قايتا ئۇقۇشتىن تەسىرات
(نەفىسى)
بىر خەۋەر كەلدى مانا تىغ بۇلۇپ يۈرەكنى يارغۇدەك،
يىغلىتىپ ھەم قاخشىتىپ ھەتتاكى جاننى ئالغۇدەك.
كۆزدە لىق ياش،دىلىدا ھەسرەت ،قىينىدى ھەم شۇ زامان،
بارمىدۇ بۇ دەرتكە داۋا،ئىزدەپ باراي مەن بارغۇدەك.
ھېچ ئىشەنگۈم كەلمدى ئاڭلاپ خەۋەرنى يىغلدىم،
سالدى تەقدىر بۇ بېشمغا نىمە قىسمەت بىلمدىم.
نىمە دەي ،دوستۇ_يارەن،قۇۋۇم-قېرنداشلارغا مەن؟
ھېچ ماڭالماي قايسى يولغا بەكمۇ ئۇراق تىنىدىم
كۈلەي دېسەم ھەم بولمدى يىغلاپمۇ ھاردىم نەچچە رەت،
كەلدى بېشمغا مىڭ ئەلەم ،قىيناپ يۈرەكنى ئەمدى دەرت.
ئارزۇيۇم بولدى كۆپۈك،قالدى بۇ دىلىدا نى ئارمان.
بىلمەن ئەمدى ھايات ماڭا كۈلۈپ باقماس پەقەت.
ئاچ قۇرساق ئۆتكەن تالاي كۈن ،قۇلۇمدا بارتى كىتاپ،
ئۇيقۇسىز قالغان ھەتتاكى، يىقىلپ بولغان بىتاپ
بىلمدىم تەتۈر پەلەك قانداق قىسمەتنى سالدى ماڭا ،
"ئىھ !ئالىي مەكتەپ قىنى سەن دەپ"توختماي قىلىم ختاپ.
نۇمۇرى بەكمۇ تۆۋەن دەپ ئالماي قۇيۇشتى ھەم ئۇلار ،
كۆزلەردە ياش،يۈرەكتە ھەم بىر پىغان قايناپ تۇرار .
تەرسا تەقدىر قىلدى شۇنچلىك رەسۋا مىنى .
بىلمدىم ئەمدى ھاياتتىم ،تەقدىرىم قانداق بۇلار ؟
گېلىمدىن ئۆتمەس غىزا،ئۇيقۇسىز ئۆتمەكتە كۈن
غەم بىلەن ياشلاندى كۆز،بەك ئۇزاق بىلندى تۈن.
گۆش تۈگۈل تاشمۇ كۇكۇل بۇلار ئىدى بۇ چاغقچە ،
بۇ ئەلەم كەلسە ئەگەر ھەر ئىنسانغا بىرلا كۈن .
كەپمۇ قالمدىم"دەسمەيمەن"دېگەن يەرگە مەن يانا،
ئىزدىدىم دەرتكە داۋا ، بۇ يەر ھەم بولدى پاناھ .
نەئامال قايتا ئۇقۇش گەر بولسمۇ شۇنچە قىيىن ،
ياكى ھەم قايتا ئۇقۇش بولمغانكىن بىر گۈناھ !
بوپتۇ كەتسۇن كەتكەنلىرى بىزمۇ بىر كۈن بارىمىز.
ئالىي بىلىم يۇرتىلىردىن جىق گۆھەرلەر قازىمىز ،
بىزنى مازاق قىلماي تۇرسۇن بىزدىن بۇرۇپ كەتكەنلىرى.
گەر كىين بارساقمۇ بىز ،شانلىق بىر تارىخ يازىمىز.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم
2012-يىل 3-ئاينىڭ26-كۈنى
(نەفسى)
ئەسكەرتىش :بۇ شئېرنى ئالىي مەكتەپ ئىنتاھاندا مەغلۇبيەكتە ئۇچراپ.قايتا ئۇقۇۋاتقان بارلىق دوسلۇرۇمغا سۇندۇم.