مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 458|ئىنكاس: 3

ئالبېرىت ئېينىشتىيىن:كەڭ مەنىلىك نىسپيلىك نەزەرىيىسىگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 11:29:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەڭ مەنىلىك نىسپيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساس بولغان بوشلۇق قۇرۇلمىسى

-«تار مەنىلىك ۋە كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە»نىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى 14-نەشىرى (1946-يىل) ئىلاۋىسى

ئالبېرىت ئېينىشتىيىن

بۇ كىتاپچىنىڭ تۇنجى نەشىرى تارقىتىلغاندىن بويان، بىزنىڭ پۈتكۈل بوشلۇق قۇرۇلمىسىى (ئالەمشۇناسلىق مەسىللىرى) ھەققىدىكى بىلىملىرىمىز زور تەرەقىياتلارغا ئېرىشتى، بۇ مەسلە ھەققىدىكى ئاممىباپ بىر ئەسەردىمۇ بۇ خىل تەرەققىيات تىلغا ئېلىنغان.

مېنىڭ ئەسلىدىكى ئوي-خىياللىرىم تۆۋەندىكى ئىككى پەرەزنى ئاساس قىلغان ئىدى:

پۈتكۈل بوشلۇق ئىچىدە، ماددىنىڭ ئوتتۇرچە زىچلىقى تەكشى بولۇپ، ئۇ ھەممە يەردە ئوخشاش بولىدۇ، بىراق نۆلگە تەڭ بولمايدۇ.

بوشلۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى (رادىئوس)نىڭ ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى پەرەز زىددىيەتلىك ئەمەس، بىراق، پەقەت بىر پەرەزنىڭ ئەزاسىنى مەيدان تەڭلىمىسىگە ئېلىپ كىرگەندىلا شۇنداق بولىدۇ، بىراق بۇ ئەزانى نەزەرىيەنىڭ ئۆزى تەلەپ قىلغان ئەمەس، شۇنداقلا نەزەرىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇ تەبىئىي بولغان «مەيدان تەڭلىمىسىدىكى ئالەم ئەزاسى»گىمۇ ئوخشىمايدۇ.

مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قارىشىمدا پەرەزدىن ساقلانغىلى بولمايتتى، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا مەن ئەگەر ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ئايرىلسا، تېگى يوق خىيالغا چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ قارىغان ئىدىم.

بىراق 20-يىللاردا، روسىيە ماتېماتىكى فىرىدىمان ئوخشاش بولمىغان باشقا بىر پەرەزنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ئۇ،
نۇقۇل نەزەريىۋىي نۇقتىدىن قارىغاندا تولىمۇ تەبئىي كۆرىنەتتى. ئۇ ئەگەر كىشىلەر پەرەز
دىن ۋاز كېچىپ، ئاشۇ بىر قەدەر تەبئىي بولمىغان ئالەم ئەزاسى تارتىش كۈچى مەيدان تەڭلىمىسىگە تارتىپ كرىلسە، پەرەز
نى ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ ھالدا، ئەسلىدىكى مەيدان تەڭلىمىسى مۇشۇنداق بىر «ئالەم رادىئوسى» ھەر قاچان «كېڭەيگەن ئالەم»گە ئۆزگىرىشنىڭ يېشىمگە يول قويىدۇ. شۇ مەنىدىن قارىغاندا، فېرىدىماننىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئاساسەن، كىشىلەر :بۇ نەزەرىيە بوشلۇق كېڭەيگەن بولىدۇ دېگەننى تەلەپ قىلىدۇ، دېيەلەيدۇ.

بىر قانچە يىلدىن كېيىن، ھۇببلى سامانيولى سېستىمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار تۇمانلىغى («سامان يولى سېستىمىسى»)نى مەخسۇس تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلار تارقاتقان بارلىق سېپىكتىر سىزىقلىرىدا بىر خىل قىزىلغا سىلجىش كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، بۇ قىزىلغا سىلجىشنىڭ يۇلتۇزلار تۇمانلىقىنىڭ ئارلىقىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ قانۇنيەتلىك يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. بىزنىڭ ھازىر بار بولغان بىلىملىرىمىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇ پەقەت دوپلېر پىرىنسىپى بويىچە بولغاندا پۈتكۈل يۇلتۇزلار سېستىمىسىدىكى بىر خىل كېڭىيىش ھەركىتى بولۇپ- فىرىدىماننىڭ نەزەريىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇنداق ھالەتنى دەل تارتىش كۈچى مەيدان تەڭلىمىسى تەلەپ قىلدۇ. شۇڭا، ھۇببىلىنىڭ ئىختىراسىنى مەلۇم دەرىجىدە بۇ نەزەرىيىنڭ بىر خىل ئىسپاتى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

بىراق بۇ يەردە تەسەۋۇر قىلىشقا بولمايدىغان بىر خىل قىيىنچىلىق بار. ئۇ بولسىمۇ ھۇببلى بايقىغان تۇرغۇن يۇلتۇز سېستىمىسى سېپىكتىر سىزىقلىرىنىڭ سىلجىشى بىر خىل كېڭىيىشنى چۈشەندۈرىدۇ (نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بۇ شەك-شۈبىھىسىز)، شۇڭا بۇنىڭدىن بۇ خىل كېڭىيىشنىڭ باشلىنىشى تەخمىنەن «پەقەت» 109
يىل ئىلگىرى ئىكەنلىكىگە ئېرىشكەن. بىراق ئاسترونومىيە فىزىكىسى: يەككە يۇلتۇز بىلەن يۇلتۇز سېستىمىسىنىڭ تەرەقىياتى ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىت بۇنىڭدىن ئۇزۇن بولىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بىلىپ بولمايدۇ.

مەن يەنە بىر ئېغىز سۆزلەي: بوشلۇقنىڭ كېڭىيىىش نەزەرىيىسى ئاستورونوملارنىڭ تەجىرىبە سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن بىردەك بولىدۇ، (ئۈچ ئۆلچەملىك) ئالەمنىڭ چەكسىز ياكى چەكلىكلىكىنى بېكىتىشكە ئامال يوق، بىراق ئەسلىدىكى «تىنىچ ھالەت»تىكى بوشلۇق پەرىزى بوشلۇقنىڭ يېپىق (چەكلىك) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىزاھات:

①بۇ ئېينىشتىيىن يازغان «تار مەنىلىك ۋە كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە»نىڭ تۆتىنچى ئىلاۋىسى بولۇپ، كىچىك ماۋزودا چۈشەندۈرۈلگىنى «32-پاراگىرافنىڭ تولۇقلىمىسى». بۇ كىچىك ماۋزو بەلكىم ئېنگىلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى 14-نەشىرى (1946-يىل)دا قوشۇلغان بولىشى، يېزىلغان ۋاقتى 1945-1946-يىللار بولىشى مۇمكىن. بۇ ماقالە بۇ كىتاپنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى 17-نەشىرى (1957-يىل)، 133-134-بەتلەردىن ئېلىندى.

ئېينىشتىيىن ئەسەرلىرى توپلىمى1-توم، 423-424-بەتلەر



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 03:14:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
⑵بوشلۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى (رادىئوس)نىڭ ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

ــــــــــــــــــــــــــــــ-
مانا بۇ ئەڭ خاتا يەكۈن،كىيىن ھوببېىلى «ئېينىشتىيېنچە بوشلۇق»نىڭ تورغۇن ئەمەسلىگىنى،ئاتالمىش«ۋاقىت »بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگنى ئىسپاتلاپ چىقتى.ئېينىشتىيېن ئۆزىمۇ بۇنى «ئۆمرۆمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىغىم»دىدى،لىكىن «ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۆت ئەمەس»دىگەن كۆز قارىشىغا تۆزىتىش كىرگۆزمىدى.ئەمدى ھەقىقى بوشلۇقنىڭ مەۋجۆتلىگى ئىسپاتلانماقتا.لىكىن بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىز ئېينىشتىيېنگە مۇۋاپىق بولغان تەنقىدى نەزەر بىلەن قارىيالمايۋاتىدۇ.

www.kapsizbala.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6216
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11355
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 2268 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 03:16:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېينىشتىيىننىڭ تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى ئېلان قىلىپ 10 يىلغىچە چۈشىنىدىغانلارنىڭ سانى 20 گە يەتمەيدۇ ```
مەنمۇ خېلى ئوقۇغان لىكىن چۈشىنىش دەرىجىسىگە يىتەلمىدىم ````
ئاڭلىسام ئېينىشتىيىننىڭ بۇ نىسپىيلىك نەزەرەيسىنى بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز تەتقىق قىلىپ خېلى بىر ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانمىش ،،،شۇنى بىر دەپ بەرگەن بولساڭلار ``````

www.kapsizbala.com
ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 03:44:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىسام ئېينىشتىيىننىڭ بۇ نىسپىيلىك نەزەرەيسىنى بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز تەتقىق قىلىپ خېلى بىر ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانمىش ،،،شۇنى بىر دەپ بەرگەن بولساڭلار ``````
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ماۋۇ تېمىلارنىڭ ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك ئۆچۆرلار بار:


كلاسسىك فىزىكا ۋە ھازىرقى زامان ئاساسىي فىزىكا نەزەرىيلىرى دۇچ كەل كەلگەن خىرىس

ــــــــــــــــ كۆتۆلمىگەن بىر تەجىرىبە نەتىجىسىدىن دوكىلات
http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2854


شەكىل نەزەرىيسى تەقەززالىغىدىكى يېڭى فىزىكا

http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2857

مەشھۇر ئۈچ تەجرىبە ۋە 29-تېئورىما تەجرىبىسى ئۈستېدە سىلىشتۇرما تەتقىقات
http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2855


تەجىرىبە ئىشلەشنىڭ ئالدى- كەينىدە


http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2858&extra=


«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى

http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2856&extra

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-28 03:46 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش