ئاي شارى ئۇيغۇر مەھەللىسى ...
_ خىيالى تەسەۋۋۇر ئەمەس
مەن <ئاي شارى ئۇيغۇر مەھەللىسى> ناملىق فانتازىيىلىك ئەسەرنى يېزىپ ،بەزى مۇنبەرداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتىم. لېكىن ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى بۇ پەقەت بىر خىيالى تەسەۋۋۇر، كىشىگە ئىلھامبەخىش ئاتا قىلىدۇ، دەپ ئويلاپلا بولدى قىلىپ، بۇ ھەقتە چوڭقۇرراق تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىدى.
Gvljahan ئىسىملىك توردىشىمىز سەل چوڭقۇرراق ئويلىنىپ، بۇ فانتازىيەنىڭ 2- قىسىمىنى يېزىپ چىقتى. ئەمەلىيەتتە، <ئاي شارى ئۇيغۇر مەھەللىسى> تەسەۋۋۇرى ھەرگىزمۇ خىيالى تەسەۋۋۇر ئەمەس، يەتكىلى بولمايدىغان نىشانمۇ ئەمەس. يەنە 80 يىلدىن كېيىن ئاي شارىدا ئولتۇراقلىشىش نىشانى ئەمەلگە ئاشمىغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ بولمىغاندا ئۇيغۇر پەرزەنتىلىرىنىڭ ئاي شارىغا چىقىپ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.
بىز بۇنىڭدىن 80 يىل ئىلگىرىكى دەۋر بىلەن بۈگۈننى ۋە 80 يىل كېيىنكى دەۋرنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا بۇ پەرىزىمىزنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز
1930- يىللىرى،ئۇيغۇرلاردا كىنو، تىلىفۇن، ماشىنا،توك تېخى يېڭىلىق ئىدى. 2010-يىللىرىدا بولسا، بۇ نەرسىلەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ئادەتتىكى نەرسىلەرگە ئايلاندى، ئۇيغۇرلاردا تىلۋۇزۇر، قول تىلىفۇن ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان تىز سۈرئەتتە ئومۇملاشقاندىن باشقا ئىنتىرنىت تورى كىشىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاقىلىشىش، ئۈگىنىش، تەتىقىقات قورالىغا ئايلاندى. 80 يىل ئىلگىرى دۇنيانىڭ ئۇ چىتىدە تۇرۇپ، دۇنيانىڭ بۇ چىتىدىكى ئادەم بىلەن بىر چايخانىدا ئولتۇرغاندەك پاراڭلىشالايدۇ، دەپ كىممۇ تەسەۋۋۇر قىلغان دەيسىز؟ مانا بۈگۈن ئىنتىرنىت تورى بىزگە مۇشۇ رىئاللىقنى كۆرسىتىپ تۇرمامدۇ، ھازىر ئۇيغۇرلار گەرچە تېخنىكا قوبۇل قىلىش ھالىتىدە تۇرسىمۇ، بىر تۈركۈم ئۈمدۋار، ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە، ئىرادىسى كۈچلۈك ياشلىرىمىز ئاللاقاچان ئىلىم- مەرىپەتنىڭ سىرىنى ئېچىشتەك ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ بولدى.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈن ئات- ئىشەك كارۋانلىرى نەچچە ئاي سەرپ قىلاتتى. شۇ ۋاقىتتا قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بىر سائەت 20 مىنۇتتا بارغىلى بولىدۇ،دېسە، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنى قىپقىزىل ساراڭ بوپسەن، دەپ مەسخىرە قىلىشقا ھەقلىق ئىدى. 1930--يىللاردا ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى كىشىلىرىمىز ماشىنىنى كۆرۈپ، <بۇ جانۋارمۇ ئوت-چۆپ يەمدۇ؟> دەپ ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئات-كالىلارغا بېرىدىغان يەم-خەشەكنى تاشلىغان، رۇس شوپۇرلىرى چاقچاق قىلىپ، ماشىنىنىڭ سىگنالىنى باسسا، شۇ يەردىكى كىشىلىرىمىز قورققىنىدىن قېچىپ كېتىشكەن. بۈگۈنگە كەلگەندە خەلقلىرىمىز نەچچە مىلىيۇن يۈەنلىك كاتتا ماشىنىلارنى ھەيدەلەيدىغان بولدى. پەخرلىنىشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى،ئۇيغۇر سودىگەرلىرى <ئۇچار گىلەم>لەرگە چىقىۋىلىپ ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرۈپ، دۇنيانى قولىدا ئالقاندەك ئوينىتىپ ئۆزىنىڭ قەدىمى يىپەك يولىنىڭ ھەقىقى ۋارسلىرى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىۋاتقانلىقىغىمۇ ئاز ۋاقىت بولمىدى.
1930-يىللىرى،مەمتىلى ئەپەندى، زور كۈچ سەرپ قىلىپ،تولىمۇ تەستە ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش مەقستىگە يېتىلىگەن، ھەتتا شۇنچىلىك ئىشنىمۇ ئاخىرىغا چىقىرالماي، باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. 2011 يىلى پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان بىر ئىش يۈز بېرىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقى پەخىرى، سۈيۈملۈك پەرزەنتىمىز پەخىرىيە 2011-يىللىق ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ماتىماتكىدىن 150 نۇمۇرنى تولۇق ئېلىشتەك رىكوتىنى يارىتىپ، مەمتىلى تەۋپىق باشلىغان مەرىپەت ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىنى 80 يىلدىن كېيىن قولغا كەلتۈردى.
1930-يىللىرى جاللات شىڭشىسەي ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى،قۇتلۇق شەۋقى، خۇجانىيازھاجى، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق تەرەققىپەرۋەر كىشىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ خەلقىمىزنى پەن-مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسىي جەھەتتىن پالەج ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. 60نەچچە يىلدىن بۇيان مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان باھادىرلىرىمىز خەلققە ۋاكالىتەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. ھەممىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا ئىنژىنىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان ئەركىن سىدىققائوخشاش داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ سانى كۈنسىرى ئېشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
1930 يىللىرى خەلقىمىز مەھمۇدقەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ كەبى ئالىملىرىمىزنى تېخىچە بىلمەيتى. ئازادلىقتىن كېيىن ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىزدە يىلتىزىمىزنى ئىزدەش، ئۆزىمىزنى تونۇش، ئۆزىمىزنى نامايەن قىلىش دولقۇنى قوزغىلىپ 2010-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلىرىمىز پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىقتىساد- ئىگىلىك ۋە ئاڭ سەۋىيە جەھەتتىن ئۆزىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. 1930-يىللىرى پۈتۈن شىنجاڭدا ئاكا-ئۇكا مۇسابايىفلارنىڭ غۇلجىدا قۇرغان زامانىۋى زاۋۇتىدىن باشقا ئۇيغۇر مىللى سانائىتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتى، 2010-يىللىرىغا كەلگەندە ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھەر ساھەدىكى كارخانىلار مەيدانغا كېلىپ، كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغىدەك مەنزىرە بارلىققا كەلدى..1930 - يىللىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىئاشۇنداق ناچار مۇھىت ئىچىدە تۇرۇپمۇ يەنىلا مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمدلىنىپ:
ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺭ،
ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﯩﻠﯘﺭ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﯩﺒﻰ ،
ﺷﯘﻧﺪﺍ ﻳﺎﭘﯩﻠﯘﺭ!
دەپ يېزىپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان چەكسىز ئۈمدۋارلىق روھىنى نامايەن قىلغان. ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ ئېنىق قىلىپ< ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق> دەپ ھۆكۈم قىلىپ، مىللى غورۇرىمىزنى قوغداپ قالغان.
مانا بۈگۈنكى كۈندە ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز، ئالىم ئەھەد،رادىل ئابلا باشچىلىقىدىكى يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئەمەلىي كۈچى زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كارخانىچىلىرىمىز يېتىشىپ چىقىپ،تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىپ چىقىرىش قاتارلىق ھالقىلار بۇيىچە تەرەققى قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ سودا-سانائەت، يىمەك-ئىچمەك، پەن-تېخنىكا ... كەسىپلىرىنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرمەكتە. تېخى 50-60 يىل ئىلگىرى ھىندىستانلىقلار ئەنگىلىيەدىن تېخنىكا كىرگۈزۈپ يۈرەتتى. مانا بۈگۈنگە كەلگەندە ھىندىستاننىڭ يۇمشاق دىتال ساھەسى قاتارلىق ئىنچىكە ساھەلەردە ئەنگىلىيەدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. 70-80 يىل ئىلگىرى مەملىىكىتىمىز ياپۇن باسقۇنچىلىرى تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىپ، <شەرقى ئاسىيا كىسەل كۆرپىلىرى> دېگەندەك ھاقارەت بىلەن كەمسىتىلگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ياپۇنىيىنى بېسىپ چۈشۈپ دۇنيادىكى 2- چوڭ ئىقتىسادى چوڭ گەۋدىگە ئايلاندى. ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى مۇۋەپىقىيەتلىرىمۇ ھېچچىكىمگە سىر ئەمەس... ئەھۋال شۇنداق ئىكەن،يەنە 80 يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىنى نىمىشىقا تۆۋەن مۆلچەرلىگۈدەكمىز؟ ھازىر ئارمان شىركىتى پاي چېكىنى سېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسى روشەنلىشىپ، بىرلىشىشنىڭ، ئىتتىپاقلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمەكتە، خەلقىمىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئوغلانلىرى قۇرغان كارخانىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ،ئۇلار ئىشلەپ چىقارغان تاۋارلارنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى قوللاپ كەلمەكتە. يەنە 10يىلغا قالماي، ئىخلاس، ئامىنە، دەرمان...قاتارلىق يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى كارخانىلارنىڭ بىرلىشىشى ئەمەلگەئاشمايدۇ،دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
يەنە 80 يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر مائارىپى، ئۇيغۇر پۇتپۇلچىلىقى، ئۇيغۇر ناخشا-سەنئىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،... ئاخرىدا بىزنىڭ <ئاي شارى ئۇيغۇر مەھەللىسى> تەسەۋۋۇرىمىزنى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
ئۇيغۇلار مۇشۇ تەرەققىيات ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، ئىتىقادىمىزنى، ئانا تىلىمىزنى گۆھەر كەبىي ئاسراپ، ئىلىم-پەن ئىشلىرى ئۈچۈن ھەسەل ھەرىسى چىچەككە يېپىشقاندەك ئىلىم-پەنگە ئاتلىنىپ. چۈمۈلە كەبى ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ روھىنى ماددى ۋە مەنۋى جەھەتتىن تەڭ يۈكسەلدۈرۈپ ئالىملىرىمىزغا، كارخانىچىلىرىمىغا يېقىندىن يار يۆلەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى دەپ بىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشسا، چىققىلى بولمايدىغان چوققا يوق.
سىز يەنە <ئاي شارى ئۇيغۇر مەھەللىسى> تەسەۋۋۇرىنى خام خىيال دەپ ئويلىمايدىغانسىز؟
ئەسكەرتىش1: پايدىلىنىدىغان مەنبەلەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن خاتالىقلاردىن خالى بولالماسلىقىم تۇرغانلا گەپ، كۆپچىلىكنىڭ خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزۈتۈپ كۆرۈشىنى، ئىمكانىيەت يار بەرسە تۈزۈتۈپ قويۇشىنى ئۈمد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش2: ئەسەرلىرىمنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ( روزىمۇھەممەت ئىرپان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-31 11:47 PM