|
|
|
|
سۆزئاچما ! ئەي نەپسىم!
سەبرىگە تاقىتىڭ بولمىسا سەبىر-تاقەتتىن سۆز ئاچما!
ئورتاقلىق يوق ئەھۋالدا «ئاللاھ سەبىر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر» دىمە.
سەبىردىن سۆز ئاچما!
يامانلىق كۆرگەن بىر ئىنسانغا يىل بويى نەپرەتلەنسەڭ،
ئۇنى ئەپۇ قىلىشقا قېزىقمىساڭ ،
ئۇنىڭدىن، بۇلۇڭ-بۇلۇڭغا قاچساڭ،
«ئاداۋەت تۇتماق ياماندۇر» دىمە.
ئاداۋەتتىن سۆز ئاچما! ئەگەر ئۆلۈمىگىمۇ ھەمرا بولمىساڭ ،
ھەردائىم ئۆزۈڭنىلا ئويلىساڭ،
ئۇلارنى مەرتىۋە ئۈچۈن ئىشلەتسەڭ ،
ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئېگە بولۋالغان بولساڭ،
قىرىنداشلىقتىن سۆز ئاچما! ئەي نەفسىم!
گەپدان ئىكەن، دەپ قالسۇن دەپ،گەپ قىلما!
باياشات ئىكەن دەپ قالسۇن، دەپ ياشىما!
يا مەۋجۇت بول !، يا ئۆل ! تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئايتۈرك مەنبە :ئۆزەم
|
|
|
|
|
|