كۆڭۈل خوشلۇقىڭىز باشقىلارنى ئازاپلىمىسۇن
بىر قىسىم كىشىلەرھەريىلى 1-ئاپرىل ئۆزىنىڭ تونۇش -بىلىشلىرىنى ئالداش ئارقىلىق كۆڭلىنى خوش قىلماقچى بولىدۇ.قىلمىشىنىڭ قارشى تەرەپكە قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ بايرام خۇشاللىقى.
گۈلنار بىلەن پەرھات بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ئەر-ئايال بولۇپ،گۈلنار ۋىلايەتتە تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان پۇرسەتتە خىزمەتدىشى ئەركىن گۈلنارغا تېلىفۇن بېرىپ:"ئېرىڭىزنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ ھوشىدىن كەتتى" دېگەن.گۈلنار جىددىيلىشىپ پەرھاتقا تېلىفۇن بەرسە ئۇلانمىغان.بۇنىڭغا ئىشىنىپ قالغان گۈلنار تاكسى توسۇپ،يىغلىغىنىچە ئىدارىسىغا كىرگەندە،پەرھاتنىڭ نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.ئايالىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىغان پەرھات ئەسلىي شۇ كۈننىڭ ئالداش بايرىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەم ئەركىننىڭ ئائىلىسىگە تېلېفۇن بېرىپ:"ئېرىڭىز خىزمەت ئۈستىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى دىگەن.بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەركىننىڭ ئايالىنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلى قوزغىلىپ،نەچچە كۈن جىددىي قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەن.
مانا مۇشۇنداق كىشىنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزىدىغان يامان خەۋەر بەزىدە تاسادىپىيلىق بىلەن راستقا ئايلىنىپ قېلىشى،قانداقتۇر خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى
مۇمكىن.شۇڭا ئالداش بايرىمىدا بولسۇن ياكى باشقا چاغلاردا بولسۇن،چاقچاق يۈزىسىدىن ئۆز كۆڭلىمىزنى خۇش ئېتىپ،باشقىلارنى ساراسىمىگە سالىدىغان بىھۇدە خەۋەرلەرنى دېمىگەن تۈزۈك.چۈنكى"چاقچاقتىن جاقجاق چىقىدۇ"دەپ،ئويلىمايلا دەپ قويغان چاقچىقىڭىز پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە سەۋەپچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( s. L, l* {, l. V
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- ?9 T% f: Q" o7 l
مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
ئاپتۇرى:ئەمەتجان تۇردى
مىسرانىم مۇنبىرىگە كۆچۈرۈپ يازغۇچى:زۇمرەت تاش
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& I0 g# o8 W+ t( h: S
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zumrettash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-29 04:53 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( D6 Z4 U9 L G$ k4 q2 P; q5 f0 Q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& w/ w/ F% V H- L# i, j4 _