ئىمىنجان باھاۋۇدۇن
تارانچى تۇنگانلارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈپ چىقىش تارىخى:روسىيە ھۆكۈمىتى 1871- يىلى ئىلىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئېلىش بىلەن بىللە تارانچى، تۇنگانلارنىڭ مۇستەقىل سۇلتانلىقى يوقىتىلغان ۋە ئۇ 1881- يىلغىچە روسىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولۇپ كەلگەن. 1881- يىلى 12- فېۋرالدا پېتېربۇرگدا مانجۇ ھۆكۈمىتى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇئاھىدە (كېلىشىم) بويىچە ئىلى ۋىلايىتىنى بىرمۇنچە شەرتلەر بىلەن مانجۇ ھۆكۈمىتىگە بېرىدىغان بولغان. روسىيە ئىلىنى مانجۇلارغا تاپشۇرۇپ، مانجۇلار ئىلىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرغىچە بىر يىل ئىچىدە روسىيەگە تەۋە بولۇشنى خالىغۇچىلار بولسا، روسىيە ئۆز ئېلىگە كۆچۈرۈپ كېتىشكە كېلىشكەندى ھەمدە مانجۇلار ئېلىگە تەۋە يەردىن روسىيە چېگرىسىغا يېقىن بولغان بىرمۇنچە يەرلەرنى (قورغاس دەرياسى بىلەن غالجات ئارىلىقىنى) روسىيەگە بەرگەندى. 1881- يىلى فېۋرال ئېيىدا ئىككى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ مۇئاھىدە گېزىتكە بېسىلىپ، ئەلگە مەلۇم قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلىنى تاپشۇرىۋالغۇچى مانجۇ ھۆكۈمىتى تۆرىسى يېتىپ كېلەلمىگەنلىكتىن، ئىلى داۋاملىق رۇسلار قولىدا تۇرۇپ تۇرغان.
لېكىن ئىلىدىكى تارانچى، تۇنگانلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى دۈشمىنى بولغان مانجۇلار ئىلىغا قايتىپ كەلسە، ئۆزلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، يۇرت ئارىسىغا چوڭ ئەندىشە ۋە قايغا پەيدا قىلغان. ئاخىرىدا ئىلىنىڭ تارانچى تۇنگانلىرى بىرلىشىپ، چوڭ - كىچىك ھەممىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن روسىيە زىمىنىغا كۆچۈشنى قارار قىلغان ۋە يەتتە سۇ ۋىلايىتىنىڭ گېنېرال - گۇبېرناتورىغا خەلق نامىدىن ئەرز سۇنغان. تارانچىلارنىڭ ئەرزنامىسىگە يۇقۇرقى ئۆستەڭدىن ئابابەكرى بولۇس، روزى بولۇس سوپى نىياز، زىكرىيا بولۇس بىن توختى، مۇھەممەت بولۇس بەگ بىن نېدىر، تۆۋەنكى ئۆستەڭدىن موللا ئابدۇللا بولۇس، مۇھەممەت ئەلى، ھوشۇر قارى بىن موللا ھۈسەيىن، مەخپىر بىن ئىسھاق، ئابدۇماناپ قازى بىن ئابدۇرازاق، خوجا نەمرى قازى بىن توختى، تاھىر قازى، ناسىر قازى، ئىمىن قازى، سادىر قازى قاتارلىق 24 كىشىنىڭ مۆھرى بېسىلغان.
بۇ ئىككى ئەرز مەخسۇس ئەلچى ئارقىلىق گۇبىرناتورغا يەتكۈزۈلگەن. يەتتە سۇ گۇبىرناتورى كولپاۋسكىي تۇركىستان گۇبىرناتورىنىڭ 20 - ئىيۇندا بەرگەن يوليورىقى بويىچە بۇلارغا كۆچۈشكە رۇخسەت قىلغان. قىلىنغان رۇخسەت يۇرتقا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، تارانچى، تۇنگانلار بىرلىكتە روسىيەگە چىقىپ يەر - سۇنى كۆرۈپ كېلىش ۋە ئۆي - تام سېلىشقا كېرەك بولىدىغان ياغاچ - تاشلارنى جايلاپ تۇرۇش ئۈچۈن ۋەكىللەرنى سايلاپ بەرگەن. گېنېرال كولپاۋسكىي تەرىپىدىن بۇ كۆچمەنلەر ئۈچۈن چېلەك دەرياسى بويىدىكى يەرلەر بىلەن ئىلى دەرياسىنىڭ ئوڭ قانىتىدىكى يەرلەر كۆرسىتىلىپ، ئەگەر بۇ كۆرسىتىلگەن يەرلەر يەتمىسە ياكى يارامسىز دەپ قارالسا، چۇ دەرياسىنىڭ يەرلىرىدىن ھەتتا ئەۋلىيا ئاتىغىچە يەر ئېلىشقا مۇمكىمچىلىكى بىلدۈرۈلگەن. ھېلىقى يۇرت سايلاپ بەرگەن ۋەكىللەر ئىلى رۇسلارغا ئۆتكەن ۋاقىتتىن بېرى ئىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ناچالنىڭ (باشلىق) بولۇپ كەلگەن ئىزرەتوۋ دىگەن پولكوۋنىك باشچىلىقىدا 1881- يىل 3- ئىيۇلدا يولغا چىقىپ 27- ئىيۇلغىچە غالجاتتىن قارا بالتىغىچە بىكار ياتقان يەرلەرنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، باشقا يەرلەرگە بارماستىن قايتقان. نەتىجىدە ھەر بىر بولۇس ۋەكىللىرى كۆرگەن يەرلەردىن تۆۋەندىكىدەك بۆلۈشىۋالغان:
1. چوڭ ئاقسۇ، كىچىك ئاقسۇ، بايانقازى يەرلىرى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ سول قانىتىدىكى (جەنۇبىدىكى) بىرمۇنچە يەرلەر 839 تۈتۈنگە بۆلۈنگەن، يەنى خونىخاي بولۇسىغا بۆلۈنگەن.
2. چارىن دەرياسىنىڭ تۆۋىنىگە ھەرقايسى بولۇستىن يىغىپ - تېرىپ 500 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
3. چېلەكنىڭ ئوڭ قانىتىغا (شىمالىغا) ئۈچ بولۇس (قاش، قاينۇق، بوبوسۇن) تىن 2465 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
4. چېلەك دەرياسىنىڭ سول قانىتىغا (جەنۇبىغا) تۆت بولۇس (قاش، ئارائۆستەڭ، بايتوقاي، ئارابوز) تىن 2694 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
5. ئاتامقۇلنىڭ تۆۋىنىدىن (ۋەكىللەر ئاۋۋال تۈرگۈن سۈيىنى ياقىلاپ تۇتقانكەن، نىمىشقىدۇر، كېيىن ئۇلار مۇنداق بۆلمەپتۇ) ھازىرقى قارا سۇ بولۇسىغا 1685 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان (نىلقا، توققۇزتارادىن چىققانلار ھەم بىرئاز شەھەرلىكلەر.
6. چۇ دەرياسى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىغا تۇنگانلاردىن 1410 تۈتۈن ھەم شەھەر تۆگۈرۈگى ۋە شەھەر ئىچىدىكى تارانچىلار بولۇپ 3340 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
لېكىن تۇنگانلاردىن بىرمۇنچىسى بېرىپ قارىسا، ئۇ يەرگە بەلگىلەنگەن ھەممە تارانچىلار مۇشۇ كۈندىكى ياركەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولتۇرۇپ قالغان. يۇرت ۋەكىللىرى يۇقۇرىدىكى پىلان بويىچە يەرلەرنى كۆرۈپ قايتىپ كەلگەن. دەرۋەقە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا يەتتە سۇنىڭ يەر - زىمىنى پىلانلاپ ئۆلچەنمىگەن ۋە ياخشى - يامان يەرلەر، سۇلۇق - سۇسىز يەرلەر ھىساپقا ئېلىنمىغانلىقتىن، بۇ ۋەكىللەر غالجاتتىن قارا بالتىغىچە 1030 چاقىرىم يەرنى ئاتلىق 24 كۈن ئىچىدە كۆرۈپ چىققانلىقى سەۋەبىدىن، يەرنىڭ ياخشى يامىنىنى ئوبدان بايقاپ كېتەلمىگەن. ئەل - يۇرت كۆچۈشكە غەملىنىپ تۇرغان چاغدا ئىچكىرىدىن ئىلىنى مانجۇ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىۋېلىشقا تەيىنلەنگەن تۆرە 1881 - يىلى ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىلىغا يېتىپ كېلىپ، ئىلىنى مانجۇ ھۆكۈمىتىگە توختاۋسىز قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئەل - يۇرتقا جاكارلىغان.
«مانجۇلار تارانچى، تۇنگانلارنى رۇسلارغا بەرمىگۈدەك، ئۇنداق قىلغۇدەك، مۇنداق قىلغۇدەك ……» دېگەن ئۆسەك پاراڭلار بىلەن ئەندىشىدە قالغان خەلقنى تىنىچلاندۇرۇش، يۇرتنىڭ كۆچۈپ كېتىشكە ئىختىيارى بار - يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بۇ كەلگەن تۆرە ئەل - يۇرتنى ئارىلىغان. تۆرە ئىلىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى ھەممە يېزا كەنتلەرنى ئارىلاپ، “ مانجۇلاردىن قورقماسلىق ۋە ئىلاجى بولسا ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغالماي تۇرۇپ قېلىش “ ھەققىدە خەلققە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق كۆچۈپ كېتىش توغرىسىدا ئۈزۈل - كېسىل تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن. ئومۇمەن كۆچمەنچىلىكتە بولىدىغان بۆلگۈنچىلىك، مۇساپىرلىق، ۋەتەنگە مۇھەببەت، كۆچۈپ بارىدىغان يەردە يەر سۇ كەمچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېيتىپمۇ بۇلارنى توختىتالمىغان. شۇنىڭدەك خەلق كۆچۈپ چىقىش ئۈچۈن تۆرىدىن ئىككى يىللىق مۆھلەت سورىغان. بىراق ئاۋۋال كۆچمەنلەرنى بىر يىل ئىچىدە 1882 - يىلغىچە كۆچۈرۈپ چىقىپ بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كۆچۈش باشلانغان ۋاقتىدا ئەھۋال قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ تەلىپىدەك بولۇپ، كۆچۈش ۋاقتى 1883 - يىل 10 - مارتقىچە سوزۇلغان، كومىسسار تۆرە شەھەرگە قايتىپ كېلىپ ئالاھىدە كومىسسىيە تەشكىللەپ، كۆچۈشنى خالىغانلارنىڭ ھېسابىنى ئالدۇرغان. كۆچمەكچى بولغانلار: تارانچىلار 11 مىڭ 365 تۈتۈن، تۇنگانلار 1308 تۈتۈن، جەمىئىي 12 مىڭ 673 تۈتۈن (تەخمىنەن 51 مىڭ جان) بولغان.
بۇلارنىڭ ئىچىدە 2000 ئۆيلۈك كىشى ئۈچۈن گېنېرال گۇبىرناتورنىڭ ئەمرى بويىچە ئۆسەك بىلەن قورغاس ئارىسىدا يەر بېرىلىپ، قالغان 10 مىڭ 673 تۈتۈن ئۈچۈن باشقا يەردىن يەر - سۇ بېرىلمەك بولغان.
ئۇيغۇر رايونى تەزكىرىسى ژورنىلىنىڭ 1996 - يىللىق 2 - سانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى!مەنبە : ئۇيغۇر ئاكادىمىسى
http://uyghuracademy.com/ug/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=23&id=113