سۈرە تەرتىبى | سۈرە ئىسمى | مەنىسى | ئاتىلىش سەۋەبلىرى |
1. | فاتىھە | مۇقەددىمە،ئاچقۇ | بۇ سۆزنىڭ جەمئىي 12 ئىسمى بار. <<قۇرئان كەرىم>> ۋە نامازلارمۇ مۇشۇ سۈرە بىلەن باشلىنىدۇ. |
2. | بەقەرە | كالا | كالا ۋەقەسى بايان قىلىنغان (67__73 –ئايەتلەر) |
3. | ئال ئىمران | ئىمران ئائىلىسى | ئىمران (ھەزىرتى مەريەمنىڭ ئانىسى) ئائىلىسىنىڭ پەزلى بايان قىلىنغان. (35__55 –ئايەتلەر) |
4. | نىسا | ئاياللار | ئاياللار ھەققىدىكى ئەھكاملار كۆپ |
5. | مائىدە | داستىخان | ھەۋارىلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاسماندىن "ئۈستىدە تاماق بار داستىخان" چۈشۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. (112__115 -ئايەتلەر) |
6. | ئەنئام | چاھارپايلار | چاھارپايلارنىڭ ھالال-ھاراملىرى بايان قىلىنغان. (136__146 –ئايەتلەر) |
7. | ئەئراف | جاي نامى | جەننەت بىلەن دوزاخ ئوتتۇرىسىدىكى پاسىل، يەنى ئەئراف زىكىر قىلىنغان(48__49 –ئايەتلەر) |
8. | ئەنفال | غەنىمەت(ئولجا) | غەنىمەت تەقسىماتى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن باشلانغان. |
9. | تەۋبە | تەۋبە | تەۋبە ياكى ئازابنى تاللاش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان(بۇ سۈرىنىڭ جەمئىي 14 ئىسمى بار) |
10. | يۇنۇس | كىشى ئىسمى | يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان(98-ئايەت). |
11. | ھۇد | كىشى ئىسمى | ھۇد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان(50__60 –ئايەتلەر). |
12. | يۈسۈف | كىشى ئىسمى | يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان. |
13. | رەئد | چاقماق | چاقماق قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان(13-ئايەت). |
14. | ئىبراھىم | كىشى ئىسمى | ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان(35__41 –ئايەتلەر). |
15. | ھىجر | جاي ئىسمى | سالىھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھىجر دېگەن جايدا ياشايدىغان قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان(80__82 –ئايەتلەر) |
16. | نەھل | ھەسەل ھەرىسى | ھەسەل ھەرىسىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان(68__69 –ئايەتلەر). |
17. | ئىسرا | كېچىلىك سەپەر | رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ سەپىرى بىلەن باشلىنىدۇ. |
18. | كەھف | غار | ئەسھابۇل كەھف قىسسىسى بايان قىلىنغان(9__26–ئايەتلەر). |
19. | مەريەم | كىشى ئىسمى | ھەزىرتى مەريەم ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىلىرى بايان قىلىنغان(16__37–ئايەتلەر). |
20. | تاھا | رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمى | رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ ئىسمى بىلەن باشلانغان. |
21. | ئەنبىيا | پەيغەمبەرلەر | بىر بۆلۈك پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىدىن قىسقىچە ئومۇمىي بايان بېرىلگەن. |
22. | ھەج | ھەج | ھەجگە ئالاقىدار بايانلار بار(25__37-ئايەتلەر) |
23. | مۆئمىنۇن | مۆمىنلەر | مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن باشلانغان. |
24. | نۇر | نۇر | ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ نۇرى ئىكەنلىكى... بايان قىلىنغان(35__40-ئايەتلەر). |
25. | فۇرقان | ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچى | <<قۇرئان كەرىم>> ھەققىدىكى بايانلار بىلەن باشلانغان. |
26. | شۇئەرا | شائىرلار | شائىرلار ھەققىدىكى بايانلار بار(225__227-ئايەتلەر). |
27. | نەمل | چۈمۈلە | چۈمۈلە قىسسىسى بايان قىلىنغان(18__19-ئايەتلەر). |
28. | قەسەس | قىسسەلەر | مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىدىن، تا پەيغەمبەرلىكىگىچە بولغان ۋەقەلىكلەر مۇپەسسەل بايان قىلىنغان. |
29. | ئەنكەبۇت | ئۆمۈچۈك | مۇشرىكلارنىڭ مەبۇد قىلىۋىلىشقان بۇتلىرى ئۆمۈچۈكنىڭ ئاجىز ئۆيىگە ئوخشىتىلغان(41-ئايەت). |
30. | رۇم | ۋىزانتىيە | <<قۇرئان كەرىم>> مۆجىزىلىرىدىن، رۇملۇقلارنىڭ بىر نەچچە يىل ئىچىدە يېڭىدىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن(2__5-ئايەتلەر). |
31. | لوقمان | لوقمان ھەكىم | لوقمان ھەكىمنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان(13__19-ئايەتلەر) |
32. | سەجدە | سەجدە | بىر سەجدە ئايىتى بار(15-ئايەت). |
33. | ئەھزاب | قوشۇنلار | مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى توپ-توپ بولۇپ ئۇيۇشقانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان(9__27-ئايەتلەر). |
34. | سەبەئ | قەۋم ئىسمى | يەمەندىكى سەبەئ قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان(15__21-ئايەتلەر). |
35. | فاتىر | ياراتقۇچى | ئاللاھنىڭ مەزكۇر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان. |
36. | ياسىن | ي،س ھەرىپلىرى | ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى مەزكۇر ئىككى ھەرپ بىلەن باشلانغان. |
37. | ساففات | سەپراس قوشۇن | مەزكۇر سۈپەتتىكى مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
38. | ساد | "پ" ھەرىپى | ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى مەزكۇر ھەرپ بىلەن باشلانغان. |
39. | زۇمەر | جامائە | مۆمىنلەر جامائەسى ۋە كۇففارلار جامائەسى سېلىشتۇرۇلغان. |
40. | غافىر | مەغپىرەت قىلغۇچى | سۈرە بېشىدىلا ئاللاھنىڭ مەزكۇر ئىسمى زىكىر قىلىنغان. |
41. | فۇسسىلەت | مۇپەسسەل بايان | قۇدرىتى ئىلاھىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر مۇپەسسەل بايان قىلىنغان. |
42. | شۇرا | كېڭەش | كېڭەشنىڭ ئىسلامدىكى ئالاھىدە ئورنى بايان قىلىنغان. |
43. | زۇخرۇف | زىبۇزىننەت | باقاسى يوق دۇنيا نېمەتلىرى پارقىراق زىبۇزىننەتكە ئوخشىتىلغان ۋە ئۇنىڭدىن دۇنيادا كۇففارلارنىڭمۇ بەھرىلىنىدىغانلىقى، ئاخىرەتتە مۆمىنلەرگىلا خاس بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. |
44. | دۇخان | تۈتۈن | ئاللاھ كۇففارلارنى رەسۇلۇللاھقا تەكزىب قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن تۈتۈن بىلەن قورقۇتقان(10-ئايەت). |
45. | جاسىيە | تىزلانغان(قەۋم) | قىيامەت كۈنىدە ھەربىر قەۋمنىڭ قورقۇنچتىن تىزلىنىپ تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان(28-ئايەت). |
46. | ئەھقاف | جاي ئىسمى | ئەھقافتىكى ئاد قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. |
47. | مۇھەممەد | كىشى ئىسمى | جىھاد ھەققىدە بايانلار بار. بۇ سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. |
48. | فەتىھ | ئازاد قىلىش | مەككىنىڭ فەتىھ قىلىنىدىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن. |
49. | ھۇجۇرات | ھۇجرىلار | رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھۆرمىتى بايان قىلىنغان. |
50. | قاف | "ق" ھەرىپى | ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى شۇ ھەرپ بىلەن باشلانغان. |
51. | زارىيات | سورىغۇچى | تۇپراقنى سورىغۇچى شاماللار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
52. | تۇر | تۇر تېغى | تۇر تېغى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
53. | نەجم | يۇلتۇز | يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
54. | قەمەر | ئاي | باشتىلا "ئاي يېرىلىش ۋەقەسى" زىكىر قىلىنغان. |
55. | رەھمان | ناھايىتى شەپقەتلىك | ئاللاھنىڭ مەزكۇر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان. |
56. | ۋاقىئە | زور ۋەقە | قىيامەت ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان. |
57. | ھەدىد | تۆمۈر | تۆمۈرنىڭ خۇسۇسىيىتى بايان قىلىنغان(25-ئايەت). |
58. | مۇجادەلە | تاكاللىشىش | زىھار قىلغان بىر ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئېرىدىن شىكايەت قىلغان ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان. |
59. | ھەشر | سۈرگۈن | بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان(3-ئايەت). |
60. | مۇمتەھىنە | سىنالغان ئايال | ھۇدەيبىيە سۈلھىسى مەزگىلىدە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىنلەرنى سىناپ ئېلىپ قېچىش، كۇففارلارغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك بايان قىلىنغان(10-ئايەت). |
61. | سەپ | سەپ، قاتار | كۇففارلارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جىھاد قىلغانلار مەدىھىيىلەنگەن.(4-ئايەت). |
62. | جۇمۇئە | جۈمە | جۈمە نامىزىغا دائىر ئەھكاملار بار(9__11-ئايەتلەر). |
63. | مۇنافىقۇن | مۇناپىقلار | مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى-بەشرىسى ئېچىپ تاشلانغان. |
64. | تەغابۇن | زىيان تارتىش | كۇففارلارنىڭ قىيامەتتە زىيان تارتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان(9__10-ئايەتلەر). |
65. | تەلاق | تالاق | تالاققا دائىر ئەھكاملار بايان قىلىنغان. |
66. | تەھرىم | ھارام قىلىۋىلىش | رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئاياللىرىنىڭ رازىلىقىنى ئىزلەپ، دېدىكى مارىيەگە يېقىنلىشىشنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋالغانلىقى ئەيىبلەنگەن. |
67. | مۈلك | ئىگىدارچىلىق | پۈتۈن ئىگىدارچىلىقنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكى بىلەن باشلانغان. |
68. | قەلەم | قەلەم | باشتىلا قەلەم بىلەن قەسەم قىلىنغان. |
69. | ھاققە | بولۇشى مۇقەرەر | قىيامەتنىڭ ئەھۋاللىرى بىلەن باشلانغان. |
70. | مائارىج | ئاسمان شوتىلىرى | ئاللاھنىڭ ئاسمان شوتىلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان(3-ئايەت). |
71. | نۇھ | كىشى ئىسمى | نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى مۇپەسسەل بايان قىلىنغان. |
72. | جىن | جىن | جىنلار ھەققىدە بىرقەدەر تەپسىلى مەلۇمات بار. |
73. | مۇزەممىل | كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى | رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈپىتى بىلەن باشلانغان. |
74. | مۇدەسسىر | كىيىمگە پۈركىنىۋالغۇچى | رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈپىتى بىلەن باشلانغان. |
75. | قىيامەت | قىيامەت | قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
76. | ئىنسان | ئىنسان | ئىنساننىڭ يارىتىلىشى بىلەن باشلانغان. |
77. | مۇرسەلات | لەرزان(شاماللار) | شاماللار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
78. | نەبە | ئۇچۇر | قىيامەت، قايتا تىرىلدۈرۈش... ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن. |
79. | نازىئات | سۇغۇرۇۋالغۇچى | شۇ سۈپەتلىك مالائىكىلەر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
80. | ئەبەسە | تەرىنى تۈرۈش | رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئاڭلىغىلى كەلگەن ئابدۇللا ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمغا تەرىنى تۈرگەن ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان. |
81. | تەكۋىر | (نۇرى)ئۆچۈش | قىيامەتتە قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچىدىغانلىقى بىلەن باشلانغان. |
82. | ئىنفىتار | يېرىلىش | قىيامەتتە ئاسمان يېرىلىدىغانلىقى بىلەن باشلانغان. |
83. | مۇتەففىفىن | تارازىدا كەم بەرگۈچىلەر | تارازىدا كەم بەرگۈچىلەر ئاگاھلاندۇرۇلۇپ باشلانغان. |
84. | ئىنشىقاق | يېرىلىش | قىيامەتتە ئاسمان يېرىلىدىغانلىقى بىلەن باشلانغان. |
85. | بۇرۇج | ئاسمان بۇرۇجلىرى | بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
86. | تارىق | يورۇق يۇلتۇز | باشتىلا يورۇق يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلىنغان. |
87. | ئەئلا | ھەممىدىن ئۈستۈن | ئاللاھنىڭ مەزكۇر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان. |
88. | غاشىيە | ھەممىنى ئوراپ ئالغۇچى | قورقۇنچ ھەممىنى ئوراپ ئالىدىغان قىيامەت ئەھۋاللىرى سۆزلەنگەن. |
89. | فەجر | تاڭ، سۈبىھى | سۈبىھى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
90. | بەلەد | شەھەر | مەككە شەھرى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
91. | شەمس | قۇياش | قۇياش بىلەن قەسەن قىلىنىپ باشلانغان. |
92. | لەيل | كېچە | كېچە بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
93. | زۇھا | چاشكا | چاشكا ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
94. | ئىنشىراھ | ئېچىۋىتىش | ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىنى ئىمانغا ئېچىۋىتىپ، دىلىنى ھېكمەت بىلەن تولدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. |
95. | تىن | ئەنجۈر | ئەنجۈر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
96. | ئەلەق | لەختە قان | ئىنساننىڭ لەختە قاندىن يارىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان. |
97. | قەدر | قەدرى كېچىسى | قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، خاسىيىتى بايان قىلىنغان. |
98. | بەييىنە | بۇرھان، ھۆججەت | ئەھلى كىتابتىن كۇففار بولغانلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ <<قۇرئان كەرىم>> كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن يانمىغانلىقى بايان قىلىنغان. |
99. | زەلزەلە | تەۋرەش | قىيامەتتە زىمىن قاتتىق تەۋرىتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. |
100. | ئادىيات | ئاتلىق(قوشۇن) | ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى ئاتلار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
101. | قارىئە | چەككۈچى | قورقۇنچلۇقى بىلەن دىللارنى چېكىدىغان قىيامەتنىڭ ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان. |
102. | تەكاسۇر | پەخىرلىنىش | مال-دۇنيا، پەرزەنتتىن پەخىرلىنىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان. |
103. | ئەسىر | ئەسىر، زامان | ئەسىر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان. |
104. | ھۇمەزە | بوھتان چاپلىغۇچىلار | بوھتان چاپلىغۇچىلارنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. |
105. | فىل | پىل | "كەئبە شەرىف"نى ۋەيران قىلىش قەستىدە قوشۇن باشلاپ كەلگەن پىل ئىگىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى سۆزلەنگەن. |
106. | قۇرەيىش | قەبىلە نامى | ئاللاھنىڭ قۇرەيىشكە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ئەسلىتىلگەن. |
107. | مائۇن | قولقا | كىشىلەرگە پالتا، كەكە، يىپ-يىڭنە... چاغلىق نەرسىلەرنى بەرمەيدىغان كىشىلەر ئەيىبلەنگەن. |
108. | كەۋسەر | ھەۋزى كەۋسەر | رەسۇلۇللاھقا ھەۋزى كەۋسەر ئاتا قىلىنغانلىقى سۆزلەنگەن. |
109. | كافىرۇن | كاپىرلار | كۇپپارلار رەسۇلۇللاھتىن، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بىر يىل، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلاھىغا بىر يىل ئىبادەت قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇلارغا رەددىيە سۈپىتىدە نازىل بولغان. |
110. | نەسر | نۇسرەت | مەككىنىڭ فەتىھ قىلىنىدىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن. |
111. | مەسەد | چىگە | ئەبۇ لەھەبنىڭ سۇخەنچى خوتۇنىنىڭ بوينىدا چىگىدىن ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. |
112. | ئىخلاس | ئىخلاس | ئاللاھنىڭ بىرلىكى، تەڭداشسىزلىقى... سۆزلەنگەن. |
113. | فەلەق | سۈبھى | سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا سېغىنىپ مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەنگەن. |
114. | ناس | ئىنسانىيەت | ئىنسانلارنىڭ رەببى، پادىشاھى، ئىلاھى ئاللاھقا سېغىنىپ جىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەنگەن. |