مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1017|ئىنكاس: 16

تۇيۇۋيۇۋ ھادىسىسىنى ئەسلەش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1062
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 02:04:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇ يوۋيوۋ ھادىسسىنى ئەسلەش: بەزى تەتقىقاتلارغا بېرىلگەن كۆپ مەبلەغ ئالىملارغا زىيان سالدى


تۇ يوۋيوۋ ھادىسسى: ئىلمىي تەتقىقاتنى باھالاش مېخانىزىمىنى تەكشۈرۈش ئارتىنىن (arteanuin)نىڭ بايقىلىشى ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشلار ئەۋج ئېلىۋاتقان چاغدا، تۇ يوۋيوۋنىڭ مۇھىم تۆھپىسى يەنىلا ھەر تەرەپتىن قۇبۇل قىلىنىشقا ئېرىشمەكتە. دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى يوق، چەتئەلدە ئوقۇغان ئارقا كۆرۈنۈشى يوق، ئاكادېمىك تاجى يوق بولغان، نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن «ئۈچتە يوق خادىم» دەپ مەسخىرە قىلىنغان بۇ موماي خەلىقئارادا ئورتاق ھالدا نوبىل مۇكاپاتى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلقئارالىق مۇكاپات دەپ ئېتراپ قىلىنغان «لاسكى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ 40 يىل ئىلگىرىكى نەتىجىلىرى بىرلا ۋاقىتتا قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئېرىشىپ، ئۈن-تنىسىز، نام-شەرەپسىز تۇرغان بۇ ئايال تۇيۇقسىز شان-شۆھرەت ئىگىسى بولۇپ قالدى. داڭلىق نېرۋا ئىلمى ئالىمى گېرانشىيوس تەتقىقات ئورنى بىئولوگىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇبەي پىرافىسسور مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن، تۇ يوۋيوۋنىڭ «لاسكى مۇكاپاتى»غا ئېرىشىشى بىزنىڭ جوڭگونىڭ ئىلمىي تەتقىقاتنى باھالاش مىخانىزىمىدىكى مەسىلىلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈشىمىزگە، «ئۆزئادەملىرىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى ئۆزى ئۇقماي، سىرىتتكىلەر ئۇقۇپ بولغان» بۇ ئىشنىڭ تىگى-تەكتىدىكى مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈرۈشىمىزگە تۈرۈتكە بولدى.

ئەمدىلا ئاياقلاشقان جوڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا، جوڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خەن چىدېمۇ ئاشكارا ھالدا ئارتىنىن (arteanuin) نىڭ بايقىلىشى تېخىچە يىتەرلىك مۇكاپات ۋە تەقدىرلەشلەرگە ئېرىشەلمىدى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن مەسىلىلەر چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

جوڭگو ئىلىم-پېنى دۇنيا تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىندى، بىراق ئالىملارنىڭ ئېتراپ قىلىنىشى ئاز بولدى

«ئۇلارنىڭ ئاكادېمىكلار قاتارىغا كىرىدىغان سالاھىيىتى تامامەن بار.بىراق بۇرۇنلا كىرىشى كېرەك ئىدى،» لۇبەي بۇنىڭغا نىسبەتەن خاتا ئويلىمىغان ئىدى، بىراق يۈەن لوڭپىڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالىملارنىڭ كەچۈرمىشى ئادەملەرنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. دۇنيا تەرىپىدىن كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان دەپ ئېتراپ قىلىنغان ئالىملارنىڭ، جوڭگو ئىلىم ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت يىتەرلىك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەسلىكى تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. بىر تورداش توردىن بەزگەككە قارىشى تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدە بىرەر قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان.

بىراق لۇبەينىڭ قارىشىچە، بۇ ياشانغان ئالىمنىڭ30 يىلنىڭ ئالدىدا ئېرىشكەن نەتىجىسى جوڭگو تۇپرىقىدا ئىجتىھات قىلىپ ئىشلىشىدىن كەلگەن، دۇنياۋى سەۋىيىگە ۋە ئىجادىيلىققا ئىگە خىزمەت بولۇپ، «جوڭگو يېقىنقى زامان يېڭى دورا تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئەڭ زور بايقاشلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.»

سىتانفورد ئونۋېرسىتىتىنىڭ پىرافىسسورى، لاسكې مۇكاپاتى باھالاش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى لاس شاپلېر ئارتىنىن (arteanuin)نىڭ بايقىلىشىغا مۇنداق باھا بېرىدۇ: «ئىنسانلارنىڭ دورا تەتقىقات تارىخىدا، بىز نەچچە مىليۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئاغرىق بېسىمنى يىنىكلىتىدىغان، شۇنداقلا نەچچە يۈزلىگەن دۆلەتلەردىكى مىليۇنلىغان ھاياتلىقنى قۇتقۇزدىغان بايقاشلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرمايدۇ.»

9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دوراياساش گوروھى بولغان (GSK)نىڭ جوڭگو تەتقىقات مەركىزى ھاياتلىق ئىلمى كۆرىنەرلىك نەتىجە قازانغان، ئارتىنىن (arteanuin)بىلەن نام قازانغان تۇ يوۋيوۋ بىلەن سەنكىيا تەتقىقاتى قىلغان جاڭ نىڭ دوڭغا مۇكاپات بەردى، ئۇلار ھاياتلىق ئىلمى ۋە قوللىنىش جەھەتتە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. «جوڭگو تۇپرىقىدا تۇرۇپ دۇنياۋىي سەۋيىدىكى ئىجادىي نەتىجىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەس، بۇنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش ۋە قوللاش كېرەك».لۇبەينىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى جوڭگودا مۇنداق بىر خىل ھالەت شەكىللەنگەن، جوڭگۇ ئىلىم -پېنى دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىدى، بىراق، ئالىملىرىنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئىنتايىن ئاز بولدى. «بىز GSKدىن ئىبارەت خەلقئارا ماركىدىن پايدىلنىپ، جوڭگو ئالىملىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىلىم-پەن دۇنياسى تەرىپىدىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.» يېقىنقى يىللاردىن بويان، خەلقئارادىكى بىرقىسىم داڭلىق ژۇرناللاردا دۆلەت ئىچىدىكى ئىلىم پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى بارغانسېرى كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ، جوڭگو ئىلىم پېنىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. بىراق، بىر قىسىم ئاپتورلار ھېچنىمىدىن ئايانماي باھالىغۇچىلار ئوتتۇرغا قويغان تەلەپلەرنى تولدۇرۇشقىلا ئەجىر قىلغانلىقتىن، ماقالىلىرىدە تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغان ياكى تېما بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئابزاس ياكى رەسىملەرنىڭ بولۇشىنىمۇ كۆرۈش تەس ئەمەس. ھەتتابەزى ئاپتورلار سانلىق مەلۇماتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ساختىپەزلىك قىلىپ،باھالىغۇچىلارنىڭ ئۆتكۈزۋېتىشىنى ئۆتۈنىدۇ. ئاز ساندىكىلىرى ھەتتا ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، بۇ كىشىلەر جوڭگو ئالىملىرىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

لۇبەي ئېغىر ئۇھسىنىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرقىسىم ئالىملارنىڭ ئىلمىي ماقالىنىڭ تەسىر ئامىلىنىلا قوغلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دېدى. «ساڭا قانداق سانلىق مەلۇمات لازىم بولسا مەن ساڭا شۇنداق سانلىق مەلۇمات بېرىمەن، ئىلىم پەن دېگەن مۇشۇنداق بولامدۇ؟»، «ئىلىم پەن تەتقىقاتى ئىنتايىن ئاددى سان سىفىرلارغا ئايلىنىپ قالدى، ساندا قانچىلىك «ئىلىم-پەن» بار، «تەبىئەت»ماقالىسىدە سان نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرى قانچىلىك؟ بۇنداق قىلىش بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرگەنلىك، خالاس.» لوبەي مۇنداق كۆرسەتتى، «كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىلمىي ماقالىنى ئەمەس بەلكى ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن كېلىدىغان مەنپىئەتنى بەكرەك قوغلىشىدۇ.»، «ئىلىم-پەن بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ كەسىپ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئىلىم پەنگە بولغان ھەۋىسىنى ۋە بايقاش قىزغىنلىقىنى قاندۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە جەمىيەتكە تۆھپە قوشۇپ خەلىققە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.» بىراق، لۇبەينىڭ بايقىشىچە، ھازىر دۆلەت ئىچىدە بارغانسېرى كۆپ ئىلمىي بايقاش بىلەن پۇل، مەرتىۋە، مەنپىئەت زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ قالغان.

بۇ جەھەتتە دۆلەت ئىچى بىلەن سىرىتىنىڭ پەرق شۇنداق زور: «دۆلىتىمىزدە ئاكادېمىك بولغانلارنىڭ ئۆيى، ماشىنىسى بولىدۇ، ناھايتى كۆپ ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمان بولىدۇ. دائىم مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىپ تۇرىدۇ، يىغىنلاردارەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ؛ بىراق چەتئەللەردە، ئاكادېمىكلار ئۆچرەت تۇردىغان يەردە چوقۇم ئۆچىرەت تۇرىدۇ، ئىلمىي يىغىنلاردا ئەزەلدىن رەئىس سەھنىسىدەئولتۇرىدۇ دەيدىغان گەپ يوق. باشقىلارنىڭ چۈشەندۈرشىنى ئاڭلىغان چاغدا، مەيلى قانچىلىك چوڭ نۇپۇزلۇق ئالىم بولسۇن ھەممىسى قائىدە بويىچە پەستە ئولتۇرىدۇ، ھەتتانوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىمنىڭمۇ بۇنداق ئىمتىيازى يوق.»

دۆلەت ئىچدىكى ئالىملار بىلەن ئۇچىرشىش جەريانىدا، لۇبەي مۇنداق بىر خىل «يېڭى ئىدىيە»نى بارا-بارا ھېس قىلغان: دائىم پاراڭلاشقاندا مۇنداق بىر قانچە جۈمىلە ئېيتىلىدۇ، قارشى تەرەپ دەرھال ماقالىسىنىڭ تەسىر ئامىلىنىڭ قانچىدە قانچە نومۇر بولغانلىقىنى، قانچىلىك يۇقىرى تەسىر ئاملىنىىڭ قانچىلىك چوڭ مۇكاپات ۋە مەنپىئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. بىراق دۇنيادىكى بىر قىسىم داڭلىق مەكتەپلەردە، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى قانچىلىك مۇھىم ئىلمىي بايقاشلارنى چىقارغانلىقى، ھېچكىم قانچىلىك ئاكادېمىك بارلىقىنى مەخسۇس ساناپ يۈرمەيدۇ. بۇلارمۇ ئوخشاشلا بۇ خىل «يېڭى ئىدىيە»نى زوق بىلەن سۆزلەيدىغان ئىشلاردىن ئىبارەت.

لۇبەي مۇنداق ئانالىز قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئالىملار ئىلىم-پەن نەتىجىسىنىڭ ئېلىپ كەلگەن مەنپىئەتىدىن ھالقىپ ئىلىمنىڭ ئۆزىگە بەكرەك دىققەت قىلىدۇ. «بۇنداق ئادەم ئاكادىمىك بولۇپ باھالانسا،ئىلىم-پەننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئەمەس بەلكى پەردە ئارقىسىدىكى ئۆي، ماشىنا، مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار ئەزەلدىن دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئېھتىياجىنى ياكى بىرخىل ئىلمنىڭ بايقىلىشىنىڭ قىزىقارلىق بولغان بولمىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايدۇ.» بىرئەڭ قورقۇنۇچلۇق نەتىجە شۇكى، ئالىملار ئەگەر پەقەت ماقالىنى چىقىرىشنى ئويلىسىلا،نەتىجىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىلىم-پەننىڭ ماھىيىتى بويىچە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئىزدەنمەيدۇ، بەلكى باشقىلار ماڭمىغان يولدا ماڭىدۇ.

نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ۋە نۇرغۇن خەلقئارادىكى داڭلىق ئالىملار بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدا لۇبەي ئۇلاردىن مۇنداق بىر نۇقتىنى يىغنچاقلاپ چىققان: «يېڭىلىقنى قوغلىشش ئالىملارنىڭ ئاساسىي ماھىيىتى».

لۇبەي بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: «ئىلىم-پەن نەتىجىسى مەنپىئەت بىلەن چوقۇم ئايرىۋېتىلىشى كېرەك، ئالىملارغا ئىلمنى ئادەمنىڭ ئەڭ زور مۇكاپاتى دەپ تونۇتۇش كېرەك.»

بەزى تەتقىقاتلارغا بېرىلگەن مەبلەغ كۆپ بولغانلىقتىن ئالىملارغا قىلىنغان زىيانكەشلىك بولۇپ قالماقتا

ئەينى يىللىرى تۇ يوۋيوۋ، جاڭ نىڭ دوڭ ئىنتايىن قىيىن شارائىت ئاستىدا زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، بىراق بۈگۈنكى كۈندە تەتقىقاتقا سېلىنغان دەسمايە قانچە كۆپ بولغانسېرى، دۇنياۋىي نەتىجىلەر ئاز بولماقتا، قانداقسىگەبۇنداق تەتۈر ھالەت پەيدا بولىدۇ؟

لۇبەينىڭ قارىشىچە، دەسمايە كۆپ، تەجىربىخانىنىڭ چوڭ بولىشى ئىشنىڭ ياخشى بولىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. «بەزى خىزمەتلەر ناھايىتى كۆپ خىراجەتكە موھتاج بولىدۇ، بىراق بەزى تەتقىقات تۈرلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئەكسىچە ئالىملارغا زىيان يەتكۈزگەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاز بولمىغان ئالىملارمۇ ئىلگىرى بۇنى ئىنكاس قىلغان، بۇنداق بولغاندا جىددي پەيىتلەردە پۈتۈن زېھنىنى تەتقىقاتقا قارىتالايدۇ. بىراق بىراقلا كۆپ پۇل ئېلىۋالسا ناھايتى نۇرغۇن تېمىلارنى ئىشلەشنى ئويلىشىۋېلىپ، زېھنى چېچىلىپ كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۇلنى قانداق تەقسىملەش، ھەر خىل مەنپىئەتلەرنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش،ئادىل بولۇش، گۇناھكار بولۇپ قالماسلىق قاتارلىق ئىشلار تولا ئويلىندىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.»

لۇبەينىڭ تەستە ئويلاپ يەتكىنى بولسا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم تەجىربىخانىلار بارا-بارا زورىيىشقا باشلىدى، «نۇرغۇن تەجىربىخانىلاردا 20دىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەيدۇ، نۇرغۇنلىرى ھېچقانداق تەجىربىسى يوق ئوقۇغۇچى. ئىنتايىن تەجىربىلىك بىر ئىلمىي رەھبەرنىڭ بۇنچە كۆپ ئادەمگە رەھبەرلىك قىلىشى ھەقىقەتەن تەس ئىش. ئاخىرىدا تەجىربىخانىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار ئاقما لىنىيەدە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ-دە، ئۇلاردىن ئىجادىي تەپەككۈر چىقمايدۇ.»

لۇ بەينىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا مۇنداق بەلگىلىملەر بار، بىر ياردەمچى پىرافىسسور پەقەت ئۈچ نەپەر ئادەم ئالالايدۇ، بىر رەسمىي پىرافىسورمۇ ئادەتتە چوقۇم ئالتىدىن يۇقىرى ئادەم ئالالمايدۇ. «بۇ كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىنى ئىشلەپ چىقىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، نۇرغۇن ساھەلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتمەيدۇ.»

لۇ بەينىڭ ئۆزىنىڭ تەجىربىخانىسىدا ئادەتتە مۇقىم 5 ئادەم تۇرىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئون ئادەم بولىدۇ، بىراق، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن تەجىربىسى بار بولۇپ، پەلەمپەيسىمان ئەترەت شەكىللەندۈرىدۇ.

لۇبەي ئىلمىي تەتقىقاتنى باھالاشتا، «قىلغان نەرسىنىڭ كۆپلىكىگە ئەمەس بەلكى مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش» كېرەكلىكىنى چاقىرىق قىلىدۇ.

لۇبەينىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغىنى، دۇنيادىكى زور غەلبىلەرگە ئېرىشكەن تەجىربىخانىلار ئادەتتىكىچە بولۇپ ئانچە چوڭ ئەمەس، بۇنىڭغا مىسالەن، كامبېرىجقا جايلاشقان ئەنگىليە تىببىي تەتقىقات ھەيئىتى (MRC) مولېكۇلا بىئولوگىيىسى تەجىربىخانىسى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرنىڭ بېشىدا، بۇ تەجىربىخانىسىنىڭ خادىملىرى پەقەت 69 نەپەر بولۇپ، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر سەككىز ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ،پۈتۈن دۇنيادىكى بىئولوگىيە تەجىربىخانىلىرى ئىچىدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان تەجىربىخانا ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەجىربىخانىنىڭ يېتەكچىسىنىڭ مۇنداق بىر يادرولۇق ئىدىيىسى بار: «ھەقىقىي ئىجادچانلىق ئىدىيىسىگە ئىگە ئادەمنى تاللاش، ئاندىن بىر خىل مۇھىت يارتىش، ئىجادچانلىق ئىدىيىسىنى بىخلاندۇرۇپ ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېلىپ بارىدۇ.»

تەرجىمە قىلىنغان مەنبە: ياھۇ تورى

反思屠呦呦现象:有些研究投太多钱害了科学家

http://news.cn.yahoo.com/ypen/20111001/618765.html

تەرجىمە قىلغۇچى: زەررە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1062
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 10:00:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1062
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 10:28:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەجىربىخانىنىڭ يېتەكچىسىنىڭ مۇنداق بىر يادرولۇق ئىدىيىسى بار: «ھەقىقىي ئىجادچانلىق ئىدىيىسىگە ئىگە ئادەمنى تاللاش، ئاندىن بىر خىل مۇھىت يارتىش، ئىجادچانلىق ئىدىيىسىنى بىخلاندۇرۇپ ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېلىپ بارىدۇ
ــــــــــــــــــــــــــــــ
مانا بۇ گەپنىڭ پۇسكاللىسىكەن!.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 10:29 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75996
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 11:46:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى ئويلاندۇرغۇدەك تېما بوپتۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1062
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 12:09:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«يا تاھارەتخانىنى بىكار قىلماسلىق،يا تاھارەت قىلماسلىق» دىگەن گەپ خەنزۇچە مەنبەلەردىن كىرگەنما؟!.

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19672
تۆھپە نۇمۇرى: 862
توردا: 8137 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 12:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنىڭ خەتلىرى نېمانداق كىچىك؟

مۇھەببەت شەخسنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43372
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4352
تۆھپە نۇمۇرى: 1291
توردا: 1114 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 07:14:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگسىگە رەھمەت

مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ

فېدىراتسىيە ئالاھىدە قىسمىدىن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77326
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2012-3-12
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 07:28:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ye ye ye ... ~  样子 ~ Sez Den ~ 动作 ~ Bez Den ~ Bo LaM 。 Mi SaNG 。 滚撒

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77386
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 08:37:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تۇنۇشىمىز نىيۇتۇننىڭ بىرىنچى قانۇنىنى تەجرىبىخانىدا ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ دىگەن قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلاديدىغان بىر تەجرىبە لايىھەلىگەنلىكىنى دىگەن، لىكىن ئۇنىڭ دىيىشىچە مەتبۇئاتلار بۇ ماقالىنى نىمە ئۈچۈندۇر ئىلان قىلماپتۇ.
ئەگەر ئۇنىڭ قارىشى ئىتىراپ قىلىنسا فىزىكا دەرسلىكىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشكە توغرا كىلىدىكەن.

نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1651
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 264 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 11:38:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىز نېمىشكە توقماق دەپ ئىسىم قويىۋالدىڭىز ؟

باشلىنىش نۇقتىمىز ھەم نۆل ، ئاخىرلىشىش نۇقتىمىزمۇ ھەم نۆل ،  شۇڭا ئەمەلىيەتتە بىز ھەممىمىز نۆل .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش