مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 198|ئىنكاس: 2

قامەتلىك چىنار (نەسىر ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5582
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 1056 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 02:49:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                         قامەتلىك چىنار  
                                                       نەسىر   

     ئالەم كىمىسىدە ئولتۇرۇپ ئالەم ئاراللىرىنى ئايلىنىۋاتقىنىڭزدا ، تەپەككۇر كۆزىڭىز بىلەن يەر شارىغا نەزەر سالسىڭىز ئانا ۋەتەننىڭ مۇھەببەت باغچىسىدا ياپراقلىرى ئالتۇندەك پاقىراپ تۇرغان قامەتلىك چىنارنىڭ گۈزەل ئوبرازى قەلىپ ئىكرانىڭزدا نامايەن بولىدۇ .
      ئەنە قاراڭ ! ئۇنىڭ  كۆك بىلەن بوي تالاشقان تاغ چوقۇللىرى قوياش نۇرىدا ئالتۇندەك پاقىراپ يىراق- يىراقلارغا نۇر چاچماقتا. ئۇنىڭ باغرىدا ئۆسكەن گۈلگۈن چىچەكلەرنىڭ خۇش-پۇراقلىرىدىن ھەر بىر پاك يۈرەك ھوزۇرلانماقتا.  ئەزىم دەريالىرى ئۆركەشلەپ ئاقماقتا. رەڭگارەڭ گۈل- چىچەكلەر بىلەن تولغان گۈزەل باغلىرىدا بۇلبۇللار ناۋاسى ياڭرىماقتا.
       تۇپراقلىرى مۇنبەت، ئۈستىدە ھەر بىر گىيا خۇشپۇراق چاچار، ئاستىدا ئالتۇن يالتىرار. ئۇ چىنار  ئۆزىدىكى تۈمەنمىڭ خىسلەتلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىگە مىڭ سۆيىنەر .ئۆزىدىن پەخىرلىنەر، ئۆزىنى دۇنيادا تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ھىس قىلار. يۈرەك شادلىغى تومۇر -تومۇرلاردا ئۇرغۇپ تۇرار.
      ئەنە ئۇ چىنار مۇشۇ گۈزەل ئانا تۇپراقنىڭ باغرىدا نەچچە مىڭلىغان سەھەر -ئاخشامنى ،باھار -زىمىستاننى ئالماشتۇرۇپ ھەر بىر  ئىزىدىن قىممەت، سۆزىدىن ھېكمەت، خىسلىتىدىن ھۆرمەت تاپتى . ئۆزىنڭ مۇقەددس ئوبرازىنى ئالەمگە نامايەن قىلدى .
     ئەنە قاراڭ! ئۇ چىنار ھەممە تەرەپتىن ھامان مەزمۇت تۇرۇپ قوياشقا باقماقتا، قوياشمۇ ئۆزىنىڭ چەكسىزيورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقىنى چىنارغا چاچماقتا.
                ئاپتۇرى ؛ مەخەت ئابدۇرېھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73851
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 11:28:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز مۇئەللىم . مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى ئايماي يوللاپ تۇرارسىز. ئەينى ۋاقىتتا دەرسىڭىزنى ئاڭلىغان سىمايىڭىز كۆزئالدىمدا يەنە بىرقىتىم نامايەن بولىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76746
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 924
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 08:32:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نەسىرنى مەنمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم ئېسل دەبدەبلىك ئەدەبىي سۆزلەرىن يىراق ،ناھايتى ساپ ھەم يېقملىق تىل بىلەن يېزلپتۇ،رەخمەت ئۇستاز

سەن مەنپەت ئۈچۈن ياشساڭ ،مەن ئادىمىيلك ،ئىنسانيى پەزلەت ئۈچۈن ياشايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش