مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3694|ئىنكاس: 49

ئاي شارى ئۇيغۇر مەھەللىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 534
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4159
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 742 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 09:08:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                    ئاي شارى ئۇيغۇر مەھەللىسى
     2090-يىلى، قەشقەر ئالەم پونكىتى.
     ۋارىس، ئالەم پونكىتى، ئاي شارى تارماق نوقتىسىنىڭ ئالدىدا توختىدى ۋە بىخەتەرلىك قالپىقىنى بېشىدىن ئېلىپ،ئۆزىچە غۇدۇڭشۇپ قويدى.
- شۇنچە تىز ماڭساممۇ خوتەندىن 20 مىنۇتتا كەپتىمەن، ئۇچار موتۇسىكىلىتنى ساتقان تەكلىماكان قاتناش ئۈسكۈنلىرى شىركىتى مېنى 19 مىنۇتتا قەشقەرگە بارالايسىز، دەپ ئالداپ قويۇپتۇ. مۇشۇ كۈنلەردەراسىت گەپ قىلىدىغان ئىش قالماپتۇ.
- ۋارىس ئاغىنە، نەگە ماڭدىڭ، ئالەم پونكىتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قاپسەنغۇ، مارىسقا ماڭمىغانسەن؟
ۋارىس بىلىكىگە قادىۋالغان تارىم ماركىلىق مىكىرو كومپىيۇتېرغا قارىدى، ئۇنىڭ شىمالى مۇز ئوكيان<مەھمۇد قەشقىرى> تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاغىنىسى، مۇرات ئۇنىڭغا گەپ قىلىۋاتاتتى.
- ياقەي، شىركەتنىڭ تەتقىقات گورۇپپىسى مېنى ئاي شارى ئۇيغۇر مەھەللىسىگە ئۈچ ئايلىق چېنىقىشقا ئەۋەتكەن، شۇ يەرگە ماڭدىم، سېنىڭ ئىشلىرىڭ قانداق؟
- خىزمىتىمدە ئىلگىرىلەشلەر كۆپ،  يەر شارى كىلىماتىنىڭ تېخىمۇ ئىللىپ كېتىش مەسىلىسى ھەل بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ، پات ئارىدا يەر شارىنىڭ ھاۋاسى 120 يىل بۇرۇنقى ھالەتكە قايتىدۇ. سەن بۇ قېتىم قانداق ۋەزىپە بىلەن ماڭدىڭ؟
-قالتىس ئىش بوپتۇغۇ، مەن ھېلىقى ئاي شارىنىڭ ھاۋا قاتلىمىدا بۇلۇت پەيدا قىلىپ يامغۇر ياغدۇرىدىغان تۈرىمىزنى كۆلەملەشتۈرۈش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا  قەشقەر ئالەم پونكىتى ئارقىلىق ئاي شارىغا كۆچۈۋاتقان ئامرىكا، روسيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالرىنى جايلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولدۇم.
- بۇ ئىشقا قازاق مەھەللىسىدىكى ئامان مەسئۇل ئەمەسمىدى.
- ئامان ئالەم مىللەتلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كەتتى، ئۇ ھازىر بېيجىڭلىق شىياۋ ۋاڭ بىلەن بىر ئىشخانىدا .ئاداش، ئالەم كىمىسى قوزغىلىشقا يەنە بىر مىنۇت قالدى، خوش، يەنە كۈرۈشۈشكە نېسىپ بۇلار.
- خوش، ئاللاغا ئامانەت.
  ۋارس ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ چوڭ مەسچىتى يېنىدىكى پونكىتتا ئالەم كىمىسىدىن چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ھىندىستانلىق بىر قىزمۇ چۈشۈپ قالدى.
- قىزچاق سىز قەيەرگە بارىسىز.
   ۋارىس ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋىدى، ئۇنىڭ مىكىرو كومپىيۇتېرى دەرھال قوزغىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ھىندى تىلىغا ئۆرۈپ بەردى.
- مەن تۇرپان يادرو ئىلىكتىر ئىستانسى ئاي شارى تارماق شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، خىزمەت ئورنۇم ئەلشىر نەۋائىي يولىدىكى <ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن> كاتتا سارىيىدا،سىزچۇ؟
- مەن خوتەن خەلقئارا ئالەم ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش شىركىتىدە ئىشلەيمەن، مەن <باھادىرنامە> تەرەپكە كېتىمەن. بۇ يەردىن بىر مىنۇتلۇق يول. يىراقلىقتا. مەن سىزنىڭ شىركىتىڭىزدە جىق ئىش بىجىرگەن، ئەجەپ بۇرۇن سىزنى كۆرمەپتىكەنمەن.
- مەن كىروران ئىنىرگىيە ئىنىستوتىنى پۈتتۈرگىلى ئىككى ئاي بولدى، ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن ئاۋۋاللا تۇرپان يادرو ئىشلىرى باش شىركىتىدە ئىشلەپ تۇرغان ئىدىم، بۇ تارماق شىركەتكە تۇنجى قېتىم كىلىشىم.
- سىلەرنىڭ شىركەتكە تەرجىمان لازىممۇ؟
- ياق، بىزدە ئۇيغۇرسوفىت گوروھى ئىشلەپ بازارغا سالغان يۈزتىل تەرجىمە دىتالى بار. بىز نىڭ ئۇنى ئىشلىتىۋاتقىنىمىزغا خېلى بولدى.
- ھە، بوپتۇ، مېنىڭ قوشۇمچە ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىنىڭ يۈزتىل تەرجىمە دىتالىنى ئاي شارىدا كىڭەيتىش  ۋەزىپەم بار ئىدى،شۇڭا سۇراپ باققان، خوش ئەمسە.
    ۋارىسنىڭ شىركەتكە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا يەنە 10مىنۇت قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەسچىت يېنىدىكى<ئاتۇش لەغمەن پادىشاھى> دىن تاماق يەۋالماقچى بولدى. ئاشخانىغا كىرىشىگە بىر ئەرەپ قىزىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
- سىز ئورۇن زاكاس قىلغانمۇ؟
-شۇنداق يەر شارىدىن ئايرىلماستا < قاناس > زالىدىن ئورۇن زاكاس قىلىپ قويغان.
- ھە، سىز ۋارىس ئەپەندىمۇ،  بىر مىنۇت كىچىكىپ قالدىڭىزغۇ، <يىپەك يولى> زالىدىن ئۆتۈپ ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇڭ.
-كەچۈرۈڭ، ئويلىمىغان يەردىن بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىپ ھايال قالدىم.
ئاشخانىدا يەنە نۇرغۇن ئادەملەر بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋارىس خېلىدىن بۇيان تۇنۇيدىغان ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ باشلىقى نۇزۇگۇم خانىمنىڭ بارلىقى ئۇنىڭ مىكرو كومپىيۇتېرىدا ئايان بولدى . ئۇ تامىقىنى يېگەچ ئۇ قىزغا <بىللە تاماق يېسەك بولامدۇ،> دەپ ئۇچۇر يوللىدى. قىز ماقۇل جاۋابنى بەردى. ۋارىس بىر كۇنۇپكىنى باسقان ئىدى، ئۇ ئولتۇرغان ئورۇندۇق، ئۇستەللەر بىلەن قوشۇلۇپ، نۇزۇگۇم ئولتۇرغان <دولان > زالىغا يۆتكەلدى.
-نۇزۇگۇم قىز، ئۇيغۇر مەھەللىسى مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر گوروھىنىڭ لىدىرلار يىغىنى ئاخىرلاشتىمۇ؟
-شۇنداق ئارمان، ئىخلاس، ئامىنە، قاتارلىق يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە كارخانىلار ئۆز نامىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىرلەشكىنىگە  70يىل، ئۇيغۇر مەھەللىسى مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر گوروھىنىڭ ئاي شارىدا ئىش باشلىغىنىغا 10 يىل بولغان ئەمەسمىدى، لىدىرلار يىغىنى بۇ ئىككى خاتىرە كۈننى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن يەنە كورلىدا پاي چەك  تارقىتىشنى قارار قىلىشتى.
-تەڭرىتاغ ئانىلار ساخاۋەت جەمىيىتىنىڭ ئىشلىرى قانداق بولدى؟
-ئۇلار 50 يىل ئالدىدا رەسمى خەلقئارادىكى تەسىر دائىرسى ئەڭ كەڭ ساخاۋەت ئۇيۇشمىسى بولۇپ قالغان ئەمەسمىدى، ئۇلار تا ھازىرغىچە بۇ ئۇستۇنلۈكنى قولدىن بەرمەي كىلىۋاتىدۇ، بۇ قېتىم ئۇلار ئاي شارى مەھەللىسىدە رەسمى تارماق ئىش بىجىرىش ئورنى قۇردى.ھە، سۇراپ باقاي مۇسابايىفلارپۇتپۇل  كوماندىسىنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بارمۇ؟
- ئىلگىرى مۇسابايوفلارپۇتپۇل كوماندىسىنىڭ ياۋرۇپادا پۇت تىرەپ تۇرغىدەك ئەمەلىي كۈچى يوق ئىدى، نەچچە يىلدىن بويان غۇلجا بوران كوماندىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئەمەلىي كۈچى زورىيىپ كەتتى.
-ئاخشام، توردا ئاي شارى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى دېگەن ئېغۋالار تارقاپ كېتىپتۇ، سىزمۇ ئاڭلىدىڭىزمۇ؟
-ئاڭلىماي قالامدۇق، بۇ ئىش پۈتۈن خەلقئارانى زىلزىلگە سالدى، دۇنيادىكى ھەرقايسى داڭلىق تور بىكەتلەر، نوپۇزلۇق تارقاتقۇلار بۇ ھەقتە خەۋەر بەردى.
-ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي يالغان، ئاڭلىسىڭىز سىزمۇ كۇلۈپ كېتىسىز، مېنىڭ ئالتە ياشلىق ئوغلۇم، تۇنۇگۇن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىسى ھەققىدە قورقۇنچلىق خەۋەر يېزىپ كېلىڭلار دېگەن تاپشۇرۇقى بويىچە، بىر ئويدۇرما خەۋەر يېزىپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتىپ بېرىمەن، دەپ ئۇقۇشماستىن ئۆزىنىڭ بىلوگىغا يوللىۋىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقتى. مەن بۈگۈن ئوغلۇمغا ۋاكالىتەن، ئۆز بىلوگىمدا دۇنيا جامائەتچىلىكتىن ئەپۇ سورىدىم.
ۋارىس شىركەتكە بېرىشقا بىر مىنۇت ۋاقتى قالغاندا نۇزۇگۇم بىلەن خوشلىشىپ ئاشخانىدىن ئايرىلدى.نۇزۇگۇممۇ  ئۇيغۇر ئالەمئارا مېھمانسارىيىدىكى ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى.
مەنبە: ئۆزۈم.


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-30 09:26 AM):
بايانات:ئەسەرلىرىمنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.        (روزىمۇھەممەت ئىرپان )

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەقىقەت__جاپا چەكمەكتۇر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14920
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16434
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 391 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:22:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشىنەلمىدىمغۇ  بۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hakkikat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-29 10:23 PM  


قىلغاچقا پاك ياشاشقا بىر ئۈمۈر نىيەت
قوللايدۇ ھەر دائىم مۇئىمىن ئۈممەت
تەدبىرىم قانداقتۇر، تەقدىرىم شۇنداق
چۈنكى مەن بولغاچقا پاكنۇر ھەقىقەت

مىللىتىڭ چوغ ئىچرە كۈيۈپ تۇرسا،سەن باشقىلار ئۈچۈن خۇشامەت قىلىسەن، مىللىتىڭنى ئويلاپ قوي، كەلگۈسىڭ باشقىلار بىلەن ئەمەس بەلكى ئ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32412
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4234
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2011-3-2
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:26:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

فورمات

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3254
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:32:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئىلھامبەخىش فانتازىيەكەن.
    بولسا بۇنى چاتما ھىكايە قىلىپ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، ئىقتىدارلىق تورداشلارمۇ ئىشىتراك قىلىپ باقسا، بىر ياخشى فانتازىيىلىك رومان چىقىپ قالامدۇ تېخى........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8054
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:36:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز مۇ مەندەكلا خىيال قىلدىكەنسىز ...قايسى كۈنكى شىنجاڭ خەۋىرىمۇ ھەم ....ئىسىل  

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8704
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2012-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:40:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2023
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:44:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5371
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2060 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:56:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پېچەت يېزىۋېتىپسىز ،راستلا بەك ياخشى بوپتۇ،فانتازىيىلىك ئەسەر يېزىشقا ماھىركەنسىز .تەسەۋۋۇر دېگەن باركەنغۇ سىزدە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 907
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13397
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 1598 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 11:03:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا ئارزۇيۇڭىزغا يەتكەيسىز................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش