مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2062|ئىنكاس: 47

سۇرىيە مەسىلىسىدە نىمىشقا غەرب ئىزچىل تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شان-شەرەپ مال-دۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12687
تۆھپە نۇمۇرى: 1437
توردا: 3716 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 10:47:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇرىيە مەسىلىسىدە غەرب ھەدەپ دىمكىراتىيە شۇئارىنى توۋلاۋاتىدۇ ھەم كۈرۈنىشتە خەلق تەرەپتە تۇرغاندەك بولدى ، ئۆكتىچىلەر بولسا ھەر ئاماللار بىلەن بەشەر دەھرىي ھاكىميىتىنىڭ غەرب بىلەن سولھى قىلىپ ۋەزىيەتنىڭ يامان تەرەپكە ئۆزگىرىپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ، ئەھۋال شۇنداق تەرەپكە كىتىپ بارغانلىقنىمۇ گۇماندىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ .بۇ يەردىكى مەسىلە ئۆكتىچى كۈچ زادى كىم ئۇلار كىمنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ،غەربنىڭ نەزىرىدىكى ئۆكتىچى قانداق بۇلىشى كىرەك ،مانا بۇ ۋەزىيەتنىڭ قايسى تەرەپكە قاراپ بۇرىلىشتىكى مۇھىم ئامىل .
بەشەر ئاساد ئۆز مەۋقەيىسدە تۇرۇپ غەرب بىلەن كوفى ئانناننى ۋاستا قىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بۇلىشى مۇمكىن غەرب ھەم ئەرەب ئەللەر ئىتتپاقى سۇرىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ كونتىروللىقدىن چىقىش كىتىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ ، غەربنىڭ ھازىرقى ئەندىشسى باشار ئەسەد بولماستىن بەلكى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى، ھازىرقى كۈچلۈك سىياسىي ئاساسقا ئىگە بولغان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىسلام قېرىنداشلار تەشكىلاتىدىن تەشكىل تاپقان،  بۇ سىياسىي گەۋدە مەيلى ئىران ئۈچۈن بولسۇن ياكى ئىسرائىل ئۈچۈن بولسۇن ئىنتايىن خەۋپلىك دەپ قارىلىدۇ نەچچە ئون يىللىق باستۇرۇش ۋە چەكلەش بۇ تەشكىلاتنى ھەممىگە بۇي ئەگمەيدىغان كۈچ قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىققاندەك قىلىدۇ ، غەرب مسسىردىكى ئىسلام قېرىنداشلار تەشكىلاتنىڭ مىسىردىكى پارلامىت سايلىمىدىكى غەلبىسىدىن ئانچە مەمنۇن ئەمەس ئىسلام قېرىنداشلار تەشكىلاتى سۇرىيەدە بەلكىم مىسىردىكىدىنمۇ چوڭراق غەلبە بىلەن تەختكە چىقىشى مۇمكىن بۇ ئەھۋال ئىسرائىلنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ خاماس ئىسلام قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ بىر تارمىقى مسىر ۋە سۇرىيەدە ئىسلام قېرىداشلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىك ئورنىغا چىقسا بۇ پەلەستىن مەسىلىسىدە غەربكە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كىلدۇ ،ئەرەب ئەللىرىمۇ بۇخىل ۋەزىيەتنى كۈرۈشنى خالىمايدۇ باشار ئەسەد ئىراننىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەرەب ئەللىرى سۇرىيەدە ھاكىميەت ئالمىشىشنى تەشەببۇس قىلماقتا ، ئىسلام قېرىنداشلار تەشكىلاتى سەئۇدىي باشچىلىغىدىكى ئەمىرلىك دۆلەتلەرگىمۇ تەھدىت ھىسابلىنىدۇ .
غەرب ئامالنىڭ بارىچە ۋەزىيەتنى يەمەن شەكلىدە ھەل قىلىشنى خالايدۇ بەلكىم ۋەزىيەت ئاخىرىدا شۇنداق ھەل بۇلىشى مۇمكىن ، غەرب ئۈزىگە ماس دەھرىي دىمكىراتىيە يۇلىنى تۇتقان ئىسرائىل ھەم ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى غەربنى دوس تۇتىدىغان سۇرىيە ئۆكتىچىلەر گوروھىنى ئىزلەۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ، ھەممە دۆلەتتكى ھۈكۈمرانلار سۇرىيە  خەلقنى ئەمەس بەلكىم سۇرىيەدىكى مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ سۆزلەۋاتىدۇ ، روسىيە، جۇڭگۇ ، ياۋرۇپا،ئامېرىكا ، تۈركىيە ،ئىران كىم ئىسلامنى سۇرىيە خەلقىنى ئويلىدى باشار ئەسەد دۆلەت داھىيسى ئۈزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىميىتىنى نىجات شىئەلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تۈركىيە ئىراننىڭ يىتىم قېلىشىنى ئىسرائىل ئەربلەرنىڭ ئاجىزلىشىشنى ئامېرىكا ئۈزىگە قارام ھۈكىمەتنى روسىيە ئەبجەق قۇراللىرىنىڭ خىرادىرىنى جۇڭگۇ ھۈكۈمرانلىق شەكلىنى  قاتارلىق مەنپەئەتلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا .
مەنبە . مەن ، بۇ پەقەت بىر شەخسىي كۈزۈتۈش بۇنىڭغا ھەممەيلەن ئۆز پىكرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويساق بۇلىدۇ .
ھۈكۈمدارلار دەستۇرىدا شۇنداق بىر بايان بار -مەنزىرە سىزىدىغان رەسسام چۇققىلار ۋە ئىگىزلىكلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكنى پەستە تۇرۇپ كۈزىتىدۇ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   altun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-28 11:05 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 830
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 1333 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 11:37:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سۈرىيە ئۆھتىچىللىردە مۇسۇلمان قىرىنداشلار تەشكىلاتنىڭ قۇلى بارلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن  بۇنداق ئەھۋالدا غەرىپ ئەللىرى بەشىر ئاساد ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىنى ئۆھتىچىلەرنىڭ تارتىۋىلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ ،چۈنكى مىسىردىكى ھۆكىمەت ئالمىشىشتا بۇ تەشكىلاتنىڭ كۆپ ئاۋازغا ئىرىششى ئىسرائىلىيە ئامىرىكا غەرىپ ئەللىرىنى ئەندىشىگە سالغان چۈنكى بۇ تەشكىلاتنىڭ تارىخى ئۇزۇن ئىدىيىسى غەرىپەك قەتئي قارىش تۇرۇش،ئىسلامنى كۈچۈيتىش بولغاچقا ئەلۋەتتە غەرىپ ئەللىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ ھۈكمىرانلىق ئورنىغا چىقىشنى خالىمايدۇ،تەھلىلىڭىز ھەقىقەتەن توغرا بوپتۇ ،ئەتىراپىدىكى باشقا دۆلەتلەر ھەقىقى ئىسلامنى دىمەيدىغانلىقىمۇ راس بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خەلىفە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-28 11:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3673
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 11:44:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئۆكتىچىلەرنى بەكرەك قوللاۋاتقىنى ئامىركا بىلەن تۈركىيە . باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بولسا بىر كۆزىنى قىسىۋالدى ، لىۋىيەدە ئاتنى بولىشىغىچە چاپتۇرغان فىرانسىيەمۇ ، ئۆزى شۇنچە چىقىم تارتىپ تىكلىگەن يېڭى لىۋىيەنىڭ ئۆزىدىن بەكرەك تۈركىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بۇ قېتىم ئانچە كارى بولمىدى. تېما ئىگىسىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى يارىدى ، بولۇپمۇ ھەممىسى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن دىگەن گېپى ، ئۆتكەندە ئېران ئەڭ ئۇستا مەرگەنلىرىنى سۈرىيەگە كىرگۈزۈپ نامايىشچىلارنى مەخپىي ھالدا ئۆلتۈرۈپتۇ دەپ ئاڭلىغان.
ئىشقىلىپ ھازىرقى سۈرىيە ھاكىميىتى غولاپ چۈشىدىغانغا كۆپ ۋاقىت قالمىغاندەك قىلىدۇ ، سۈرىيەنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەدىكى چوڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى تۈركىيەگە قېچىپ كىلىۋاپتۇ ، بۇ پېتى مېڭىۋەرسە چەتئەل كۈچلىرى ئارلاشمىسىمۇ سۈرىيە ئازاد بولىدىغان چىراي

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 11:47:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەھلىلىڭىز نىڭ  ئىلمى  ئاساسى  بار  .  مەن  مۇ سىز ئويلىغاندەك  ئويدا ...زادى بۇ يىلىمىكرىگە  تولغان  دۇلەتلەر ئۆزمەنپەتى  ئۈچۇن  بى گۇنا   پۇقرالارنىڭ جېنىغىمۇ تەھتىت  سالماقتا....بەشىر نىمىشقا مۇشۇنداق قىلدىغاندۇ ،،،،خەلىقتىن  ئايرىلىپ قېلىپ  قانداق  تەخىت سورايدۇ  دەيمەن  بۇمەلئۇن  .خەلقىنىڭ ئۈلۇپ تىرلىشى  بىلەن كارى  يوق  ئەبلەخكەن بۇ  

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

فېدىراتسىيە ئالاھىدە قىسمىدىن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77326
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2012-3-12
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 12:10:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ye ye ye ... ~  样子 ~ Sez Den ~ 动作 ~ Bez Den ~ Bo LaM 。 Mi SaNG 。 滚撒

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5272
تۆھپە نۇمۇرى: 274
توردا: 5903 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 12:42:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز مۇنبەردە مۇنازىرە قىلىپ تۇرغان مۇشۇ دەقىقىلەردە بەشىر دىگەن ئەبلەخ ئوباما قارىم بىلەن قەھۋە ئىچىۋاتامدۇ تىخى...
سىياسى دىگەنگە بىر نىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ.

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77241
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 327
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 01:17:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى تەشكىلات يالغۇز مۇسۇلمان قىرىنداشلىق تەشكىلاتىلا ئەمەس، دېمۇكراتىيىلىك ئىسلاھات ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىتتىپاقى ۋە كوردلارمۇ بار، سۈننىي مەزھەپنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان قىرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن زىيالىيلارنى ئاساس قىلغان دېمۇكراتىيىلىك ئىسلاھات ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىتتىپاقى تەشكىلاتى كۈچ ۋە تەسىر دائىرىسى جەھەتتە بىر-بىرىدىن قىلىشمايدۇ.
سۈرىيەدىكى كوردلارنىڭ سانى بىريىرىم مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردىن پەرقلىنىدىغان تەرىپى، شۇنداقلا سۈرىيەدىكى خرىستان، ئەرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىدىغان تەرىپى ھەر قايسى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئاپتونومىيە ۋە فىدىرال رايون قۇرۇش تەلەپلىرىدىن ئىبارەت.
ھازىرقى ئورتاق دۈشمەن ئالدىدا ھەرقايسى تەشكىلاتلار مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ جەڭ قىلىۋاتقىنى بىلەن، بەشار ئاساد ھاكىمىيىتى غۇلاپ چۈشسە، سىياسىي تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۆرىشى بولۇش ئىھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قىقىشقا بولمايدۇ.
سۈرىيەنىڭ ئەرەپ ئەللىرى ئىچىدىكى ھەربىي كۈچى مۇھىم دۆلەت بولغانلىقى، ھەمدە ئىران بىلەن روسىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېركىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى، لېۋىيە مەسىلىسىدىكىدەك كەسكىن بولالمايۋاتىدۇ، پۇرسەت پىشىپ يىتىلمىگەندە قىلىنغان ھۇجۇم ئامېركىنى ئويلىمىغان چىقىملارغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن، ھەمدە سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ لېۋىيە ئۇرۇشىدەك ئۇنداق ئاسان ھەم تىز ئاخېرلىشىشى ناتايىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋىر قىلىپ ساقلاش ئارقىلىق ھەرقايسى ئەرەپ ئەللىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كىرەك، بەشار ئاساد تېخىمۇ ھەددىدىن ئىشىپ، زوراۋانلىق قىلمىشلىرى چىكىگە يەتكەندە، ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تەبىئىيلا ئۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش خاھىشى تۇغۇلىدۇ، مانا مۇشۇنداق پەيىتتە ئامېركا بۈركۈتى سۈرىيە ئاسمىنىدا بەخىرامان ئۇچۇپ يۈرۈپ ئوۋچىلىق قىلالايدۇ، كىيىنكى باش ئاغرىقى ۋە قارشىلىق سادالىرى ئازراق بولىدۇ.
لېۋىيە مەسىلىسىدە فىرانسىيە ئاۋانگارت ئورۇندا بولغىنىغا ئوخشاش، سۈرىيە مەسىلىسىمۇ بىر ئاۋانگارتقا مۇھتاج، بەلكىم سۈرىيە مەسىلىسىدە ئاۋانگارت ئورۇنغا تۈركىيەدىنمۇ ياخشىراق نامزات بولمىسا كىرەك، تۈركىيەنىڭ ئاۋانگارت ئورۇنغا چىقىشى ئامېركا ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئەرەپ ئەللىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشى ئاسانلىشىدۇ، ھەمدە تۈركىيەنىڭ سابىق دۈشمىنى بولغان ئىراننىڭ تەسىر كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، چۈنكى شىئەلەر ھاكىمىيەت تۇتۇۋاتقان سۈرىيەنىڭ يىقىلىشى ئىراننىڭ بىر قانىتى سۇنغانلىقى بىلەن باراۋەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-29 01:53 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
orkixi + 10 ئەتراپلىق تەھلىل بوپت.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

باشقىلارنىڭ  تەلىپىنى ئاسانلا رەت قىلىۋەتمە، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەڭ ئاخىرقى چىقىش يولى بوپ قىلىشى مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 751
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 01:27:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىرنىمە دىيەلمىگىدەكمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 09:54:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرىيە دىكى توپىلاڭ پات ئارىدا بىسىقىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 09:57:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەشىر ھاكىمىيىتىنى قوللايمەن نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا قىلغان شەپقىتىنى بىلەلمىدى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش