|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بىز كورىيەدە ئوقۇۋاتقان (ئۇيغۇر پالۋان-ئۆمەرجاننى كورىيەگە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن) ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار.مۇنبەردىكى شۇ تېمىنى كۆرگەنلەر بەلكىم بىزنى تونۇشى مومكىن .
مەقسەتكە كەلسەك:
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى كورىيەدە شىنجاڭ(ئۇيغۇر)-كورىيە بىرلەشمە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلماقچى.بۇ كۆرگەزمىگە كورىيەدىكى رەسساملار ۋە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر (پەقەت ئۇيغۇرلار )رەسساملارنىڭ داڭلىق رەسىملىرى قاتناشتۇرۇلىدۇ. ھازىرغا قەدەر پەقەت ئىككى نەپەر ئۇيغۇر رەسسامنىڭ ئەسەرلىرى تىزىملاندى.شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن بىر قەدەر كامالەتكە يەتكەن،ئۇيغۇر مىللى ئۇسلۇبىدا رەسىم سىزىشقا ماھىر رەسساملار ، ئەسەرلىرىنى خەلقئارا سەھنىدە نامايەن قىلىشنى خالايدىغانلار رەسساملارنىڭ تېزدىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. بۇ پائالىيەتكە يەنە شىنجاڭدىكى بىرقانچە ئارتىس ۋە مەدەنىيەت-سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تەكلىپ بىلەن قاتنشىدۇ.
مۇھىم بىر شەرت: رەسسامنىڭ چوقۇم پاسپورتى بۇلۇشى كېرەك. (ۋاقىت يار بەرگەن بولسا پاسپورتى يوق رەسساملارنىڭ پاسپورت بىجىرىپ كېلىشىگە ياردەم قىلغان بۇلاتتۇق).
رەسسام پەقەت كىرا ھەققىنى (شىنجاڭدىن كورىيەگە كېلىپ كېتىشكە پەقەت 4-5 مىڭ يۈەن كېتىدۇ) ئۆزى ھەل قىلسا،كورىيەدە تۇرغان مەزگىلدىكى بارلىق چىقىملارنى كورىيە تەرەپ ئۈسـتىگە ئالىدۇ. كورگەزمىگە قاتناشتۇرىدىغان ئەسەرلەرنى كورىيەگە ئېلىپ كېلىش يۆتكەش ھەققىنىمۇ كورىيە تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
چ چ : 996906550 496763152
بلوگىمىز: http://xjkorea.blogbus.com
شىنجاڭدىكى ئالاقىلىش تېلفۇنى : 15199097287 18999975103
|
|
|
|
|
|