بۇ ئاتالمىش « مۇئەللەق تاش » توغرىسىدىكى تاشنىڭ رەسىمى بۇندىن تالاي يىللار بۇرۇن دىيارىم مۇنبىرىگە يوللانغان ۋاقىتتا نۇرغۇن تورداشلار ياقىسىنى چىشلىشىپ ئاللا - توۋلاشقان ئىدى . كىشىلىرىمىزنىڭ شۇنچىلىك ساددا ئىكەنلىگىدىن ھەيران قېلىش بىلەن بىرگە يەنە قاتتىق ئۈمۈتسىزلەنگەن ئىدىم ....
يەنە بىر قىسىم تورداشلار بۇنىڭ بىر ساختا رەسىم ئىكەنلىگى ئىسپاتلايمەن دەپ خېلى كۈچىگەن ئىدى .... مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدىم .
مەنمۇ بىرقانچە ساختا رەسىمنى كىرىشتۈرۈپ ئىنكاستا يوللىغان ، ئۇ رەسىملەر ھازىرمۇ بار ...
1 . ئېروسالىمدا بىر مۇئەللەق تاش بار بولۇپ ، ئۇ ھاۋادا لەيلەپ تۇرىدۇ ، تاشنىڭ ئوتتۇرىسىدا چەمبەر شەكىلدە بىر تۈشۈك بار .
2 . ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر تاغلىق كەنىتتە تاشقىي پىلانىت ئادىمى بايقالدى ، نەق مەيداندا نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ ۋەقەنى رەسىمگە تارتىۋالغان .
ئەمىليەتتە يوقارقى 1-پارچە رەسىمنى بولسا مەن ئەسلىدىمۇ ساختا بولغان مۇئەللەق تاشنى يەنىمۇ بۇرمىلاپ ئوتتۇرىسىدىن تۈشۈك ئېچىپ قويدۇم .
2- پارچە رەسىمدىكى تاشقىي پىلانىت ئادىمى ۋەقەسى 100% ئويدۇرما رەسىم بولۇپ ، ئوخشاشمىغان ئىككى پارچە رەسىمنى كىرىشتۈرۈپ ياسالغان ساختا كۆرۈنۈش ...
ئىشلىتىلگەن خام ماتىرياللار
ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت پەقەتلا تورداشلارنى كۆرگەنلا نەرسىگە ئىشىنىۋەرمەسلىككە دەۋەت قىلىش ئىدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Xaparang تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-31 01:21 AM