بانكا كارتىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ
يېڭى ئۇسۇللىرىدىن ئېھتىيات قېلىڭ...
نۆۋەتتە بانكا كارتىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش دېلولىرى كۆپىيىپ قالدى.
بىرىنچى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش. «ياخشىمۇسىز، بۇ xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى، بىز سىزگە مەھكىمىمىزنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى يەتكۈزدۇق ھەم مەجبۇرىي ئىجرا قىلماقچى، قايتا ئاڭلىماقچى بولسىڭىز 0نى بېسىڭ، تېلېفونىست مۇلازىمىتى كېرەك بولسا 9نى بېسىڭ». بۇنداق تېلېفوننى قوبۇل قىلغان كېشىلەر ھەمىشە تېزلىكتە تېلېفونىست مۇلازىمىتىنى تاللاپ ئەھۋالنى ئېنىقلىماقچى بولىدۇ، تېلېفونىست كارتا ئىگىسىنىڭ توردىن يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى قىلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە U قالقىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، سىز كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا، ئالدامچىلارنىڭ «ياغاچئات» يۇمشاق دېتالى ھېساباتىڭىزدىكى مەبلەغنى يۆتكىۋالىدۇ.
ئىككىنچى، يۇقىرى سوممىلىق قەرز ئويدۇرۇپ چىقىرىش. «سىزنىڭ تېلېفونىڭىز 5000 يۈەن قەرز بولۇپ قالدى، سۈرۈشتە قىلماقچى بولسىڭىز 0نى بېسىڭ». ئەگەر بۇنداق تېلېفوننى تاپشۇرۇۋېلىپ مەشغۇلات كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلسىڭىز، ئۆزىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ ئاتىۋالغانلار سىزنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، سىزگە تور بانكىسى ياكى ئاپتوكاسسا ئارقىلىق مەبلىغىڭىزنى ۋاقتىنچە بىخەتەر ھېسابات نومۇرىغا يوللاش كۆرسەتمىسىنى بېرىدۇ. بۇ يەردىكى ئاتالمىش «بىخەتەر ھېسابات نومۇرى» دەل ئالدامچىلارنىڭ قىلتىقىدىن ئىبارەت.
ئۈچىنچى، تۇتقۇن قىلىش، كېلىشمەسلىك ۋە جىددىي كېسەل نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش. «سىزنىڭ بالىڭىز باشقىلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى، داۋالاش خىراجىتى ئۈچۈن تېزدىن 10 مىڭ يۈەننى بىزگە ئەۋەتىپ بېرىڭ». بۇنداق تېلېفون ئۇچۇرلىرى ئەمەلىيەتتە ئالدامچىلارنىڭ قىلتىقىدىن ئىبارەت.
تۆتىنچى، توردىكى پاراڭلىشىش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش. سىزنىڭQQ دىكى دوستلىرىڭىز تور ئارقىلىق تۇيۇقسىز سىزدىن جىددىي قۇتقۇزۇش، كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن پۇل سورىغاندا ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ. چۈنكى ئالاقىلىشىش قورالىنى ئوغرىلاپ، دوستلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچتىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قېلىش دېلولىرى يېقىندىن بۇيان كۆپىيىپ قالدى.
بەشىنچى، ئايروپىلان بېلىتى، سۇغۇرتا تور بېكەتلىرىنى ئويدۇرۇپ چېقىرىش.
ئىستېمالچىلار بىر قىسىم مال سېتىۋېلىش، بېلەت سېتىۋېلىش تور بېكەتلىرىنىڭ توردا پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بايقىغاندا، تور بېكىتىدە قالدۇرۇلغان خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىدۇ. «خېرىدارلار مۇلازىمەتچىلىرى» سىزگە مال پۇلى ياكى بېلەت پۇلىنى بەلگىلەنگەن ھېسابات نومۇرىغا كىرگۈزۈش توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇمۇ بىر ئالدامچىلىق.
قانداق قىلغاندا ئالدامچىلارنىڭ قىلتىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسەتمىسى تۆۋەندىكىچە:
كارتا بېجىرىش ھالقىسىدا خەتەردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. كارتا ئىلتىماس قىلغاندا ئالدامچىلارنىڭ كارتا ئىگىسىنىڭ يان تېلېفون نومۇرى، كىملىك نومۇرى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، كارتىنى ئېچىپ ئالدامچىلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
كارتا مەخپىي نومۇرىنى بېكىتكەندە ياكى مەخپىي نومۇرنى سۈرۈشتە قىلغاندا تۇغۇلغان كۈن، تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئاسان بايقىغىلى بولىدىغان نومۇرلارنى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قېلىش كېرەك.
مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىلىرى ياكى ئۇلىنىشلارنى قوبۇل قىلغاندا، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئاچماسلىق ياكى توردىن چۈشۈرمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇلارنىڭ ئالدامچىلار بانكا كارتىسى ئۇچۇرىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان «ياغاچئات» پروگراممىسى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە ردىيو تورى...
تەپسىلىي ئادىرىسى :http://www.uycnr.com/fw/xfl/201111/t20111113_161817.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-29 02:31 AM