مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6699|ئىنكاس: 56

قاسىم سىدىق:خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ھوقۇقىنى ئىتراپ قىلىش لازىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 06:50:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىدىكى نازارەتچىلىك،قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئىتراپ قىلىش لازىم


قاسىم سىدىق


1



   خەلقنىڭ ئۆز «زىيالى»،«ئالىم»،«مۇتەخەسىس»،«پىرافىسۇر»،«دوكتۇر»لىرنىڭ قىلىۋاتقان «ئىلمى ئەمگەك»لىرىدىن خەۋەر تىپىش،نازارەت قىلىش،پىكىر قاتناشتۇرۇش ،ھەتتا تەتقىقاتقا قاتنىشىش،مۇستەقىل تەتقىقات ئىلىپ بىرىش ھوقۇقى بار.بۇنداق ھوقۇقنى ئىتراپ قىلىش ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇش،ئىلىم-پەننى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش ئۆچۆن پايدىلىق.

ئىھتىمال،يۇقۇرقى سەرلەۋھە بەزى كىشىلەرنى خاپا قىلىپ قويۇشى،بەزىلىرى مىنى ساۋاتسىزلىقتا ئەيىپلىشى مۇمكىن.
ئۇلارنىڭ «ھە»دىگەندىلا  «ئىلىم-پەن دىگەن مەخسۇس كەسپى ئىش تۇرسا،خەلق ئۇنىڭغا قانداق نازارەتچىلىك قىلالايدۇ،قانداقمۇ قاتنىشالايدۇ»دىيىشى تۇرغانلاگەپ.
شۇ سەۋەپتىن ئالدى بىلەن يۇقۇرقى تەشەببۇسۇمنىڭ ئاساسلىرى ئۇستىدە قىسقىچە تۇختۇلۇپ ئۇتىمەن.
1.«خەلق»دىگەن نىمە؟.خەلق ـ بەكمۇ كەڭ مەنىلىك ئۇقۇم.ئۇ،«زىيالى»،«ئالىم»،«مۇتەخەسىس»، «پىرافىسۇر»،«دوكتۇر»لاردىن تارتىپ بىر دۇلەت بىر رايۇننىڭ نىڭ بارلىق پۇقرالىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
2.ئادەتتىكى كەسىپتىن بىخەۋەر پۇقرالار كەسپى ئىشنىڭ تەپسىلاتلىرىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغىنى بىلەن نەتىجىسىنى سۇرۇشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.
3.نەتىجىلىرىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى خەلق چۇشۇنىدىغان تىلدا دوكىلات قىلىش«زىيالى»،«ئالىم»،«مۇتەخەسىس»،«پىرافىسۇر»،«دوكتۇر»لارنىڭ ۋەزىپىسى،مەجبۇرىيىتى.
4.«خەلق»ئىچىدە ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىنكار قىلش پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس.
5.پەن-تىخنىكىنى ئومۇمىلاشتۇرۇش پەقەت خەلقنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
6.باشقىلار.

2



  باج تۆلىگۆچى خەلقنىڭ ھۆكۆمەت خىراجىتى بەدىلىگە ھەقلىق تەتقىقات،ئۇقۇتۇش ...ئۇقۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بولغان نازارەتچىلىك ھوقۇقى تارتىپ ئىلىنسا ياكى ئىتىراپ قىلىنمىسا شۇ ساھەلەرنىڭ سۇپەت ۋە ئۆنۆمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.ئەمىلى ئۆنۆم- خەلق ئەڭ تەلپۆنىدىغان ۋە چۆشۇنەلەيدىغان مەسىلە.پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار جەزمەن ئەمىلى ئۆنۆم دوكىلاتى بىرەلەيدىغان بولىشى كىرەك.دۆلەت مەخپىيەتلىگىگە چىتىشلىق بولمىسىلا ئاشكارىلاپ،خەلقنىڭ دوكىلاتتىكى مەزمۇنلارنىڭ چىن ياكى ساختىلىغىنى بىلىش، تەكشۇرۇش،پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى ئىتىراپ قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىش كىرەك.بىر قانۇن-تۆزۆملۆك جەمىيەتتە بۇنداق ھوقۇقنى تارتىۋىلىشقا،ئىتىراپ قىلماسلىققا ئەسلا بولمايدۇ.
خەلق بۇ كىشىلەردىن«نىمە ئىش قىلدىڭ؟»،«قىلغان ئىشىڭنىڭ قانداق ئەمىلى  ياكى نەزەريەۋى قىممىتى بار؟»،«مەن قىلدىم دەۋاتقان بۇ ئىشلىرىڭنى سەن مۇستەقىل قىلدىڭمۇ ياكى باشقىلار ئىلگىرى قىلىپ بولغانمۇ؟»،«ئوخشاش تۆردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىچىدە، سىنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجەڭنىڭ قانداق ئەۋزەللىگى بار؟»،«نەتىجە تۆلەنگەن بەدەلگە چىقىش قىلالامدۇ؟»...دىگەندەك سۇئاللارنى سورىيالايدىغان ،جاۋابىغا ئىرىشىپ بۇ جاۋاپنىڭ توغرا -خاتالىغىنى تەكشۆرۆپ نازارەت قىلالايدىغان بولىشى لازىم.
ھازىر دۆلىتىمىزدە ئىلىم -پەندىكى چىرىكلىكنىڭ سۆكۆت قىلغىلى بولمايدىغان يەرگە يەتكەنلىگى ھەققىدە ھۆكۆمەت تەرەپ ئاخباراتلىرىدا ئاز بولمىغان ئۇچۇرلار تارقالماقتا.بۇنىڭ سەۋەپلىرى ئەلۋەتتە ئاز ئەمەس،ھۆكۆمەتنىڭ فۇنكىسيىلىك تارماقلىرى يىتەرلىك بولماسلىق،رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماسلىقتىن باشقا خەلقنىڭ نازەرەتچىلىك ھوقۇقىنى قوزغاتماسلىق،ھۆرمەت قىلماسلىق نورغۇن سەۋەپلەر ئىچىدىكى مۇھىم بىر سەۋەپ.

3



«خەلق»بىلەن«زىيالى»لارنى كەسكىن مەنىدە ئىككى لاگىرغا ئايرىۋتىش تىگى تەكتىدىن ئالغاندا بىر زىدىيەتلىك مەسىلە.زىيالىلار خەلىقنىڭ تەركىۋى قىسمى بولۇپ بۇيەردىكى پەرىق پەقەت ئىش تەقسىماتى ۋە مەخسۇسلىشىشتىكى پەرىقتىنلا ئىبارەت.مەيلى قانۇنى،مەيلى ئەخلاقى نۇقتىدىن ئىتايلى «پۇقرالىق پەرقى» بولمايدۇ ۋە بولماسلىغى كىرەك.
«زىيالى»لىق بىر خىل ئالاھىدە ئىمتىياز ئەمەس.ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ بىر خىل مەجبۇرىيەتتۇر.«مەجبۇرىيەت»دىيىشىمدىكى سەۋەپ «زىيالى»بولغان ئىكەنسىز«نەتىجە»ڭىز بولىشى كىرەك.دىھقاننىڭ،باغۋەننىڭ،..ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ  نەتىجىسى بولغىنىغا ئوخشاش ياراتقان خاس نەتىجىڭىز بولىشى كىرەك.دىھقان دىھقانچىلىق مەھۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقىرىپ ئۇزىنى ۋە جەمىيەتنى قامدىغىنىدەك «زىيالى»لارنىڭمۇ ئۇز«مەھسۇلاتى»بولىشى،بۇ«مەھسۇلات»لارئىلىم-پەن ۋەجەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۆرۆشكە پايدىلىق بولىشى لازىم.
ئىشلەپ چىقارغان دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى يوق ئادەمنى دىھقان ئاتاشقا بولمىغىنىدەك،ئىلمى نەتىجىلىرى يوق ئادەمنى «زىيالى»ئاتاشقا بولمايدۇ.دىھقان ھىچبولمىغاندا ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىگىگە  يەتكىدەك ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىپ جەمىيەتكە يۆك بولمايدۇ.ھۇكۇمەت خىراجىتى بىلەن قالپاققا ئىرىشكەن ۋە مۇئاش ئىلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان«زىيالى»لارئەگەر نەتىجە ياراتمىسا خەلىققە يۆك بولغىنى بولغان،چۆنكى ئۇلارنى ئوقۇتۇپ شۇ مۇقامغا يەتكۆزگەن،ھازىرقى شۇ كۇرىستا ئۇلتۇرغۇزغان خەلىقنىڭ پۇلى،خەلىقنىڭ قان-تەرى.«زىيالى»لاردا جەمىيەتكە بولغان قەرىزدارلىق تۇيغۇسى يوقاپ كەتسە ياكى بۇنداق تۇيغۇ زادىلا مەۋجۆت بولمىسا ئىشنىڭ بۇزۇلغىنى شۇ.
بۇ يەردە ھەممە ئادەم چۆشۆنەلەيدۇ دىيىشكە بولىدىغان بىر ئاددى ھىساپ بار.ئۇ بولسىمۇ سىزدەك بىر«زىيالى»نى ھازىرقى ھالىڭىزغا ئەكەلگىچە خەلق سىزگە قانچىلىك پۇل خەجلىدى،ھازىر يەنە قانچىلىك پۇل خەجلەپ سىزنى بىقىۋاتىدۇ؟ـــــــــــــ مانا بۇلار بەدىلىگە سىز نىمە نەتىجە ياراتتىڭىز؟،بۇ «نەتىجە»ڭىز نىڭ خەلق بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟دىگەنلەرگە توغرا جاۋاپ بىرىش.
ھەدىسىلا خەلقنى «ساۋاتسىز»لىقتا،«نادان»لىق»تا ئەيىپلەپ ،سېسىق كىبرىنى كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم بىلەرمەنلەرخەلقنىڭ مۇشۇنداق ئاددى ھىساۋىغا مەڭدىمەي جاۋاپ بىرەلىشى ناتايىن.
خەلق ئۆز ئەمگەك نەتىجىلىرى بىلەن سىزنى تەربىيىلەپ ھازىرقى«زىيالى»لىق كۇرسىغا ئولتۇرغۇزۇش بىلەنلا قالماي،يەنە مۇئاش بىرىىۋاتقان ئىكەن ،سىز مەلۆم مەنىدە خەلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھىساپلىنىسىز.دىمەك ئەمدى سىز ئۆزىڭىزنىڭ نەتىجىڭىزنى كۆرسۆتۆڭ.«نەتىجە»سۆرۆشتۆرۆدىغان بۇنداق ھىساپ -كىتاپقا خەلق ئەڭ ئۇستا ۋە ئەڭ ئامىراق،سىزمۇ ئامىراقمۇ؟،سىزنىڭ ئامىراق بولىشىڭىز ناتايىن!.
سىز ئەگەر بىر«زىيالى» بولسىڭىز شۇنى ئۇنتۇماڭكى؛ سىز بىلەن خەلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىگە ئۇخشۇشۇپمۇ كىتىدۇ.سىزنىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا خەلىقتىن ئۆستۆن تۇرىشىڭىز،ئايرىلىپ«مۇستەقىللىق»جاكالىشىڭىز مۆمكىن ئەمەس.ماھىيەتلىك ھىساپ-كىتاپتا سىز ھامان پاسسىپ ئۇرۇنغا چۆشۆپ قالىسىز،پەقەت سىزدىن مۇشۇنداق بىر ھىساپ ئىلىنمىغانلىغى ئۆچۆنلا بەزى خام خىياللارغا ئەسىر بولۇپ قالدىڭىز،شۇ!.


2012.2.21


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8827


ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7426 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 07:53:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر ئەھلىدىن بىر سوراي .
سۇئال: قاسىم سىدىن كىم ؟
يىقىندىن بىرى توردا ھەرخىل تىمىلاردا ، قاسىم سىدىق دىگەن ئاپتۇرنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلۋاتىدۇ .
بۇ ئادەم پەننىڭ ئومىميسىدا تەربىيلەنگەنمۇ ؟
مەن تازا بىلىپ كەتمىدىم . شۇڭا تور ئەھلىدىن سوراپ باقاي . تۆۋەنچىلىك بىلەن پىقىرزات

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

قان ئىچدە قان ......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3301
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 07:55:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىمنى ئىتىراپ قىلسام مەيلى ، لىكىن سىزنى ۋاقتىنچە ئىتىراپ قىلمايمەن ، نىمىشقا ؟ سىزنىڭ كاللىڭىزنىڭ دەردى بارمۇ ؟ئاغتەپ قالمىغانسز ؟  مەن تېخى سىزنى تىرىشىپ ھىلىقى ئشىلارنى قىلۋاتدۇ دىسەم ......
سىزگە دەپ قۇياي مىستې   ق . ئىككى تۇخۇنى تەڭ قۇغلىغان ئىت بىرەرسىنىمۇ تۇتالمايدۇ !
شۇڭا سىز باشقا ئشلارنى قۇيۇپ ئەسلىدىكى تەتقاتڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ !

سۆز قۇپال كۆڭۆل تۈز!~
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قان. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-30 07:57 PM  


كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !

قان ئىچدە قان ......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3301
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 07:59:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-30 07:53 PM
مۇنبەر ئەھلىدىن بىر سوراي .
سۇئال: قاسىم سىدىن كىم ؟
يى ...

بۇ ئاداش تىل ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى ، فىزىكا ئىلمىدە ئىزدەنگۈچى ! ئېيتنىشتىين بىلەن نىيوتۇنغا  جەڭ ئېلان قىلغۇچى ، ئەگەر مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ۋاقىت ئىسراق قىلسا ئاخىردا قاتتىق مەغلوپ بولغۇچى!

كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7426 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 08:05:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەپەندىمنىڭ يازغان ماقالىسى بەكمۇ تولا ، كۆپ تەرەپلىمە ئ

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2533
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2661 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 08:07:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توقماق قاسىم سېدىق ئۆزى شۇمىدۇ

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 08:22:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقۇرقى تېمىدا خاتا تەشەببۇس ۋە نۇقسانلار بولسا تورداشلارنىڭ كۆرسىتىپ بىرىشىنى ئۆمىت قىلىمەن.


  ـــــــــــــــــــ توقماق
2012.3.30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-30 08:23 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71880
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4034
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 08:44:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2012-3-30 08:22 PM
يۇقۇرقى تېمىدا خاتا تەشەببۇس ۋە نۇقسانلار بولسا توردا ...

مەن سىزنى يۈز پىرسەن قوللايمەن
فىزىكىنى چۈشەنمىسەممۇ سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزدىن تىرىشچانلىق جۇشقۇنلۇق ئىجادچانلىق قاتارلىق ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغان تەرەپلەرنى بايقىدىم
نىيوتون ئىينىشتىيىن دىگەنلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى پەلەمپەي قىلىپ ئۇلارنىڭ بېشىغا دەسسەپ ئۇلاردىن ئىشىپ كىتىشىڭىزنى ھەتتا شۇلار ھايات بولسا سىزگە ھەۋەس قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن   ئىشلىرىڭىزغا مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نيوتۇن ئىينىشتىيىن دىگەنلەر ھىچكىم تەڭ كىلەلمىگۈدەك گگانت ئالىم بۇ قاراش ئىجادىيەتچانلىققا قارشى ناركوز ئوكۇلى بولۇپ تەتققاتچىلارنى چۈشكۈنلۈككە باشلايدۇ

بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7649
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 09:08:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاسىم سىدىق ھەقىقى ئىزدەنگۈچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 10:33:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەلق گېزىتى:ئەل ئىچىدىكى پەن تەتقىقاتقا سەل قاراشقا بولمايدۇ!

..............................

ئەل ئىچىدىكى پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قەدەملىرىگە نەزەر ئاغدۇرساق، ئۇلارنىڭ«مەخپىيتى»نى بىلەلەيمىز: ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بولغاچقا،ھېرىپ-چارچاش ئېغىر كەلمەيدۇ،قاتتىق ئورۇندۇقتا بېسىپ ئولتۇرۇشتىن قورقمايدۇ،ئۇزۇنغا چىدايدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىسىلسۇن ياكى باشقىلارنىڭ سوغۇق نەزىرى،مەسخىرىسىگە ئۇچرىسۇن،ئىرادىسى تەۋرىمەيدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-30 11:26 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش