مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1237|ئىنكاس: 17

مۇئەللىم ، ئوقۇغۇچىڭىزدىن سوۋغا ئېلىۋاتامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 11:01:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە . ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن ئاتا ئانىلارنىڭ يۈرەك ساداسى . شۇڭلاشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ چوقۇم تەستىقلاپ قۇيۇشىنى سەمىمى ئۈتۈنىمەن .

    قەدىرلىك تورداشلار ، بۇ تىمىنى كۆرۈپ قىزىققان بۇلۇشىڭلار مۇمكىن . مەنمۇ ئەمدى بالامنى مەكتەپكە بەرگەن بىر ئاپا بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمنى سىلەرگە دەپ بەرگىم كەلدى . پەرزەنتلىرى مەكتەپكە كىرىپ بولغان ئاتا ئانىلار پىكىر قاتناشتۇرۇپ باققان بولساڭلار ، دىگەن نىيەتتە بۇ تىمىنى يوللاۋاتىمەن .
    بۇيىل ئاياللار بايرىمىدا قىزىمنىڭ سىنىپىدىكى بەزى بالىلار سىنىپ مەسئولىغا شارپا ، پورتمال ، گۈل ، قەلەم قاتارلىق سوۋغىلارنى بېرىپتۇ . قىزىمغا "سىزنىڭمۇ سوۋغا قىلغىڭىز بارمۇ؟" دىسەم ، ئۇنىمىدى . سەۋەبى قىزىمنىڭ دىيىشىچە  مۇئەللىمنىڭ سوۋغىلىرى بەك جىقلاپ كىتىپتۇ .
    شۇنىڭ بىلەن مەن بەزى خىزمەتداشلىرىم بىلەن مۇشۇ ئىش توغرىلىق مۇنازىرىلىشىپ قالدىم . بەزى ئوقۇتقۇچىلار سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان چاغدا ، ئۆزىنىڭ يوق نەرسىسىنى دەپ ئالدۇرىدىكەن . ئۇقۇغۇچىلار ئاتا ئانسىىدىن نەچچە ئون يۈەنلەپ پۇل ئېلىپ ، يىغىش قىلىپ ئالىدىكەن . بەزى سىنىپ مەسئوللىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ، ئاياللار بايرىمى ، يەنە قانداقتۇر ھېيت بايراملاردا ئۈيى سوۋغا بىلەن توشۇپ كىتىدىكەن . ھەرخىل گۈل ، پورتمال ، شارپا ، چەينەك ، ھەتتا خروستال بۇيۇملىرىغىچە . بەزى ئاتا ئانىلار ئۆزلىرى مۇئەللىمنى يوقلاپ ، بالىلىرىنى ماختاپ تۇرۇشنى ، بالىلىرىنى سىنىپ ھەيئىتى قىلىپ سايلاپ قۇيۇشنى ئۈتۈنىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن سوۋغىنى ئالغان مۇئەللىم ئۇ بالىنى "باشلىق" قىلىپ سايلاپ قۇيىدىكەن .
    دىمەك ، ھازىر بالىلار سەبىي ۋاقتىدىن باشلاپلا پارىخورلۇق ، ئاچكۆزلۈك خاراكتىرنى يىتىلدۈرۈپ بۇلىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى زامانىمىزدىكى ، ئەتراپىمىزدىكى پارىخور ، كاززاپ ئادەملەر بۇلۇپ چىقىدىكەن .
   قېنى ، مۇنبەردە نەچچە مىڭلىغان ، ھەتتا تۈمەنلىگەن ئادەم بار . مۇشۇ تىمامنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئەزانىڭ مۇشۇ ھەقتە قاتتىق ئويلىنىپ بېقىشىنى ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ مۇشۇ ھەقتە دىققەت قىلىشىنى سەمىمى ئەسكەرتمەكچىمەن .
    ئوقۇتقۇچى ، ئىنسان دىلىنى يورۇتقۇچى ئۇلۇغ ئىنسان . مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىر ئىنسان مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە قانداق بۇلىدۇ ؟ ھەقىقەتەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى ئاز ، تەمىناتىمۇ يوق دىيەرلىك ، شۇنداق دەپ سوۋغا ئېلىپ يۈرسەك قانداق بۇلىدۇ ؟ مىللىتىمىزگە قانداقمۇ يۈز كىلەلەيمىز ؟ مۇشۇنداق قىلىۋەرسەك ۋىجدان ئازابى تارتمايمىزمۇ ؟ ئوقۇتقۇچىدا سوۋغىنى رەت قىلىۋەتكىدەك جۈرئەت يوقمۇ ؟ نىمىشقا قىلالمايمىز؟؟؟؟؟؟

مەنبە : ئۆزەم

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3434
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27374
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8415 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 04:08:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئەھۋال دىسە ھەقىقەتەنمۇ ئوشۇق كەتمەيدۇ. يەنە بىر گەپ بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بىرىشىدىكى مەسئۇلىيەت يەنىلا ئاتا-ئانا بولغۇچىدا.
ئاتا-ئانا بولغۇچى گەر چە ئۆز پەرزەتلىرىگە ياخشى بولسۇن ئۈچۈن شۇنداق ئىشلارنى قىلسىمۇ تۈپ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئۆز پەرزەتلىرىگە قىلغان شۇ مىھرىبانلىق ياخشىلىقلىرى ئاخىرىدا پەرزەتلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى چىرىتكۈچى قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئويلۇشۇپ باقمىغان بولسا كىرەك.


ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەيلى ئەخلاق جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەسئۇلىيەت جەھەتتىن بولسۇن ئۆزىنىڭ سالاھىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.
بۇنداق ‹‹سوۋغا››لارغا ئالاھىدە دىققەت بىلەن زىل تۇرىشى كىرەك.

گەرچە سوۋغا تەغدىم قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان كۆڭلى ،مۇۋاپىق بولسا قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ. يەنى شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت جەھەتتىكى ھاردۇقىنى ئازراق بولسىمۇ چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ھىس قىلدۇرالىسا ئەقىلگە مۇۋاپىق.

مەسىلەن: كىتاب،كۆز ئەينەك،خاتىرە،قەلەم...دىگەندەك...

بۇلاردىن ئۆتۈپ شارپا،چەينەك،ئەينەك،خىرۇستال...دىگەندەك تۇرمۇش بويۇمى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلى ئىپادىلەنسە، ئوقۇتقۇچىلار قۇبۇل قىلىۋەرسە سۆزسىزكى بۇ قىلمىشى ھەر جەھەتتىن ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ.

ئوقۇتقۇچىنىڭ زىممىسىدىكى تەربىيلەش خىزمىتى بىۋاستە كەلگۈسى بىلەن باغلىنىشىلىق بولىدۇ. كەلگۈسىدىكى جەمىئەتنىڭ كىشلىرىنىڭ ئىلىۋاتقان قەدەملىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۈگۈتىلىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق ھالەتتە بولىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر بىر قىلىۋاتقان ئىشى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆرنەك بولۇپ بىرىدۇ، كىچىككىنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە ھە دىگەندىلا ‹‹سوۋغا بەرسەم مۇنداق نەپكە ئىرىشكىدەكمەن..››دىگەندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
دىمەك يامان ئىللەتنى ئوقۇغۇچى يەنى كەلگۈسىنىڭ ئىگىسى بولغان يۇمران مايسىلارنىڭ كۆڭلىگە تىرىپ قويسا...كەلگۈسىدە شۇ تەربىيلىنىپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلى ‹‹سوۋغا›› بىلەن تاماملانسا...


ئوقۇتقۇچى بولسۇن،ئاتا-ئانا بولسۇن ھەر ئىككىلى تەرەپ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگشلىك مەسىلە ئىكەن.
ئوقۇتقۇچىلار ،ئۆز مەسئۇلىيىتىڭلارنىڭ نىمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئوبدان ئويلىشىپ بىقىڭلار.
ئاتا-ئانىلار ،پەرزەنتىڭلارغا مىھرىبانلىقىڭلارنى توغرا ئۇسۇلدا يەتكۈزۈڭلار...


ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72989
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3378
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 04:45:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئوقوتقۇچىلار بايرىمىدا ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمگە بىغىشلانغان سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئوتكۈزسە بۇلىدۇ ، گۈل سوۋغا قىلسا بولىدۇ ، باشقىلىرى بىھاجەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 05:02:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشى ئاز ،دېگەن گەپنىڭ ۋاقتى ئۆتتى ، ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى مەمۇرى كادىرلارنىڭكى بىلەن تەڭ ئۆستۈرۋاتىدۇ، يەنە ئۆستۈرگىدەك دېگەن گەپلەرمۇ بار،لېكىن بۇلار مۇھىم ئەمەس، ئەگەر راستىنلا بەك تۆۋەن بولغان ھالەتتىمۇ خالىغانچە سوۋغىلارنى ئېلىۋەرسە بولمايدۇ دە؟ بۇ شۇ ئادەمنىڭ ئەخلاق ساپاسىغا ،ئىنسابىغا باغلىق ئىش، دۆلىتىمىزدە ئەمەلدارلارنى پارە ئالمىسۇن دەپ ھەممە تەمىناتلىرىنى ئادەتتىكى كادىرلاردىن ياخشى قىلىپ بېرىۋاتقانسېرى پارىخورلۇق ئەۋج ئېلىپ كەتتى،دېمەك ،گەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىدە !بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە  قانداق ئادەم بولۇپ چىقار؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gvlqay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-31 05:10 PM  


مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .

ئەتە-مەن ئۈچۈن چ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1820
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6393
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 895 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 05:10:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇللۇقسىزنى پۈتتۈرگەن چاغدا سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئۇقۇتقۇچىمىزغا 1500 يۈەنلىك كىيىم ئېلىپ بەرگەنتۇق. بولمىسا ئۇ رازى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ ۋاقىت 2003- يىلى. مانا ھازىر 9 يىل ئۆتتى. داۋاملىق شۇنداق تەرەققى قىلغان بولسا بۇ چاغقا نىمىلەرنى ئالدۇردىغان بولغانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9778
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 613 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 05:22:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى ئوقۇغۇچىلارنى بىر نەرسە ئەكىلىڭلار دەپ تەلەپ قىلمايدۇ. لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مۇئەللىم بالامغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلارمۇ ياكى ئوبدان كۆز قاراش قىلىپ قويارمۇ دەپ سىنىپ مەسئۇللىرىغا سوۋغات بېرىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئەزەلدىن يوق ئىدى. مەن خەنزۇ مەكتەپلەرگە باللىرىنى بەرگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان. ھازىر خەنزۇ ۋە مىللىي مەكتەپلەر قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن بۇ ھادىسە ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغىمۇ يۇققان بولىشى مۇمكىن. لېكىن سىز دېگەندەك سوۋغاتنى پاتقۇزالماي قالدىغان ئىش ئەسلا يوق. ھەم ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالمۇ ئەمەس.

مەن ھاياتنىڭ جىنازىسىدا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 236
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54871
تۆھپە نۇمۇرى: 378
توردا: 3468 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 05:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالى  مەكتەپتىكىنى  دىمەيلا  قوياي  بولدى   ،ئاران  مۇشۇما  ئالغان  نەرسەڭ  دىگەن  بىر  ئوقۇتقۇچى  يۈزىمىزگىلا   ....ھازىر   نىمە  كېرەك  بولسا  ئوچۇق  دەۋىرىدىغان  بوپ  كەتتى   ،بىزمۇ  كۆنۈپ  كەتتۇق   ....

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8979
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36614
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7244 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 05:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەكتەپتە يوق، بىراق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمدا گۈل دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەپكىلىدۇ. مەنمۇ شۇنداق قىلمەن، بالامغا گۈل ئېلىپ بېرىمەن. بىراق مۇنداق ئۆزى تەلەپ قىلدىغانلارنىزە.
مېنىڭ نەزىرىمدىكى پەسلەر
1. ئوقۇغۇچىسىغا ساقال تاشلايدىغانلار.
2. دېۋانىلەر ئۇنى، بۇنى ئېلىپ بەر دەيدىغانلار.

بىراق بۇلار ئاز، ناھايتى ئاز، بۇنى باھانە قىلىپ  بارلىق مۇئەللىمگە تىل سالغانلار مۇناپىقلاردۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-31 06:21 PM  


باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74481
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3972
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 06:08:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ئاتا -ئانىلارمۇ مۇئەللىمگە تەشەبۇسكارلىق بىلەن سوۋغات بىرىپ ئۇلارنى يامان ئۈگىتىپ قويدى........... بۇ مەسئولىيەتنى پەقەت ئوقۇتقۇچىلاردىنلا كۆرۇش بىر تەرەپلىمە........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75074
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3762
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 09:41:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار  ئوقۇتقۇچىلار ئارسىدىكى  مىتىلەر خالاس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش