ئوغۇل بالا گېپىدە تۇرىدۇ
ھۆكۈمران ئەپەندى يولدا كېتىۋاتىسا ، ئۈزۈمتال سۇراپ قاپتۇ :
- سىز نەچچىگە كىردىڭىز ؟
- 25 كە ، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھۆكۈمران .
-نېمە ؟ سىز بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇنمۇ شۇنداق دېگەنتىڭىزغۇ ؟
- ئوغۇل بالا دېگەن گېپىدە تۇرىدۇ ، دەپتۇ ھۆكۈمران كۈلۈپ تۇرۇپ .
بىر كۈنى
ئايچىن ئۈمەكتىكىلەر بىلەن يېزىلارغا سەييارە ئويۇن قويغىلى بارغان ۋاقىتلار ئىكەن . ئۇنىڭغا نۆۋەت كەلگەندە سەھنىگە چىقىپ يومۇر سۆزلەي دەپ >بىر كۈنى.. ... > دېيىشىگە بىرسىنىڭ ئاتقان ئايىغى بېشىغا تېگىپتىكەن ، شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا < ئىككىنچى كۈنى > دەپتۇ .
يېڭى ئەسكەر
مىرئادىلنىڭ ئەسكەرلىككە يېڭى قوبۇل قىلىنغان ۋاقىتلىرى ئىكەن .
بىر كۈنى قارغا ئېتىش مەشىقى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ ، ئەمما مىرئادىل 5 پاي ئوقنىڭ بىرىنىمۇ نىشانغا تەككۈزەلمەپتۇ . كوماندىر ئاچچىقلىغان ھالدا:
-بولدى ، ئەمدى ئاۋارى بولما ، مانا بۇ ئەڭ ئاخرقى بىر پاي ئوق ، سەندەك ناچار ئەسكەرنى كۆرمىگەنمەن ، ئۆزۈڭ بۇ ئوقنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئشلەتكىن ، دەپ بىر پاي ئوق بېرىپتۇ .
مىرئادىل ئورمانلىققا قاراپ يۈگرەپ كېتىپ ، بىرئازدىن كېين ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ دە ، ئاندىن ئۇ يۈگرەپ قاپتىپ كەپتۇ ۋە سالام بېرىپ :
-دوكلات كوماندىر ، مىەن بۇيرۇقىڭىز بويڭچە ئۆزۈمنى ئېتىۋېلىشنى قارار قلغانتىم ، ئەمما بەخىتكە قارشى ئەڭ ئاخرقى ئوقمۇ جايىغا تەگمىدى ، دەپتۇ .
غەلىتەسۇئال
گۈلبەر ھەدەم باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەن ، بىر كۈنى ئۆيگە كەچ قايتىپ كەپتۇ . بۇنى كۆرگەن ئاپىسى مۇسلىنە ئەجەپلىنىپ نېمە ئۈچۈن بۇنچە كەچ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ .
-مەن دىن باشقا ھېچكىم مۇئەللىمنىڭ سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بېرەلمىگەنتى ... ... ، دەپتۇ گۈلبەر .
- مۇئەللىم نېمە سۇئال سورىغانتى ؟ دەپ سۇراپتۇ مۇسلىنە تېخىمۇ قىزىقىپ .
- ئەينەكنى كىم چاقتى دەپ ... ...
- ... ...
تەسەللى بېرىش
كۆزۈم يېڭى توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كۆزۈم ئاپىسى ھەبىبەگە تېلفۇن قىپتۇ :
- ئاپا ئۇ ھازىرغىچە ئۆيگە قايىتمىدى ، مەن ئۇنى سىرىتتا باشقا تونۇشى بارمىكىن دەيمەن ... ...
- ۋاي بالام ، ئاغزىڭنى ئۈششۈتمە ، بەلكىم ماشىنا سوقۇۋەتكەندۇ ، دەپتۇ ھەبىبە .
ئۇنىڭغا دەپ بەرمەيلى
ئەلتېكىن بىلەن سەھرا ئوغلى بىللە كېتىۋاتسا بىراۋ ئەلتېكىندىن سۇراپتۇ :
-قايسىڭلار ئاكىسى ؟
- ئاكا ، ئۇنىڭغا ھەرگىز دەپ بەرمەيلى ، دەپتۇ سەھرا ئوغلى شۇئان جاۋابەن .
پو ئتىش
بىركۈنى زۇمرەت بىلەن بەرگى،篮球美女 پو ئېتىشىپ قاپتۇ .
- مېنىڭ دادام سۇنىڭ ئچىدە 5 مىنۇت تۇرالايدۇ ، دەپتۇ زۇمرەت .
- مېنىڭ دادام 10 مىنۇت تۇرالايدۇ دەپتۇ بەرگى .
- سىلەرنىڭ داداڭلارنىڭ ماختىغۇچىلىكى يوقكەن ، مېنىڭ دادام بولتۇر مۇشۇ ۋاقىتتا مەھەللىدىكى كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن ، باشقىلار تا ھازىرغىچە ئۇنى مۈكۈۋالغان جايىدىن تاپالمىدى ، دەپتۇ 篮球美女 بوشكەلمەي .
تېخمۇ قىزىزىقىنى ئېيتىپ بېرەي
ناتىق خۇشال ھالدا ئايالىnazina0996 غا :
-ئاپام سىزنى تۈنۈگۈن ئېيتىپ بەرگەن يۇمۇرلىرى بەك قىززىقكەن ، كۈلۈۋېرىپ ئۈلۈپ قالغىلى تاس قالدىم دەيدۇ ، دەپتۇ .
- شۇنداقمۇ ؟ ئۇنداقتا بۈگۈن تېخىمۇ قىززىقىنى ئېيتىپ بېرەي ، دەپتۇ nazina0996
ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن ھەممە مۇنبەرداشلارنى يۇمۇرغا قېتىشقا مۇمكىن بولمىدى ، ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ۋەقەلىك ھەممىسى ئويدۇرۇلغان ، ئۇلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋېتى يوق .
مەنبە : يىغىپ ساقلىغان يۇمۇرلاردىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ahsayigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-1 01:56 PM