مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 921|ئىنكاس: 14

قاسىم سىدىق:ئاق قەغەز مودېلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:46:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاق قەغەز مودېلى


قاسىم سىدىق


تەبىئەت ۋاكوئۇمغا ئۆچ

                      __ ئارىستوتىل.


ھەركەت ۋاكۇئۇمغا ئامراق.

                                 __  خاتىرەمدىن.


بىز تۇرۇۋاتقان ئالەم توغرىسىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مۇنداق ئىككى پاكىت مەۋجۇت: (1) ئالەم قۇپقۇرۇق ئەمەس، (2) ئالەم قۇپقۇرۇق دىيەرلىك. بۇ پاكىتلارنى چۇشۇنۇش بولسا ئاساسى فىزىكىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

                                                                           __ ئانتونى. رې


ئاق قەغەز مودىلى __ فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىدىكى ئالاقىدار ئىدىيەلەرنى ئوبرازلىق چۈشەندۇرۇش زۆرۇرىيىتىدىن تۇرغۇزۇلغان قورال بولۇپ، ھازىر جەمىئى 3 پارچە رەسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لىكىن1990-يىلى تۇرغۇزۇلغان سۇرەتلەر بىلەن ھازىرقى سۇرەتلەرنىڭ رەت تەرتىۋىدە پەرىق بار. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب 3 پارچە سۇرەت دەسلەپتىلا بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويولغان ئەمەس، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قايمۇقۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مەن2009-يىلى چوڭچىڭ ئونىۋىرسىتىتى نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا سۆزلەنگەن __"فىزىكىلىق شەكىل ئۈقۇمىنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۇرلىگى ۋە تەخىرسىزلىگى"ماۋزۇلۇق ماقالەمدىكى① رەت تەرتىپنى ئاساس قىلىشنى ئەسكەرتىمەن. بۇ تەرتىپ تۆۋەندىكىچە:



يەنە رەسىم تۈرغۇزۇش توغرا كەلسە ئەلۋەتتە ئەمدى 4-رەسىم بولۇپ تىزىلىدۇ. ئىلگىركى رەسىملەرگە ئالاقىدار چۈشەندۇرۇشلەر شۇ رەسىملەر قىستۇرۇلغان ماقالىلار بىلەن بىللە ئېلان قىلىنغاچقا، ئوقۇرمەنلەرگە بەك چوڭ ئاۋارچىلىق تىپىپ بەرمەس دەپ ئويلايمەن.

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، ئاق قەغەز مودىلى دەرۋەقە "فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى"نىڭ تۈپ ئىدىيىلىرىنى  بىر قەدەر ئاممىباب چۈشەندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۇر بولغان بەكمۇ ئاددىي قورال، بۇ نەزەرىيەگە تەنقىد ۋە گۇمانى پۇزىتسىيە تۇتىدىغان كىشىلەرگە نىسىبەتەن ئىيتقاندىمۇ بۇ مۇدىل ئاتلاپ ئۆتۇشكە بولمايدىغان، ئەكىسچە ھە دېگەندىلا دۇچ كىلىدىغان سوئال بەلگىلىرىدىن ئىبارەت.  مىنىڭ بۇ مودىلنى تۇرغۇزۇشتىكى تەپەككۈر جەريانىم تۆۋەندىكىچە:

"فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» دىكى ئانا ئۈقۈم «فىزىكىلىق شەكىل» بولۇپ، ئاق قەغەز مودېلى 1-رەسىمدىكى A چەمبەر دەل شۇ فىزىكىلىق شەكىلنىڭ ئابىستىراكىت مودېلى، بۇ ئۈقۈمنىڭ تۈرغۇزۇلىشىدىكى لوگىكىلىق ئىدىيە شۇكى، ھەرقانداق ماددا (ماسسا –ئېنىرگىيە) فىزىكىلىق شەكىلدىن ئايرىلالمايدۇ. يەنى، ئىنسانىيەت ھازىرغىچە شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددىنى بايقىغىنى يوق. مەيلى ئېيىن (ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمىنتارزەررىچە) ۋە ياكى بىر پۈتۈن "فىزىكىلىق ئالەم" بولسۇن ئوخشاشلا"فىزىكىلىق شەكىل" دىن ئايرىلالمايدۇ. ھالبۇكى، ھازىرقى زامان نەزەرىيەۋى فىزىكىسىدا بۇنداق ئۈقۈم مەۋجۈت ئەمەس. مېنىڭ غايەم يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى شەكىللەنگەن.

ئارقا كۆرۇنۇش _ "فىزىكىلىق شەكىل"ئۇقۇمىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇپ  "ئارقا كۆرۇنۇشكە ئىگە بولمىغان فىزكىلىق شەكىل مەۋجۇت ئەمەس" (فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 1-  ئاكسىئومىسى) دېگەن ئىدىيە ئاق قەغەز مودېلى1-،2- رەسىملىرىدە يارقىن ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەڭ قولايلىق تەسسەۋۋۇر شۇكى؛ سىزئۆزىڭىزنى "فىزىكىلىق شەكىل" دەپ پەرەز قىلىڭ، سىز ھامان چەكلىك بولۇپ،سىز ھەر قاچان ئۆزىڭىزنى ئۆز قوينىغا ئالغان ماكان بىلەن چىگىرلىنىسىز. ئەگەر B تەكشىلىك بولمىسا سىز ئىپادىلەنمەيسىز.

ياۋرۇپا ئالەم قاتناش ئىدارىسى بۇ يىل تارقاتقان تۆۋەنىدىكى « ئالەم»نىڭ قىزىل رەڭلىك سۈرىتىنى ئاق قەغەز مودىلى1-رەسىمدىكى A چەمبەرگە، ئۇنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بولغان قاراڭغۇ تەكشىلىكنى ئاق قەغەز مودىلى 1-رەسىمدىكى B تەكشىلىككە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، A ھامان Bنىڭ ئىچىدە ئىپادىلىنىدۇ، Bنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ.




ئارقا كۆرنۇش ئۈقۈمى __ مۇقەررەر ھالدا بارلىق ماسسا__ ئىنىرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئېنىشتېيىن ئالىمى ۋە ياكى"ئۆلچەملىك ئالەم مودېلى"دىكى "ئالەم" ئىدىيىسىنىڭ بىرتەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۇنكى يۇقۇرقى مودىللاردا B تەكشىلىكنىڭ مەۋجۇتلىگى ئىتىراپ قىلىنمايدۇ. "ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس" دەپ قاراش ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ يادورۇلۇق ئىدىيىسى.ھالبۇكى، ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس دەيدىغان بۇنداق ئىدىيە ئاق قەغەز مودېلى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. مانا بۇ "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى" دىكى يوقلۇق (نىيوتۇنچە ماكان _ ھەقىقىي بوشلۇق) ئىدىيىسىنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى.

ئاق قەغەز مودېلىدىكى 2-رەسىم ئارقىلىق بىز"يوقلۇق" (نىيوتۇن ماكان – ھەقىقىي بوشلۇق) نىڭ "فىزىكىلىق ئالەم"نىڭ ئىچكى قىسمىدىنمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى،  تەجىرىبە پەنلىرى تەتقىق قىلىدىغان بۇ ئالەم ھەر قانداق پەيىتتە ماددا (ماسسا_ئېنىرگىيە) ۋە ماكان (يوقلۇق) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبېيكتىىپ رىئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى كۆرۇپ يېتەلەيمىز. A چەمبەر (كىۋانىت) ۋە An چەمبەر (كىۋانىت)لارنىڭ ئايرىم –ئايرىم مەۋجۈت بولۇپ تۈرۈشى ئۈچۈن جەزمەن B تەكشىلىك بولىشى كېرەك.باشقىچە ئېيتقاندا B تەكشىلىك پىلانىك بىلەن ئالبىرىت ئېنيشتېننڭ ئايرىم –ئايرىم ئىككى شەخىس بولۇپ تۇرالىشىنىڭ تاشقى شەرتى. مۇبادا، Bتەكشىلىك مەۋجۈت بولمىسا ئەلبەتتە، پىلانىك، ئالبىرىت ئېنيشتېين ۋە ھەرقانداق جانلىق(ئىندىۋىد) بولمىغان، پۈتكۈل ماسسا _ ئېنىرگىيە بىرلا نوقتىغا توپلىنىپ قېلىپ،ئاسمان جىسىملىرى ۋە يۇلتۇزلار سىستىملىرى شەكىللەنمىگەن بولاتتى.




"ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتى ماكاننىڭ ئۆلچىمى" دەيدىغان ئەنئەنىۋى ئىدىيە مۇئەييەن مەنىدە توغرا، سىز بىر كىرسلوغا كىلىپ ئولتۇردىڭىز دەپ پەرەز قىلايلى، سىز ئولتۇرماستىمۇ كىرسلۇدا سىز ئولتۇرغان چاغدىكى ھەجىمىڭىز بىلەن باراۋەر بولغان بوشلۇق (ماكان) ساقلانغان بولىدۇ. سىزكىرىسلۇدىن يۆتكۇلۇپ كەتسىڭىز ھەرگىز بايا تىلغا ئالغان ماكاننى بىللە ئىلىپ كەتمەيسىز، بەلكى ئۇ يەنىلا ئۆز ئورنىدا قالىدۇ. سىزنىڭ ھەجىمىڭىز ماھىيەتتە سىزقەيەردىلا تۇرماڭ شۇ يەردە ئۆز ھەجىمىڭىز بىلەن بارۋەر بولغان ماكان (يوقلۇق) نىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ "ماددا ماكاننڭ ئۆلچىمى" دېگەن ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ئەقەللىي ئىسپاتى. ئەمدى سىز كىرسلۇدىن قوزغۇلۇپ قەيەرگىلابارماڭ، يېتىپ بارغان نوقتىڭىز بىلەن بايامقى كىرىسلۇ ئارىلىقىدىكى مۇساپە يەنىلا ماكان (يوقلۇق) نىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ "ماددا ھەركىتى ماكاننڭ ئۆلچىمى" دېگەن ئەنئەنىۋى ئىدىيەنىڭ ئەقەللىي ئىسپاتى. بۇ يەردە تەبىر بىرىشكە تېگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىدە "يوقلۇق"(ماكان) ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك، بىر پۈتۈنلۇكتە چەكسىز دەپ قارىلىدۇ.  يەنى ئىككى ماددىي نوقتا قارىمۇ –قارشى يۆنىلىشتە بىر-بىرىدىن قانچىكى يۈقىرى تىزلىك بىلەن بىر-بىرىدىن يىراقلاشىسۇن.ئۇلارنىڭ ئارلىقى ھامان چەكلىك بولۇپ، چەكسىز ماكاننى مەڭگۈ قاپلاپ بولالمايدۇ .ھالبۇكى، ئېينىشتېيىن ۋەكىللىگىدىكى نۆۋەتتىكى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق پەقەت A چەمبەرنى ئېتىراپ قىلىپ Bتەكشىلىكنىڭ مەۋجۈتلىگىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. يەنى بۇ تەلىماتلارنىڭ"ماكان" ئۈقۈمى بىلەن "ماددا" ئۈقۈمىنىڭ ئىنىق پەرقى يوق.يەنى ئېينىشتېيىن ماكاننى ئۈلۈكسىز "مەيدان" ، ماددىنىڭ يەنە بىرخىل ھالىتى دەپ چۇشەندۈرىدۇ. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش "ماددا" بىلەن"ماكان" ئوتتۇرىسىدىكى پىرنسىپال پەرقىنى يوققا چىقىرىدۇ. ئېنيشتېيىننىڭ"ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس" دەپ قارايدىغان بۇنداق ئىدىيىسىنىڭ تارىخى يېلتىزىنى  ئارىستۇتىلدىن ئىزدەپ تىپشقا بولىدۇ.ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان «قورقۇنۇچلۇق سىمېتېرىيلىك» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئانتونى. رې ئۆز كىتابىدا «بىز ھازىر نىمە ئۈچۈن ئالەمنىڭ قۇپقۇرۇق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى، cp غا خىلاپلىقنىڭ ئىنتايىن كىچىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق» دەپ يازغان بولۇپ، بۇخىل نوقتىنەزەر ئارىستۇتىل ۋە ئېينىشتېيىنلارنىڭ «ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس»دېگەن نوقتىنەزەرلىرى بىلەن رۇشەن سىلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، فىزىكىدىكى "زىچلىق"ئۇقۇمى "فىزىكىلىق ئالەم"نىڭ ماددا ۋە ماكان (يوقلۇق) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبېكتىپ رىئاللىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈگى ئىكەنلىگىنى بىۋاستە ئىسپاتلايدۇ. چۇنكى"زىچلىق" ئۇقۇمىدا تىلغا ئېلىنغان "بىرلىك ھەجىم"-نىيوتۇنچە ھەقىقىي بوشلۇقنىڭ كونكىرىت ھەجىمى بولۇپ، مۇبادا بۇنداق ھەقىقىي بوشلۇق بولمىسا "زىچلىق" ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ. سىز "زىچلىق ئۇقۇمى" بولمىغان فىزىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟بۇ مۇمكىن ئەمەس!

