مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1640|ئىنكاس: 30

«يەكەن سىفەن» دە قالغان چۈش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5976
تۆھپە نۇمۇرى: 1098
توردا: 1275 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 01:36:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«يەكەن سىفەن»دە قالغان چۈش



مەن يەكەن سىفەن مەكتىۋىدە ئۇقۇدۇم. قاينام تاشقىنلققا تولغان ئۇقۇغۇچىلىق ھاياتىم مېنى پات-پات ئەسكەئېلىشقا قىستايدۇ. قايسى كۈنى مەكتەپتىكى چاغلاردا چۈشكەن سۈرەتلەرنى كۈرۈپ ئولتۇرۇپ، يەنەشۇ يەكەن سىفەن ۋە شۇيەردىكى ئۇنتۇلغۇسىز چاغلار ئىسىمگە كەلدى.

مېنىڭ بۇمەكتەپنى قىزغىن سېغىنىشىمدا ھەرخىل سەۋەپلەربار. خۇددى سىزگە ئوخشاش، بۇيەردە بىز ئەقىل تاپتۇق، بىلىم ئالدۇق ۋە جەمىيەتتە جېنىمىزنى جان ئىتىدىغان ئەڭ مۇھىم بولغان خىزمەتكە ئىرىشتۇق.

مەندىكى بۇ سېغىنىشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم سەۋەبى باشقا ئەلبەتتە. بۇنىڭكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپ شۇكى، مېنىڭ شۇچاغلاردىكى ساپ ئاناتىلدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇقۇتۇشنى سېغىنىشىمدۇر .

60- 70- يىللاردا مەكتەپ سىنىپلىرىغا لېنىن، ئىستالىن،ماركىس، ئىنگىلىس، ماۋزىدۇڭ، جۇدې، جۇئىنلەر قاتارلىق پۇرۇلتارىياتچىلارنىڭ رەسىملىرى چاپلانغان بولسا، 80-90- يىللار  « ھۈسۈپ خاس ھاجىپ» « مەھمۇت قەشقەرى» « ل. مۇتەللىپ» « ئا. ئۆتكۈر» « تەۋپىق ئەپەندى»... قاتارلىق مەشھۇرلىرىمىزنىڭ سۈرەتلىرى چاپلىناتتى. ئۇقۇغۇچىلار ئۆز ئەجداتلىرى، ئۆزمىللى قەھرىمانلىرى، ئەدىپلىرى بىلەن كىچىكىدىنلا تۇنۇشالايتى. مەكتەپلەردە ساپ ئاناتىلىدىكى دەرىسلىكلەر بالىلارنىڭ كىچىكىدىنلا ئاناتىلغا بولغان كۈچلۈك ئۆزلۈك ئېڭى ۋە مۇھەببىتىنى ئويغۇتالايتى. ئاناتىلدىكى پىكىر بۇلىقىنى ئېچىپ، ئاناتىلى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۈزۈك ۋە تىرەن تەپەككۇرىنى يىتىلدۈرەلەيتى...

يەكەن سىفەن مەكتىپى ئەنە شۇنداق تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا ماھىر نەچچە ئەۋلات ئۇقۇتقۇچىلارنى تەربىلەپ جەمىيەتكە چىقاردى ۋە ئۇلار جەمىيەتتە يەنە مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان بالىلارنىڭ تىلىغا ئاناتىل ئىلىمىنى سالدى، دىلىغا ئاناتىل ئۇتىنى تۇتاشتۇردى. ئاناتىل ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى. قەشقەرنىڭ جەنۇبىدىكى ناھيە مەكتەپلىرىگە بارسىڭىز ئون ئادەمدىن بەش-ئالتىسى يەكەن سىفەن مەكتىۋىنىڭ مايسىللىرى بۇلۇپ چىقىدۇ.  

2000-يىلدىن كىيىن مەكتەپلەردە باشقا رەسىملەر ئېلىپ تاشلىنىپ جۇڭگۇنىڭ ئۈچ ئەۋلات رەھبىرى بولغان جاڭزىمىن، دىڭشاۋپىڭ، ماۋزىدۇڭلارنىڭ رەسىملىرى چاپلاندى.  ئارقىدىنلا يەنە قوش تىل ئۇقۇتۇشى يولغاقۇيۇلدى، ساپ ئاناتىلدىكى ئۇقۇتۇش دەرسخانىلاردىن چىكىندى.

مەن يەكەن سىفەننى پۈتتۈرۈپ چەت يىراق بىريېزىغا تەقسىم قىلىندىم، بۇيېزىدا تېخى ئىلىكتىر چىراقمۇ يوق، قۇدۇق سۈيى ئىچىدىغان يېزا بۇلۇپ، ھەپتىدە بىربۇلىدىغان بازاردىن كىيىن كىچىكىنە كالتە بازارمۇ يوق ئىدى. كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى.  يىل ئۆرۈلگەن يانۋارئېيىنىڭ باشلىرىدا بىرقىز ساۋاقدېشىمدىن خەت تاپشۇرۋالدىم، خېتىدە مېنىڭ ئادىرىسىمنى مىڭ تەسلىكتە سۈرۈشتەقىلىپ تاپقىنىنى ئېيتىپ، مەندىن ئەھۋال سۇراپتۇ، كۆڭلۈم شۇنداق تەسەللى تاپتى، شۇقىزدىنمۇ بەك رازى بولدۇم. تۇنجى يىلى ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمىداخىزمەت ئىلغارى بۇلۇپ ناھيىگە يىغىنغا كەلدىم، يىغىن بېشىدا يوقلىما قىلىندى، ماڭا كەلگەندە مېنىڭ « بار» دېگەن ئاۋازىم بىلەن تەڭلا، خۇددى بىراۋ بۇيرۇق بەرگەندە ھەممە ئادەم ئارقىسىغا «شاپپىدە» قاراشتى، بۇخىل قاراشتا « ئاشۇ ئەڭ چەت يېزىدا ئىشلىگەن ئادەم قانداقراق ئادەمكىنە؟...» دېگەن غەلىتە قاراش، «ۋاي ئىسىت بىچارە، شۇيەردە ئىشلەۋېتىپسەن-دە... » دېگەن ئىچ ئاغرىتىش، « شۇسەت جاڭگالدىن كەلگەن سەھرالىقمۇ بۇيىغىنغا قاتنىشپتۇغۇ... » دېگەن كۆزگە ئىلماسلىق... ھەممىنى كۆردۈم، يەرگە كىرىپ كەتتىم. مېنىڭ شۇيېزىدا ئىشلىگىنىم گۇناھمۇ؟ دەپ يىغىنغا كەلگەنگە مىڭنى پۇشايمان قىلدىم، مۇكاپات ئالغىلى ئوتتۇرغا چىققاندا خۇددى ئىشتىنىم سېلىنىپ كەتكەندەك كۈتۈرۈپ قوپقۇسىز نۇمۇس ئىچىدە پاتاڭلىرىمغىچە قىزىرىپ،  سارغىيىپ- تاتىرىپ خۇددى مىڭ يىلنى ئۆتكۈزگەندەك تەستە سەھنىدىن چۈشتۈم، چەكسىز خورلۇق ھېس قىلغان ئىدىم. چۈشتە يىغىندىن چىقىپ كوچىدا نەق بىرنەچچە ساۋاقداشلارئۇچۇرىدى، ئۇلار  مېنى كۈرۈپ، يېنىمدىنلا ئۈتۈپ كەتتىكى ماڭا نەزەرسېلىپمۇ قويمىدى، غەزەپ ، ئاچچىق، ئەلەم ... لەربىلەن ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپمۇ ئۈزۈمنى باسالمىدىم، بۇ پەقەت مېنىڭ شۇيېزىدا ئىشلىگىنىم ئۈچۈنلا بۇلىۋاتقان ئىشلارئىدى، بايا ئۇچىرىغانلار مەكتەپتە خۇددى باپكانىڭ مۇكىسىدەك تىنىمسىز مەندىن دەرىس سۇرايدىغان، ئىمتاھاندا ماڭا بىچارىلەرچە تەلمۈرىدىغانلار ئىدى، ھەتتا ماڭا يۇشۇرۇن سالام خەت يېزىپ تارتمامغا سېلىپ قويغان قىزمۇ بايىقىلار قاتارىدا بارئىدى ...

ھايات دېگەن مانا مۇشۇنداق كومۇدىيەگە ئوخشاش قىزىق بۇلامدىغاندۇ؟ يەكەن سىفەننى پۈتتۈرگەن بالىلاردىن يەنە نەچچىسى ماڭا ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچاربولدىكىن؟ مەنغۇ ئاخىرى قەددىمنى رۇسلىدىم، يەنە قانچىلىغان بالىلار شۇقىسمەتكە قۇل بۇلۇپ ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تۇلىسىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندۇ؟ ...

شۇئىشلارنى ئويلىساملا يازغۇچى سەمەت دۇگايلىنىڭ « گۈزەللىك ئىزدىمە، ئۇسەندە» نامىلىق پوۋېستى كۆزئالدىدا نامايەن بۇلىدۇ، شۇ يازغۇچىمۇ ماڭائوخشاش قىسمەتلەرنى باشتىن كۈچۈرۈپ، شۇ نادىر ئەسەرنى يازغان بولغىيمىدى؟

سىنىپمىزدىكى قىزلاردىن بىر-ئىككىسى ئەردىن چىقىپ، ئاخىرى سالتاڭ يۈرگۈدەك، يامان يىرى بۇئىككىسى كوچىغا چىقىپ قاپتۇ. ئۇقۇغاندا خېلى تۈزۈكلا قىزلارئىدى. ئىپلاس كۈڭۈل ئۈچۈن نۇمۇسنى قايرىپ قۇيۇپ، مېھمانخانىلاردا سوكىلداپ يۈرەرمىش. «ھازىر ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى خېلى يۇقىرى، ئايلىق مۇئاش ھەممە ئادەمگە يىتىدۇ، ئۇلارغا يەتمەمدىكىن؟... دەرس مۇنبىرىدە ئۇلار بەلكى سۈربىلەن چاڭىلداپ دەرس سۆزلەر، گۈدەك بالىلار ھۆرمەت بىلەن " مۇئەللىم" دەيدىغاندۇ...» دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم. مانا بۇمۇ ھاياتنىڭ بىرقىسىمى ئىدى. ئادەم باريەردە قانداق ئىشلارنى بولمايدۇ دەيسىز؟  يەكەن سىفەننى پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدە يەنە مۇشۇنداق قىزلاردىن نەچچىسى چىقتىكىن؟

يەكەن يەنە ئۆزتارىخىدا ئۇيغۇردىيارى، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيە تارىخىدىمۇ ئالاھىدە ئۇرۇن تۇتىدىغان، قەدىمى ئۇيغۇر خاندانلىقلىرىنىڭ سەلتەنەتلىك ۋە بۈيۈك ئىزلىرى قالغان دىيار بۇلۇپ، بۇيەر كىيىنكى ئۇيغۇرئەۋلاتلارغا بولغان ئۆزلۈك تەربىيىسى ئىشلەشتىكى ، ئۆزىمىزنىڭ شانلىق ۋە قانلىق تارىخىمىزنى بىلدۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى جاي. ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ يەكەن تارىخىنى بىلىشى، يەكەن تارىخىدىن ئىبارەت بۇئەينەك ئارقىلىق ئۈزىنى كۈرۈپ بېقىشى تۇلۇمۇزۈرۈر. بۇھەقتە يازغۇچى ياسىنجان سادىقنىڭ ئەسەرلىرى خېلى ياخشى مىسال. (ئۇيغۇرلار ئۆزتارىخىنى كۆپرەك بىلىشكە مۇھتاج، يەكەننىڭ سەلتەنەتلىك تارىخى ھەققىدىكى ئەسەرلەر تېخى ئەمدى باشلاندى، يەنىمۇ چۇڭقۇر قېزىشقا ۋە جامائەتكە تۇنۇتۇشقا مۇھتاج، بۇنىڭدا ياسىنجان سادىق قاتارلىق يەرلىك ئەدىپ- تاتقىقاتچىلارنىڭ يۈكى ۋە مەسئۇلىيىتى ئېغىر. ) . بىز يەكەن سىفەننى ئەسلەپ تۇرغىنىمىزدا، يەكەن تارىخىنى ئەسلىشىمىز بەك زۈرۈر، يەكەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۈشۈكى، ئۇيغۇر تارىخ ئەينىكى، ئۇيغۇر بىلىم بۇلىقى، يەكەندە سەئىدىيە ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ ئەڭ ئۇلۇق ئىزنالىرى قالغان مۇقەددەس جاي، يەكەندە پۈتۈن دۇنيانى تاڭ قالدۇرغان 12 مۇقامنىڭ جاراڭلىق ناۋاسى ياڭرىغان زىمىن، يەكەن ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرىنى ئۇرغۇتىدىغان خاسىيەتلىك يۇرۇت ...  قايسى كۈنى« يەكەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى» مەزمۇندىكى بىرماقالىنى ئۇقۇدۇم،  ئەگەر يەكەن ئاشۇپىلان بۇيىچە ماڭالىسا ( بىرەر ئىپلاس پارىخورنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كەتمەي)، يەكەننىڭ كەلگۈسى كىشىنى شاتلاندۇرىدۇ. مەنمۇ يەكەندە ئۇقۇغان بىرپۇقرا بۇلوشۇم بىلەن يەكەنگە قۇت تىلەيمەن.

مەن ھەيران،  بىز يەكەن سىفەن مەكتىۋىدە ئۈچ يىل ئۇقۇپتىمىز، ئەمما شۇنداق ئۇلۇق بىريۇرۇتتا تۇرۇپتىمىز-يۇ، بۇيۇرتتىكى ئاشۇ ئۇلۇق جايلارنى بىلمەي، بىرقېتىممۇ كۆرمەي، ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بىزنى بىرقېتىممۇ شۇجايلارغا ئىكىسكۇرسىيەگە ئۇرۇنلاشتۇرماي ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ چىقىپ كىتىپتىمىز. بۇنېمەدېگەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. شۇچاغدىكى ئۇقۇتقۇچىلاردا نېمىشقا يۇقۇردا مەن تىلغا ئالغاندەك پەخىرلىك تۇيغۇسى كەمچىل، نېمىشقا ئۇقۇغۇچىلارغا بۇجەھەتتە بىلىم بىرىش ئىستىكى كەمچىل، نېمىشقا تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، تارىخنى ئەسلەش ئېڭى كەمچىل، نېمىشقا مىللەتكە مەسئۇل بۇلۇش مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى كەمچىل؟... مەن شۇيىللاردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بۇجەھەتتىكى نادانلىقىنى، يىراقنى كۈرەلمەسلىكىنى، مىللەتنى سۆيمەسلىكىنى تەنقىت قىلىمەن، سىلەر نېمە دېگەن نادان -ھە .

يەكەندىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇقۇتقۇچىلار چۇقۇم يەكەننىڭ ئۇلۇق تارىخىنى كىيىنكى ئەۋلاتلارغا بىلدۈرىشى (ئەلبەتتە بۇپۈتۈن ئۇيغۇر ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرچى)، ئەۋلاتلارغا يەكەننىڭ قانچىلىك سۈيۈملۈك، ئۇلۇق ۋە پاخىرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىشىڭلار كېرەك.

ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، 2005-يىلى كۈزدە ئىككى كۈنلۈك يىغىنغا باردىم، يىغىن مەكتەپتىكى چاغدىلا ماڭا تۇنۇش بولغان پارتىكوم بىناسىدا بولدى. چۈشلۈك دەم ئېلىشتا كوچىلارنى ئايلاندىم، يەكەندىكى ئۆزگۈرۈشلەر بەك چوڭ ئىدى، ئەمما ئوخشاشلا كۈزۈمگە ئىسسىق كۈرۈنەتتى، ئۇقۇغاندا باربولغان بىنالار مېنى ئالاھىدە جەلىپ قىلدى، كۆزئالدىمغا ئاشۇچاغلار كەلدى. ھازىر ھەممە ئادەم ئۆزھەلەكچىلىكىدە بۇلۇپ، نۇرغۇن ساۋاقداشلار بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلگەن ئىدى. بىرسىنىپتا ۋە پاراللىل، ھەتتا يۇقىرى يىللىقلاردا ئۇقۇغان شۇچاغلاردىكى مېنى جەلىپ قىلغان تالاي چىرايلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل يۈرۈش- تۇرشلىرى بىلەن كۆزئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتتى. « شۇلار ھازىر قانداقراق تۇرغاندۇ، نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈردىكىنە؟...» دەپ ئويلۇدۇم. بەلكى بۇچىرايلار ئىچىدىكى بەزىلىرى شەھەرلەردە يىلتىز تارتقاندۇ ، بەزىللىرى بولسا يىراق چەت يېزىلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقاندۇ، قىزلار ئانا بۇلۇپ، «ئۆي- ئەر- بالا» دەپ شۇلارنىڭ ئۇتىدا كۈيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، مەن بىلىدىغان ئاشۇ چىرايلىق چېھرىنى بالدۇرلا شۇلارغا يەم قىلىپ بەرگەندۇ، يىگىتلەرنىڭ بەزىللىرى پۇل تېپىپ، مەيدىسنى كىرىپ يۈرسە، بەزىللىرى چەت يېزىلاردا ئۈن-تىنسىزھالدا تۇرمۇشنىڭ ئېغىر ھارۋىسىنى سۆرەپ ھالسراپ، كۆك تاماكا چىكىپ، ھەتتا شاراپقا بىرىلىپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەندۇ... ھايات دېگەن ئەنەشۇنداق ئاجايىپ ۋە رەھىمسىز بۇلىدىكەن. «شۇلارمۇ بىرچاغلاردىكى مەكتەپ ھاياتىنى ۋە شۇمەكتەپتىكى مېنى ئىسىگە ئالامدىغاندۇ؟...» دەپمۇ ئويلۇدۇم ئۈزۈمچىلا.

«بەش قول تەڭ يارالمىغان» دېگەندەك، بالىلارنىڭ تەقدىرىمۇ ھەرخىل بۇلۇپ، يېزىپ كەلسە توم-توم رۇمانلار پۈتۈپ ئېشىپ قالار.  بەزىلەر ئېغىر كېسەلگە موپتىلا بۇلۇپ، ئىزىلىپ يۈرگەندۇ، بەزىلەر ياشلا تۇرۇپ، ئەجەل تىگىپ بۇدۇنيا بىلەن خوشلاشقاندۇ ...

يەكەن كوچىللىرىدا كېتىۋېتىپ، يەكەن سىفەندە ئۆتكەن ئوتتەك ئۇقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى، بالىلاربىلەن مانامۇشۇ كوچىلاردىكى غەمسىز كۈلكە-چاقچاقلاربىلەن ماڭغان مىنۇتلارنى ... ئاشۇ يىراقتا قالغان يەكەن سىفەن ھاياتىمنى ئەسكەئالدىم.

كىيىنكى ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلۇشۇش ئىشلىرىنىڭ قىيىنغا چۈشۈشى، ھەتتا ئىشقا ئۇرۇنلىشالماسلىقتەك مەسىللىرى ئالدىدا، بۇمەكتەپنىڭ تاقىلىشى تارىخى مۇقەرەرلىككە ئايلاندى. 2007-يىلى مەن ناھيىمىزنىڭ بىر يېزىسىغا بېرىپ، دېھقانلاربىلەن بىۋاستە ئۇچۇرۇشۇپ ئەھۋاللاشتىم. يەتتىنجى ئاي مەزگىلى بۇلۇپ،  سالا-سالا كىۋەز ئېتىزى كۈزدىكى مول ھۇسۇلدىن دىرەك بىرىپ سۇزۇلۇپ ياتاتتى. بىز ئېتىزلىقتاكىۋەز ئۇتاۋاتقانلارئىچىدىن زامانغا لايىق كىيىنگەن، تەقى-تۇرقى باشقىچە بىرقىزنى ئۇچۇراتتۇق.  بىلسەك، بۇقىز يەكەن سىفەن مەكتىۋىنىڭ ئۇمۇمى پەن سىنىپىنى پۈتتۈرگىلى بەش يىل بولغان ئىكەن، خىزمەت يوق، تۆت يىل «ئاتتىن چۈشسىمۇ، ئۈزەڭگۈدىن چۈشمەي» بىرخىل غايىۋى ئۈمۈتتە يۈرۈپتۇ ، بۇلتۇر كۈزدە  ئاخىرى ئامالسىز تەقدىرگە تەن بىرىشكە مەجبۇر بوپتۇ. بۇدېگىنى ئېتىزلىقنىڭ ئادىمى بۇلۇپ، دېھقان يىگىتكە ياتلىق بولغىنى ئىكەن.

--- يەكەن سىفەن مەكتىپتىگە تۇلۇمۇ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلاربىلەن كىرگەن ئىدىم، مېنىڭ تىل ئەدىبىيات ئۇقۇتقۇچۇم شۇمەكتەپنى پۈتۈرۈپ يېزىمىزدا ئۇقۇتقچى بولغان ئايال ئىدى، بۇمۇئەللىمنىڭ بىلىم سەۋىيىسى يۇقىرى بۇلۇپ، بىز بەك ياخشى كۈرەتتۇق، يەنە گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان شىئىرلىرى بىزنى ھەۋەسلەندۈرەتتى. مەنمۇ ئۇقۇش پۈتتۈرسەم مۇشۇ ئۇقۇتقۇچۇمدەك بۇلىمەن دەپ خوش بولغان ئىدىم،  يەكەن سىفەندە تىرىشىپ ئۈچتە ياخشى بۇلۇپ ئۇقۇش پۈتتۈردۇم، ئەمما...

شۇنداق دەپ كېلىپ قىزنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىدە ياش ئەگىدى. مەن قىزنىڭ كۈڭۈل جاراھىتى يەنە كوچىلاشنى دۇرۇس كۆرمىدىم.

--- مەنمۇ شۇمەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىدىم سىڭلىم، خاتىرجەم بۇلۇڭ، بىركۈنى رىزقىڭىز ئېچىلىپمۇ قالار،--- دېدىم تەسەللى بىرىپ. بۇنى ئاڭلاپ قىز ماڭا لەپپتىدە قارى. خۇددى «دىگەنلىرىڭىز راسىتمۇ، راسىت شۇنداق بۇلارمۇ؟» دەپ سۇئال قويغاندەك بىلىنىپ كەتتى.

--- ئاڭلىسام ئۇ مەكتەپ تاقىلىپ كىتىپتۇ، --- دېدى قىز بىرتۇتام توم قارا چېچىنى ئويناپ ،--- يەكەن سىفەننى ئەسلى بالدۇرراق تاقىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن، مەن بىلىدىغان بالىلاردىن 2000-يىلىدىن كىيىن ئۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئىشقا ئۇرۇنلىشالمىدى، نۇرغۇن دېھقان باللىرىنىڭ ئۆمرىنى زايە قىلدى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مىڭبىرجاپادا تاپقان پۇللىرىنى شامالغا سورىۋەتتى. ئۇمەكتەپنى مەن ھەم سېغىنىمەن ، ھەم ئۆچ كۈرىمەن، بەزىدە بالىلاربىلەن بازاردا ئۇچۇرۇشۇپ قالساق، شۇيەردىكى كۈڭۈللۈك دەم ئېلىشلارنى ئەسلىشىپ كۈلۈشىمىز، بەزىدە بۇمەكتەپنىڭ بىزنى ۋەيران قىلىۋەتكىنىنى تىللايمىز.

قىز لىۋىنى چىڭ چىشلەپ ئىزچىقىرىۋەتتى. قىزنىڭ ئىچىدىكى ئازاپ بىلىنىپ تۇراتتى. قىزغا ئىچىم ئاغرىدى.

--- ئۆزلىكىدىن ئۇقۇش بۇيىچە ئالى تېخنىكومدا ئۇقۇسىڭىز بۇلاتتى، بولمىسا...

--- قىزىق ئىكەنسىز، «كاناي ياغلىغىلى ياغ يوق، سۇناي ياغلىغىلى ياغ نەدە؟» دېگەندەك، ئۇكۇللىرىمغا ئايلاپ بىرجىڭ گۆش ئېلىپ بەرگىلى پۇل يوق، مەن يەنە قايسى پۇلغا ئۇقۇيمەن؟ ھېلىمۇ ئاشۇ لەنەت يەكەن سىفەندە بىچارە ئانامنىڭ جېنىنى كىچىكىنە قويدۇم، قارىڭە، ئاۋۇ ئايالغا، مۈكچۈيۈپ مۇماي بوپكەتتى بىچارە ئانام، يەنەقايسى يۈزۈم بىلەن ، قايسى ۋىجدانىم بىلەن « پۇل بەرسەڭ، يەنە ئۇقۇيمەن» دېگەن گەپنى نۇمۇس قىلماي ئاغزىمدىن چىقىرىمەن؟ دادام ھايات بولغان بولسىمىغۇ ...

زۇۋانىم ئۆچتى.

دېمىسىمۇ بۇمەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىقىپ، بىكار يۈرگەن قىز-يىگىتلەر بەك كۆپ ئىدى.  بۇمەكتەپ بالدۇرراق تاقالغان بولسا، ياكى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشىنى توختۇتۇپ، باشقا كەسپى تېخنىكا تەربىلەشكە ئۆزگەرتكەن بولسا بەلكى شۇقىز دېگەندەك تىراگىدىيەلەرمۇ كۈرۈلمىگەن بۇلاتتى.

يەكەن سىفەن مەكتىپى شۇنداق قىلىپ تارىخقا ئايلاندى. «بىرمەكتەپ بىر بىلىم مەشئىلى» دېگەن گەپ ئىسىمگە كەلدى، بۇدېگىنى، بىرمەكتەپ كۈپەيسە، بىرمەشئەل كۈپۈيۈپ كىشىلەرنىڭ دىلىنى يۇرۇتىدۇ دېگىنى ئىدى، دېمەك بىرمەكتەپ ئازايسا بىرمەشئەل ئۆچتى دېگەن گەپ. ھازىر يولغا قۇيۇلىۋاتقان «مەكتەپنى يىغىپ باشقۇرۇش» ئىشلىرى بىلەن يېزىلاردا تېخىمۇ كۆپ مەكتەپلەر يۇقالماقتا، تېخىمۇ كۆپ مەشئەللەر ئۆچمەكتە،  كەنىتلەردىكى مەكتەپلەر «يىغىپ باشقۇرۇش» شۇئارى ئاستىدا تاقالدى،  بۇكەنىتتىكى دېھقانلار ئۆزلىرىگە  تۇلۇمۇ تۇنۇش بولغان دەرىسكەكىرىش-چىقىش بەلگىسى بولغان زىل ئاۋازىنى ئاڭلىيالماس ، مەكتەپلەردىكى كىچىكىنە گۈدەكلەرنىڭ چىرايلىق رەتكە تىزىلىپ، ئوڭ قۇلىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ بايراق چىقىرىپ ئۇقۇغان « قوزغال، قۇل بۇلۇشنى خالىمىغانلار...» دېگەن ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلىيالماس بولدى. بۇ دەۋىر تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسىمۇ، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئىھتىياجىمۇ، ياكى يېڭى ئەسىردىكى مائارىپ تىراگىدىيەسىمۇ؟ بۇنىڭغا مەن جاۋاپ تاپالمايتىم .

يەكەن سىفەن مەكتىۋى 1944-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ، ئۇزۇن شانلىق تارىخقا ئىگە، قەشقەردە ناھيەدەرىجىلىك ئۇرۇندا تەسىس قىلىنغان بىردىن بىرى سىفەن مەكتەپ ئىدى. جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان رايۇن بۇلۇپ، يەكەن سىفەن مەكتىۋى قەشقەر ۋىلايىتى ئۈچۈن، بۇلۇپمۇ قەشقەرنىڭ يەكەن، مەكىت، پوسكام، قاغىلىق، يېڭىسار قاتارلىق جەنۇپتىكى ناھيىللىرىنىڭ  ئۇقۇتقۇچى يىتىشتۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى ياراتقان ئىدى.

يەكەن سىفەن مەكتىۋىدە 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ۋە 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇقۇغان ساۋاقداشلارغا سالام يوللايمەن. يەكەن سىفەن مەكتىۋى بىز ئۈچۈن ھامان سۈيۈملۈك بىرئەسلىمە بوپقالغۇسى .

مەنبە : ئۆز قەلىمىم



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yadikar- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 01:38 PM  


ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9173
تۆھپە نۇمۇرى: 316
توردا: 7595 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 06:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكرار تېمىغۇ بۇ   

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76667
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 319 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 06:22:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نا ھايىتى ياخشى يېزىپسىز، بۇلار دەل ھازىرقى كۆرۈلۈۋاتقان مەسلىلەر، بۇنى مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ‹‹شانلىق نەتىجىسى ›› ياكى ‹‹... ›› بىلەلمىدىم، ئېغىزىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان سەبىيلىرىمىزنىڭ تاتلىق ئېغىزلىرىدىن ئانا تىلىمىزنىڭ قاياقلارغا... بىر ئوقۇتقۇچى ئاپاينىڭ «ياخشى كۈنلەر يەنە قايتا كىلىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن يوقالمايدۇ›› دىگەنلىرىنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈپ ئۈلگۈرۈپتىمەن. ئاشۇ مىللىي ئەدىبلىرىمىزنىڭ رەسىملىرى قايتا چاپلىنىدىغان كۈنلەرنى كۈتىمەن،  تارىخىي رەسىملەرنى كۆرۈپ ھەجەپمۇ سۆيۈندۈم، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلنازە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 06:34 PM  


باشقىلارغا تەبە

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 752
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6066
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 5841 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 06:37:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ساپ ئانا تىلدا تەربىيە ئالغان ئانا مەكتىۋىمنى سېغىنىمەن.بۇنداق ساپ ئانا تىلدا ئوقۇيدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى. ئەمدى بالىلىرىمىزغا كىچىگىدىن  باشلاپ ئانا تىلنى سۆيىدىغان روھنى يىتىلدۈرشىمىز كىرەك.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

مۇھەببەت شەخسنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43372
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4352
تۆھپە نۇمۇرى: 1291
توردا: 1114 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 06:52:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقى چاغلار ئەجەپ ياخشىكەنتۇق

مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ

دىللار پەقەت ئال

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10716
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7725 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 07:04:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
80-يىلدىن  ھازىرغچە  بۇلغان  تەرەققياتىلا  كۆز ئالدىمغا كەلدى،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 07:07:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن سىفەننى ھازىر 3-ئوتتۇرا قىلىۋىتىپتىغۇ.........................ئالىي مەكتەپ قىلغان بولسىچۇ، يۇرتۇمدىلا ئوقۇيتىمكەن

يا ئىمان ئۈچۈن ياشايسەن؛يا نەپسىڭ ئۈچۈن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44178
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 120
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2011-6-12
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 07:19:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سابىق يەكەن دارىلمۇئەلىمىن  ھەققەتەنمۇ  ئىسىل بىلىم بولىقى ئىدى .بۇ مەكتەپ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مائارىپى ئۇچۇن ھەققى بىلىم ئىگىلىرىنى يىتۇشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى ،مەن گەرچە بو مەكتەپتە ئوقومغان بولساممۇ ،بۇ مەكتەپتە دوسلۇرۇم كۇپ ئىدى ،بۇ مەكتەپ يىتىشتۇرگەن ئوقوتقۇچىلار  سەرخىلاردىن  دىيىشكە بولاتتى ،بو لۇپمۇ ھازىرقى  مائارىپننىڭ  تەرەققياتىدىن بو نوقتىنى چۇشنىۋىلىش تەس ئەمەس ،بولسا بۇ مەكتەپننىڭ قايتا يورۇققلىقا ئىرىششنى ئۇمۇت قىلمەن !

قەدىرلىگىن سىنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7636
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 7019 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 08:18:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن سىفەن ھازىرمۇ مەۋجۇتمىدۇ؟

كۇكۇيۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5976
تۆھپە نۇمۇرى: 1098
توردا: 1275 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 08:30:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن سىفەننىڭ تاقىلىشى تارىخى مۇقەرەرلىك، ئوتتۇراتېخنىكوملارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بۇلىشى ئېنىق. يەكەن سىفەننى ئالى مەكتەپكە ئۆزگەرتكەن بولسا ھەقىقەتەنمۇ كىشى سۈيۈنكىدەك ئىش بۇلاتتى. تېمىدىكى قىزئوتتۇراغا قويغاندەك ئوتتۇرا تېخنىكوملار نۇرغۇن دېھقان باللىرىنىڭ ئۆمرىنى زايە قىلدى ۋە پۇلىنى شامالغا سورىۋەتتى.ئەمما بۇ يەكەن سىفەننىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى دەۋىرتەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش