مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 909|ئىنكاس: 15

توزىغان گۈل(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74754
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 240
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 01:45:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توزىغان گۈل(2)


     ھۆرنىسانىڭ ئېچىگە جىن  كىرش بىلەن تەڭ خىيالمۇ كىرىشكە ئۈلگۈردى.ھۆرنىسانىڭ خىيالغا چۆككەن ھالىتىنى كۆرگەن مېھرىبان ئارلىقتىكى سۈكۈتنى بۇزدى.

     -ھە خوشنام ،قادىرلاچۇ؟بالىلارچۇ؟ھەممىسى ئامان ئىسەندۇ؟

     قاتتىق خىيالغا چۆكۈپ كەتكەن ھۆرنىسا دەرھال ئېسىنى يىغدىدە:

     -خۇداغا شۈكرى ،ھەممىسى ئامان ئىسەن.چوڭ ئوغلۇم ئىشلەۋاتىدۇ،ئوتتۇرانچىسى بولسا ئالىي مەكتەپنى بۇ يىل پۈتتۈرىدۇ،كىچىك ئوغلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىۋاتىدۇ.

     -ۋوي چوڭ ئوغاللىرى تىخى ئۆيلەنمىدىمۇ؟

     -ۋاي ياق  خوشنام !شۇنىڭ دەدى ئۆيلەن دېسەم ياق بىر ئىشنى باشقا ئەپ چىقمىغىچە توي قىلمايمەن دەيدۇ،قارىماملا ........

     -بوپتۇ ،قايغۇرمىسىلا ،بىز ئالدىرغان بىلەن اللانىڭ ئالدېرشى يوق ،خۇدايىم پىشانىسىگە قايسى چاغدا ئۆيلىنىشنى پۈتكەن بولسا شۇ ۋاقتى كەلگەندە ئوغوللىرى خالىمىسىمۇ  ھامان توي بولىدۇ.

     -ئۇغۇ شۇ....لېكىن توۋا دەيمەن خوشنام ،ھازىرقى زاماندا  كىچكلە چوڭلاغا باقمايدىكەن.ھەر دائىم توينىڭ گىپى چىقسا ئاكىسى قېچىپ ئۈلگىرىدۇ،ئا ئوتتۇرانچى ئوغلۇم بىقىنىمدا پەيدا بولىدۇ.نىمە بولدۇڭ؟دېسەم تىخى تەپ تاتماي  ئەگەر  بەك  ئالدىراپ كەتكەن بولساڭ ئاپا مەن قىلغاچ تۇراي دىمەسمۇ؟بۇ گەپنى ئاڭلاپ يا كۈلىشىمنى يا يېغلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.

   -ۋاي خۇدايىم ،شۇ جېنىم خوشنام قىز چوڭ بولسا ياتلىق قىلىدىكەنمىز ،ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلەيدىكەنمىز .تويدىن كېيىن نەۋرە بىقىپ ئولتۇردىكەنمىز.

   -شۇنى دىمەملا ،ھە راست،قېزىمىز ئادىلگە بىرەر يەردىن پۈتۈشۈپ قويمىغانسىلە؟

   -ياق،خوشنام،نىمە بولدى؟

   -بوسا شۇ ئالتۇندەك قىزلىرىنى ماڭا بەمەملا؟ئۆزەملام كېلىن قىلىۋالاي!

   -بەمەدىغان،بەمەمدىغان،سىلىدىن قىز ئايايتىممۇ مەن؟                                                                                - شۇ ئەمەسمۇ!!!خاخاخاخاخاخا.......

    شۇ ئەسنادا ئادىلە ئوخشىغان لەغمەننى كۆتۈرگىنچە كىرىپ كەلدى.

     -قېنى تاماققا بىقىڭلا .  

       دېدى مېھرىبان.

     -قارىسام ئوخشىغاندەك قىلىدۇ،قېزىمىزنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن.

       دېدى ھۆرنىسا ۋە ئادىلەنىڭ كۆزىگە مەنىلىك قاراپ قويدى.

   ئادىلە نىمىشقىدۇر كۆڭلى بىر خىل شۇملۇقنى سېزىۋاتقاندەك ئۆزىنى شۇنچىلىك بىئارامچىلىق ھېس قىلدى.تاماققىمۇ كۆڭلى تارتمىغان ھالدا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

   توغرا ئادىلەنىڭ كۆڭلى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى شۇملىۇققا بىشارەت بېرىۋاتاتاتتى.ئالاھەزەل 2~3سائەتتىن كېيىن ھۆرنىسا مېڭىشقا تەمشەلدى.

     -ئامىن!ئاللاھۇ ئەكبەر.رەھمەت خوشنام ناھايتتى ياخشى ئولتادۇق،ئەمدى مەن قايتاي،بىرىپ بالىلاغا تاماق ئەتمىسەم تىخى تۇرغان.

     -شۇ خوشنام بۇ جاھاندا بالام كالام دەپلام ئۆتىدىكەنمىز.

     -خۇدايىم بۇيرىسا  ئەتە ئۆگۈن كېلىن كۆرگەن چاغدا بوشاپمۇ قالامەن .

     دەپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى ھۆرنىسا.

     -خۇدايىم بۇيرىسا،ئۇ كۈنگە قەدەر ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنىڭ تېنىنى ئامان قىلسۇن.

     -ماقۇل ،مەن ماڭاي ئەمىسە!

     -كۆڭلىلدىكىلىرىدەك ئۇزىتالمىدىم.خاپا بولماي كىتەلا.

     -ياقەي، نىمىلەنى دەيدىغانلا،سىلى بىلەن بىز شۇنداق دىييشىپ كىتەمتۇق ،اللا ئۆمرىمىزنى بەسە كۆرىشىپ تۇرىمىز.

     -شۇ ،شۇ ئەمىسە كىلە قىتىم كەلگەندە قادىرنىمۇ بىللە ئەپ كىلەلا.

     -ماقۇل،خۇداغا ئامانەت.

     -اللاغا ئامانەت.

شۇنداق قىلىپ ھۆرنىسا يولدا ماڭغاچ ئابايقى خىيالىنىڭ ئاخىرىنى سۈررۈشكە باشلىدى.

  ئەگەر ئوتتۇرانچى ئوغلۇم بىلەن ئادىلەنىڭ تويىنى قىپ قويساق،ئوغلۇممۇ شۇ قىز بىلەن تەڭ چەت ئەلگە چىقىپ كەتسە،شۇ يەدە قېيناتىسىنىڭ سايىسىدە  بىر سودىنىڭ پېشىنى تۇتسا ،كېينچە ئاكىسىنىمۇ ئاچىقسا ئاكىسىمۇ شۇ يەدە سودا قىلسا ،كېينچە ئۇكىسىنى ئاچىقسا شۇ يەدە ،ئوقىسا ،كېينىچە مەنمۇ بالىرىمنىڭ سايىسىدە چەت ئەللەردە ئويناپ كەلسەم،خەقلەرنىڭ ئالدىدا چەت ئەلنىڭ ئالتۇنلىرىنى تاقاپ كەتسەم....................

    ئېشقىلىپ بۇ ئايالنىڭ خىيالى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ،شۇنداق قىلىپ ئۆيگە كەپ قالغانلىىقىنىمۇ سەزمەي قاپتۇ.ئۆيگە كىرسە قادىر  كىرىسلودا پۇتۇنى سوزۇپ ئولتورغىنىچە تىلىۋوزور كۆرىۋاتاتتى.ھۆرنىسا ئېشىكتىن كىرىپ ئۆزىنى كىرىسلوغا ئاتتى.

   -ۋوي،نىم بولدووڭ؟نىم تونۇردا كۆيۈپ كەتكەن توقاچتەك بوپ قاپسەنغۇ؟

  -ئوش،تولا چېشىمغا تەگمىسىلە،شۇ سىلىنىڭ ،باللانىڭ مۇشۇ ئۆينىڭ دەدىدە كۆيۈپ، تونۇردا كۆيۈپ كەتكەن توقاچتەك بوپ قالساممۇ بولغاندىمەن.سىلىغۇ ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە تېگىدە مانتا يەيدىغان ئادەم.

   -ۋاي بولدى،ئاز گەپ قىلىپ قوساققا بىر نەسە قىلە ،قورسقۇم ئېچىپ كەتتى،ھە راست،نەگە بادىڭ؟ئۈرۈمچىگە كىلە كەلمەيلام يەنە كىملەنى تېپىۋالدىڭ؟؟

   - قادىراخۇن،بۇدا قىتىمچۇ ئادەم بىلەن تەڭ بايلىقمۇ تىپىۋالدىم.

   -ئو،نىم دەيدىغاندۇ ما خوتۇن.كۈپكۈندۈزدە نىم دەپ جۆيلىۋاتىدىغاندۇ ،ئۈرۈمچىنىڭ ئىسسىقلىرى ئۆتەپ قالدىمۇ نېمە؟

    -تولا چاقچاققا ئايلاندۇرمىسىلا،بۈگۈن مەن كىمنىڭ ئۆيىگە بادىم دەپ باقسىلا؟؟

    -سېنىڭ نەگە باغىنىڭنى بىلەلەيدىغان دەرىجىدە بولسام ئۆيدە ئولتامايتتىم.

    -مەنچۇ بۈگۈن مېھرىباننىڭ ئۆيىگە باردىم.

