مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1422|ئىنكاس: 22

قاسىم سىدىق:«كۆرۇنمە ھەجىم»، «قاپلاش» ۋە مەسىلىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:13:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«كۆرۇنمە ھەجىم»،  «قاپلاش» ۋە مەسىلىلەر


قاسىم سىدىق


1


  بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا يولۇقتۇرغان، كۆرگەن جىسىملارنىڭ خىلمۇ-خىل «شەكىل»گە ۋە «ھەجىم»گە ئىگە بولدىغانلىقىنى، ئۇلار پەقەت«شەكىل» ۋە «ھەجىم»گە ئىگە بولدىغانلقى ئۇچۇنلا بىز ئۇلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىمىزۋە ئۇلارنى تۇتۇپ پايدىلىنالايدىغىنىمىز ئەقەللىي ساۋات.

بىز يەنە ئوخشاش «ھەجىم»دىكى، خىمىيىلىك تەركىبى ئوخشىمايدىغان جىسىملارنىڭ «ئېغىرلىقى»نىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، باشقىچە ئېيىتقاندا ئوخشاشلابىر كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قوغۇشۇن بىلەن ئاليۇمىننىڭ ھەجىمى بىر-بىرى بىلەن زادىلا بىردەك بولمايدىغانلىقىنى. بىر كىلوگىرام قوغۇشۇننىڭ ھەجىمى كىچىك، بىركىلوگىرام ئاليۇمىننىڭ ھەجىمى چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز.

كۆرۇۋىلىشقا بولىدۇكى؛ «زىچلىق» تىن ئىبارەت بۇ كىلاسسىك ئۇقۇم بىزگە بىز كۆرۇۋاتقان جىسىملارنىڭ ھەجىمىنىڭ مۇتلەق مەنىدە ماددا ئۆزىنىڭ ساپ ھەجىمى دېگەن مەنانى بەرمەيدۇ. سەۋەب، كىلاسسىك فىزىكىدىكى «زىچلىق» ئۇقۇمى «بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى ماددا سانىنىڭ ئاز كۆپلىكى»نى كۆرسىتىدىغان ئۈقۈم ، بۇ يەردىكى «بىرلىك ھەجىم» نىيۇتۇنچە ھەقىقىي بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ. دىمەك، بىز كۆرۇۋاتقان جىسىملار ۋە ھەتتا ئاتالمىش «كىلاسسىك» مەندىكى ئېلمىنىتار زەررىچىلەرنىڭ ھەجىمى مۇتلەق مەنىدىكى «ساپ ماددا»نىڭ ئۆز ھەجىمى بولماي، بەلكى ماددا (ماسسا-ئېنىرگىيە) بىلەن نيۇتۇنچە ماكاننىڭ ئارلاشما گەۋدىسىدىن ئىبارەت. فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدە، ماددا بىلەن نىيۇتۇنچە ماكاننىڭ ئارلاشما گەۋدىسى بولغان مانا مۇشۇنداق ئوبېكتىپ رىئاللىق «كۆرۇنمە ھەجىم»دەپ ئاتىلىدۇ. ۋە يۇقارقى ئىككى شەرتنىڭ بىرسى كەم بولۇپ قالسا (ماددا ۋە نىيۇتۇنچە ماكان) بۇ خىل رىئاللىقنى «كۆرۇنمە ھەجىم» دەپ ئاتاشقا ئەسلا بولمايدۇ.

ئىنسانىيەت ھازىرغىچەبىلىپ يەتكەن دۇنيا-مەيلى ماكرۇ ۋە مېكرۇ نوقتىدىن بولسۇن ھەممىسى «كۆرۇنمە ھەجىم»دۇنياسىدۇر. نۆۋەتتىكى ئاتالمىش «ئېلمنتار زەررىچە»لەردىن تارتىپ، نوقۇل نەزەريىۋى مودىل ھىسابلىنىدىغان ئالەمشۇناسلىقتىكى «غەيرى نوقتا»لارمۇ يەنىلا «كۆرۇنمەھەجىم»دىن ئىبارەت.

مەن «مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە»دېگەن ماقالەمدە «كۆرۇنمە ھەجىم»نىڭ مۇتلەق ھەجىمىنىڭ تېزلىگى ۋە ھەركەت شەكلى تەرىپىدىن شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم①.بۇخىل رىئاللىقنى تەسۋىرلەش ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەكىل نەزەرىيىسىگە«قاپلاش»دېگەن ئۈقۇم كىرگۈزۇلگەن. «قاپلاش» ئۈقۇمى ھەققىدە مەن ئالاقىدارماقالەمدە قىسقىچە توختولۇپ ئۆتكەن②.


2


بۇ ئۈقۇملارنىڭ بىر-بىرى بولغان ئالاقىسىنى ۋە بۇ ئۇقۇملارنىڭ نۆۋەتتىكى فىزىكا ھەم ئالەمشۇناسلىققا نىسبەتەن يېڭى مەسىلە ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكىچە ئوخشۇتۇپ سىلىشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق چۇشەندۇرۇشكە تىرىشىمەن.

بىز تۆت كىۋادىرات مېتىرلىق بىر ئېغىز ئۆي بار دەپ پەرەز قىلايلى، بۇ ئۆي ئىچىدە تۆت نەپەر ئادەم بولسۇن، بۇ تۆت كىۋادىرات مېتىرلىق ئۆينى بىز كىلاسسىك مەنىدىكى «بىرلىك ھەجىم»گە، تۆت ئادەمنى «ماددا سانى»غا ۋەكىللىك قىلىدۇ دىسەك، ئۆي بىلەن تۆت ئادەمنىڭ بىرپۈتۈنلىگى «كۆرۇنمە ھەجىم»دىن ئىبارەت. «ئادەم» بىلەن «ئۆي» ئايرىم-ئايرىم ھالدا تىنىمسىز ھەركەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان «مۇتلەق ھەجىم» ۋە مۇتلەق تىنىچ تۇرۇۋاتقان نىيۇتۇنچە «بىرلىك ماكان – بىرلىك ھەجىم»گە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئەمدى كۆرۇۋىلىشقا بولىدۇكى؛«مۇتلەق ھەجىم»نىڭ تىزلىكى بىلەن «ماكان»نىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى«قاپلىنىش»نىسبىتى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. تىزلىك قانچە يۇقىرى بولسا، قاپلىنىش قىممىتى ۋە كۆلىمى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

بۇ يەردە پەقەت ئىككى خىل پەرەز كېلىپ چىقىدۇ:


1-مۇتلەق ھەجىم ھەرقانداق پەيىتتە ئۆز ھەجىمى بىلەن باراۋەر بولغان ماكاننى تولۇق قاپلىغان بولىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ھەجىمى ئۆز نۆۋىتىدە ھەرقانداق پەيىتتە ئۆزى تۇرغان ماكاننىڭ كونكىرىت مىقدارى ۋە ئۆلچىمى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.


2- «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ ئۆز گەۋدىسىدىن ھالقىغان ماكاننى قاپلاش نىسبىتى ۋاقىت، تىزلىك بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ . «قاپلاش»نىڭ قىممىتى بىزنىڭ قانداق «ۋاقىت» ئۆلچىمىنى قوللانغىنىمىزغامۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

زامان مەۋجۇت ۋەياكى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىلىشىدىن، جىسىم ۋە زەررىچىنىڭ سىزىقلىق ھەركەت قىلىش ۋە قىلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر 1-پەرەز ھەرقانداق پەيىتتىكى رىئاللىق بولۇپ قالىدۇ .يىتەرلىك ماكرۇ «ۋاقىت» بىرلىگىنى تۇرغۇزساق 2-پەرەزمۇ ئوخشاشلا قانائەتلىنىدۇ.

