ئالمىنىڭ سىرى
مۇشۇ كۈنلەردە ئالما ماركىلىق تېلفۇننىڭ جەمىيەتتە قوزغىغان تەسىرىگە قاراپ ئۆزەمچە ھەيرانلىق بىلەن يۈرەتتىم. نېمىشقىكىن بۇ تېلفۇن بىلەن ئانچە خوشۇممۇ يوق.ئەمما شۇ چىشلەپ قويغان ئالمىنى دۇنياۋى ماركىغا ئايلاندۇرالىغان كىشىگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن.
بۇندىن زامانلار بۇرۇن،يەنى ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانا دەۋرىدە ،ھەۋۋا ئانا جەننەتتىكى شۇچەكلەنگەن مېۋىنى يەپ سالغانلىقى ئۈچۈن جەننەتتىن ھەيدەلگەن.بۇ چەكلەنگەن مېۋەتوغرىسىدا بەزى كىتابلاردا بۇ مېۋە ئالما دېيىلگەن(بۇ جەھەتتىكى بىلىمىم سەل يېتەرسىز ،تۇللۇقلايدىغانلار بولسا تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن).
بۇندىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى نىيوتۇن ئىسىملىك بۇ كىشى بىكارچىلىقتا يۈرۈپ،پىشقان ئالمىنىڭ سەۋەبسىزلا يەرگە چۈشكىنىنى كۆرۈپ <<يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى>>دېگەن بىر تەۋرىمەس نەزىرىيەنى ئوتتۇرغا قويغان.دەل مۇشۇ يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى نەزىرىيەسىدىن پايدىلىنىپ كېيىنكى ئالىملار بۇ تارتىش كۈچىنى يەڭگەندىلا ئاندىن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگىلى بولىدىغانلىقى ۋە ئۇندىن باشقا نۇرغۇن يېڭى تەتقىقاتلارنى ئېىلىپ بارغان.
بۈگۈنكى كۈندەبولسا جوبىس ئىسىملىك بۇ كىشى شۇ بىر چىشلەنگەن ئالمىنى ماركا قىلىپ يەنە بىرقېتىم <<ئالما>>نى دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە قىلدى...
مۇشۇ كۈنلەردەمەن ئالما سېتىۋالسام يېيىشتىن بۇرۇن بىرھازا قاراپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم.
-ھەي ئالما!!سەندە يەنە قانداق كارامەت بار؟!؟قانداق سىر بار؟!؟سەن تۇنجى قەدەمنى باسقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نەچچە مىڭ يىللار ئۆتۈپتۇ.سەن ئاخىرى ئۇتۇق قازاندىڭ..سېنىڭ يەنە قانداق سىرىڭ باردۇر؟؟يەنە نېمە كارامىتىڭ باردۇر ھە؟!؟!؟
مەن مۇشۇلارنى يېزىۋېتىپ كاللامغا يەنە بىر ئوي كېلىپ قالدى...ئال+ما.توۋا ما ئۇدۇل كەپ قېلىشنى!!بۇ بىز ئۇيغۇرلاردىكى چېقىلما ،تەگمە دېگەندەك چەكلەش مەنىسىدە ئەمەسمۇ؟!؟قارىغاندا ئالمىدىكى سىر تېخى تۈگىمىگەن بولسا كېرەك!!!بولمىسا ئالما دېگۈچە نەشپۈت ئانار دېگەنگە ئوخشاش باشقىچە نام قويسا بولماسمىدى ساڭا ھە؟؟!
ئالەم،ئادەم،ئالىم،ئالما....
ئالەم ئادەملەردىن تەشكىل تاپقان.ئالىملار ئادەملەر ئارىسىدىن چىقىدۇ.ئەمدى گەپ ئالىملارئالمىزارلىقتىن چىقامدىغاندۇ يا؟؟!
(بۇ بىرچاقچاق ھە!!قېرىداشلار)
ئۇيغۇر تىلىم نېمانچە سىرلىق ھە؟؟نېمانچە جەلىپ قىلارلىق ھە؟؟!ئالمىنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن ئانا تىلىمىزنىڭ سىرىنى يېشىش كېرەك...
مەنبە:مەردانئابدۇللا(تاتلىق پىغان)
2012.3.27
سەمىمىيئەسكەرتىش:دوراش سەنئىتىنى قوللىنىپ،ئاز-تولا گىرىم قىپلا بۇ تېمىنى ئۆزىڭىزنىڭقىلىۋالماڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-27 03:00 PM