تەرجىمان ئىلاۋىسى :
ئاي شارىدا ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئايدىن يەر شارىغا قارىسا مەككە مەدىنە شەھىرى نۇرلۇق كۆرۈندى
دىگەندەك ئۆسەكلەر تاراپ يۈرگىنى خېلى يىللار بولدى، شۇ سەۋەپتىن مۇنۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم ، كۆپچىلىكنىڭ خۇراپاتلىقتىن يىراق تۇرۇپ، خۇنۇك ئىددىيىگە قارشى تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
--------------------------
سۇنىتا ۋىليام (1965-يىلى 19- مىزاندا تۇغۇلغان ) ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دېڭىز ئارمىيە ئوفىتىسېرى ۋە ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى ،خەلقئارا ئالەم بوشلۇق پونكىتىنىڭ 14-قېتىملىق ئالەم قېدىرىش ئەزاسى بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە 15- قېتىملىق تەكشۈرۈشكە قاتناشقان . ئۇ ئاياللارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئەڭ ئۇزۇن (195كۈن )تۇرۇش رېكورتىنى ياراتقان
دادىسىنىڭ ئىسمى دېپاك پاندىيا(ھىندى )، ئانىسى بوننىي پەندىيا (كاتولىك) ، ئۆزى بولسا گانېشا مۇرتى (پىل باشلىق ئىلاھ)
پىل باشلىق ئىلاھ
ئىمان ئېيتىش ۋەقەلىرى ئىنتېرنېت ئالىمىدە 3 خىل ئاقما خەۋەرلەرمەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقتەكىتلەنگەن ۋەقە« بۇ ئۇچقۇچىنىڭ ئاي شارىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھىندى دىنىدىن ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىدىن» ئىبارەتتۇر، بۇ ئاقمىلار توربەت، مۇنبەر، بلوگ،ئېلخەت، يانفۇن ئۇچۇر ..قاتارلىق تاراتقۇلاردا تاراپ يۈرىۋاتىدۇ .
بىرىنجى خىلدىكى خەۋەرلەر : سۇنىتا ۋىليام ( ئالەمبوشلۇقىغا تۇنجى كىرگەن ھىندى ئايال ) ئىسلامغا كىرگەن ، سەۋەبى : ئۇلار ئاي شارىدىكى چاغدا، تېلېسكوپ ئارقىلىق يەرشارىغا قارىغان بولۇپ، پۈتكۈل يەر شارىنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىكەنلىكىنى پەقەت ئىككى ئورۇننىڭ يورۇق ( نۇرلۇق) ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئورۇننىڭ مەككە ۋە مەدىنە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىسلامغا كىرگەن ، ماشا ئاللا !!!
ئىككىنجى خىلدىكى خەۋەرلەر : سۇنىتا ۋىليام ، 2007- يىلى 2- چىللە كۈنى ئاي شارىغا چىققان تۇنجى ھىندى ئايالنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار ئايدىن يەر شارىغا قارىسا ، يەرنىڭ ناھايىتى قاراڭغۇلۇق ئىكەنلىكىنى پەقەت ئىككى جاينىڭلا نۇرلۇق ئىكەنلىكىنى، تېلىسكوپ بىلەن ئىنچىكىلەپ تەكشۈرسە، مەككە ۋە مەدىنە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ، ئۇندىن باشقا ئۈن قوبۇللىغۇچتىن يەنە ئەزان ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىغان . ماشا ئاللا!!!
ئۈچىنچى خىلدىكى خەۋەرلەر : مۇسۇلمانلار ئۈچۈن رىغبەتلىك خەۋەر .... ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ قايتىپ كەلگەن سۇنىتا ۋىليام ئىسلامغا كىرگەن ، چۈنكى ئۇلار ئالەم بوشلىقىغا يەر شارىنىڭ قاراڭغۇ كۆرۈنگەنلىكىنى پەقەت ئىككى جاينىڭلا نۇرلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ، بۇ ئىككى جاينىڭ مەككە ۋە مەدىنە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان . بۇ ۋەقە ئۇلارنىڭ ئىسلامغا كىرىشىگە سەۋەپ بولغان . ئەلھەمدۇلىللا (ئالەمنىڭ ئىگىسى ) ئۇلارنى ئامان قىلغايسەن ، سۇبىھانە ئاللا، مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن پەخىرلىنىڭلار ...
بۇ ئۆسەكلەرگە رەددىيە ئىسپاتى :
ۋىليام خانىم ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ، ئايغا ئەمەس ، ئەڭ ئاخىرقى ئايغا چىققۇچى1972- يىلى 7- كۆنەكتە ئايغا قونغان ئاپوللو 17 نومۇرلۇق ئۇچاق بولۇپ ، ئايدا ئەڭ ئاخىرقى ئىز قالدۇرغا كىشى يۇگىن كېرنان .
بۇ ئايالمۇ بىرىنجى بولۇپ ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەن ھىندى ئايال ئەمەس ، ئامېرىكىلىق ھىندى ئۇچقۇچى كالپانا چاۋلا ئالەم بوشلۇقى غاكىرگۈچى ھىندى مىللىتىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
خۇلاسە :
سۇنىتا ۋىليام ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەن تۇنجى ھىدى ئەمەس، ئۇ ئايغامۇ چىققان ئەمەس، ھەتتا ئۇ ئالام بوشلۇقىدىكى چاغدا يەنىلا شۇ گانېشا ( پىل باش ئىلاھ) ئۇنى قوغدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، يەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ، يەنىلا شۇ گانېشا (پىل باش ئىلاھ) نى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان .
پاكىتلارنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك ، بۇ تارقىلىپ يارگەن خەۋەرلەرنىڭ سۇنىتا ۋىليامنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىك ۋەقەسىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات تاپالمايمىز،
ئالەم بووشلۇق پونكىتغا ئۇچۇش ۋاقتىدا ، سۇنىتا ۋىليام بخاۋاد گىتا ( ئىلاھ مەدھىيىسى)كىتاۋىنى ۋە كىچىك بىر تال گانېشا (پىلباش ئىلاھ) ھەيكىلىنى ئېلىپ ماڭغان ، 2007- يىلى 22- سەپەر كۈنى يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىك ھىچ بىر ئالامەتلىرى بايقالمىغان ،ئەمىلىيەتتە ئۇ يەنىلا ئۆزىنى گانېشا (پىل باش ئىلاھ) ئىلاھى قوغداپ تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئېيتقان .
ئەلھەمدۇلىللا،ئىسلام دىنى سۇنىتا ۋىليامدەك بىرەر شەخىسنىڭ « ئىسلام دىنى دۇنيادىكى ھەقىقى دىن» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك ئەمەس، ئاللا مۇھەممەد پەيغامبەر ( س ئە ۋ ) گە ئىسلامنىڭ ھەقىقى دىن، بىز بولساق ئەڭ ياخشى ئۈممەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىقان ، مۇشۇ يىتەرلىك .
بۇنداق يالغان ئۆسەكلەرنى تارقاتقان كىشىلەرگە رەددىيە بېرىپ ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق كۇناھكار بولۇشىنى توسايلى .
مەنبە:
http://www.mediamugint.com/news-current-events/nasa-astronaut-sunita-williamsconverted-islam-reality/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-28 06:46 PM