بۇ يەردە بىز«قاپلاش»نىڭ كەم دىگەندىمۇ ئىككى «بالا ئۈقۇم»ىغا ئىرىشىمىز. ئۇنىڭ بىرى: «تولۇق قاپلاش« ۋە ياكى «نوقتىۋى قاپلاش». يەنە بىرى: «تولۇق بولمىغان قاپلاش» ۋە ياكى «سىزىقلىق قاپلاش»دىن ئىبارەت. يۇقىردا تىلغا ئىلىنغان تۆت ئادەمنىڭ سىىزىقلىق ھەركىتى نۆل بولسا، بۇ تىپىك «نوقتىۋى قاپلاش»ۋە ياكى «تولۇق قاپلاش»تىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە بۇيەردە ئاتالغۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسىمۇ بار، لېكىن بۇ پىرىنسىپال مەسىلە ئەمەس.

«تولۇق قاپلاش» ۋەياكى «نوقتىۋى قاپلاش» بىزنىڭ قانداق ئۆلچەم بىرلىكى قوللىنىشىمىزدىن قەتئىنەزەر «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ ھەر قانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق. ھالبۇكى «تولۇق بولمىغان قاپلاش» ۋە ياكى «سىزىقلىق قاپلاش»نىڭ كونكىرىت قىممىتى «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ سىزىقلىق ھەركىتىدىن ئىبارەت ئالدىنىقى شەرىت قانائەتلەندۇرۇلگەن ئەھۋال ئاستىدابىزنىڭ قانداق ئۆلچەم قوللىنىلىشىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئىلىنىۋاتقان «ئۆلچەم» ئەلۋەتتە «زامان» (ۋاقىت) ئۆلچىمىدىن ئىبارەت. يەنى بۇيەردە، ھەركەت بىلەن جىملىق گويا بىر مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر«ۋاقىت» نۆل بولسا بۇ ھالدا سىزىقلىق ھەركەتمۇ نۆل بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، بۇ ھەرگىز«مۇتلەق ھەجىم» ۋە ئۇنىڭ بۇلۇڭلۇق ھەركتى نۆل بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس.  بۇ يەردە ماسسا-ئېنىرگىيە «مۇتلەق ھەجىم»سۇپىتىدەساقلىنىش بىلەن بىرگە ئومۇمىي ھەركەت مىقدارى ئوخشاشلا «بۇلۇڭلۇق ھەركەت»مىقدارىغا ئايلىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ. مانا بۇلارنى ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋەپەلسەپەسىدىكى ئىچكى زىدىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى دەپ چۇشۇنىشكە بولىدۇ. بىز يۇقىردىكى مەسىلىدىن ۋاقىت بىلەن ھەركەتنى ئوبېكتىپ رەۋىشتە بىر –بىرىنىڭ شەرتى ۋەياكى بىرلامەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى دەپ قارىۋىلىشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز.

بىز بايام قالدۇرۇپ قويغان تۆت ئادەمنى (مۇتلەق ھەجىمنى) جىم تۇرماي، يورۇقلۇق تېزلىكىدە شۇ ئۆينىڭ ئىچىدە سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى، بۇ ھالدا بۇ ئۆي ئىچى ئارىستۇتىل ۋە ئېينىشتېيىنلارنى «ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس»دېگەن خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان رىئاللىققا ئايلىنىدۇ. يەنى بۇ ئۆي يىتەرلىك ماكرۇ ۋاقىت بىرلىكى ئىچىدە «ئادەم بىلەن لىق تولغان» بولىدۇ. ماھىيەتتە بۇ بىر خاتا سەزگۇ بولۇپ،ئوبېكىتپ زامان مەۋجۈت ئەمەس، زامان پەقەت تېزلىكنى تەسۋىرلەشتە زۆرۈر بولغان قورال دەپ پەرەز قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆينىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى بىلەن،تۆت ئادەمنىڭ (مۇتلەق ھەجىمنىڭ) گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى ئايرىم – ئايرىم ھالداتۇراقلىق ۋە مۇتلەق بولىدۇ.

يۇقىرىقى نۇقتىلارمەلۇم مەنىدە نۆۋەتتىكى نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ھەل قىلىشىغا تېگشلىك مەسىلىلەرنى ئەسكەرتىدۇ.

"كۆرۈنمەھەجىم" ، "قاپلاش"، "مۇتلەق ھەجىم" قاتارلىقلار كۆرسىتىپ بەرگەن بۇ قىيىنچىلىقلار زامان-ماكان ۋە تېزلىكنىڭ لىمىت چەككە يەتكەن مۇتلەق ئېلمىنتار بىرلىكلىرىنى تەقەززا قىلىدۇ.

مەن بۇ تېمىغامۇناسىۋەتلىك كونكىرىت ئىزاھلار ئۈستىدە ئايرىم توختىلىمەن.

تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

------------------------------

قاسىم سىدىق: «مۇتلەق ھەجىم»ھەققىدە

2010-يىل 12-ئاينىڭ31-كۈنى



باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:58:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13425
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 1610 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:58:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز فىزىكا بىلەن شۇغۇللىنامسىز................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 11:01:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ تېما قايتا يوللۇنۇپ كەتمىگەندۇ؟.

ياق،ئۇنداق ئەمەسكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-29 11:04 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20794
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6084
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 11:29:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقى تىملارنى ئىزدەپ يۇرۇپ بۇ تىمنىڭ 2-قىتىم يوللىنىپ قالغانلىقنى بىلدىم ،
تىما تەستىقلىغانلار نىمىش قىلدىكنە.....؟  ئىزدەش ماتۇردىن ئىزدەپ كورمەيلام ، بۇرۇن يوللانغانمۇ يوق، دىگەننى ئويلانمايلا تىمنى تەستىقلاپ مۇنبەر يۇزىگە چىقرىپ قۇيدىكەن دىسە ....

.

نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4689
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 11:33:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
LahMaN يوللىغان ۋاقتى  2012-3-29 11:29 PM
بۇرۇنقى تىملارنى ئىزدەپ يۇرۇپ بۇ تىمنىڭ 2-قىتىم يوللىن ...

بەك چوڭ ئىشتىن بىرنى بايقىۋاپسىز جۇمۇ ... نېمانداق يامان سىز

بەرىبىر قىلغاندىن كىيىن ، ياخشى قىلىش كېرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 11:35:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا قايتا يوللۇنۇپ كەتكەن بولسا سەت بۇلۇپتۇ،باشقۇرغۇچىلار ئەپۇ قىلغاي ۋە ئۈچۈرىۋەتكەي.

لىكىن مەن تاپالمىدىم دىسە.قەيەردە بولغىيتى؟.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-29 11:39 PM  


كۆك  يو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5400
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2068 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 11:35:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇندىن فىزىكا دېسە بېشىم ئاغرىيدىغان ،ما تېمىنى ياخشىراق ئوقۇپ باقاي دېگەنتىم ،لېكىن ئانچە چۈشەنمىدىم .

نادان،ئىلىمسىز، ۋەھشى ھايۋاندى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48030
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3770
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 11:53:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنداق ئەسەرلەرنى كۆرسەم بەك ھوزۇرلىنىپ كىتىمەن، بىزگە لازىمى ئەسلى مۇشۇنداق ئىلىم پەنگە ئائىت ماقالە ئەسەرلەر بولسا بولاتتى. لىكىن كۆپلىگەن كىشىلەر ناخشا ئۇسۇلدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بولاپ كەتتى. ئۇلار مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بەزمە مەشرەپ بىلەن كۆرسىتىشكە تىرشىدۇ..............
قوللىرىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن بۇنىڭدىن كىيىن مۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ

نادان، بىلمسىز تۇرۇپ نوچىلىق، ئاتكاچىلىك قىلغانلارنى قىيناپ قېرۋىتىش كېرەك!!!

فېدىراتسىيە ئالاھىدە قىسمىدىن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77326
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1644
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2012-3-12
ئاخىرقى: 2012-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 01:43:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ye ye ye ... ~  样子 ~ Sez Den ~ 动作 ~ Bez Den ~ Bo LaM 。 Mi SaNG 。 滚撒
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش