|
|
|
|
مانا بۇ سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى داڭلىق ئايال قەھرىمانى زويا بولۇپ ،بۇ ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سۈرىتى . ئۇ 1923-يىلى تۇغۇلغان 1941يىلى قىشتا ئۇنىڭ يۇرتى ئىشغالىيەتىچلەر تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغاندا ۋەتەننى مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن 18ياشلىق زويا پارتىزانلار ئەتىرتىگە قاتنىشىپ ، فاشىزىمغا قارشى نۇرغۇن كۆرەشلەرنى قىلىدۇ، دۇشمەنلەر بۇ پارتىزان ئەتىرتىنى يوقتۇش ئۇچۇن نۇرغۇن بەدەل تۆلەيدۇ ،زويا دۇشمەنلەرنىڭ گازارمىسىغا ئوت قويۇپ چىكىنىۋاتقاندا دۇشمەنلەر سىزىپ قالىدۇ ، ئۇ سەپداشلىرىنى چىكىندۇرۇش ئۇچۇن دۇشمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ باشقا يولغا باشلاپ ئۆزى ئەسىرگە چۇشۇش بەدىلىگە سەپداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ ، ئۇ دۇشمەنلەرنىڭ قاتتىق قىيىن قىستاقلىرىغا قەتئى باش ئەگمەي بىرمۇ قىرىندىشنى ساتمايدۇ ،ئاقىۋەت دۇشمەنلەر ئۇنىڭ ئىغىزىدىن ھىچ قانداق گەپ ئالالماي ئۇنى سازايى قىلىپ ئاندىن دارغا ئىسىپ ئۆلتۇرىدۇ .
بۇ سۇرەتلەر ئۆز ۋاقتىدا نىمىس ھەربى قوشۇندىكى ھەربىئى مۇخپىرلار تارىتقان ھەققى سۇرەت .
1941-يىلى ئۇنىڭ يۇرتى گىرمانىيە قوشۇنلىرى تەرپىدىن بىسىۋىلىندى. بۇ قارشى ئىلىشقا چىققان تەسلىمچى روسلار..........
ناتسىسىلار پارتىزانلارنى تۇتماقتا ...
دۇشمەن ئالدىدائۆلۇمگە پىسەنىت قىلماي مەغرۇر تۇرغان زويا . بىر مىللەتتە مانا مۇشۇنداق روھ بولغاندا ئۇ ھەرگىز مۇنقەرىز بولمايدۇ . شۇڭا روسلار شۇنچى كۇچلۇك دۇشمەننى يىڭىپ غەلبە قىلدى .
ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۇچۇن قۇربان بولغان زويا .
ئۇنىڭ جەسىدى ئاشۇنداق ئىسىقلىق تۇردى .دۇشمەنلەر ئۇنىڭ ئۆلمى ئارقىلىق كەنىتىكى كىشىلەرنىڭ كۆرەش ئىرادىسىنى سۇندۇرماقچى بولدى .
ئۇنىڭ جەسىدى قاردا ماشىنغا سۆرتۇلۇپ سازايى قىلىندى.
بۇ گىرمانىيە غەربى فىرونىت 145- پولىكى قىلغان ئىش بولۇپ ،ئىستالىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ 145-پولىكتىكى دۇشمەنلەرگە تەسلىم يوق دەپ بۇيرۇق چۇشۇرگەن شۇنۇڭ بىلەن بۇ قىسىمدا تۇرغان دۇشمەنلەر ئاساسەن تەسلىمى قوبۇل قىلىنماي تولۇق يوقۇتۇلغان تىرىك قالغانلىرىمۇ ئۇرۇشتىن كىيىن ئىز قوغلاپ يۇرۇپ تولۇق يوقۇتۇلغان .
مانا مۇشۇنداق ياش ئايال قەھرىمانلار نۇرغۇن كىشىلەرگە زور ئىلھام بىرىپ بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى ئاخىرى قولغا كەلتۇرگەن .كىيىن زوياغا ئۇرۇش قەھرىمانى دەپ نام بىرىلگەن
بۇ قىزنىڭ ھىكايىسى كىيىن كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن .
مەنبەhttp://bbs.tiexue.net/post_5706767_1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-1 10:56 PM
|
|
|
|
|
|