؟ياقۇپ بايىقى مەستەك ئۆسۈپ سالغىنىدىن نۇمۇس قىلىپ ئۇلارغا چاندۇرماستىن:

-ھە قانداق ئەھۋالىڭىز؟سەپەردىن ئەمدى قايتىپ كىلىشىم،سەل چارچاپ قاپتىمەن شۇ؟ھەبىبەنى ئىزدەپ دوختۇرخانىغا بارغان ئىدىم .

-ۋاي-ۋۇي ياقۇپجان نىمىلەرنى دەيدىغانسىز؟بولغان ئىشلاردىن خەۋرىڭىز يوقما؟دادىڭىز ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى  ئاغرىپ قالغان.ھەبىبە ئۆزى ئىشلەيدىغان دوختۇرىانىدىن،باشقا دوختۇرخانىنى  ئىلغار دەپ، باشقا دوختۇرخانىدا  ئاپارغان ،شۇ دادىڭىزغا قاراۋاتىدۇ؟بىز ھازىر دادىڭىزنى يوقلاپ ئۇنىڭ كىلشىمىز-دېدى.

ئالمىرەنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ياقۇپ،ئۆز-ئۆزىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىپ،ئۇچقاندەك يۈگۈرگىنىچە دوختۇرخانىغا كەلدى.ھەبىبە قىينى ئاتىسنىڭ چوڭ-تەرىتىگە قاچا تۇتۇپ تۇراتتى.ياقۇپ كەلگەن پېتى دادىسقا ئۆزىنى ئېتىپ <<جېنىم دادا مېنى كەچۈرۈڭ ،سىزگە ياخشى قاريالمىدىم>>دەپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.كىلىندىن خىجىل بۇلۇپ كۆزىنى يۇمۇۋالغان دادىسى،كۆزىنى ئېچىپ ياقۇپقا ئالىيىپ قاراپ قۇيۇپ يەنە كۆزىنى يۇمۇۋالدى.ھەبىبە يولدىشىنىڭ يىغىسنى كۆرۈپ،مېھرىلىك قوللىرى بىلەن،ياقۇپنىڭ بېشىنى سىلاپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ،يىغلىماڭ دادامغا تىنىچ مۇھىت كىرەك دېدى.ياقۇپ كۆزياشلىرىنى ئېيتىپ،ھەبىبەگە سۈيۈنۈش ئىچىدە قاراپ،ئايالىنىڭ پاك،ئالىي جاناپ روھى دۇنياسىغا قايىل بولۇپ،چىدىغۇسىز پۇشايمان ئىچىدە ئۆزىنىڭ يىڭىلگەن ھىسياتىنى ،ھەبىبەنىڭ ئەپۇ قىلشىنى سوراپ،ھەبىبەدىن كەچۈرۈم سورىدى.<<مېنى كەچۈرۈڭ خۇتۇن،مەن سىزگە ئىشەنمەي سىزدىن گۇمانلىنىپ يۈرۈپتىمەن،سىزنى جاپاغا قويدۇم>>دەپ ھەبىبەنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى.


مەنبە قەلىمىم


ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1007
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5460
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4400 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 11:16:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر نىمە بولسا ئاخرىنى يېزىپ چىقىرىپسىز فاتىمە خان ...ئىسىل يازمىلىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ كىلۋاتمەن ....قەلمىڭىز توختاپ قالمىغاي .

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77951
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-26
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 12:04:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ ئىجادى قابىڭيىتىڭىزگە تەشەككۈر! شۇنداق ياخشى يىزپسىز.بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلىرىڭىز مۇنبىرىمىز سەھىپىسىدە داۋاملىق ئورۇن ئالغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4051
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6946
تۆھپە نۇمۇرى: 278
توردا: 5375 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 12:04:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇمان ئىماننى قاچۇرار دىگەن شۇ  دە.ياخشى يىزىپسىز .قەلمىڭىز توختاپ قالمىغاي .

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 820
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1449 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 01:49:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق ئەركىشىلىدۇ،  خۇتۇنىنى  ‹سىز›لەيدىغان.  

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75315
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2012-2-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 01:59:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
atux-0908 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-2 01:49 AM
قانداق ئەركىشىلىدۇ،  خۇتۇنىنى  ‹سىز›لەيدىغان.

ئىززەت قىلساڭ  ھۆرمەت تاپىسەن .

كىتاپنى مۇلاھىزىسىز ئوقۇش .يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلمىغان بىلەن باراۋەر   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 820
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1449 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 02:06:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jarulla77 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-2 12:59 AM
ئىززەت قىلساڭ  ھۆرمەت تاپىسەن .

خۇتۇننى  سەللىسە ، كەمسىتكەن  بۇلامدىكەن.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1880
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 1987 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 02:29:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئاخىرىدىن سەل ئەنسىرىگەن ئىدىم . بەك ياخشى چۈشۈپتۇ .
ئېسىل يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

جەننەت ۋە دوزاخ _

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25248
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 19514
تۆھپە نۇمۇرى: 1372
توردا: 5029 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 08:26:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ ،ئۇماچ مېھماننى!!!ھەممە ئىشقا كۈلۈپ قارىماقمۇ مۈشكۈل....‹‹ئايپاتەم دەپ چىرايلىق ئىسمى بار ئايالنىمۇ ئەر ئالمايدىكىنا ››دېگەنگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئوبدان ئايالدىنمۇ ئېرى گۇمانلىدىكىنا!!!ماڭىمۇ بېرەر خۇدايىم....

ھارمىغايسىز ھەدە...داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ...داۋاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2175
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 10:27:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ تاتلىق  بىر ھېستا يېزىلغان ھېكايىكەن . بەك ياقتى ماڭا بۇ ھېكايە .
ئادەم قىززىق ھە ،ھەبىبە ئاچسىنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ يەتتە نەزىرىنى بېرىپ، ياقۇپنىڭ ماشىنىسىغا چىققاندا ئۇنىڭغا كۈلۈپ مۇئامىلە قىلغاندا ياقۇپنىڭ يۈرۈكى ئويناپ كەتكەن . ھېيت كۈنى ئۇنى كۈلۈپ تەبەسسۇم بىلەن  سەپەرگە ئۇزاتقاندا ئۇنىڭدا گۇمان پەيدا بولدى ؟؟ !!  
بۇ ئىككى سېلىشتۇما بەك ياخشى چىقىپتۇ . ياخشى ئەسەرنى ھۆزۈرىمىزغا سۇنغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن .  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش