|
|
|
|
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم: مىسرانىمدىن ئىبارەت بۇ كەڭرى سەينادا ئۆزىنىڭ ئەركىن پىكىرلىرى ئارقىلىق ھەمسۆھبەتتە بولىۋاتقان بارلىق مۇنبەرداشلەر! كەمىنە ناركوز ئىنىڭلاردىن ھەممىڭلارغا سالام!
ئوقۇش ئىشلىرىمنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن مىسرانىمغا تېمە يوللاپ باقمىغىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ. بۈگۈن بىر ئاز ۋاقتى چىقىپتى بۇ تېمىنى يوللاش قارارىغا كەلدىم. بولدى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي... زېرىكىشنى تۈگىتىش ۋە ئازراق بولسىمۇ كۈلگىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن مۇنداق بىر ئىشنى ئويلاپ تاپتىم. بۇ ھاياتىڭىزدا نۇرغۇن كۈلكىلىك ئىشلارغا دۇچار بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ۋە بەزى ۋاقىتلاردا شۇ كۈلكىلىك ئىشلارغا ئۆزىڭىز باش رولچى بولۇپ كومىدىيە ئىشلىگەن بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ كۈلكىلىك بولغان ئەنە شۇ ئىش ئېسىڭىزدىمۇ ؟ ( چوقۇم ئېسىڭىزدە ) ئەنە شۇ ئىشنى مۇنبەرداشلارغا ئېيتىپ بېرىپ ھەممىمىزگە كۈلكە ئاتا قىلىشنى خالامسىز ؟ (ئەلۋەتتە خالايسىز چۈنكى سىز دېگەن مىسرانىمنىڭ ئەزاسى ). ئۇنداقتا كونۇپكا تاختىسىنى دەرھال ئالدىڭىزغا تارتىڭدە ئىنكاسلىرىڭىزنى كۈلكە خۇرۇچلىرى بىلەن تولدۇرۇڭ. بۇ كۈلكىلەردىن ھەممىمىز تەڭ بەھىرلىنەيلى! ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ بۇ تېمىنى ئەڭ قىزىقارلىق يۇمۇرلۇق قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشايلى!!! كۈلكىگە تويۇنغان بۇ ئىنكاس قەۋەتلىرىمۇ قۇرۇق قول قالمايدۇ ئەلۋەتتە. كەمىنە ئۆز يانچۇقىدىن چىقىرىپ مۇنبەر تەڭگىسىنى ئايىماي بېرىدۇ. قېنى ئەمىسە باشلىۋەتتۇق!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-29 01:02 AM
|
|
|
|
|
|