ئەلقىسسە، نۇرغۇن زىيارەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن غېرىپ بىلەن سەنەم ئاخىرى ۋېسال دەملىرى بىلەن ئۇچراشتى . قۇتلۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىك نىكاھى ئوقۇلدى. بۇ كۈنى قۇياش باشقىچە نۇر چاچتى . ھاۋا بۆلەكچە ئىللىدى ... پۈتۈن مەۋجۈدات ئىككى ياشنىڭ مۇرات – مەقسەتلىرىنىڭ راۋا بولغانلىقىدىن سۆيۈنۈشتى ، ھەتتا كۆزلىرىگە ئىسسىق ياشلارنى ئېلىشتى ...
توي كېچىسى . غېرىپ بىلەن سەنەم شېرىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلگەن بولۇپ ، ئۇيقۇسى قاچقان ئىدى ،ئۇلار بىر بىرىگە تويماي قارايتتى ... ! پاراڭلار تۈگىمەيتتى ...!شۇنداق قىلىپ ئۇلار تاڭ ئاتاردا ئۇخلاپ قالدى . لېكىن ھەر ئىككىلىسى شۇنداق قاملاشمىغان چۈش كۆرۈشكەن ئىدى ...
سەنەمنىڭ چۈشى:
كۈچلۈك مۇزىكا ياڭراپ تۇرغان ، پۈتۈنلەي ھاياجانلار بىلەن تولغان بەزمىخانىدا غېرىپ ئۇزۇن سېرىق چاچلىق بىر قىز بىلەن چاپلىشىپ تانسا ئويناۋاتاتتى ... قىز بېشىنى غېرىپنىڭ مۇرىسىگە قويىۋالغان بولۇپ ، مۇزىكىنىڭ , شۇنداقلا سىرلىق سېھرىي كۈچنىڭ تەسىرىدە مەس بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى ...
سەنەم بىر ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى،دە ئىككىسىنىڭ ئۆز ئارا قىلىشىۋاتقان پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا باشلىدى ، لېكىن چۆچۈپ كەتتى .
_ سىز نېمە دېگەن چىرايلىق ، گۈزىلىم ،- بۇ غېرىپنىڭ ئاۋازى ئىدى .
_ ۋىييەي نېمە دەيدىغانسىز ؟ ئۆيىڭىزدىكى قوچاققا تەڭ بولالمايمەن ھەقىچان !؟
_ ۋاي بولدى قويۇڭا ئۇ بەدبەشىرە خوتۇننىڭ گېپىنى ...ئالدىراپ توي قىلىۋاپتىمەن . سىزدىكى چىراي خۇلۇقنىڭ يېرىمى ئۇنىڭدا بولغان بولسىچۇ كاشكى ...يەنە ئاز ۋاقىتتىن كىيىن كەلگەن جايىغا يولغا سېلىپ قويىمەن ئۇنى . ئالدى بىلەن يېنىمنى چىڭدىۋالاي ، چۈنكى سىز بىلمەيسىز بىزنىڭ سەنەمنىڭ دادىسىنىڭ مال – دۇنيارى كۆپ ، يېتەرلىك بايلىق توپلىۋالغاندىن كىيىن ، ئوبدان باھانىدىن بىرنى تاپىمىزدە كەينىگە تېپىمىز ئۇنىڭ ... لېكىن ھازىرچە چاندۇرۇشقا بولمايدۇ .
_ راستما ، جىنىم ، بەك ئېسىل جۇمۇ سىز !
دىئالوگلار داۋاملاشماقتا ئىدى .........................
غىرىپنىڭ چۈشى :
ئىشكىتىن ھېرىپ – ئېچىپ كىرگەن غىرىپ ھور چىقمىغان قازان بىلەن ، سۈپۈرۈلمىگەن قالايمىقان ئۆينى كۆرۈپ سەل تىرىكتى .
_ ھەي ،سەنەم قېنى سەن؟ نېمىشقا تاماق ئەتمەيسەن ؟
_ ھە ، نېمە ؟ نېمە ئادەم يەيدىغاندەك ۋاقىرايسەن ؟ ئەتتىگەنياقى نەلەردە يۈردۈڭ ؟نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ ؟ دادامنىڭ دۇنياسى گېلىڭغا تېپىۋاتامدا ؟ ئەتىدىن باشلاپ ئۆي خىزمەتچىسىدىن بىرنى باشلاپ كەل .سېنىڭ تامىقىڭنى ئىتىپ ، كىرىڭنى يۇيىدىغان سېنىڭ مالىيىڭما مەن ...
_ ئاۋۇ شىرىننىڭ ئېرى پەرھاتمۇ ئايالىم ، مۇھەببەتتىم دەپ شۇنچە ھەيۋەت يوغان تاغنى تېشىپ ، سۇ باشلاپ كەلگەن . ئىسىت سېنىڭدە پەرھاتتا بار جاسارەتنىڭ يېرىمى بولسا كاشكى ...
_ ۋۇ يېتىم ئوغلاق ، زىرىكتىم سەندىن ... خېتىمنى بەر ...
_ سېنىڭ گېپىڭ مۇشۇ بولسا ، بۇ ئۆينى تۇتۇشتىن ئۈمىد قالماپتۇ . بولدى مەنمۇ تويدۇم .. ئارىمىزدا بالا يوق چاغدا بىر تەرەپ بولايلى ! دېدى غىرىپ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ .
_ سەندە شىرىندەك خسلەت ، زۆھرەدەك مىجەز بولغان بولسا مەنمۇ پەرھات بىلەن تاھىر قىلغاننى قىلار ئىدىم ... بولدى
ئەتە سوتتا كۆرۈشەيلى !...
_ ۋاي ، ئاجراشساق ئاجراشتۇق . ئىسمىڭدىنمۇ زەيپانىلىكىڭ چىقىپ تۇرىدۇ سېنىڭ ۋۇ غېرىپ ...
_ بولدى ، مېنىڭ گېپىم يوق .
غىرىپنىڭ كۆز ئالدىدىن ئانىسىنىڭ ئۆز خىلى بىلەن توي قىلمىسا ، كۆپىنچە ئاۋارىچىلىق تارتىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئىيتقانلىرى ، شۇنداقلا «سەنەم شاھنىڭ مەلىكىسى،ئۇ بىزنىڭ خىلىمىز ئەمەس ، پەيلىڭدىن يان ئوغلۇم» دەپ ئەسكەرتىشلىرى بىرلەپ بىرلەپ ئۆتۈشكەن باشلىدى .
تاڭ ئىتىپ قالدى ، يىراقتىن كېلىۋاتقان ئەرزان ئاۋازى بىلەن لاپاس ئاستىدىكى خورازنىڭ چىللىشى ئۇلارنى ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى .
ۋادەرىخ ...ئىنسان مانا مۇشۇنداق ئازغۇچى ھەم زىيان تارتقۇچى ، شۇنداقلا ئاچچىق پۇشايمانلىرىغا چىقىلىدىغان قاچا ئىزدىگۈچى ...
بەلكىم بۇ راستىنلا چۈشتۇ ... مەنمۇ شۇنداق بولۇپ قىلىشىنى نەقەدەر ئۈمىد قىلىمەن ھە !
مەنبە : نۆل