|
|
|
|
ئاۋىستىرىيەلىك بىرئەرنىڭ خىزمەت قىلغۇسى كەلمەي،سول پۇتىنى كىسىپ ئوچاققا تاشلاپ كۆيدۈرىۋەتكەن
ۋور مۇشۇ توك ھەرىسىنى ئىشلىتىپ پۇتىنى كەسكەن
ۋور كىسىلگەن پۇتىنى مۇشۇ ئوچاققا تاشلىغان جۇڭگو كۈندىلىك گىزىتى تورى 3-ئاينىڭ-27-كۈنىدىكى خەۋىرىدە،ئاۋىستىرىيىلىك ئەر خەنىس.ۋور ھۆكىمەتتىن بىرىلىدىغان ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىنى داۋاملىق ئىلىش ئۈچۈن،توك ھەرىسى بىلەن سول پۇتىنى كىسىۋەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە،بۇيىل 56 ياشقا كىرگەن ۋور ئاۋىستىرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فىرىدباكتا تۇرىدىغان بولۇپ،ئۇزۇن مەزگىل ئىشسىز قىلىپ ئائىلىسىدە بىكار ئولتۇرغان ۋە ھۆكىمەتنىڭ ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە بۇخىل تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان،لىكىن، يىقىندا چىقىرىلغان سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ئۇ ھەرگىزمۇ تىنى ئاجىز،خىزمەتكە ماس كەلمايدىغان بولماستىن ئەكسىچە چىققان. ھۆكىمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ خادىملىرى ئۇنىڭغا : ناۋادا مەركەز كۆرسەتكەن خىزمەت ئورنىغا كىلىپ ئىشلىمىسە ياردەم پۇلىنى توختىدىغانلىقىنى ئۇختۇرۇش قىلغان، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ،ئاللىبۇرۇن خىزمەت قىلىشقا ئۆچ بولۇپ كەتكەن ۋور، توك ھەرىسى بىلەن سول پۇتىنىڭ ئۇشۇقتىن تۆۋەن يىرىنى بىراقلا كىسىۋەتكەن،ئاندىن دوختۇرلارنىڭ يەنە ئۇ پۇتىنى قايتا ئۇلاپ قويىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،كىسىۋىتىلگەن پۇتىنى ئوچاققا سىلىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن.
<پۇخرا تاش سانىسا ،ھۆكىمەت قۇم ساناپتۇ> دەپ،ۋورنىڭ بۇ خىل ئۆزىنى مىيىپ قىلىش ۋاستىسى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمىدى، ھۆكىمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ خادىملىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ۋورنىڭ مىيىپلىق دەرىجىسى خىزمەت ئىقتىدارىدىن قىلىش دەرىجىسىگە يەتمەيدۇ،شۇڭا ئۇ يەنىلا خىزمەت ئورنىغا كىلىپ ئىشلىشى كىرەك.دىدى.
مەنبە:سىنا ئاخپارات تورى
ئۇلانما:http://news.sina.com.cn/w/2012-03-29/043124191454.shtml
تەركىن تەرجىمىسى
|
|
|
|
|
|