يىقىندىن بۇيان خىزمەت يۇقۇلاڭ ئىشلار بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى .شۇڭا بىكاردىن چارچايدىغان بۇلۇپ قالدىم.نىرۋام سەل قالايمىقان خۇددى ساراڭدەكلا.نۇرۇز كۈنى كەچتە كۆرگەن چۈشۈمنى كۆرۈپ نىرۋامنىڭ چاتاقلىقىغا ئاندىن ئىشەندىم. قىزىقسىڭىز ئۇقۇپ بېقىڭ..چۈشۈمنى بايان قىلاي، ئەمسە باشلاپ كەتتىم.
ھۆرمەتلىك تىلۋىزۇر كۆرگۈچىلەر خەۋەرلىرىمىزنىڭ مۇھىىم مەزمۇنىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز.
1.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى ئەيدىس كىسىلىنىڭ داۋاسىنى تاپتى. ئويغۇر
تىبابەت دوختۇرخانىسى شنىجاڭنىڭ ئەيدىز ماكانى بولىشىدەك ئەۋزەللكىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ كۆپ قېتىم
تەجرىبە ئىشلەپ ئاخىرى ئەيدىز ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.بۇ ۋاكسنىنى ئەملىگەن چاغدا ئاغرىق سىزىمى بولمايدىكەن.كىچىك بالىلارغا ئۇرسىمۇ چىقراپ يىغلاپ كەتمەيدىكەن.ھەمدە مەزكۇر دوختۇرخا
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى دوختۇرخانىلىرىغا ھەقسىز بىر نەپەردىن خادىم تەربىلەپ بىردىكەن .تەربىللەنگۈچىلەر شەرتى -ئۇلار چۇقۇم ئۇيغۇرتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھاندىن 9دەرىجىدىن لاياقەتلىك بولغان
بۇلۇشى.ھەمدە ئۇيغۇر تىلىدا يازغان ئىلمى ماقالىسى ئېلان قىىلىنغان بولىشى كېرەك.تۆت سوڭلۇق رەسمدىن 4
پارچە،يەنە بارلىق ئۇقۇش تارىخىي ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇرۈمچىگە كىلىپ
مەزكۇر دوختۇرخانىغا تىزىمغا ئالدۇرشى كىرەك.كىچىكىپ قالغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى كىلەر يىللىق تىزىملاش
نى كۈتۈپ تۇرغاي. تۈۋەندە مەزكۇر دوختۇرخاندىن بىر كۈرۈنۈش:
1.
2.شىنجاڭ ئونۋىرستىتى دۇنيادىكى ئون چوڭ ئالى مەكتەپنىڭ بىر بۇلۇپ باھالاندى.مەكتەپنىڭ ھەر يىلى
چەتئەلدىن قۇبۇل قىلدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ سانى 57مىڭ نەپەرگە يەتتى بۇسان ئالدىنقى يىلىدىن 1.07پىرسەنت
ئاشقان بۇلۇپ ،بۇيىل مۇشۇ نىسپەتنى مۇقۇم ئېلىپ بارماقچى .مەكتەپ ئىلتىماس قىلغان پاتنىت ھۇقۇق سانى
ياپۇنىيە يۇكۇخاما ئونۋىرستىدىن قالسىلا 1-ئورۇنغا ئۆتتى .
3.شىنجاڭ تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇلغىىلى 20يىلدەك بولدى .بۇ بانكا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى
مالىيە -ئىقتىساد ماگىناتلىرنىڭ بىرلىششى ئاساسىدا قۇرۇلغان بۇلۇپ ،ئاساسلىق پايچىكلار خوتەن،ئاتۇش،قەشقەر
ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر بايلار دىن ئبارەت.شىنجاڭ تەرەققىىيات بانكىسىنىڭ دۇنيا ئقىتسادىنى ئىگەللەش نىسپىتى 33.3پىرسەنىت بۇلۇپ ئالدىنقى ئوخشاش يىلدىن 1.3پىسەنىت ئاشقان.
4.ئۇيغۇر سوفىت شىركتى ئاخپارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مىكروسوفت شىركىتنى قۇشۇۋالغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى..ھەمدە كىلەر يىلى ئۇيغۇرسوفىت 12نى ئىلان قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇقېتىملىق ئۇيغۇر سوفىت 12گە يېڭىدىن 12تىل بۇلىقى قېتىلغان بۇلۇپ .دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ تىل-يېزىق قوللىغان سىستىما بۇلۇۇپ
باھالاندى.ھەمدە دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل يېزىقنى قوغداش جەھەتتە يەنە بىر كۈچ ئىلھام
بەردى. مىكروسوفىت شىركىتى ئەمەلى ئىقتىدار جەھەتتە سەل ئاجىزلىقىنى ئىتراپ قىلمىغان بولسىمۇ،بۇنداق
كۈچلۈك ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقدىن خۇشاللىقىنى بىلدۈردى.بۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ئايرودىرومغا بىلگايتس توختام ئىمزالىغىلى كىلىدىكەن،كۈتۈۋېلىش خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلەنمەكتە.
كۈتىۋېلىشقا ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ سەركەردىسى ئالىم ئەھەت،رەئىس نۇربەكرى... قاتارلىق ئالاقىدار كىشلەر چىقدىكەن.تۈۋەندە ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىدن بىر كۆرۈنۈش:
5. شىنجاڭ ماشىنسازلىق گوروھى <شىنجاڭ يولۋىسى>ناملىق يېڭى تىپتىكى تانكىدىن ئىككى خىلنى بازاغا سالدى.بۇتانكا ئادەتتە 14دانە يادرو ئوق بېشىنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان بۇلۇپ،كىچىدە كۈرۈنمەس ئقتىدارىغا
ئىگە. نىشانغا زەربە بىرىش خاتالىق پەرقى ھەر 5كىلومىتردا 0.1مىكرو مىتىر .10كىلىومىتىر دائىردىكى ھەركەت-چان نىشانغا زەربە بىرەلەيدۇ.بۇ تانكىنى لاھىيەلىگۈچى خوتەن قاراقاشتىن ئىسمايىل ئەنۋەر مۇشۇ تۈر بۇيۇنچە
3-قېتىم يېڭلىق يارىتىپ دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلاندى. تۈۋەندە <شىنجاڭ يولۋىسى>نى كۆرۈپ باقايلى:
6.ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودىرومىغا شەخسى يولۇچىلار ئايرۇپىلانى قۇنۇش يۇلى تەسسس قىلىنغاندىن كىيىن
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كارخانچىلار بەسبەستە شەخسى ئايرۇپىلان سېتىۋالدى .ھەمدە ئۈرۈمچىدىن ئاتۇشقا،قەشقەر
گە ئۇچىدىغان بارلىق ئايرۇپىلانلارنى ئاتۇشتىن سەمەت باي دىگەن كىشى كۆتۈرە ئالغان بۇلۇپ،يولۇچىلار ئايرۇپىلانىغا <تەكلىماكان>دەپ نام بەردى.بۇ ئايرۇپىلان بويىن تىپلىق ئايرۇپىلاندىن كۆپ يىنىك بۇلۇپ
ئىچىگە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.موخپىر لىرىمىز ھازىرچە ئايرۇپىلان سۈرىتنى تارتالمىغان بولسىمۇ
ئەمما يۇقارقى ئۈچۈرلارنى سەمەت باينىڭ ئاغزىدىن خاتىرلىگەن.
7. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى گەرچە ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان بولسىمۇ ،ئاۋىياماتكا ياساش جەھەتتە
دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلدى.بۇ قېتىمقى ئىران-ئامرىكا،ئىسرائىلىيە،سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتنىڭ
ئوتتۇرسىدىكى جىدەلگە بىر نىمە دىمەك تەس بولسىمۇ ،ئەمما شىنجاڭ مىللى ئارمىيە قىسمى ياسىغان ئاۋىياماتكا
ھورمۇز بۇغۇزىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى بۇنىڭ ھەممسى دۇنيا تىنىچلىقى ئۈچۈندۇر. تۈۋەندە <مەشرەپ>ناملىق ئاۋىياماتكا سەپەر ئۈستىدە ، رەسىمنى ئۆز مۇخپىرىمىز قاسىم قىززىق كۆرەشچى ئايرۇپىلان بىلەن ئارقسىدىن قوغلاپ بېرىپ تارتىپ كەلگەن .
8. بۇقېتىملىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 21-قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى غەلبىلىك چاقىرىلدى.يىغىندا قەشقەردىن كەلگەن ۋەكىل قادىغان توختى مۇنداق پىكىر بەردى .ھازىر تويلۇق ئېغىر بۇلۇش سەۋەبدىن ياش قىز-يىگىتلەر بويتاق ئۈتۈپ كىتىش ،بويتاقلار سانىنىڭ كۆپيىشىگە ئەگشىپ جەميەتتە بىر قاتار ئەخلاق مەسىلىسنىڭ كىلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ،شۇڭائاتا ئانىلارنىڭ مۇشۇ ئىشقا سەل قارىماسلقىنى ھەمدە ھۈكۈمەتنىڭ
مۇشۇ ئىشلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا يول كورسىتىشىنى تەلەپ قىلدى...يىغىن ئاخرىدا رەئىس نۇربەكرى كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى تەبىيەلەش ،ياشلارغا ئىلھام بىرىش ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى.
9.شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسى يالغان خەۋەر يازىدىغان مۇخپىرلارغا زەربە بىرىش كۆرىشىنى قانات يايدۇرۇپ
زور ئۈنۈمگە ئىرىشتى. ھەمدە مۇخپىر قۇبۇل قىلىش شەرتىنى تېخمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.ئالدىنقى يىلى دېقانلارنىڭ بېيىش يولىدىكى كىرىمىنى يالغان مەلۇم قىلىپ ھۈكۈمەت ۋە پۇقرالارنى ئالدىغان ،پۇقرالارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرمەي يالغان يازما يولىغان ئىككى مۇخپىرنى سوتقا تاپشۇرۇپ بەردى.نەتىجدە
بۇ مۇخپىرلارنىڭ قىلغان يالغان خەۋەرلىرى جەميەتتە كۈچلۇك ناچار تەسىر قوزغىغان بولغاچقا ئۈلۈم جازاسى بىرلدى.چۈنكى بۇ مۇخپىرلار خەلقنىڭ تۈپ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىش دىگەنىنى باسۇرۇپ قوياغان ئىدى.
10. ئۇيغۇر خاككىرلار بىرلەشمسى يىقىندا گوگىل تورىغا ھۇجۇم قىلىپ ،مەزكۇر تورنى 4سائەت پالەچ قىلىپ قويدى. بۇلارنىڭ مەقسىدى توردىكى شەھۋانىي بىكەتلەرنى بوشلۇق بىلەن تەمىللىگەن ئورۇنلارغا قانۇنلۇق ھالدا
تېخمىۇ كۈچەپ زەربە بىرىشكە پۈتۇن دۇنيا دۆلەتلرىنى چاقرىشكەن. ئامرىكا ئۇيغۇر خاككىرلار بىرلەشمىسىگە دەھال جاۋاپ قايتۇرغان بۇلۇپ بۇنداق شەھۋانى بىكەتلارنى تىزدىن يۇقۇتىشقا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى..ھەمدە ئۇيغۇر خاككىرلار بىرلەشمسىنىڭ سەل سۇغۇق قان بولىشىنى سورىدى. بۇكۈرەش ئۇزاق مەزگىللىك بۇلۇپ ھەممە تەرەپنىڭ تەڭ كۈچ چىقرىشىغا مۇھتاج........
....مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇيغۇنۇپ كىتىپتىمەن ...نەچچە مىڭنى توۋا دىدىم.يەنە بولمدى ،ھازىرغىچە بېشىم ئاغرىپلا تۇرىدۇ....
تەستىقتىن ئۈتۈپ قالسا خاپا بولماي تەھرىرلاپ قويساڭلار..بەك ھەپىلەشتىم لىكىن ئوڭشىيالمدىم.
مەنبە :ئوزۈم.
2012-3-28
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARAL52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-28 02:52 AM