مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2173|ئىنكاس: 19

شىڭشىڭشا ( ئارا يۇلتۇز ) ناخشا مۇزىكىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67136
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4356
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2011-11-27
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 11:33:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قومۇلدا ئۈتكۈزۈلگەن نۇرۇز سەنئەت كىچىلىكىدىكى شىڭشڭشا ناملىق ناخشا مۇزىكىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىغى توغۇرسىدا چۈشەنچە
كەڭ تورداشلارنىڭ مەلۇم چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىغا ياردىمى بولىشى ئۈچۈن سۇندۇم ،  


1907-يىلى قومۇل دېھقانلىرى شاھ مەخسوتنىڭ زۇلىمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۈتىرىدۇ ، بۇ قوزغىلاڭغا ( ھازىرقى)   
شەھەرئىچى يېزا سۇقۇق مەھەلىسىدىكى تورپاقلار جەمەتىدىن كۈپ كىشى باشلامچىلىق قىلغاچقا تارىختا تورپاقلار قوزغىلىڭى دەپ ئاتىلىدۇ ، ، بىراق قوزغىلاڭ چىڭ خانلىقنىڭ بارىكۈلدە تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى يى شىفۇنىڭ قولى قانلىق باستۇرۇلۇپ قوزغىلاڭ يىتەكچىلىرى قەتلى قىلىندۇ ، بەزىلىرى زىندانغا تاشلىندۇ ، بەزىلىرى ياقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىندۇ ، شۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن راھەتباغ شامالچارباغ مەھەلىسىدىن چىققان يارتا ئابدۇلباقى ئاتىسى يارتا خوجىئەھمەتكە ئەگىشىپ قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ ، تورپاقلار قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كىيىن يارتا غوجىئەمەت تۇرپانغا سۈرگۈن قىلىندۇ ، يارتا ئابدۇلباقى بولسا تۈگىچى بۇلاق بىلەن  شىڭشىڭشانىڭ ئارلىقىدا  3يىل ھارۋا ھەيدەشكە سۈرگۈن قىلىندۇ ، شڭىشڭشادا ۋاڭنىڭ 400ئاتلىق ئەسكىرىي بولۇپ ئۇلارغا كىرەك بولغان يىمەك ، كىيم ، ئوت بوغۇز قاتارلىق نەرسىلەر 30ھارۋىدا توشىلىدۇ ، ئابدۇلباقى 3يىل ئەمەس بەلكى تاكى شاھ مەخسوت ئۈلگەنگە قەدەر ھارۋاكەشلىك قىلىدۇ ، ئۇنىڭ تۈگىچى بۇلاقتىن قومۇل تەرەپكە بىر قەدەم ئاياغ بېسىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ ، بۇ جەر ياندا قارا قىش ، تومۇزنىڭ ئىسسىقىدا ، بىر تال گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاس سايدا ئابدۇلباقىنىڭ تاتمىغان جاپاسى قالمايدۇ .
چىدۇغۇسىز غەزەپلەنگەن ئۈزىنىڭ دەرت ئەلىمىنى ، غەزەپ نەپرىتنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان ئابدۇلباقى قەپەزدىكى بۇلبۇلدەك سايراپ شىڭشىڭشا دىگەن ناخشىنى ئىجاد قىلىپ ئادالەتسىز زامانغا بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلەيدۇ ، پەقەت 1911-يىلى قومۇلدا تۈمۈر خەلپە قوزغىلىڭى پارتىلىغاندا پۇرسەتتىن پايدىنلىنىپ قومۇلغا قايتىپ كىلىىدۇ ۋە 80نەچچەيىل ئۈمۈر كۈرۈپ ۋاپات بولىدۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان ناخشا قوشاقلىرىنى قومۇل خەلقى قانلىق تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ھازىرغىچە ئېيتىپ كەلمەكتە ، ئازاتلىقتىن كىيىن بۇ ناخشا سەھنىلەشتۈرۈلدى ،  پىشقەدەم ، قومۇل مۇقاملىرىنىڭ پىشۋالىرىدىن بىرى بولغان مەرھوم نەمەت بوسۇقنىڭ ( لەيلىغان) ئورۇنلىشىدا ناخشا قىلىپ ئورۇنلاندى ، كىيىن بۇ ناخشا ئاپتۇنۇم  رايون، مەركەز سەھنىلەردە ئېيتىلىپ ئاممىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى ، ھازىر بۇ ناخشا دۇئا مۇقامىنڭ 10-چۈشۈرگىسىدە ئېيتلماقتا ،
                         شىڭشڭشا ئۈزۇن گوبى ،
                         ئىككى تاغنىڭ ئاراسى
                          قومۇل يولىغا قاراپ،
                            ئاقتى كۈزنىڭ قاراسى

                      شاھمەخسوتنىڭ زۇلمىتى
                      شىڭشىشانى كۈرسەتتى
                       ئىككى تال قامچا بېرىپ
                     دىڭگىرمانى ھەيدەتتى
   
                  شىڭشىڭشاغا ماڭغاندا ،
                  ئەل يۇرتۇمدىن ئايرىلدىم .
                  ماڭماي دىسەم قورقىمەن ،
                 خۇدايىمغا يىغلىدىم  .

               شىڭشىشا ئۇزۇن گوبى ،
               تاغ ئىچىدىن يول ئاچقان .
                 گاڭنىڭ ئالۋان دەستىدىن
            ھارۋىنى تاشلاپ قاچقان ،
      
                 شىڭشىڭشانىڭ يولىدا ،
                گوبى بىلەن تاغلار بار .
                بۇ يولدا ئازاپ چەكتۇق .
              دىلدا  ئاچچىق داغلار بار .

              ئۈچ يىل ھەيدەپ ھارۋىنى ،
              ئىككى قامچە چۈشۈردۈم
              ئەلتۈمۈردە ياتقاندا
             ئاتا ئانامنى چۈش كۈردۈم

             شىڭشىڭشاغا ماڭغاندا ،
             يولدا ئۈلدى ئاتلىرىم .
            ئاياغىمغا تاش پاتتى ،
           كۈككە يەتتى ئاھلىرىم .
            
            ئات ھارۋىلارنى بىز ھەيدەپ ،
               كۈشەيگە باردۇ ق كەچ بولدى .
           ئاچچىقسۇنى بىز ئىچىپ .
          تاڭ ئاتقۇزماق تەس بولدى ،
            
         كۈشەينىڭ سۈي ئاچچىق ،
          مەنزىلى ئاندىن قاتتىق .
           گەنچەيلەرنى ھەيدەتكەن ،
           شاڭيو دىگەن مۇناپىق ،

          شىڭشىڭشانىڭ ئۈزىدە
           ئىسسىق كاڭلاردا
          شاڭيولار ئۈزى يېتىپ
           بىچارىلەر تالادا
  
         شاھ مەخسوتنىڭ دەۋرىدە
            ھالىمىز ئېغىر بولدى
          كەيجۇلارنى كۆتۈرۈپ
          دۈمبىمىز يېغىر بولدى
      
          ئىگىز تاغنىڭ باغرىدا
          ئاقتى يامغۇر تامچىسى
            ئاتا ئانىدىن ئايرىغان
           زالىملارنىڭ قامچىسى

          قومۇل دىگەن شەر ئىكەن
         شىڭشىڭشادىن بېرى ئىكەن
          يايلاقلىرى يىراقتا
         ئاتلار بوغۇز دەر ئىكەن
   
مەنبە : قومۇل نەزمىلىرى   
     


jarulla77 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 02:59:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73890
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3323
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2014-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 03:58:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 09:26:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمۇل نەزمىللىرنى مۇنبەردە كۆرگەندىن بەكرەك ، ئۆز يۇرتىغا بىرىپ كۆرسە باشقىچە بولامدىكىن دەيمەن . مەنغۇ ئۇ يۇرتنى كۆرۈپ باققان ئەمەس ئىدىم . لېكىن شۇ ئىچكىرى ئۆلكىگە بارغاندا پويىز ئېستانسىدا كۆرگەن پىتى كۆرۈپ باقماپتىمەن .

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

بۇ ئالەمنىڭ تارا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9920
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11277
تۆھپە نۇمۇرى: 1723
توردا: 9758 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 11:37:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نەزمىنىڭ ناخشىسىمۇ بارتى تەڭلا يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن .............. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qi~Qan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-27 11:41 AM  


the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 12:36:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىڭشىڭشيانىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىمى يۇلتۇزلۇق ، ئارا يۇلتۇز ئەمەس ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76114
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-2-17
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 01:11:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىڭشىڭشيا دېگەن بۇ ناخشىنىڭ تېكىستى بەك ياخشىكەن بولسا ناخشىسىنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن؟

تىرىشقىن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 862
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4809
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6496 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 01:28:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قومۇل خەلىق ناخشىلىرىغا ئامراق.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

كۈلۈپ ياشايمەن! شۈكرى ئاللا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15820
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8153
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 02:06:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغۇچىغا كۆپ تەشەككۆر.


http://www.kuznak.com/

مۇھەببەت يەڭگلتەكلىك بىلەن خائنلىق قىلىشنى سىغدۇرالمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67136
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4356
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2011-11-27
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 03:56:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرچاغلاردا ئىسكەندەر سەمەت ناخشىسىنى ئېيتقان ، تاپالمايۋاتىمەن ، تاپساملا يوللاپ قوياي،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش