بىن لادىننىڭ قاچقۇنلۇق ھاياتى
لادىننىڭ ئايالى ئامەل بىن لادىننىڭ ئەڭ ياش ئايالى لادىننىڭ قاچقۇنلۇق ھاياتىنى چۈشەندۈرۈپ:‹توختاۋسىز ئۆي كۈچۈش،توختىماستىن بالا تۇغۇش جەريانى بولدى›دىدى. شۇ جاي ۋاقتى 29-مارت،ئامرىكا ‹‹نىيويورىك ۋاقىت گىزىتى›› بىن لادىننىڭ ئەڭ ياش ئايالى ــــــ ئامەل.ئەھمەد.ئابدۇل.فاتاخنىڭ ئىسپات سۆزى دوكلاتىنى ئاشكارىلىدى.ئامەل ئىسپات سۆزىدە مۇنداق دىگەن:«11-سىنتەبىر»ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كىيىنكى 9 يىلدىن ئارتۇق قاچقۇنلۇق ھاياتىدا ،لادىن 4 پەرزەنىتلىك بولغان،بۇ بالىلارنىڭ ئىككىسى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دوختۇرخانىسىدا تۇغۇلغان. توختاسىز ئۆي كۈچۈش،توختىماستىن بالا تۇغۇش ‹‹نىيويورىك ۋاقىت گىزىتى››دە مۇنداق خەۋەر قىلىنغان:بىر نۇسخا ‹1-ئاينىڭ 9-كۈنى›دەپ ئىزاھات بىرىلگەن ساقچى تەرەپنىڭ دوكلاتىدا ئامەلنىڭ ئىسپات سۆزى خاتىرلەنگەن .بۇ دوكلات ئەل ئىچى ۋە ھەربى تەرەپتىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گورۇپپىسى تەرىپىدىن شەكىللەنگەن.بۇ دوكلات ئەڭ دەسلەپتە پاكىستاننىڭ «سۈبھى گىزىتى»دە ئىلان قىلىنغان،كىيىن ‹‹نىيويورىك ۋاقىت گىزىتى›› بۇ دوكلاتنىڭ كۆپەتىلگەن نۇسخىسىغا ئىرىشكەن.ئامرىكا ئەمەلدارلىرى مۇنداق دىگەن:گەرچە دوكلاتتىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلارنىڭ راسىتلىقىنى مۇقۇملاشتۇرۇشقا مۈمكىن بولمىسىمۇ ،بۇ تەپسىلاتلار لادىننىڭ قېچىش ئىزلىرى بىلەن ئاساسەن جىپسىلىشىدۇ. دوكلاتتا دىيىلىشچە:«11-سىنتەبىر»دىن كىيىن،لادىن ئائىلىسىدىكىلەر ھەر تەرەپلەرگە تارقاپ كەتكەن.بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئامەل ئەمدىلا تۇغۇلغان قىزى ساپىيەنى ئېلىپ پاكىستاننىڭ كاراچىغا كۆچۈپ بېرىپ ئۇ يەردە 9 ئاي تۇرغان.لادىننىڭ ئوغلى ۋە قىسمەن پاكىستانلىقلارنىڭ ياردىمىدە ئۇلار ئاز دىگەندىمۇ 7 قېتىم ئۆي كۆچكەن. ئامەلنىڭ دىيىشىچە:ئۇ 2002-يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا كاراچىدىن ئايرىلىپ پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى پەشاۋەر شەھرىگە بېرىپ لادىن بىلەن جەم بولغان.ئۇندىن كىيىن لادىن ئۇلارنى ئېلىپ پاكىستاننىڭ غەربى شمالىدىكى تاغلىق رايونغا كۆچۈپ بارغان.دەسلىپىدە سىۋاتنىڭ شاڭلا رايۇنىدا تۇرغان،بۇ رايۇن پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئابادنىڭ غەربى شىمالىدا بۇلۇپ پايتەخىت بىلەن بولغان ئارلىقى 80 ئېنگىز مىلى كىلىدۇ،مەنزىرىسى سۈرەتتەك چىرايلىق ،ئۇلار بۇ يەردە 9 ئاي ئەتراپىدا تۇرغان. 2003-يىلى ئۇلار خارىپورغا كۆچۈپ بارغان،بۇ يەر ئىسلام ئابادقا تېخىمۇ يېقىن بىر كىچىك بازار بۇلۇپ ،ئۇلار بۇ يەردا بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئىككى يىلچە تۇرغان.بۇ جەرياندا ئامەل 2003-يىلى بىر قىز تۇغۇپ ئەنسايە دەپ ئىسىم قويغان،2004-يىل بىر ئوغۇل تۇغۇپ ئىبرايىم دەپ ئىسىم قويغان.ئىككىلا بالىنى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى دوختۇرخانىدا تۇققان. ساقچى تەرەپنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دىيىلگەن:ئىككى قېتىملىق تۇغۇت جەريانىدا ئامەلنىڭ دوختۇرخانىدا تۇرغان ۋاقتى بەكلا قىسقا بۇلۇپ ،پەقەت 2-3 سائەتلا تۇرغان.ئامەل ئەينى ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا ساختا كىملىكنى كۆرسەتكەن. 2005-يىلى لادىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە خارىپورنىڭ شەرقى قىسمىغا 20 ئېنگىلىز مىلى كىلىدىغان ئاببوتئابادقا كۆچۈپ كەلگەن.ئىككىنچى يىلى ئامەل زاناپ ئىسىملىك پەرزەنتىنى تۇققان،2008-يىلى يەنە ھۆسەيىن ئىسىملىك پەرزەنتىنى تۇققان. ئەگەر ئامەلنىڭ دىگەنلىرىنىڭ راسىتلىقى ئىسپاتلانسا،ئۇ ھالدا 2005-يىلى ئامرىكا ئەسكەرلىرى بىن لادىنغا ئىنتايىن يېقىنلاشقان بۇلىدۇ.چۈنكى شۇ يىلى 10-ئايدا پاكىستاننىڭ غەربى شىمالىدا يەر تەۋرەپ 73000 ئادەم قازا قىلغان،نەچچە ھەپتىدىن كىيىن ئامرىكىنىڭ تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلىرى ئاپغانىستاندىن يەر تەۋرىگەن رايۇنغا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددى ئەشيالىرىنى تۇشۇپ كەلگەن. «ئالاقىچى»نىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ئاشكارىلىنىپ قالدى،ئامرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئىز قوغلاپ ئۇلارنى تېپىۋالدى ئامەلنىڭ دىيىشىچە:ئۇلارنىڭ سىۋات،خاىپور ۋە ئاببوتئاباتتىكى تۇرالغۇللىرىنى ئەخمەد ۋە ئابلار ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن تاللاپ بىكىتكەن،ئۇلارنىڭ ئائىلىسىمۇ بىن لادىن بىلەن بىللە تۇرغان. ئامرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئەخمەدنى «ئالاقىچى»دەپ ئاتايدۇ،چۈنى ئەخمەد «بازا»تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچۈرلىرىنى يەتكۈزۈشكە مەسئۇل مەخسۇس خادىم. ئامرىكا تەرەپ بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كىيىن ،بۇ قېتىملىق ھەركەتنىڭ قىسمەن تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىدى.ئاشكىرىلانغان ماتىريالدا دىيىلىشچە،لادىننىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى ئاشكارىلاپ قويغان كىشى دەل «ئالاقىچى» ئەخمەد ئىكەن.2004-يىلى «بازا» تەشكىلاتنىڭ ئالى قوماندانى خاسان.گور ئىراقتا قولغا ئېلىنغان.خاسان.گور ئەخمەدنىڭ بازا تەشكىلاتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىگىنى ،بىن لادىننىڭ ئاغزاكى ئۇچۇرلىرىنى مەخسۇس ئەخمەد يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.لىكىن 2010-يىل يازغا كەلگەندىلا ئەخمەدنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى بايقالغان. ئامرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىر نەپەر گومانلىق كىشىنى نازارەت قىلىۋاتقاندا ئەخمەد دەل شۇ كىشىگە تىلفون قىلغان.ئامرىكا تەرەپ مۇشۇ تېلفونغا تايىنىڭ ئەخمەتنىڭ تۇرالغۇسىنى مۇقۇملاشتۇرغان.2010-يىلى 8-ئايدا ئامرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئەخمەد ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئابلارنىڭ ئاببوتئابادتىكى 3 قەۋەتلىك تۇرالغۇسىنى مۇقۇملاشتۇرغان. ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا ،ئامرىكا دېڭىز يولۋىسى زەربىدارلار ئەترىتى بۇ تۇرالغۇغا ھۇجۇم قىلغاندا ،ئۇلار لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن،شۇ چاغدا ئامەلنىڭ پۇتىغا ئوق تىگىپ يارىلانغان بولسىمۇ بەخىتكە يارىشا ئامان قالغان.تۇرالغۇدىكى «ئالاقىچى»،«ئالاقىچى»نىڭ ئايالى بۇشىلا ،«ئالاقىچى»نىڭ ئىنىسى،لادىننىڭ بىر ئوغلى قاتارلىق 4 كىشىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ھازىر نەزەربەنت قىلىندى،5 يىل قاماقتا يېتىشى مۇمكىن ئامەلنىڭ يەمەندىكى بىر تۇققىنى يېقىندا رويتىر ئاگىنىتلىقنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى:ئامەل ھازىر يەر ئاستى ئۆيدە نەزەربەنت قىلىندى،ئامەلنىڭ تېزىغا ئوق تەككەنلىكى ئۈچۈن ئازراق ئاقسايدۇ،ئامەل داۋاملىق روھى زەربىگە ئۇچراپ تۇرىۋاتىدۇ. ئامەلدىن باشقا ،لادىننىڭ باشقا ئىككى ئايالىمۇ ئىسلامئابادتا نەزەربەنت قىلىندى،بۇ ئىككى ئايالى سەئۇدى ئەربىستانلىق بۇلۇپ ،تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلاشمىغان،لادىننىڭ ئەڭ ياش ئايالى ئامەللا ئېغىز ئېچىپ سۆزلەشكە قۇشۇلغان. يەمەنلىك ئامەل لادىننىڭ 5-خوتۇنى ،شۇنداقلا ئەڭ ياش،لادىن ئەڭ ئامراق ئايال.ئۇ ھەركۈنى دىگۈدەك لادىنغا ھەمرا بۇلۇپ بىللە تۇرىدۇ.لادىننىڭ 3 نەپەر ئايالى،21ياشلىق قىزى مايا ۋە 21ياشلىق قىزى سۇمايا قاتارلىقلار سوتنىڭ شىكايىتىگە دۇچ كىلىدۇ.بۇ بەشەيلەن پاكىستاننىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىلىپ 5 يىل تۈرمىدە يېتىشى مۇمكىن.سوت كوللوگىيەسى 2-ئاپرىل ئىسپات ئاڭلىماقچى.«نىيويورىك ۋاقىت گىزىتى»نىڭ دىيىشىچە بۇ ،ئىلگىرى ئەدىللىيە كومتىتى ئۇلارنى سەئۇدى ئەربىستان ۋە يەمەنلەرگە قايتۇرۇپ بىرىش تەكلىۋى بىلەن زىددىيەتلىك ئىكەن. 9-مارت پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ بىر باياناتچىسى تەھدىت سېلىپ:ئەگەر پاكىستان ھۆكۈمىتى لادىننىڭ ئاياللىرىنى قۇيۇپ بەرمىسە تالىبانلار ھۇجۇم قوزغايدۇ دىگەن، پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى ئىھسانۇللا.ئىھسان رېيتىر ئاگىنىتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا:«ئەگەر لادىننىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇيۇۋەتمىسە،بىز ئۇلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان سودىيەلەرگە،ئادۇكاتلارغا،بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىغا،پۇتۇن مەملىكەتتىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا،ھۆكۈمەت نىشانلىرىغا ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش شەكلىدە ھۇجۇم قىلىمىز»دىگەن. («سەھەر گىزىتى»نىڭ مۇخبىرى شۈ خۇياپىننىڭ ئۇنۋىرسال خەۋىرى) تەرجىماندىن:ھۆرمەتلىك تورداشلار ،تەرجىمە سەۋەيەمنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە تەجرىبەمنىڭ يىتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن بۇ تىمىدىكى يەر-جاي ناملىرى،كىشى ئىسىملىرى ۋە قىسمەن ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا يولۇقتۇم.تەرجىمە جەريانىدا نۇرغۇن خاتا كەتكەن تەرەپلەر بۇلۇشى تەبىئى.شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى ،ئىنكاس شەكىلدە تۈزۈتۈپ قۇيۇشىنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن. مەنبە:خەنزۇچە نۇر تورى ئۇلىنىش: http://world.gmw.cn/2012-03/31/content_3880902.htm
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا compass تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-1 05:38 PM
|