    -قايسى مېھرىبان ئۇ؟

    -ۋوي ھىلىقى سادىرنىڭ ئايالى مېھرىبانچۇ؟بۇرۇن ئۇلار بىلەن بىر قورۇدا خوشنا ئولتامىدىقمۇ؟

    -ھە ھە ھە...ئەمدى ئېسىمگە كەلدى،ھوي ئۇلانى قانداق تېپىۋالدىڭ؟

    -توقسۇندىن قايتىپ كەلگەن چاغدا مېھرىباننىنڭ ئوغلىنىڭ تويىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،دەل توي بولغان كۈنى تويغىلام باردىم شۇ يەدىن تېپىۋالدىم.شۇ چاغدا ئالاقىلىشىش نومۇرىنى ۋە ئۆيگە چوقۇم كىلىشىمنى  تاپىلاپ ئۇزىتىپ قويغان شۇڭا بۈگۈن باردىم.

     -ھە ئاندىن كېيىن باساڭ ئۇلار ساڭا ئادەم بىلەن پۇل تۇتقۇزۇپ قويدى.

     -ئوشتە،ما ئادەم نىم باغدىن تاغدىن گەپ قىلىدىغاندۇ،ئاۋال گېپىمنى ئاڭلىسىلا.

     -ھە ماقۇل.

     -ئۇلارنىڭ ئادىلە دەپ قېزى باتىغۇ،شۇ قىز چوپچوڭلام بوپكىتپتۇ،شۇنداق نازاكەتلىك چىرايلىق چوڭ بوپتۇ،چىراي دېسە چىراي با ،ئۆي ئېشىدە دىسە ئۆي ئېشىدە با چوڭ بوپتۇ ،خۇدايىم بۇيرىسا چەت  ئەلگە چېقىپ ئوقىماقچىكەن،سېلىمۇ بىلىلا ،ھازىرقى ئادەملە پالانچى چەت ئەلگە بارىدىكەن دىسە بەك چوڭ بىلىدۇ،شۇڭا ئەگەر دىلشات بىلەن ئادىلەنىڭ تويىنى قىپ قويساق،ئوغلىمىزمۇ چەت ئەللەردە يۈرسە..........

    -بولدى قىلە،ئۇلا قېزىنى سىنىڭ تىخى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن ئوغلۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويا.

    -بۇنىڭدىن خاتىرجەم  بولسىلا ئۇ ئىشنىمۇ ھەل قىپ كەلدىم ،ئېشقىلىپ شۇ قىز بالىنى كېلىن قىلغىنىم قىلغان،ئەگەر ئۇنداق قىللالمىسام ئېسمىمنى ئۆزگەرتىۋىتىمەن.

    -بولدى، قۇرۇق خىيالغا ما قورساق تويمايدۇ،تاماقنىڭ غېمىنى قىلە.

    -ۋاي مانا ھازىر !

ھۆرنىسا ئېچىدە بىر نەرسىلەنى غۇدۇرغىنىچە،ئاشخانا ئۆيگە  كىرىپ كەتتى.


ئوماق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74754
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 240
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 01:47:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبە ئۆز قەلىمىم.  داۋامىنى خۇدايىم بۇيرىسا ئەتە يوللايمەن!!

ئوماق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74754
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 240
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 01:47:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبە ئۆز قەلىمىم.  داۋامىنى خۇدايىم بۇيرىسا ئەتە يوللايمەن!!

ئوماق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69185
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 281
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 605 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 12:25:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ساقلايدىكەنمىزدە............

سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى
ئالتۇن بىرىپ ئالغىلى بولماس قالغان كۆڭۈلنى

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 01:16:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ .لىكىن ئازراق  مەسلە  .........داۋامى بار  ..،

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

دۇنيادا ئۆتۈپ كە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67870
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-12-1
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 02:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  مىسرانىمدا مودىمۇ بۇ ئەتە يوللايمەن؟ نىم جاپانىڭ «يۈز ئۆرۈي دىسە بىردەملىككىن » دىگەن ئەسىرىمۇ نەچچە ئايغا سوزۇلۇپ ئاران تۈگىگەن، بىزنى تەقەززا قىلىپ، سىزمۇ تەقەززا قىلىڭ ئەمدى، ساقلايمىزدە ياخشى ھېكايە بولغاندىكىن.........داۋاملىق تىرىشىڭ.....

دۇنيادا ئۆتۈپ كەتمەيدىغان كۈن يوق.كۈلۈپ ياشايلى..

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9180
تۆھپە نۇمۇرى: 316
توردا: 7596 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 02:07:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كچىىك بالنىڭ ئاغزىغا ئېمىزەك سالغاندەك كىچىككىنام يوللاپ قويماي،  جىق -جىق يوللىڭە مۇنداق تەقەززابوپ كىتىدىكەن ئادەم

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6621
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 02:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ پۇل ،،،،،،،،،،،،،،،پۇل دىسە ۋىجانى ساتىدىكەن بەزەنلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 02:56:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
waslim520 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-1 01:47 AM
مەنبە ئۆز قەلىمىم.  داۋامىنى خۇدايىم بۇيرىسا ئەتە يولل ...

داۋامىگە تەشنامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77105
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2012-3-8
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 04:43:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ساقلايدىكەنمىزدە.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش