مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1678|ئىنكاس: 34

ئانىسىنى ئۇرغان بالا (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 1090
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 719 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:05:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                     ئانىسىنى ئۇرغان بالا
                                                           (ھېكايە)
                                                                                                                                                                                                                  ‹1›
- ئانا، قورسىقىم ئېچىپ كەتسە قانداق قىلىمەن؟
-مەن چايدىن كەلگۈچە چىداپ تۇر، قوزام، مەن ساڭا داستىخاندىن ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ئالغاچ كېلىمەن.
-دادام قاچان كېلىدۇ، ئەمسە؟
-داداڭ بىر دوستىنىڭكىگە ئولتۇرۇشقا كەتتى، سەن ئۇخلاپ قالغاندا كېلىدۇ.
-قورقسام قانداق قىلىمەن؟
-يەتتىگە كىرگەن يوغان بالىمۇ قورقامدۇ، تىلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇر، ئۇيقۇڭ كەلسە، ساپادا يېتىپ ئۇخلاۋەر.
                                                               <2>
-ئانا ماۋۇ ھېسابنى ئىشلىيەلمەيۋاتىمەن، چۈشەندۈرۈپ قويە.
-چۈشەندۈرۈشكە ۋاقتىم يوق مېنىڭ، سەن نېمىلەرنىڭ قارنىغا تاماق ئېتىمەن،دەپ ئىككى قولۇمنى ئۈچ قىلالمايۋاتسام، قارا بۇنىڭ ئادەمنى ئاۋارە قىلىمەن دېگىنىنى.
-ئانا، ئەتە ئاتا-ئانىلار يىغىنى بار ئىكەن.
-داداڭغا بارسۇن،مەن ئەتە دوستلىرىم بىلەن بازار ئايلانغىلى چىقىمەن.
-دادام ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا بارىمەن،دەيدۇ.
-ئۇنداق بولسا مۇئەللىمىڭگە ئانام ئاغرىپ قالغان، دادام قاراۋاتىدۇ دەپ قوي.
-...
                                                              ‹3›
-ئانا مۇئەللىم پۇل ئېلىپ كېلىڭلار، دالا پائالىيىتىگە ئېلىپ چىقىمىز، دېگەن
- تېخى تۈنۈگۈن كېيىم ئېلىۋەتكەن ئىكەنمەن، كېلەر ئايلىق مائاشىم چىققاندا بېرەي.
-بىراق دالا پائالىيىتىگە بەك چىققۇم بار ئىدى، دادامدىن ئېلىپ بەر بولمىسا.
-داداڭ ماڭا ھالقا ئېلىپ بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلغان، داداڭنى ئاۋارە قىلما.
- باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بارىدىكەن.
-سەن تېخى 14 ياشقا كىردىڭ، چوڭ بولغۇچە نەچچە قېتىم بېرىۋالىسەن، ئۇنداق يەرگە.
                                                              ‹4›
-نىمىشىقا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىڭ،  نەرىڭ 18ياشقا كىرگەن بالىغا ئوخشايدۇ سېنىڭ،ھە؟
-باشقىلارنىڭ ھەممىسى پايدىلىنىش ماتىرىيالى سېتىۋالغان،دەرستىن سىرت كۇرسلارغا قاتناشقان مەندە پۇل بولمىغاچقا شۇ...
-داداڭ ھەر ئايدا بېرىدىغان 30 يۈەن پۇلنى نېمىگە ئىشلەتكەن ئىدىڭ؟
-بەزى كەچلەردە دادام ئىككىڭلار  كەلمىگەچكە بازاردىن تاماق يىگەن.
-تاماق ئىتىشنى بىلەتتىڭغۇ
-توڭلاتقۇغا قارىسام، سەي-كۆكتات بولمىسا...
                                                                ‹5›
-نېمە جىنايەت بىلەن تۈرمىگە كېرىپ قالدىڭ؟
-ئانامنى ئۇرغان ئىدىم...
                                                                ‹6›
-دادا سەن شۇنچە يوغان تۇرۇپمۇ ئىشسىز قالامسەن؟
-ياخشى ئوقۇماپتىكەنمەن، بالام.
-ئەمسە مەنمۇ چوڭ بولغاندا ئىشسىز قالامدىم؟
-بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
-مەنمۇ ماتىماتكىدىن ئۆتەلمىدىم.
-ئەستەخپۇرۇللا شەيتان!

مەنبە: ئۆزەم

ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ( روزىمۇھەممەت ئىرپان )

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbar5 + 99 ئاچچىق تۇيغۇلار

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78060
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1009
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-3-28
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:43:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63337
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 534 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:44:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77951
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-26
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:49:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،ئۇستاز ! بۇ ھىكايىڭىز قىسقا بولسىمۇ لىكىن،ئەھمىيەتلىك ھەم جانلىق ئىبارىلەردىنكەن،بۇندىن كىينىمۇ قىممەتلىك تىمىلىرىڭىز يەنىمۇ مۇنبىرىمىز سەھىپىسىنى داۋاملىق يۇرۇتۇپ كەلگەي،رەھمەت سىزگە.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 831
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10164
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 1508 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:56:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ئاز قىسىم ئانىلارنى جانلىق ئىپادىلەپ بىرىپسىز.......راس شۇنداق ئانىلىرىمىزمۇ بار.........
بالا كىچىكىدىن تارتىپ ئانىنىڭ ياخشى تەربىيىسىنى ئالسا يامان يوللارغا مىڭىپ كەتمەيدۇ.
رەھمەت تىمىڭىزغا................ياخشى ئەسەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9747
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 5430 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:58:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز!ھارماڭ !!مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىللىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9747
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 5430 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:58:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز!ھارماڭ !!مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىللىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77372
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 333
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 12:07:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا -ئانلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ياخشى ئەكىس ئەتتۇرلۇپتۇ.مانا مۇشۇنداق ئاتا -ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئەنە ئاشۇنداق تەربىيلەيدۇ. لىكىن سەۋەنلىكنى يەنىلا پەرزەنتلىرىگە ئارتىپ قويدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68572
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 786
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2012-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 12:09:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ئالامەت ياخشى يىزىلغان ئەسەركەنغۈ بۇ،تىلى بەك ئۈتكۈركەن،تەپەككۇرىڭز ئۇيغاقكەن.قەلەم تۇتقان قۇللىرىڭزغا بەركەت تىلەيمەن.

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 2103
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 366
تۆھپە نۇمۇرى: 2846
توردا: 10325 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 12:14:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىنلىقى يۇقرى تەربىيۋى ئەھمىيەتلىك ھېكايىكەن.ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسسىلەرنى يۇرتۇپ بىرىپتۇ.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش