(ئوقۇتۇش ھەققىدە مۇلاھىزە)
قاچانلاردىندۇر قايسى بىر ماتىريالدىن ‹‹ مۇئەللىم بالامنى ماختاپ قۇيۇڭ ›› دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇغىنىم ئىسىمدە . بۇ بىر ئانىنىڭ ئىلتىجاسى بولۇپ‹‹مۇئەللىم مىنى پەقەت ماختىمايدۇ، باشقا بالىلارنى ماختايدۇ›› دەپ ئەرزىيەت ئېيتىپ كەلگەن ماختالغۇسى بار بىر سەبىنىڭ كوڭۈلدىكى گەپلېرى دېيىلگەن ماقالە ئىدى . شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭمۇ دەرسخانا ئەمەلىيىتىم، ئوقۇتۇش ئۇسولۇمدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى . ھەر سائەتلىك دەرستىن ئاۋۋال ئېلىنىدىخان ئېغىزچە سىناقلار، چوڭ – كىچىك ئىمتىھانلار، دەرس ئارىلاپ .ىلىپ بېرىلىدىغان مۇلاھىزىلەرگىچە بالىلارنى كۆپرەك ماختايدىغان ، توغرا جاۋاب بەرسىمۇ ماختايدىخان ، ئازراق توغرا جاۋاپ بەرسىمۇ ماختايدىغان ، ھەتتا خاتا جاۋاب بەرسىمۇ ماختايدىغان بولدۇم. ماختىغاندىمۇ قالتىس ماختايدىغان‹‹ سىز بەك ئەقىللىق ئىكەنسىز›› ، ‹‹ئىنكاسىڭىز بەك تېز ئىكەن›› ،‹‹دېگەنلېرىڭىز شۇنداق توغرا بولدى ،سىزدە ئۈمىد زور ، كەلگۆسىدە ئاسپىرانت ، دوكتور بولۇپ كەتكۇدەكسىز›› مۇشۇنداق ماختاشلار بىلەن بىر مەزگىل دەرسخانام شۇنداق جانلىنىپ كەتكەندەك ، بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم شۇنداق جانلىنىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم . ئەمما بۇ خىل كەيپىيات ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشمىغاندەك قىلاتتى ، نېمىشقىدۇر مەن ماختىغان ھېلىقى بالىلار مەندىن كۆندىن – كۆنگە تەدرىجى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۋاتقاندەك ، سوئال سوراشلېرىمغا بولغان قىزغىنلىغى ئاستا - ئاستا سۇسلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىشكە باشلىدى.
‹‹ بۇ قانداق گەپ بولدى ؟ ›› دەيتتىم ئۆزۈمگە. شۇنداق قىلىپ ،قارىسىغا ، بۇلۇشىغا ، ھە دېگەندە ماختاۋەرسىڭىز يۇشۇرۇن رەۋىشتە مەغلۇپ بولغاندەك قىلىۋاتاتتى . سەۋەبىنى دەماللىققا زادىلا بىلەلمىدىم ، كېيىن بەزى بالىلارنىڭ ئىنكاسىدىن ھېس قىلىشىمچە زىيادە ماختالغان ھېلىقى بالىلارنى باشقا بالىلار ‹‹ ھەي ئاسپىرانت ، ھەي دوكتور ›› دەپ مەسخىرە قىلىپتۇ. ئېھتىمال بۇمۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى بۇلۇشى مومكىن.
شۇنداق قىلىپ مەن بۇ ئىشنىڭ باشقا تەرەپ ، باشقا سەۋەپلېرى ھەققىدىمۇ ئويلىنىشقا كىرىشتىم .
بايقىشىمچە بالىلارنىڭ ماڭا ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئەسلىدە زىيادە ماختاشلار تۈپەيلى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ . ئةسلىدە ئۇلارنىڭ بۇنداق مەقسەتسىز ، سەۋەپسىز ھېسداشلىق خاراكتىرىدىكى ساختا ماختاشلارغا نارازىلىقى بار ئىكەن . توغرھ جاۋاب بەرسىمۇ ، خاتا جاۋاب بەرسىمۇ ماختىسا بۇلىۋېرىدىخان بۇنداق ئەرزان باھالىق ماختاشلاردىن ئۇلار راستىنلا زېرىكىپتۇ . نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى بىلگۈسى بار ئىكەن ، توغرا جاۋاپلاردىن ھوزورلانغۇسى ، خاتا جاۋاپلاردىن ئۇڭايسىزلانغۇسىبار ئىكەن ، مانا بۇ بالىلاردىكى ئەڭ تەبىئى ، ئەڭ ئاددى بولغان ھەققانىيەت تۇيغۇسى . بىز ئوقۇتقۇچىلار بالىلار بىلەن ئىككى تۆت ئېغىز ياخشى سۆز قىلىپ ، مۇڭدۇشۇپ قۇيۇپلا ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئارخىپلىرىنى كۆرۈپ بولدۇم دەپ ئويلايدىكەنمىز. ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس ئىكەن . بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىقات يۈرگۈزۈپ ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى ئىنسانىي روھىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرىشىمىزغا توغرا كىلىدىكەن .
شۇنىمۇ ئېتراپ قىلماي بولمايدۇكى : بالىلارنى ئەنە شۇنداق زىيادە ماختاش مۇنداق ئىككى .
بىرىنچى:قابىل ئوقۇتقۇچىلار قابىل ئوقۇغۇچىلاردىن سۈيۈنۈپ كەتكەندە.
ئىككىنچى: ‹‹ناقابىل ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشتا ئاجىزلىق ھېس قىلىپ ، ئوزىنى نىقاپلاۋاتقاندا ، نىمىلا بولمىسۇن ھە دىسىلا ئوقۇغۇچىلارنى ماختاۋېرىش توغرا ئىش ئەمەس .››
دىمەك دەرسخانا ماختاش سورۇنى ، گۇپپاڭچىلىق سورۇنى ئەمەس بەلكى دەرس ئۆتۈش ،مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش،توغرىنى توغرا ، خاتانى خاتا دەيدىخان ، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ھەق – ناھەق تۇيغۇسىنى، ئەقلى – قابىليىتىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش مەيدانى.
ئەگەر خىلاپلىق قىلساق با لىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن، يۈكسەك ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulrayhan5balik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-30 04:54 PM