تالا مۈشۈكى
ئارسلان
ئۇخلاۋاتسام ئايۋاندا تاتلىق ، ئوچۇق قويۇپ دېرىزىلەرنى . بولغاچقا مەن تولۇق خاتىرجەم . ئاينىڭ نۇرلىرى ، يوتقان ئۈستىدە ، يورىتاتتى يۈرەكنىمۇ ھەم . كىرىپ كەلدى بىر تىۋىش ، ئاستا. بىلمەپتىمەن ! ئۇيقۇغا پاتقاچ ، شىرىن چۈشلەر قوينىدا ئۈزۈپ ، بېشىمنى يوتقانغا تىقىپ ، ئۇخلىغاچ . ۋاقىراپ كەتتى بىر چاغ ، مۈشۈكۈم - ئۆزۈم باققان - ئەتىۋارلىق ئۆي مۈشۈكى ، ئاۋازلىرى شۇنچىلىك زەئىپ ، شۈركەندى شۇچاغ ، غۇررىدە تىنىم . ئاستا سۇغۇرلۇپ ، چىقىپ يوتقاندىن . مۈشۈكۈمنىڭ يېنىغا باردىم . سۇغۇرلۇپتۇ بىچارە جاننىڭ ، يۈرەكلىرى تىنىدىن پۈتۈن . سۈر بىلەن تۇرار يېنىدا ، كۆزىدە ئوت - ھەيۋە بىلەن - تالا مۈشۈكى . ئۇزۇن يىللار ئۆتتى ، كۆندى ئۆيۈمگە ، بېقىپ كەلدىم مەنمۇ ئايانماي ، ئۆزۈم يىمەي تىجىگەن گۆشتە . بىر مۈشۈككە ئىھتىياج بولغاچ ، ئۆز مۈشۈكۈمنىڭ، قەدرىنى قىلمىغاچ . باقماقتىمەن شۇنىڭدىن بىرى ، مەن نە قىلاي : تالا مۈشۈكى !
تارىخ
قەغەزلەرگە يازىدۇ كىملەر ، تارىخ دەپ خاننى ماختىشىپ . ئېقى قەغەز ، قارىسى سىياھ ، قايدا قالدى چىنلىق ، ساپلىقنىڭ ھىدى . مالتىلىساڭ تارىخ دىگەننى ، چۇۋۇلۇپ چىقىدۇ ، ئەسكى چاپاننىڭ مېزىدەك . شۇڭلاشقا خاقانلار ئۈچۈن ، ئۇنىڭ جىم تۇرغىنى ياخشى، ئەينى چاغلاردا ، تىنىچ كۆلدىكى پېتىق سۇدەك . تارىخ دىگەننى بىلەي دىسەڭ ، پەقەت بىر ئېغىز سۆز : ھەقىقى تارىخ: قىلىچ بىلەن قان ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-27 04:04 PM
|