خارلانغان نان.
مەن بۈگۈن [2012] پروگرامما، office ، لايىھە مۇسابىقىسى گە ئەرەنتىر شىركىتى تەمىنلىگەن مۇكاپات بۇيۇمىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ، قەشقەر گە بارغان ئىدىم . ئەرەنتىر شىركىتى تەمىنلىگەن مۇكاپاتنى ئېلىپ قايتاشىمدا ، قەشقەر يېڭى بازارغا كىردىم . بىرقىسىم سودىلىقلىرىمنى قىلىپ بۇلۇپ بازاردىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا ، كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان مۇنداق بىرئىشقا يۇلۇقتۇم ! ئۇ بولسىمۇ ، كونا ئاياغ بازىرى (ئەسكى - تۈسكى بازىرى) دىكى ئەرزان باھادا بولسىمۇ سېتىۋىتىش ئۈچۈن ئەسكى چىپتا-تاغارلارغا قاچىلاپ ، دۆۋلەپ قۇيۇلغان ، خارلانغان نانلار ئىدى!!!
كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان بۇنداق ‹‹ مەنزىرە›› مېنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى . بىز ئەشۇنداق گۆھەردەك نانلىرىمىزنى ئەسكى چىپتا-تاغارلارغا قاچىلاپ ، كونا ئاياغ بازىرى (ئەسكى - تۈسكى بازىرى) غا تاشلىۋەتكۈدەك ‹‹ ھاللىق سەۋىيەگە ›› ، توقچىلىققا يەتكەندىمىزمۇ؟
مەن مىڭ ئەپسۇسلار ئىچىدە ، كەڭ تورداشلارنىڭ بۇنداق ناچار ئىسراپخورلۇقتىن ھەزەر ئەيلىشىنى ، توي - توكۈن ، نەزىر - چىراق ، رېستۇران ئولتۇرۇشلىرىدا تائاملىرىمىزنى ، گۆھەردەك نانلىرىمىزنى بۇزۇپ چاچماسلىقىنى ، خارلىماسلىقىنى ، ئىسراپ قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قېلىمەن .!!!!!
تېلفۇنۇم ئارقىلىق تارتىلغان نەخ مەيداندىكى رەسىملەر:
ئاچ قالغان ئىنسان .
ئافرىقا ئاچارچىلىق گىردابىدا ئېڭرىماقتا .
ئافرىقىدا 60 يىلدىن بۇيان ئەڭ چوڭ ئاچارچىلىق ئاپىتى يۈز بەردى
سومالى، ئېپوپىيە، كېنىيە، جىبۇتى قاتارلىق دۆلەتلەردە 12 مىليون 400 مىڭ كىشى ئاچارچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.
ئافرىقىدا ئاچارچىلىق ۋە قۇرغاقچىلىق ئەڭ ئېغىر يۈز بەرگەن دۆلەت سومالى بولۇپ، پايتەخت موگادىشۇ ئاچ ئىنسانلار ئېقىنىغا سەھنە بولماقتا.
ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 يېرىم مىليون ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 مىليون ئادەم ئاچارچىلىقنىڭ پەنچىسىدە ئىزىلىۋاتقان بولۇپ، يۈز مىڭلارچە ئادەم پاناھلىنىش لاگېرلىرى جايلاشقان پايتەخت موگادىشۇغا بېرىشقا تىرىشماقتا.
سومالىدا ئاچارچىلىق ئاپىتى سەۋەبىدىن 29 مىڭ كىچىك بالا قازا قىلدى.
ئىناق جەمىيىتىمىزنى ، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەيلى . ئاش - نان ، پۇل - ماللىرىمىزنى بۇزۇپ چاچمايلى ، ئىسراپ قىلمايلى.
‹‹ ئاللاھ تائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ ››
بوۋام بىر كۈنى بىزگە تەربىيە قىلىپ شۇنداق دېدى ؛
ماۋۇ خىلدىكى 3 خىل كىشى ھامان ھالاك بولىدۇ ،
‹1› ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىگە چەكسىز ئىشىنىپ كېتىدىغانلار
‹2› ئاش - تائامنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار
‹3› ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار .
بوۋام يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ؛
يەنە شۇنداق 3 خىل كىشى باركى مەڭگۈ غەم – ئەندىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ ،
‹1› ھەمىشە يامان ئىشنىڭ قەستىدە يۈرگەنلەر -
‹2›قۇدرىتىنىڭ بارىدا ياخشى ئىش قىلمىغانلار `
‹3›نادانلىق بىلەن ئويلىماي ئىش قىلىپ ئاخىرىدا ھەسرەتتە قالغان كىشلەر