ئەسمەتخان ۋە ئەرلىك روھى
ھەممىمىز كۆپ قىسىملىق تىلىۋېزىيە تىياتىرى ‹مىراسخور› نى كۆرگەن بولۇشى مۈمكىن. بۇ مىنىڭچە تۇرمۇشقا يىقىن،ياخشى ئىشلەنگەن كىنو بولۇپلا قالماستىن تەرجىمىدە شۇنداق ياخشى ئاۋاز بېرىلگەن كىنو.ئارتىسلارنىڭ رول ئىلىشىمۇ شۇنداق ياخشى.
بۇ كىنودا ھەممىمىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئەڭ ياخشى ئوبراز يەنىلا ‹ئەسمەتخان› بولۇشى مۈمكىن. ئەسمەتخان بىر قارىسا شۇنداق قوپال،قىلچىمۇ مىھرىبانلىقى يوق،ياۋۇز،قوپال ،ئىنتايىن ئەسكىدەك كۆرىنىدۇ. لىكىن ئەسمەتخان ئوبرازىغا ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلىدىغان بولساق ئۇنىڭدا ئەسكىلەرگە قىلچىمۇ رەھىم قىلمايدىغان قوپال،ياۋۇز،رەھىمسىزلىكمۇ بولغاندىن تاشقىرى يەنە ئادىللىق ۋە ئادالەتنى ياقلايدىغان ، ئاجىزلارنى قىلچىمۇ بوزەك قىلمايدىغان،ياماندىن قورقماي دادىل قارشى تۇرىدىغان،ھەر قانداق ئىشتا چوڭقۇر ئويلىنىپ ياپسام پىشارمۇ كومسەم پىشارمۇ دىمەي ،كەسكىن قارار قىلىدىغان،ھەق ناھەق تۇيغۇسى ئىنىق،مىھرىمۇ بار،قەھرىمۇ بار ھەقىقىي ‹ئەر› ئوبرازىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن ،ئۇ گەرچە ھىچكىمدىن تەپتارتمايدىغان، كۈچلۈك ھۆكۈمران بولسىمۇ لىكىن باشتىن ئاخىر ئۆزىگە ۋە ئەۋلاتلىرىغا ئىلىم بىرىدىغان مۇئەللىمنى باشتىن ئاخىر ھەرمەتلەيدۇ،قىلچە قوپاللىق قىلمايدۇ،ھەر قېتىم ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالماي ھاياتتىن ئۈمىتسىزلەنگەندە يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ رەسىملىرىگە قاراپ قايتىدىن ئۈمىتلىنىدۇ،ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ روھىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزىگە مەدەت بىرىدۇ.قايتىدىن كۈچلىنىدۇ.
گەرچە ئۇ ئەڭ ئاخىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن ‹دۈشمەنگە› قىلچە باش ئەگمەيدۇ،ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئەلۋەتتە دۇنيادا ساپ ئالتۇن بولمىغىنىدەك ئەسمەتخاندىمۇ بەزى كەمچىلىكلەر مەۋجۇت.لىكىن ئومۇمىي خاراكتىر جەھەتتىن دەل ھازىرقى جەمىيتىمىزدىكى بىر قىسىم (بەلكىم كۆپ قىسىم دىسەكمۇ خاتا بولماسلىقى مۈمكىن) ‹ئەر›لىرىمىزدە كەم بولىۋاتقان ھەقىقىي ئەركەكلىك روھىنى ئەنە شۇ ‹ئەسمەتخان› ئوبرازىدىن تېپىش مۈمكىن. يەنى ‹ئەسمەتخان›نىڭ خاراكتىرىنى يىغىنچاقلىغاندا:
1. ئىشلارنى چوڭقۇر ئويلانغاندىن كىيىن كەسكىن قارار چېقىرىش.
2. ئەركەكلەرگە خاس قوپاللىق،قىلچىمۇ غىلچىڭلىق يوق.
3. ئادىل ھەققانىي بولۇش.
4. ئۇستاز،ئەجداتلىرىنى ھەقىقىي ھۆرمەتلەش.
5. كۆز قارشىنى دادىل ئوتتۇرغا قويۇش.
6. ھەر قانداق ئىشتا پۇختا پىلان تۈزۈش.
7. قەتئىي ئىرادە بىلەن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۆرەش قىلىش.
8. دۈشمەنگە قىلچە رەھىم قىلماسلىق،دوستلارغا ،قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنۈش ۋە خاتالىقىنى كەچۈرۋىتىش.
9. مۇھاببەت –نەپرىتى ئىنىق بولۇش.
لىكىن مەن ئويلاپ قالدىم ھازىرقى جەمىيتىمىزدە مۇشۇنداق ئەرلەر بارمىدۇ..؟ ھەق -ناھەق ئىشلارنى كۆرگەندە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىغا كۆكرەك كىرىپ چىقىپ مەيدىسىگە ئۇرالايدىغان ئەرلەر بارمىدۇ؟ياكى جەمىيتىمىزدىكى نۇرغۇن يامان ئىش ،يامان ئادەتلەرنى كۆرگەندە كۆزىنى يۇمىۋىلىپ بۇ مىنىڭ ئىشىم ئەمەس،،،،،،ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماي دەپ كۆزىنى يۇمىۋىلىپ تۇرارمۇ...؟
مەن بەزىدە ئۆز -ئۆزۈمگە شۇنداق ۋاقىرغۇم كىلىدۇ....؟ << لۈكچەك>>لەر قىنى سىلەر دەپ...؟
مىنىڭچە مەيدىسىنى كىرىپ چىقالمايدىغان 100 زىيالى بولغاندىن مەيدىسىنى كىرىپ چىقالايدىغان 1 >لۈكچەك> ئەۋزەلمىكىن دەپ ئويلايمەن...؟قالغىنى تورداشلار پىكىر قىلىپ باقسۇن...؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tikan001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-31 11:23 AM