"زىچلىق"ئۇقۇمى مۇقەررەر ھالدا "كىرىتىك زىچلىق" پەرىزىگە ئېلىپ كېلدۇ. چوڭ پارتىلاش ئالەم مودىلىدا تىلغا ئېلىنغان "غەيرىي نۇقتا" ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئېنىرگىيە يىغىلغان ئىنتايىن بىر كىچىك نۇقتا ئىكەنلىكى ھەمىمىزگە مەلۇم. دەل مۇشۇ "غەيرىي نۇقتا"مۇ يەنىلا ماددا ۋە ماكان (يوقلۇق)نىڭ ئارلاش گەۋدىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇتلەق مەنىدە ماددا (ماسسا-ئېنىرگىيە) دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ.  پەقەت ئېيىن (ھەقىقى مەنىدىكى ئېلىمنىتار زەررىچە)لەر ۋە ئۇلارنىڭ گىئومىتىريىلىك مىقدارلىرىنىڭ يىغىندىسىلا ھەقىقىي مەنىدىكى كىرىتك زىچلىققا يەتكەن ساپ ماددا دەپ قاراشقا بولىدۇ. مانا بۇ فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدىكى "مۇتلەق ھەجىم"ئۇقۇمىنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى. ساقلىنىش قانۇنلىرى جۈمىلىدىن ماسسا-ئېنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى بۇنداق پەرەز ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك.

يۇقىرىقى ئاساسلار تەبئىي ھالدا ئالەمدىكى پۈتكۈل ماسسا-ئېنىرگىيەنىڭ ساپ ھەجىمىنىڭ بىر تۇراقلىق مىقدار بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى تولىمۇ كىچىك بولىدۇ دېگەن پەرەزگە ئېلىپ كېلىدۇ. باشقىچە ئېيىتقاندا، بۇنداق پەرەز "كرىتىك زىچلىق" ئىدىيىسىگىمۇ، "غەيرىي نۇقتا"ئىدىيىسىگىمۇ ئۇيغۇن. بىز"غەيرىي نۇقتا"نى نۇقۇل نەزەرىيىۋي ھېسابلاشنىڭ مەھسۇلى، تەجىرىبە ئاساسىي يوق دەپ قارىغاندىمۇ، ئاتوم يادىرۇسىنىڭ زىچلىقى (نىتىرون يۇلتۇز زىچلىقى)تەجىرىبە ئاساسىغا ئىگە پايدىلنىش سېستىمىسى بولۇپ قالىدۇ.

يۇقارقى نۇقتىنەزەرلەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ پەقەت بىرلا نەتىجىسى بار. ئۇ بولسىمۇ ماددا (ماسسا-ئېنىرگىيە)نىڭ ھەجىمى بولمايدۇ دېگەن يەكۇنگە ئېرىشىش. ماھىيەتتە بۇنداق قاراشنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالىشى ئەسلامۇمكىن ئەمەس. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، "يوقلۇق" (نىيۇتۇن ماكانى-ھەقىقىي بوشلۇق)نى قايتا ئېلىپ كىرمەي تۇرۇپ، يۇقۇرقى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگىلى ۋە ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىقىنى زىددىيەتتىن خالىي قىلغىلى بولمايدۇ.

بارلىق كۆزۈتۈش ۋە تەجىرىبە نەتىجىلىرى"ماكان ماددا ھەركىتىنىڭ تاشقى شەرتى" دېگەن ئىدىيەگە ئېلىپ كېلىدۇ."ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس"دېگەن ئىدىيە بۇ خىل تەشەببۇس ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش كېرەك. "ماكان-ھەركەتنىڭ تاشقى شەرتى" دەيدىغان بۇنداق ئىدىيە مەيلى ماكرو ياكى مىكرو دۇنيا بولسۇن ھەرئىككى دۇنيا ئۈچۈن ھەر قاچان ئۇرۇنلۇق بولىدۇ. مەسىلەن: سىز ئۆزىڭىزنى تەرەپلىرى ئىككى مېتىردىن بولغان تۆت كۋادرات مىتىرلىق بىر ئۆينىڭ ئىچىدە دەپ پەرەز قىلىڭ،سىزنى مۇشۇ ئۆينىڭ ئىچىدە سەككىز مېتىر تۈز سىزىقلىق ھەركەت قىلىڭ دېسە بۇ تەلەپنى ئۇرۇندىيالمايسىز. (لىكىن ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتتىن سەككىز مېتىر ئەمەس 8000كېلومىتىر مۇساپىنى تاماملىشىڭىز تامامەن مۇمكىن) ھەمدە شۇنىڭدەك ئەگەر سىز ئۆز گەۋدىڭىز ئاران سىغىدىغان بىر قىسىلچاققا قىسىلىپ قالدىڭىز دەيلى بۇ ھالدا سىز بىر سانتېمىتىر سىزىقلىق ھەركەت قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە ھەتتا ئۆز ئورنىڭىزدا(ئوقىڭىزدا) ئايلىنالمايسىز. بۇ تەشەببۇسلار ئەلۋەتتە بىزنىڭ پۈتكۈل كۆزۈتۈش ۋە تەجىرىبە پاكىتىمىزغا ئۇيغۇن.

سىز بايامقى كىرسلودا ئولتۇرۋاتقان ۋاقتىڭىزدا دەل سىز ئولتۇرغان بىر ئورۇنغا ھەجىمى سىز بىلەن باپباراۋەر بولغان يەنە بىرئادەممۇ ئولتۇرالمايدۇ. بۇ خىل تەپەككۈر كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ماكاننىڭ(يوقلۇق-نىيۇتونچە بوشلۇق) ھەر بىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، زىچلىق ۋە "كرىتك زىچلىق"ئىدىيىلىرگە مۇقەرەر ئېلىپ بارىدۇ.

"كىرىتىك زىچلىق" ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچە- ئېيىننى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ بىر قانچە خىل تەپەككۈر يوللىرى ئىچىدىكى بىر تەپەككۈر يولى.(ئەلۋەتتە بىر دانە ئېيىن ئىچىگە يەنە بىر دانە ئېيىننى قاچىلغىلى بولمايدۇ).ئەمدى مۇشۇ ئېيىن (ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچە)نىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان"قىسىلچاققا قىسىلىپ قالغان ئادەم"نىڭ تەقدىرىگە يولۇقسا ئوخشاشلا ئۇنىڭ سىزىقلىق ۋە بولۇڭلۇق ھەركىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

خۇلاسىلىغاندا، بىز يۇقىرىقىلاردىن ھەركەت قىلىدىغان ماددىنىڭ (ماسسا-ئېنىرگىيە) گىئومىتىريىلىك ھەجىمىدىن ھالقىغان يوقلۇق(ماكان –نىيوتۇنچە ھەقىقي بوشلۇق) بولمىسا ھەركەتنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. ئارستوتىل ئوتتۇرغا قويۇپ، ئېينىشتىيىن قايتا كۆتۈرۈپ چىققان"ھەقىقي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس" دېگەن بۇ ئىدىيە ئىنسانىيەت تەپەككۈر غەزىنىسىدىكى ئاسار-ئەتىقەدىنلا ئىبارەت، خالاس!.

"ئاق قەغەز مودىلى"نىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى ئەلۋەتتە بۇ سەرلەۋھە ئاستىدىلا ئاياقلاشمايدۇ. ئۇنىڭ ئونۋېرسال ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇمكىن بولسا داۋاملىق توختىلىمەن.

                                                                     2010-يىلى 10-ئاي




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-29 11:55 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 12:05:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئاق قەغەز مودىلى » شەكىل نەزەريىسىنىڭ بەزى ئىدىيىلىرىنى چۈشەندۈرۈش مەقسىدىدە تورغۇزۇلغان بىر موھىم قۇرال.بۇ مودىلنى چۈشەنمەي تۇرۇپ شەكىل نەزەريىسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.تورداشلار ئۇنىڭدا نۇقسان بارمۇ-يوك،مۇھاكىمە قىلىپ باقسا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5544
يازما سانى: 1374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26561
تۆھپە نۇمۇرى: 2865
توردا: 1846 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 12:11:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق قەغەز مودىلى ؟ ئەمدى ئاڭلاپتىمەن بۇ گەپنى ..ئاڭلىمغان گەپلەر كۆپ ئوخشايدۇ قارىغاندا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5173
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 792 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 12:17:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى توقماق قاسىم سىدىق ئەپەندى دەل ئۆزى شۇ بولىدۇ، تورداشلار چۈشەنمىگەن يەرىنى سورىسا بولىدۇ، قاسىم سىدىق ئەپەندى توقماق نامى بىلەن كۆپ يازما چۈشەندۈرۈشلەرنى بەردى

كۈچىمىز يەتمىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42256
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5039
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 2922 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 12:32:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۇت بۇ دەل ئارقا كۈرۈنۈش،ئەمما بۇبىز قانچىلىك ھەجىمدە بولساق شۇنچىلىك ئورون چىقرىپ بىرەمدۇ ؟
ئەگەر مەن 80كىلوگىرام بولسام يەنە 20يىلدىن كىيىن 65كىلو گرامغا چۈشۈپ قالسام مىنىڭ ھەجىمىم جەھەتتە ئۆگۈرۈش بولسا ئۇ چاغدا ھەقىقى بوشلۇق ماڭا ماس ئۆزگۈرۈپ ماس ئورون بەرسە ،ھەقەقىقىي بوشلۇق مۇقۇم بولالماي ئۆزگۈرۈپ تۇرغان بولمامدۇ؟ ھەقىقي بوشلۇق تۇراقسىز بولامدۇ؟..يەنە ئارقا كۆرۈنۈش تۇراقسىز چوڭلاپ كىچىكلەمدۇ؟..مەن ماقالىنى قايتا قايتا ئۇقۇپ چىقاي ھازىرچە مۇشۇ سۇئاللار تۇغۇلدى..

كۈچىمىز يەتمىگەنىگە سەل تۇرۋالساق پۇرسەت كىلىدۇ.ئەمما قىلالايدىغان ئىشنى كىچىكتۈرسەك چاتاق .......................

قەبرىنى زىيارەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40518
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5536
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 646 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 01:20:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق  قاسىم سىدىق ئەپەندى بولسا ، مىسرانىم  بۇ  زاتقا سەل قاراپتۇ ..........................؟
قارىغاندا مىسرانىم پەلسەپە دىگەننى قىلچە چۈشەنمەيدىغان ئوخشايدۇ . بولمىسا قاسىم سىدىق ەپەندى مىسرانىم مۇنبىرىدە ئىتبارسىز قارالمىغان بولاتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13425
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 1610 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 03:13:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 03:19:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،ھەقەقىقىي بوشلۇق مۇقۇم بولالماي ئۆزگۈرۈپ تۇرغان بولمامدۇ؟ ھەقىقي بوشلۇق تۇراقسىز بولامدۇ؟..يەنە ئارقا كۆرۈنۈش تۇراقسىز چوڭلاپ كىچىكلەمدۇ؟..مەن ماقالىنى قايتا قايتا ئۇقۇپ چىقاي ھازىرچە مۇشۇ سۇئاللار تۇغۇلدى..
ــــــــــــــــــــــــــــ
ئۇ،مۇتلەق تىنىچ،ئۆزگىرىپ تۇرمايدۇ.ئۇ بىر چەكسىزلىك.چەكسزلىكنى ھەركەت قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۆزگىرىۋاتىدۇ دىيىشكە بولمايدۇ.ئۇنى چوڭ ۋە كىچىك دەپ تەسۋىرلەشكە بولمايدۇ.چۈنكى چوڭ ۋە كىچىك نەرسىلەر ئادەتتە بىزنىڭ نەزىرىمىزدە يەنىلا شەكىلگە ئىگە نەرسىلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.پەقەت مىسال،چۈشەندۇرۇش زۇرۇريىتىدىن بۇنداق گەپلەرنى ئىشلىتىمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-29 03:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32412
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4234
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2011-3-2
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 03:57:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 04:25:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گىرمانىيە ئالىملىرى «قۇرۇت كامىرى»نىڭ ھىچقانداق مۇسبەت ئىنىرگىيە ۋەماددىغا تايانمايمۇ مەۋجۆت بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


德科学家发现虫洞 欲造“银河地铁”穿越时空

据国外媒体报道,来自德国的物理学家小组通过计算发现“虫洞”并不是科幻片的专属,在不需要输入任何负能量的情况下可建立时空“虫洞”。来自德国奥尔登堡大学布克哈德·克雷豪斯(Burkhard Kleihaus)博士认为:打开宇宙中的虫洞甚至不需要正能量,这意味着虫洞可以不依赖于任何物质完成开启,可从“虚空”中诞生。我们可以通过“虫洞”实现时空旅行,瞬间出现在冥王星附近或者距离我们数百万光年的仙女座大星系
تولۇقىنى بۇيەردىن كۆرۆڭ:

http://news.mydrivers.com/1/221/221642.htm

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-29 04:26 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش