|
|
|
|
مۇئەللىم سۆزلىمەكتە خامۇش كۆزلەرگە قاراپ. گاھ سوئال قىستۇرار، ئۇيقۇچان كۆزلەرنى، خىيالچان دىللارنى، تېلېفون ماراقچىللىرىنى، ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن. بۇلۇڭ-پۇچقاقتىن، چىقىپ قالار بىرەر تال جاۋاب. جاۋاب چىقمىسىمۇ، كايىمايدۇ ھەرگىز مۇئەللىم. توغرا چۈشىنەر ئۆزىچە. «تىرىشچان»بىزلەرنى ئويلاپ. تىرىشىدۇ بىزنىڭ بالىلار، ئۇخلىمايدۇ كېچىچە. دەرس ۋاقتى…… ئەڭ ياخشى ئارام ۋاقتى. تۈن قاراڭغۇسىنى ، قۇربان قىلغان تور دۇنياسىغا. ………………………. ياتاق ئىچىمۇ ھەم، جىمجىت شۇنچىلىك. ھەممە سىڭىپ كەتكەن، شۇ مەۋھۇم دۇنياغا. پەقەت تاماق پەيتى، ئەھۋال باشقىچە. سۆزلىمەس ئېغىزلار، ئېچىلار بىردىنلا. مەۋھۇم دۇنيادىن، كۆرگەن بىلگەنلىرىنى، زوق-شوق بىلەن، بايان ئەيلەيدۇ،بىلمىگەنلەرگە. ھەيرانمەن……… ئۇلارغا ھەم ئۆزۈمگە. دەرسلىك كىتاب، تۇرسا تەلمۈرۈپ، تورغا ئاشىق بولۇپ، پەرۋاسىز يۈرگەنلىرىمگە. ئۆتىدۇ ۋاقىت، بەرىكەت كۆتۈرۈلگەن. ھەممە ئۆزى ئۈچۈن، ئالدىراش يۈرگەن. ئىمتىھان ئالۋاستى، كىلەر يېقىنلاپ. «تىرىشچان»بىزلەرنى بىردىن بېقىنلاپ. قورقۇش ئىلكىدە، ئېلىنغان كىتاب، بولۇپ قالغان بىزگە، دورىسى بىتاب…. ………………………. دەرس ۋاقتىدا، بۇ تەگسىز خىياللار، كىرۋالدى كاللامغا. بولدى بەس……..! مۇئەللىم سۆزى ، كىرگىن قۇلقۇمغا. مەقسەت،نىشاننى ، ئۆزگەرتەي دەرھال. دەرس ۋاقتى….. پەقەتلا،پەقەت، ئىمتىھان قايغۇسى ئۈچۈن، بولمىغىن دورا. دەرس ۋاقتى….. ھەرخىل كىنىشكىلار ئۈچۈن، سېلىنغان مەبلەغ، ئەرزىمەيدۇ ئەسلا، بۇنداق بولۇشقا. ھايات ھەقىقىتى ئۈچۈن، ئوزۇق بول بىزگە.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم -شىرنە
|
|
|
|
|
|