مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 593|ئىنكاس: 4

راستىنلا«شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40076
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 727
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 864 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2012-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 11:40:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

راستىنلا«شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ؟

ئەلى غوجاخۇن



     ‹‹تارىم ژۇرنىلى››نىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان يالقۇن روزى ئاپتورلۇقىدىكى‹‹شەرقشۇناسلىق سەنىمىگە دەسسەش››دېگەن ماقالىنى ئوقۇپ (قىسقارتىپ ‹‹ماقالە›› دەپ ئېلىنىدۇ).بۇ ھەقتىكى تونۇش چۈشەنچىلىرىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققۇم كەلدى.
    ‹‹ماقالە››دە ئاپتور ئاۋۋال شەرقشۇناسلار ۋە شەرقشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ يامان‹‹تەسىرى››ۋە ‹‹زەھىرى››ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. ئاندىن ئامېرىكىلىق ئالىم،مۇتەپەككۇر ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن كىتابىدىن نەقىل ئېلىپ،شەرقشۇناسلىقنىڭ‹‹ھەقىقىي يامان غەرەز››لىرىنى بايان قىلىدۇ.ئاندىن روسىيە يازغۇچىسى لېئونىد سولوۋويوف يازغان‹‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە››دېگەن رومان ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنىڭ بۇرمىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ۋە ئەمىر-پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارىمۇ-قارشى مەيدانغا قويۇلۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدىن رەنجىيدۇ. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ‹‹خان-پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھىرىمان››قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى توغرا تاپمايدۇ. روماندا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ‹‹ئەمىرلەرنىڭ ئاياللىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان ‹نوچى› قىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقى››دىن غەزەپلىنىدۇ. ئەقىللىق، يۇمۇرلۇق، ھەققانىيەتچى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ‹‹ئەمىرلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان››لىقىنى، شەرقشۇناسلار ۋە شەرقشۇناسلىقنىڭ تەسىرىدە غەلىتە قىياپەتلىك بولۇپ قالغانلىقىنى تەنقىدلەيدۇ. فىرانسىيىلىك ئەمىن مائالوفنىڭ‹‹سەمەرقەنىت››ناملىق رومانىدىمۇ خەلقنىڭ خانغا قارشى قويۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىر قاتار باشقا بايان، مۇھاكىمىلەردىن كېيىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ‹‹نەسىردىن ئەپەندى››ناملىق كىتابى ھەققىدە تەنقىد يۈرگۈزۈپ،يازغۇچى شەرقشۇناسلارنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ، مىللىي سىمۋولىمىزنى چاكىنىلاشتۇرۇپ ئىپادىلىگەن››دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە مىللىي سىمۋولىنىڭ بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى ھەم قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم بەلگە ئىكەنلىكىنى شەرھلەيدۇ.
ئالدى بىلەن بىز لۇغەتلەردە‹‹شەرقشۇناس››،‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن بۇ ئاتالغۇلارنىڭ قانداق ئىزاھلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ كۆرەيلى.‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››دە بۇ ئاتالغۇلارغا مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن:‹‹شەرقشۇناس:ئىسىم[+]،شەرقتىكى مەملىكەتلەرنىڭ تارىخى، تىل-يېزىقى، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىس، ئالىم››. ‹‹شەرقشۇناسلىق:ئىسىم ‹ت›  شەرقتىكى(ئاسىيا،شەرقىي شىمالىي ئافرىقىدىكى)ھەر قايسى مەمىلكەتلەرنىڭ تارىخى،تىل-يېزىقى ۋە ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەرنىڭ ئورتاق نامى.16-17-ئەسىرلەردىكى غەرب كاپىتالىزىمى سىرتقا كېڭەيگەن مەزگىللەردە بارلىققا كېلىپ،18-19-ئەسىرلەرگە كەلگەندە قەدىمكى يېزىقلار تىرانسىكىرىپسىيەسىدىكى ئۇقۇملارغا ئەگىشىپ زور دەرىجىدە تەرەققىياتقا ئېرىشكەن ۋە مىسىرشۇناسلىق،ئاسسۇرىيەشۇناسلىق قاتارلىق تارماق پەنلەر شەكىللىنىشكە باشلىغان.››خەنزۇچە‹‹ئوكيانۇس››تا‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن سۆز ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن:‹‹شەرقشۇناسلىق يېقىنقى زامان غەرب دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەن.16~18-ئەسىرلەر پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،ئاۋال بىر قىسىم ياۋروپالىق سودىگەرلەر،دىن تارقاتقۇچىلار ۋە ئېكىسپىدىتسىيەچىلەر شەرقتىكى ھەرقايسى ئەللەر ھەققىدە خاتىرىلەرنى يازغان.››①
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،‹‹شەرقشۇناسلىق›› ئامېرىكىلىق ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ شەرق دەپ قارالغان رايونلاردىكى دۆلەت ھەم ئىنسانلار توپىنىڭ مەدەنىيەت،ئىقتىساد،سىياسەت،جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئىلىم.بۇ تەتقىقات قوشۇنىنىڭ ئىچىدە يەنە خېلى كۆپ ساندا شەرقنىڭ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمۇ بار.تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە،بۇ ئىلىمنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىقتىساد،سودا،سىياسىي،دىن،ئىلمىي ئىزدىنىش، قاتارلىق كۆپ خىل ئامىل مەۋجۇت.
ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن كىتابىدا مۇنداق مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ:‹‹شەرقشۇناسلىق ئاتالغۇسى كۆپ خىل مەنىگە ئىگە بولۇپ،بۇ مەنىلەر بىر-بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەم ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلالايدىغىنى شەرقشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقاتىدىكى بىر خىل پەن دېگەندىن ئىبارەت.››،‹‹شەرقشۇناسلىق بىر خىل تەپەككۇر شەكلى،شەرق دېگەن بۇ ئاتالغۇ كۆپىنچە ھاللاردا غەربكە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ.شەرقشۇناسلىق تەپەككۇر شەكلى يۇقىرىدىكى ئىككى ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى ئونتولوگىيە(پەلسەپەنىڭ دۇنيانىڭ مەنبەسى ياكى تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى)بىلەن تونۇش نەزەرىيىسى مەنىسىدىكى پەرقنى ئاساس قىلغان››،‹‹شەرقشۇناسلىق مەدەنىيەت،ئىلىم ۋە تەتقىقات تارماقلىرى ئىچىدە پاسسىپ ئەكىس ئەتتۈرۈلىدىغان سىياسىيلىققا ئىگە ئوبيىكىت ياكى ساھەلا ئەمەس،شەرققە مۇناسىۋەتلىك تېكىستلەرنىڭ كېلەڭسىز يىغىندىسمۇ ئەمەس،شەرق دۇنياسىنى گۇمران قىلىدىغان مەلۇم غەرەزدىكى غەرب ئىمپېرىيالىزىم سۇيقەستىنىڭ ئىپادىسىمۇ ئەمەس.ئۇ رايون سىياسىي ئېڭىنىڭ ئىستېتىكا،ئىقتىسادشۇناسلىق،جەمئىيەتشۇناسلىق،تارىخشۇناسلىق  ۋە پەلسەپە تېكىستلىرىدىكى تەقسىملىنىشى.››②
دېمەك،ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىق بىر خىل پەن،بىر خىل تەپەككۇر شەكلى،بىر خىل ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسەت،مەدەنىيەت زومىگەرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان قوراللا ئەمەس،بەلكى شەرق ئەللىرىنىڭ ماددىي،مەنىۋى قىممەتلىرىنىڭ غەرب ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قايتا ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.‹‹ماقالە››ئاپتورى ئېدۋارد سەئىدنىڭ كىتابىدىن ئۈزۈندى ئالغاندا بەزىلىرىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.بەزىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن كىتابىدا ھەقىقەتەنمۇ شەرقشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانغان بىر قىسىم ئىلىم ئەھىللىرىنىڭ شەرق ئەللىرىنىڭ دىنىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش،شەرقنىڭ مۇستەبىت،نادان،مۇتەئەسسىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش،مۇستەملىكە ئېھتىياجى ئۈچۈن غەربنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تۈزۈلمە جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغانلىقىغا كەڭ ئورۇن بېرىش بىلەن بىرگە يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك ساپ ئىلمىي ئىزدىنىش روھىغا ئىگە تەتقىقات مېتودىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.لېكىن دۇنيادا ھېلىمۇ شەرقشۇناسلىقنى تېخىمۇ رادىكال دائىرىدە تەتقىق قىلغان بىر قىسىم زىيالىيلار شەرقشۇناسلىقنىڭ غەربنىڭ جاھانگىرلىك ھەرىكەتلىرىگە ھەسسە قوشقان بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.ئەمما بۇ خىل ئەھۋالغا قارشى كەسكىن تەنقىد سادالىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ.
سەئىدنىڭ ‹‹شەرقشۇناسلىق›› دېگەن كىتابىدا بۇ پەننىڭ شەرقنىڭ دىنىي ئېتقادىنى بۇرمىلاش،سىياسىي  كېڭىيىش ۋە مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى ئېھتىياجىدىن بارلىققا كەلگەنلىك تەرىپىنى زىيادە كۆپتۈرۋەتكەنلىكىگە قارىتا 2003-يىلى سەئىد ۋاپات بولغاندىن كېيىن 2007-يىلىغا كەلگەندە ياۋروپا،ئامېرىكا ئىلىم ئەھىلىلىرى سالمىقى ئېغىر ئىككى ئەسەرنى ئېلان قىلىدۇ.ئۇلار ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن ئەسىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى،پىكىرىدىكى چەكلىمىلىكىنى ۋە بەزى مۇتلەق مەزمۇندا ئىشىلتىلگەن ئۇقۇم-چۈشەنچىلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.بۇ ئىككى كىتاب‹‹غەرب ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىش:سەئىدنىڭ‹شەرقشۇناسلىق›دېگەن ئەسىرىگە تەنقىد››،‹‹شەرقشۇناسلىق››نى ئوقۇش:دېيىلگەنلەر ۋە دېيىلمىگەنلەر››دېگەندىن ئىبارەت.بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىرى زور بولغىنى ئاۋالقىسى بولۇپ،ئاپتورى ئۇزاق مەزگىل ياۋروپادا ياشىغان سىكولارىزىمچى(دىندىن تاشقىرى يۈرگۈچى)،ئۇ ئىبنى ۋەرراق دېگەن ئىسىم بىلەن بۇ ئەسەرنى ئېلان قىلدۇرغان.ئىبنى ۋەرراق ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن كىتابىدا غەرب ئالىملىرىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنىڭ بۇرمىلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەنلىكىگە،غەرب مەدەنيىتىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە سۈپىتىدە ئاق بىلەن قارا ئارىلاشتۇرۋېتىلگەن ھالدا ئىزاھلانغانلىقىغا قارىتا تەنقىد يۈرگۈزگەن.ساپ ئىلمىي مەقسەت ۋە ئىلمىي كەيپىيات بىلەن يېزىلغان،تەتقىق قىلىنغان كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭمۇ مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى مەزمۇنى سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىغا كەسكىن تەنقىد يۈرگۈزگەن.غەربنىڭ قەدىمكى يۇنان دەۋرىدىن تارتىپلا شەرقلىقلەرنى،شەرقلىقلەرنىڭ ئىدىيە،غايىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئۇنى يۈكسەلدۈرۈپ ئىلىمنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلغان.ئۇنىڭدىن باشقا سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن ئەسىرىنىڭ مېتودولوگىيە،دەلىللەشنىڭ بىردەكلىكى ۋە تارىخىي بىلىم جەھەتتىكى ئېغىر يېتەرسىزلىكىنى ۋە مۇئەللىپنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى چۈشەندۈرۈشتە لىللا مەيداندا تۇرماي،خاھىشچانلىق بىلەن چۈشەندۈرگەنلىكىدەك بىر تەرەپلىمىلىكنى كۆرسىتىپ بەرگەن③.يەنە ئامېرىكىلىق ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتچىسى بېرنارد لېۋىس(1916-)‹‹خاتالىق قەيەردە››ناملىق كىتابىدا ۋە ئەرەب مەدەنيىتى مۇتەخەسىسى روبېرت ئىرۋىن ئۆزىنىڭ‹‹خەتەرلىك ئىلىم››ناملىق تەتتقىقات ئەسىرىدىمۇ سەئىد تەرىپىدىن‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن بۇ ئىلمىي ئاتالغۇغا يۈكلەنگەن سەلبىي مەنىلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان④.بۇ ئوخشىمىغان پاكىتلىق قاراشلاردىن سەئىدنىڭ‹‹غەربنىڭ مۇستەملىكچىلىكى ھەربىي،ئىقتىسادىي تاجاۋۇز بولۇپلا قالماي،بەلكى ئىلمىي بايانلار ئارقىلىق ئۆزىنى قۇراشتۇرىدۇ.بۇنداق بىلىم جاھانگىرلىكى ماھىيەتتە سىياسىي زومىگەرلىككە چېتىلىدۇ››دېگەن چۈشەنچىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.بۇ ئەمەلىيەتتە،غەرب ئالىملىرىنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن يېزىلغان خېلى بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىشى ياكى كۆرمەسكە سېلۋېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياۋروپا،ئامېرىكا شەرقشۇناسلىرى نېمە ئۈچۈن شەرقنى شۇ قەدەر قىزىقىپ تەتقىق قىلىدۇ؟نېمە ئۈچۈن شەرقنىڭ دىنىي ئېتقادى،دۆلەت تۈزۈلمىسى،كىشلىرىنىڭ پىسخىكىسى ئۇلارنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈش،تەتقىق قىلىش ئوبىيىكتى بولۇپ قالىدۇ؟تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزىتىشىگە قارىغاندا بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دىن تارقىتىش،مۇستەملىكە قىلىش،سودا-ئىقتىساد،شەرقنىڭ مۇتەسىىپ ئىجتىمائىي-سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۆگەرتىش ۋە ساپ ئىلىمنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بىر قانچە تەرەپتىن ئىكەنلىكى مەلۇم.دىن تارقىتىش ۋە سىياسىي مۇددىئانى مەقسەت قىلغان بىر قىسىم شەرقشۇناسلار ئاساسلىقى شىمالىي ئافرىقا،ئوتتۇرا شەرق،ھىندىستان،جۇڭگو،شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە شەرھىلەش،غەربنىڭ پەن-تېخنىكا،ئىجتىمائىي سىياسىي تۈزۈلمە كىشلىك خاراكتېر جەھەتلەردە شەرقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش قاتارلىقلارغا كۈچىگەن.بۇ تۈركۈمدىكى شەرقشۇناسلار ھۆكۈمەت،دىنىي جەمئىيەت ياكى ئىجتىمائىي سىياسىي تەشكىلات تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى،تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبلىك ئەنگىلىيەنىڭ سابىق ۋەزىرى بىجامىن دىسلىر(1804~1881)بەزى غەرب ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن‹‹شەرق-بىر خىل تىرىكچىلىك يولى››دېگەن سۆزنى قىلغان⑤.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،بۇ سۆز ساپ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەمەس.
ۋەھالەنكى،يەنە بىر تۈركۈم شەرقشۇناسلار بولسا شەرقنىڭ دىن،مەدەنىيەت،تىل،ئارخولوگىيە،ئىدىيە-چۈشەنچىلىرىنى توغرا بىر ئۇسۇل ۋە تەتقىقات يولى بويىچە تەھلىل قىلىپ،شەرق ئەھلىلىرى ئارىسىدا تېگشىلىك ھۆرمەتكە ۋە قەدىرلەشكە ئېرىشكەن،ئۇلار شەرقلىقلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونۇش،مىللىي كۇلتۇرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،پارلاق مەدەنيىتىدىن مىللىي پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئويغىتىش جەھەتلەردە مۆلچەرلىگۈسىز ئىجادىي ئەمگەكلەرنى قىلغان.شەرقنىڭ ماددىي-مەنىۋىي تەتقىقاتىنىڭ ئىلمىي بىر يولغا كىرىشىگە،ئىلمىي ئىزىدىنىش روھىغا ئىگە بولۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.شەرقنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنى ئىلمىي تەتقىقات مېتودى بىلەن تەمىن ئەتكەن.يەنە كېلىپ بۇنداق ساپ ئىلمىي خاھىشتىكى شەرقشۇناسلارنىڭ ساپاسى ئىنتايىن يۇقىرى،سانى خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم.‹‹شەرقشۇناسلىق ئورنى دەسلەپتە 1313-يىلى ۋىيېننادا يېقىن شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىلى،مەدەنيىتىنى تەتقىق قىلىشنى مەزمۇن قىلىپ قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى زامانىمىزغىچە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ،نۇرغۇن تەتقىقات تارماقلىرى بويىچە ئۆزىگە خاس ئىلمىي،دىنىي،سىياسىي،ئىقتىسادىي سېستىمىلارنى شەكىللەندۈرگەن››⑥،شۇڭا شەرقشۇناسلارنىڭ شىمالىي ئافرىقا،ئوتتۇرا شەرق،ئوتتۇرا ئاسىيا،ھىندىستان،جۇڭگو،شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى سېستىمىلىق تۈرگە ئايرىپ يەرلىكنىڭ دىنىي ئېتقادىنى ئۆز خاھىشىغا ماسلاشتۇرۇپ شەرھلەش ۋە سىياسىي مۇستەملىكە ئۈچۈن مەدەنىيەت ھادىسلىرىنى ناتوغرا ئىزاھلاشقا ئوخشاش تەرەپلىرى بىلەن ساپ ئىلمىي خاھىشتىكى  شەرقشۇناسلىق ئىلمىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.قاراقويۇق ھەممىنى دىنى بۇرمىلاش مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى،بۇلاڭ-تالاڭ،سىياسىي زوراۋانلىق نۇقتىسىدىن باھالاش ئىلمىي تەپەككۇر قائىدىسىگە ۋە توغرا تەتقىقات مېتودىغا يات ئەھۋال.لېكىن‹‹ماقالە››بۇ ئىلىمنىڭ زىيانلىق ئىلىم ئىكەنلىكىنى شەرقلىقلەرنى ئۆزىدىن يىرگىنىدىغان قىلىشتا كاتتا روللارنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.گەرچە ئاپتور شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ساپ ئىلىمگە ياتىدىغان‹‹بەزى ئىشلارنى قىلغان››لىقىنى تىلغا ئېلىپ،‹‹ماقالە››گە سىلىق سۇۋاق بەرگەن بولسىمۇ،ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا بۇ ئىلىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.ئىلمىي ھۆكۈملەرنى چىقارغاندا ئايرىم،يەككە ھادىسىلەرنى ئومۇملۇق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.ئەلۋەتتە.تۈرلۈك پاكىتلاردىن ئايان بولۇشىچە،ئېدۋارد سەئىد 1978-يىلى يازغان‹‹شەرقشۇناسلىق››تا تىلغا ئالغان ھەرخىل مەقسەتتىكى‹‹شەرقنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغان شەرقشۇناسلىق››ئاساسلىقى ئەرەبلەر،پارسلار ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا مىللىي،دىنىي توپلارنى كۆرسىتىدۇ.شۇڭا ئۇ كىتابىدا داۋاملىق تۈردە ئوتتۇرا شەرقتىكى مىللىي،دىنىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.بۇنىڭغا ماس ھالدا پەلەستىندە تۇغۇلۇپ ئامېرىكىدا ياشىغان ئېدۋارد سەئىدنىڭ ئۆزىمۇ پەلەستىننىڭ خەلقئارادىكى‹‹ئاۋازى››بولۇشتەك ۋەزىپىنى ئورۇندىغانلىقى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەننى ئىلىم نۇقتىسىدىن ئەمەس،سىياسىي زوراۋانلىق،مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىدىغانلار ئاساسلىقى يېقىنقى زامان تارىخىدا غەربنىڭ مۇستەملىكسىگە ئۇچراپ باققان مىسىر،تۇنىس،ئالجىرىيە،ماراكەش،لىۋىيە،سۈرىيە،ئىران،ھىندىستان،ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە بۇئەللەردىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلاردىن ئىبارەت.ئۇلار ئۆز تارىخىدىكى ئارامسىز كەچمىشلەرنىڭ دەردىنى غەربنىڭ ئۆزىدىن ئالالمىغاچقا،غەربنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن‹‹شەرقشۇناسلىق››تىن ئىبارەت بۇ ساھەدىن ئالغان.بۇ تىپىك غەربتىن قېيداش،پاسسىپ ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى بولۇپ،‹‹ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە،ئۇر توقۇمنى››دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا،‹‹شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش››مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىمىزنىڭىكىدەك ھېس قىلىپ،ئەندىكىپ كېتىشنىڭ ھازىرچە ھاجىتى يوق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.شەرقشۇناسلىقنىڭ قىلتىقىغا بىلمەي چۈشۈپ كەتتىڭ،دېگەندىمۇ ئۇنىڭ بىزدىكى تەسىرى،شەرقشۇناسلىقنىڭ ئەمەلىي مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ،ئاندىن پىكىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئۇنىڭ‹‹زەھىرى››ۋە‹‹خەتىرى››ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ساپ ئىلمىي روھ بىلەن رايونىمىز مەدەنيىتىنى تەتقىق قىلغان شەرقشۇناس ئالىملارغا تۆھمەت قىلىپ،ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ قارا چاپلاش ئۇلارنى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان قىلىپ تەسۋىرلەش،جاھانگىرلارنىڭ قولچومىقى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئوقۇرمەنلەرنى خاتا چۈشەنچىگە باشلايدىغانلىقى ئېنىق.چۈنكى،رايونىمىزغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا،ئاددىيسى‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئىلمىي ھالدا توپلاپ نەشىر قىلىشتەك شەرەپلىك ئىشلارمۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا غەرب شەرقشۇناسلىرى تەرىپىدىن باشلاندى.››⑦شۇڭا شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىلىمنى سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئايرىم شەخىسلەرنىڭ قىسمەن كۆز قاراش،باھالىرىدىن كەسكىن تۈردە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك.ئاللىقانداق يامان غەزەزدىكى شەرقشۇناسلىقتىن ھېچقدانداق خەۋىرى بولمىغان،ئۇچىرىسا ئۇنى بايقىيالايدىغان كىشلەرنى ئۇنىڭ سەنىمىگە دەسسىدىڭ،بۇنىڭ سەنىمىگە دەسسىدىڭ دەپ ئەيىبلەش خاتا يەكۈن چىقىرىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.ياكى‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››چە پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىدىن پايدىلىنىپ،باشقىلارغا قارا چاپلاپ،سىنىپىي قالپاق كىيدۈرۈش،جاھانگىرلىككە باغلاپ،سىرىتقا باغلانغا ئونسۇر قىلىپ كۆرسىتىپ،ئەدىپىنى بېرىشتەك ئىنسانغا ۋە ئىلىمگە زىيانلىق تەپەككۇر شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆرۈۋاتقان دۇنيا مەدەنىيەت تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا،شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەننىڭ ساپ ئىلمىي تەتقىقات تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىردەك ماقۇللايدۇ.فىرانسىيىلىك مىسىرشۇناس جون فىرانوس چامپولون(1832~1790)نىڭ 1822-يىلى قەدىمكى مىسىر يېزىقىنى ئۇزاق يىل ئىجدىھات قىلىپ ئوقۇپ چىققانلىقى،ئەنگىلىيىلىك ئارخېئولوگ راۋىلسون(1810~1895)نىڭ 1845-يىلى قەدىمكى ئاسسۇرىيە-بابىلون مىخ يېزىقىنى تەتقىق قىلىپ ئوڭۇشلۇق ئوقۇپ چىققانلىقى،دانىيەلىك ئالىم تومسېن(1842~1927)نىڭ 1893-يىلى مۇشەققەتلىك ئەمگەك قىلىپ قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئېچىپ ئوقۇپ چىققانلىقىنى ئەسلىگىنىمىزدە شەرقشۇناسلارغا ھۆرمەت بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز.روسىيەلىك شەرقشۇناس رادولوف(1838~1918)نىڭ غايەت زور مىقداردىكى قەدىمكى تۈركچە-ئۇيغۇچە ۋەسىقىلەرنى تېپىش،رەتلەش،تېكسىتنى ئېلان قىلىش جەريانىدا چەككەن زەخمەتلىرى،ۋېنگىرىيەلىك شەرقشۇناس،تۈركولوگ ھېرمان ۋامبىرى(1832~1913)نىڭ ئوتتۇرا ئاسيا تارىخىغا ئائىت ئەسەرلىرىنى يېزىش جەريانىدا سىڭدۈرگەن ئەجرى،پىروففىسور پىرتىساك(1919~2007)نىڭ قارا خانىيلار تارىخىنى يورۇتۇش جەريانىدا قىلغان تەتقىقاتلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە ئەجدادلىرىمىز ۋە رايونىمىز مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق ئۆتمۈشىنى بىلىۋېلىشىمىزدا،ئۆزىمىزنىڭ تارىختىكى قىممىتىمىزنى قايتىدىن تونۇشىمىزدا بۇ شەرقشۇناسلارنىڭ قانچىلىك زور رول ئوينايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمەكتىن باشقا چارە يوقلىقى ئايان بولىدۇ.‹‹دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100كىتاب››نىڭ بىرى بولغان ئاتاقلىق شەرقشۇناس جوزىف لى يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن‹‹كۆلىمىنى چوڭلۇقى،سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن غەربلىكلەر ۋە شەرقلىقلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان،غەربلىكلەر خورسىنىسا،شەرقىلىقلەرنى كۆپ ئويلاندۇرغان››‹‹جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تارىخى››دېگەن كىتابىنىڭ شەرقشۇناسلىقتىكى بىر كاتتا ئۇتۇق دەپ قارىلىشىمۇ بۇ پەننىڭ ئىجابىي تەرىپىنى يەنە بىر نۇقتىدىن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.(شۇ كىتاب،773-بەت)دۇنياغا مەشھۇر شەرقشۇناسلاردىن روبېرت دانكوف،يانۇس ئىكمان،دېنىس سىنور،بارتولىد،مالوف،پانتوسوف،لىكوك،سىۋېن ھېدىن،پىللىئوت،گۇننار ياررېڭ،ئۇنىشتايىن،گابائىن خانىم كەبى شەخىسلەرنىڭ ساپ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياق ۋە مۇھەببەت،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئالىيجاناپ ھېسسىيات بىلەن توپلىغان،يېزىپ چىققان ئەسەرلىرى،ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى شەرقنى پەسلەشتۈرۈش،چاكىنىلاشتۇرۇش بولمايلا قالماستىن،شەرقنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە چىن دىلىمىزدىن قايىل بولماي تۇرالمايمىز.شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،يالقۇن ئەپەندى تەرىپىدىن بىردىنلا‹‹زەھەرلىك ئىلىم››دەپ قارالغان شەرقشۇناسلىق بولمايدىكەن،ئاشۇ شەرقشۇناسلار بولمايدىكەن،شەرقنىڭ پەن-مەدەنىيەت،سەنئەت تەتقىقاتى خېلى بىر مەزگىللەرگىچە قېلىن بىر قەۋەت تۇمان ئىچىدە قالغان بولاتتى.ئېدۋارد سەئىدنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىلمى ھەققىدىكى بايانلىرى بولسا،پەقەت ئۆزىنىڭ تۇرغۇسىدا تۇرۇپ،پەلەستىن ۋە ئەرەپلەر مەسىلىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ چىقارغان يەكۈندىن ئىبارەت بولۇپ ھەرگىز شەرقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ پۈتكۈل ماھىيتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
بۇ يەردە مەيلى مەدەنىيەت ياكى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ھەققىدە پىكىر قىلىشتا، باھا بېرىشتە بولسۇن، ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››ى بىلەن شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنى، شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن ئەدەبىيات ھادىسلىرىنى،ئاز بىر قىسىم دىنىي،سىياسىي،مۇستەملىكە خاھىشىدىكى شەرقشۇناسلىق نامىدىكى ئەسەرلەر بىلەن ئىنتايىن كۆپ ۋە يۇقىرى سۈپەتكە ئىگە،ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىقنى ئايرىش كېرەك. بىر بۆلەك روس ئالىملىرىنىڭ روس جاھانگىرلىرىكىنىڭ مەنپەئەتى،روس شۇۋىنىزىمى(چوڭ روسچىلىق) ۋە بولشېۋىكىزىمنىڭ نىشانى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر خىل غەرەزدىكى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ،شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن پايدىلىنىپ،شەرقنى ئەسلىي قىياپىتىدىن يىراق قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكى بىلەن خېلى كۆپ ساندىكى ئالىملارنىڭ شەرققە مۇھەببەت بىلەن قاراپ،ئىلمىي،سوغۇققانلىق بىلەن روياپقا چىقارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش كېرەك.يەنە ئۆزىمىزنىڭ بۇ ساھەدە بەزى ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى بىلمىگەنلىكىمىز سەۋەپلىك چىقىرىۋالغان خاتا ياكى بىر تەرەپلىمە ھۆكۈم،كۆز قاراشلىرىمىز بىلەن باشقىلارنىڭ گەرچە قوبۇل قىلىش تەس بولسىمۇ ئەينەن،پاكىتلىق بايانلىرىنى ئايرىشىنى بىلىشىمىز،مەسىلىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرىشىمىز كېرەك.بولمىسا ئىلمىي خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇشىمىز مۇمكىن.‹‹ماقالە››مۇئەللىپى دەل مۇشۇ نۇقتىلاردا ئىلمىي بولمىغان،ئۇقۇملارنى،ساھەلەرنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۋەتكەن ۋە خاتا يەكۈن چىقىرىپ قويغان.
‹‹ماقالە››دە ئاپتور ھىيوگو بىلەن سارترېنى‹‹شەرققە نىسبەتەن يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئەدىبلەر››دەپ تىلغا ئېلىپ،ھىيوگونىڭ‹‹كاپىتان بۇتلېرغا يېزىلغان خەت››ناملىق ئوچۇق خېتى بىلەن سارترېنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلشىنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ.بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۋالىدىغىنىمىز ھىيوگونىڭ ئوچۇق خەت ئارقىلىق ئەيىبلىگىنى فىرانسىيە،ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى،ھەرگىزمۇ ھەرخىل غەرەزدىكى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ساھەسى ئەمەس.‹‹ماقالە››ئاپتورى بۇ يەردە بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي،سىياسىي پائالىيىتى بىلەن ئىلىم ساھەسىنى،سەرقشۇناسلار بىلەن ئەدىبلەرنى ئۆز-ئارا ئارىلاشتۇرۋەتكەن.ئەمدى سارترېنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبىگە كەلسەك،‹‹ماقالە››دە مۇنداق دېيىلگەن:‹‹مەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھەرگىزمۇ غەرب گۇرۇھىنىڭ مۇكاپاتى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن.لېكىن ئۇدەل شۇنداق مۇكاپات...ئوبيېكتىپ جەھەتتە غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ شەرقتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنىڭ شەرىپى بولۇپ قالدى.ناۋادا مەن نوبىل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلسام، ئاساسىي بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن.››ئاپتور بۇ ئۈزۈندىلەرنىڭ قەيەردىن ئېلىنغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتمەيدۇ، پەقەت قوش تىرناق ئىچىدە سارترېنىڭ سۆزى تەرىقىسىدە بېرىدۇ.ئەسلىدە فىرانسىيە پەيلاسوپى ۋە يازغۇچىسى ژان پائول سارترې(1905-1980) نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغاندا نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش ھەيئىتىدىكىلەرگە مۇنداق مەزمۇندا خەت يازغان: ‹‹نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلماسلىقىمدىكى سەۋەپ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك :بىرى،ئۆز شەخسىيتىمدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەن بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلماسلىق قارارىنى ئالدىراپلا چىقارغىنىم يوق . مەن بۇرۇندىن تارتىپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن شەرەپنى قوبۇل قىلمايمەن ...بۇ خىل پوزىتسىيە يازغۇچىلىققا بولغان كۆز قارىشىمدىن كەلگەن . سىياسەت ، جەمئىيەت، ئەدەبىياتقا ئىپادە بىلدۈرىۋاتقان يازغۇچى ئۆزىنىڭ ۋاستىسىگە ، يازغان يازمىلىرىغا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق بېسىمنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. مەن ‹مەشھۇر ژان پائول سارترې› مۇ ياكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ‹ ژان پائول سارترې › مۇ؟بۇ ھەرگىز ئوخشاش بىرنەرسە ئەمەس.يەنە بىرى، ئوبيېكتىپ سەۋەپ.نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت جەڭ فىرونتىدا بىردىنبىر مۇمكىن بولىدىغان كۈرەش شەرق مەدەنىيتى بىلەن غەرب مەدەنىيتىنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشتىن ئىبارەت. مەن ئىككى تەرەپنى ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىشى كېرەك دېمەكچى ئەمەس، ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق مۇقەررەر تۇقۇنۇش ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىمەن. بىراق بۇنداق تۇقۇنۇش ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقنى ئېنىق چۈشىنىمەن.بىراق بۇنداق توقۇنۇش ئادەم بىلەن ئادەم ،مەدەنىيەت بىلەن مەدەنىيەت ئوتتورىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.ھەرگىز ئورگان-ئاپاراتلارنىڭ قاتنىشىشىنىڭ زۆرۈرىيتى يوق...›› ئۇ يەنە باشقا نۇتۇقلىرىدا ‹‹ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەرقانداق شەرەپلەرنى قوبۇل قىلمايمەن، مەن پەقەت ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئەركىنلىكنى قوبۇل قىلىمەن››،‹‹نوبېل مۇكاپاتى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغانداغەربنىڭ يازغۇچىلىرى بىلەن شەرقنىڭ ئاسىيلىرىغا بېرىلىدىغان شەرەپتۇر››⑧ دېگەن گەپلەرنى قىلغان .كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،‹‹ماقالە›› ئاپتورى بىر بولسا بۇ سۆزلەرنى خاتا تەرجىمە قىلىۋالغان، بىر بولسا ئىلمىيلىككە يات ھالدا قورقماي ئۆزگەرتىۋەتكەن.دېمەك،ھىيوگو بىلەن سارترې ھېچقاچان ئاپتور چۈشەندۈرىۋاتقاندەك مەيداندا تۇرغان ئەمەس.يەنە ئەنگىلىيەنىڭ كېمبرىج ئۇنىۋېرىستېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پاكىستانلىق پىروفېسسور ئەكبەر ئەھمەدنىڭ ئىسمى خاتا ھالدا‹‹ئىقبال ئەھمەد››دەپ ئاتاپ ، مۇھاكىمە تېخى داۋاملىشىۋاتقان بىر پارچىنى ئۈزۈپ ئېلىپلا، ئەسەرلىرىدە باشقا پىكىردىكىلەردىنمۇ سىغدۇرۇشنى، تەڭپۇڭلۇقنى، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئالىمنى كۆرسىتىپ قويغان .(‹‹مىراس›› ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 6-سانىغا قارالسۇن) بۇنى ئىلمىيلىكتىن تولىمۇ يىراق بىر ھادىسە دېمەي بولمايدۇ.
ئاپتور ‹‹ماقالە››سىدە تىلغا ئالغان لېئوند سولۋيوفنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە›› ناملىق رومانىدا ئەمىر- پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارمۇ-قارشى مەيدانغا قۇيۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكى ۋە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ خان- پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان قىلىپ يارىتىلغانلىقىغا ئائىت مۇھاكىمىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىش كېرەك. لېئونىد ۋاسىلىۋىچ سولوۋيوف(1906-1962)سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى، ‹‹تۈركىيە ھەقىقەت گېزىتى›› نىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى، ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ‹‹قىزىل فىرونت گېزىتى››نىڭ جەڭگاھ مۇخبىرى بولغان، ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئوردىنىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ‹‹بۇخارادىكى خوجا نەسىردىن››دېگەن ئەسىرى يېزىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى رايونلار ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن . تۈرك، پارس، ھىندى، ئىبراي، خەنزۇ، ئۆزبىك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئەسەر بايان قىلىشتىكى كۆزىتىش نۇقتىسى، تىل، ئوبراز يارىتىش، قىزىقارلىق ۋەقەلىككە باشلاپ كىرىش جەھەتلەردەمۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكەن⑨ . ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئۆزبەكچە نۇسخىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان،
ئاۋۋال ئەسلىي نۇسخىدىكى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەلنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش يۈزسىدىن داۋاملىق تۈردە خان –پادىشاھ،ئەمىر-بەگلەرنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارغا ئادالەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇتىدىغانلىقى، مۆرىتى كەلسە ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئېنىقكى، لېئوند سولوۋيوفمۇ بۇ تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار›› دېگەن كىتابتا مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ:‹‹خوجا نەسىردىن...ئۆزھاياتىدا كۆپلىگەن جايلارغا بارغان. ئۇ بارغانلىكى يېرىدە پۇقرالارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ھۆكۈمرانلارغا قارشى ئىش تۇتۇپ كەلگەچكە،ھۆكۈمرانلار ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان.››⑩ بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، يازغۇچى رېئالىزمنىڭ رېئاللىقىنى چىنلىق ئاساسىدا بەدىئىيلەشتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن چىقىپ مۇشۇنداق تەسۋىرلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، تارىختىكى بىر قىسىم خان-پادىشاھلار سىلىق –سىپايە ئۇسۇلدا تەخىتنى ئۆتكۈزۈېالغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى، سىياسىي-ئىجتىمائىي زوراۋانلىقى، ئەيش-ئىشرەتۋازلىقى، ئادالەتسىزلىك قىلىپ ئەل مەنپەئەتى بىلەن كارا بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تەبىئىيلا خەلققە قارشى مەيدانغا ئۆتۈپ قالغان. شۇنداق ئەھۋالداروسىيەلىك يازغۇچى رېئوند سويلوۋيوفلا شەرقنىڭ ئەمىر-پادىشاھىنى پۇقرالارغا قارشى قويۇپ تەسۋىرلەنگەن بولماستىن، بەلكى غەربنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن مونتېسكىيۇ،روسسو، دانېل دېغو، شېكىسپىر، ئاندېرىسون قاتارلىقلار ئۆزيېغىرىنى ئۆزى تاتىلاپ، غەربنىڭ خان-پادىشاھىرىنىڭ رەزىل ئەپت-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلق بىلەن چىرىك ھۇقۇقدارلارنى قارمۇ-قارشى ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلەپ بەرگەن. باشقىنى قويۇپ تۇرۇپ ھەممەيلەنگە تونۇش بولغان ئاندېرسوننىڭ‹‹پادىشاھنىڭ يېڭى كىيمى››دېگەن چۆچىكىگىلا قارىساق، غەربنىڭ يازغۇچىسىمۇ غەربنىڭ پادىشاھىنى ئەخمەق، دۆت،گالۋاڭ قىلىپ،خەلققە قارشى قۇيۇپ،چۆكۈرۈپ تەسۋىرلەنگەنلىكى بوكاچچىيۇنىڭ ‹‹ئون كۈنلۈك سۆھبەت››،سېرۋانتىسنىڭ ‹‹دونكىخوت››رومانلىرىدا ۋە ھىيوگونىڭ سىياسىي ساتىرالار توپلىمى ‹‹جازا›› قاتارلىقلاردىمۇ ئوخشاشلا ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىشرەتۋاز،ھاماقەت،زالىم، خەلققە روبىرو مەۋقەدە تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز.بۇخىل ئىپادىلەش بىر تەرەپتىن يازغۇچىنىڭ ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ ئەلنىڭ گېپىنى قىلىدىغان ، خەلق ئۈچۈن راست سۆزلەيدىغان خاراكتېرىنى ئىپادىلىگەن دېيىش مۇمكىن.بۇ سەۋەبلەرگە قارىغاندا،لېئوند سولوۋيوف كىتابىدا خەلق بىلەن خان-ئەمىرلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا يەنىلا بىر ھەققانىيەتچى، ۋىجدانلىق يازارمەننىڭ مەيدانىدا تۇرغان دېيىشكە بولىدۇ.بۇ قەدەر ئوچۇق ھەقىقەتنى ‹‹ماقالە›› مۇئەللىپىنىڭ چۈشەنمىگەنلىكى ئادەمنى ئەجەبلەندۈرىدۇ.
‹‹ماقالە››ئاپتورى يەنە لېئوند سولوۋيوفنىڭ قەلىمى ئاستىدا‹‹خان، پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان›› قىلىپ تەسۋىرلەنگەن نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئوبرازىدىن بىئارام ئىكەنلىكنى ئېيتىدۇ. بۇخىل تەسۋىرلەش نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىي ئوبرازىنى يارىتىش، ساتىرىك ئامىلنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەسەردىكى ئەدەبىي مۇھىت ۋە ئاپتورنىڭ غايىسى قاتارلىق كۆپ نۇقتىدىن قارىغاندا ئەقىلگە مۇۋاپىق.بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ:‹‹لەتىپىلەرنىڭ بەزىلىرىدىكى نەسىردىن ئەپەندى بىلەن پادىشاھ توغرىسىدىكى بىر مۇنچە ئەھۋاللارنىڭ رېئال تۇرمۇشتا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس،ئەمما لەتىپىلەرنى تۈزگۈچىلەر ۋەقەلىكنى ئەنە شۇنداق توقۇپ چىقىپ، شەخىسلەر ئوتتورىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەسىردىن ئەپەندىدىن ئىبارەت بۇ ئاددىي يوقسۇل كىشىنىڭ دائىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا پەيدا قىلىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ،شۇنچە زوراۋان ئەكسىيەتچى ھۆكۈمراننىمۇ قاتتىق مەسخىرە قىلىپ بويسۇندۇرالايدۇ.لېكىن كىشىلەر بۇخىل لەتىپىلەرنى ئاڭلىغاندا ھېچقانداق سۈنئىيلىك ھېس قىلمايدۇ.›› ⑾ بۇ خىل تەسۋىرلەش يەنىلا خەلق ئىرادىسىنىڭ يازغۇچى قەلىمىدە ئىپادىلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ.بۇ خىل تەسۋىرلەشتە لېئونىد سولوۋيوفنىڭ شەرق ئەللىرىنى چۆكۈرۈش،ئۇلارنى تارىخنىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدا تېنەپ يۈرگەن دەپ تەسۋىرلەش،ئۇلارنى نادان،جاھىل قىلىپ كۆرسىتىشتەك«يامان غەرەز»ىگە قارىغاندا رېئاللىقنى چىن ئەكىس ئەتتۈرۈش،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەقىللىقلىقى،ئەل ئارىسىدىكى نوپۇزى قاتارلىىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈش،شەرقلىقلەرنىڭ ئارسىدىمۇ زوراۋان مۇستەبىتلىكتىن قورقماي ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەق گەپ قىلالايدىغان كىشلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتەك مەقسىتى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.ھەتتا«ماقالە»ئاپتورى قوغداۋاتقان«شەرقنىڭ نوپۇزى ۋە ھۆرمىتى»گەۋدىلىنىدۇ. مۇشۇ پىكىر يولى بويىچە بولغاندا،فىرانسىيىلىك يازغۇچى ئەمىن مائالوفنىڭ «سەمەرقەنىت»ناملىق رومانىدىمۇ خەلقنىڭ خانغا قارشى قويۇلۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدەك ئەھۋال«شەرقنىڭ مەنپەئەتى»ئۈچۈن ئۇنچە كۆپۈپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس.
«ماقالە»نىڭ ئاخىرىدا ئاپتور يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «نەسىردىن ئەپەندى» دېگەن كىتابىنى «ئەدەبىي ئەخلەتلەر» قاتارىغا ئىرغىتىپ تاشلايدۇ. ئاندىن مىللىي سىمۋولنىڭ مەنىسى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. مىللىي سىمۋولنىڭ بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئالاھىدىلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئارقدىن بارلىق تۈردىكى قوۋملار ئىچىدە«ئۇيغۇرلاردىن چىققان بولۇش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان» ⑿نەسىردىن ئەپەندىنى تۈركىيە تۈركلىرىگە تەۋە قىلىپ قويغان بىر نەقىلنى ئالىدۇ. ئاندىن يەنە ئۆزىنىڭ پىكىر ئىزچىللىقىنى يوقاتقان، لېكىن بۇنى سەزمىگەن پېتى، نەسىردىن ئەپەندىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سىمۋولى نۇقتىسىدىن چىقىپ تەھلىل قىلىشقا باشلايدۇ ۋە نەسىردىن ئەپەندىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بوستانلىقىدا تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن ئەسەر يازغان ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسىرىگە قارىتا مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ. «ماقالە»مۇئەللىپى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ«نەسىردىن ئەپەندى»ناملىق كىتابىدىكى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ دانىشمەنلىكى،ھەققانىيەتچىلىكى،راسىت سۆزلىكى،خەلقپەرۋەرلىكى قاتارلىق ئېسىل پەزىلەتلىرى ئىپادىلەنگەن بايانلارنى قايرىپ قويۇپ، كەمچىلكىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا گەۋدىلەنگەن قىلىپ كۆرسىتىپ، باشقىلارنىڭ روھىي غالىبىيەتچىلىكى،خۇشامەتچىلىكى، تۇزكورلىقى، ھورۇن، نادان، بىلىمسىزلىكى كەبى ئىللەتلىرىنى قامچىلىغان. ئۆزگىچە خاراكتېرى گەۋدىلەنگەن تەرەپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۇنىڭ كۆرۈنۈشتىكى «شاللاقلىقى، خوتۇنپۇرۇشلۇقى» تەسۋىرلەنگەن قۇرلارنىلا مىسالغا ئېلىپ، ئوقۇرمەننى ئەختەم ئۆمەر پۈتۈنلەي ئالۋاستى-شەيتانسىمان،ناشايان ئىشلارنىلا قىلىدىغان غەلىتە بىر نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنى يارىتىپتۇ. ئۇيغۇر مىللىي كۇلتۇرىغا ھېچ مۇناسىپ بولمىغان بۇ ئوبراز ئارقىلىق«بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيتىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر باللىرىغا زىيانكەشلىك» قىپتۇ، دېگەن چۈشەنچىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.
ئەسلىدە«نەسىردىن ئەپەندى»ناملىق كىتابتىكى مەزمۇنلار خەلقمىز ئارىسىدا ئاللىقاچان تارقىلىپ يۈرگەن نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدىكى لەتىپە ۋە چاقچاقلارنى قايتىدىن رەتلەش، پىششىقلاپ ئىشلەش، نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنى گۆشى ھەم قېنى بار رېئال ئادەم سۈپىتدە ئوقۇرمەن ئالدىدا نامايان قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىقىلغان. ئەسەردىكى نەسىردىن ئەپەندىگە ئالاقىدار نۇرغۇن مەزمۇنلار نەسىردىن ئەپەندى خاراكتېرىگە مەنسۇپ نۇرغۇن دېتاللار ئەسلىي نۇسخىدىكى «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»دە شۇ خىل ھالەتتە كۆرۈلگەن. يازغۇچى پەقەت ئۈستىدىن مۇناسىپ ھالدا بەدئىي جەھەتتە ئىشلىگەن.ئەگەر «ماقالە»ئاپتورى ئەسلىي لەتىپىلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ھارغىچە«كەمچىلىكى»بار نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىغا لاياقەتسىزلىك تامغىسىنى ئۇرسا، ئۇنداقتا خەلق ياراتقان نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنىمۇ«ئەدەبىي ئەخلەت»دېيىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ۋەھالەنكى،نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى‹‹ئەدەبىي ئەخلەت››ئەمەس، بەلكى ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى قىممەتلىك گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئۆزىنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى›› دېگەن ئەسىرىنى ئىشلەش داۋامىدا ئەدەبىي مۇھىتقا يارىشا پىرسۇناژ ئوبرازىنى يارىتىش،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ مۇرەككەپ خاراكتېرىنى ئىپادىلەش جەھەتلەردە خېلى زور ئىجادىي ئەمگەك سىڭدۈرگەن. ‹‹نەسىردىن ئەپەندى›› دېگەن بۇ كىتاب قىسقا، بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى مۇئەييەن پۈتۈنلۈككە،ئىزچىللىققا، داۋامچانلىققا ئىگە قىزىقارلىق ۋەقەلىك قىلپ قۇراشتۇرۇپ بايان قىلىش يولى بىلەن ساتىرىك تۈسكە ئىگە چاتما چۆچەكلەر شەكلىدە يېزىپ چىقىلغان.ئالايلى،كىتابنىڭ ‹‹خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش››دېگەن بۆلىكىدە‹‹شەھەرنىڭ سارىڭى،يېڭى خوتۇن ئالغانداتەكلىپ قىلش،گۇناھىنى يۇقتۇرۇپ قويىدۇ،جانىۋارنىڭ سىلچىلىك ئەقلى بولغان بولسا...›› دېگەندەك تۆت تەلىپىنى ئەپچىل كىرىشتۈرۈپ،ھەق سۆزلەيدىغان،زالىملىقىنى سۆكىدىغان، ئادالەتنى ياقلايدىغان، ھاماقەت ھۆكۈمدارلارنى مەسخىرە قىلالايدىغان نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى يارىتىلغان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى،لەتىپىلەرنى ئەسلىدە بار بولغان ساترىك،يۇمۇرلۇق،پەلسەپىۋى خۇسۇسىيەتنى يوقاتماسلىق ئاساسىدا نىسپىي مۇستەقىللىققە ئىگە قىلىش بىلەن پۈتۈن كىتابنىڭ مەزمۇن ئىزچىللىقى ۋە باغلىنىشىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت زىل ئىجادىيەت پائالىيىتىگە يازغۇچى ئەستايىللىق ۋە مەسئۇلياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان.يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر‹‹نەسىرىدىن ئەپەندى››ماۋزۇسىدىكى بۇ ئەسىرىنى يېزىشتا يەنە نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنىڭ ئەسلىي خاراكتېرىگە سادىق بولغان.ئەلۋەتتە،سىنارىيە ئىشىلتىلمىگەندىن كېيىن ئاپتور ئەسەرنى چۆچەكلەشتۈرۈش جەريانىدا پېرسوناژ تىلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىيەلمەي قالغان تەرەپلىرى يوق ئەمەس.ئەمما،بۇنىڭلىق بىلەن ئەسەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.‹‹ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بارلىق قىزىقچىلىقلىرىنى،يۇمۇرىستىك ھېكايە-لەتىپىلىرىنى نەسىردىن ئەپەندىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئوبراز ئۈستىگە مەرىكەزلەشتۈرگەن.››⒀ئەسلىي نۇسخىدىكى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىگە قارايدىغان بولساق،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بەزىدە ھەققانىيەتچىل،خەلقچىل ئوبرازى ئىپادىلەنگەن بولسا،بەزىدە يەنە ئەخمەق،پىخسىق،ئالدامچى،روھىي غالىبىيەتچى،ئاچ كۆز،خوتۇنىدىن قورقىدىغان بولۇشتەك سەلبىي ئوبرازىمۇ ئىپادىلەنگەن.ئاۋالقىسىدا ئۇ خەلقنىڭ دەردۇ ھالىغا يېتىدىغان،ئادالەتچى،زالىم ھۆكۈمدارلار ئالدىدىمۇ راسىت گەپ قىلىدىغان كىشى سىياقىدا ئوتتۇرىغا چىقسا،كېيىنكىسىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان تۈرلغك روھىي ئىللەتلەرنى ئۆز ۋۇجۇدىدا گەۋدىلەندۈرگەن ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.شۇ ئارقىلىق كىشلەرنى يامانلىقىتىن،ئەخمەقلىقتىن،تۈرلۈك مەنىۋى كېسەللىكلەردىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندىگۈچى شەخىس سۈپىتىدە نامايان بولىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھەزىلگە ياتىدىغان خاراكتېرى يات تۇيۇلمايدۇ،بەلكى كىشلەرنىڭ ئۆزىدە بار بولغان مىجەز-خاراكتېرى ۋە قىلمىشلىرى ئەپەندىمگە يۈكلىنىپ قامچىلىنىدۇ.كىشلەر نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئىجابىي تەرىپى تەسۋىرلەنگەن لەتىپىلەردىن ھەققانىيەتنى،ئادالەتنى،ۋىجدان ۋە غۇرۇرنى ھېس قىلىپ،ئۇنىڭىدن تېگىشلىك شادلىققا ۋە توغرا قىممەت قاراشقا ئېرىشىدۇ.سەلبىي تەرىپى تەسۋىرلەنگەن لەتىپىلەردىن بولسا ئۆز ۋۇجۇدىدىكى روھىي نۇقسانلارنى،بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قالىدىغان خاتالىقلىرىنى،تۇرمۇشنىڭ زىددىيەتلىك تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدۇ.‹‹لەتىپىلەردىكى تەنقىد ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.بىرى،بىۋاستە ھالدا ئاشۇ خىل يارىماس ئادەتلەرنى ھەجۋىي قىلىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلسا،يەنە بىرى،ئەپەندى ئۆزىنى نادان،ئەخمەق ئورۇندا قويۇپ،ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.›› ⒁
مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ خاراكتېرگە ئىگە نەسىردىن ئەپەندى ئەلۋەتتە بەزى لەتىپىلىرىدە خوتۇن-قىزلارنى كۆرسە قاش ئاتىدىغان،چاقچاق قىلىپ قويىدىغان كەمچىلىكلەردىن خالىي ئەمەس.بۇنداق لەتىلىپىلىرىدىكى نەسىردىن ئەپەندى يۇقىرىدىكى پىكىر يولى بويىچە‹‹خوتۇنپۇرۇش››،‹‹بۇزۇق››نەسىردىن ئەپەندى بولماستىن،بەلكى ئاۋام ئىچىدىكى تۈرلۈك نۇقسانلىرى بار رېئال شەخىسلەرنى كۆرسىتدۇ.مانا مۇشۇنداق ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر كىتابلاردا ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ساۋات خاراكتېرلىك چۈشەنچىلەرنىمۇ‹‹ماقالە››ئاپتورى بىلمەسكە سېلىۋالغان.يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى ئەمەلىيەتتە،ئاللىقانداق«شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»نىڭ نەتىجىسى بولماستىن،نەسىردىن ئەپەندى خاراكتېرىدىكى كۆپ قىرلىق،كۆپ قاتلاملىق،مۇرەككەپ ئالاھىدىلىكنىڭ بەدئىي يول بىلەن ئىپادىلىنىشىدۇر.ئەگەر بۇنىڭغىمۇ قايىل بولماي،ئەختەم ئۆمەر ئەخلاقسىزلىقنى،نومۇسسىزلىقنى تەشەببۇس قىلغان دەپ تۇرۇۋالساق،ئۇنداقتا شەرقنىڭ ئەسەرلىرىدىن«مىڭ بىر كېچە»،«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»،ھەتتا«ئانا يۇرت»قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ئەسەرلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ،ئۇلارغىمۇ يامان نىيەتلىك شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ«زەھىرى»سىڭگەن«نومۇسسىزلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان زەھەرلىك ئوت-چۆپ»دەپ ئاشۇرۇپ تەنقىد قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.لېكىن ھېچكىم ئۇنداق قىلمىدى.يالقۇن ئەپەندىنىڭ سەمىگە سالدىغىنىمىز شۇكى،بۇ خىلدىكى ئەسەرلەردە بولسۇن ياكى ياكى باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردە نېمە تەسۋىرلەنسە،كىشلەرنى شۇنى قىل دېگەنلىك بولمايدۇ.بەلكى تۇرمۇشتا مۇشۇنداق ئىشمۇ بار دېگەنلىك بولىدۇ.ياكى يامان ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرى بولسا،ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئال دېگەنلىك بولىدۇ.شۇ نەرسە ئايانكى،يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنى يارىتىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىقىلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان،تۈركىي قوۋملارغا ئورتاق سىمۋول بولغان نەسىردىن ئەپەندى سىماسىنى ئۇيغۇر مىللىي كۇلتۇر بوستانلىقىدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش،ئۇنىڭدىن نەپ ئېلشىنى خالايدىغان ئەۋلادلارغا،دەۋرگە ماس بىر شەكىلدە تەقدىم ئېتىشتىن ئىبارەت.ھەرگىزمۇ«ماقالە»ئاپتورى خاتا چۈشىنىۋالغان شەرقشۇناسلىقنىڭ يولى بويىچە مېڭىپ،ئۆز مىللىي قەھرىمانلىرىنى ئۆزى كەمسىتىش،بۇمىلاپ كۆرسىتىش ئەمەس.تېخىمۇ مۇھىمى،«ماقالە»دە تىلغا ئېلىنغاندەك«رەسۋا نەسىردىن ئەپەندى»ئوبرازىنى يارىتىش،«ئۇيغۇر باللىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش»ئەمەس.«ماقالە»ئاپتورى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە باھا بېرىشتە ئەسەردىكى ياخشى تەرەپ بىلەن يامان تەرەپنى،ئارتۇقچىلىق بىلەن يېتەرسىزلىكنى لىللا مەيداندا تۇرۇپ باھالاش كېرەكلىكىدەك نۇقتىغا دىققەت قىلمىغان.ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان،ئۆز قوۋمىنىڭ بەختىنى ئويلاپ ھالال ئەجىر سىڭدۈرۋاتقان بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىگە باھا بېرىشتە يەڭگىلتەكلىك بىلەن«ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي سىمۋولىنى مەينەتلەشتۈرۈپ سىنارىيە يېزىش ئىقتىسادىي ئاچ كۆزلۈك ۋە ئىجتىمائىي كالۋالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس»دېگەم قوپال سۆزلەرنى ئىشلەتكەن.روشەنكى،بۇ ئوبزورچىلىق ئەخلاقى ۋە پىرىنسىپىغا تازا ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋال.ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى«ماقالە»دە دېيىلگەندەك«ئەزەلدىن ئەقىل-پاراسەتلىك،خەلقچىل،قىزىقچى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كېلىۋاتقان نەسىردىن ئەپەندىنى لېئونىد سولوۋويوفتىن ئاشۇرۇپ رەسۋالاشتۇرۇش»بولمايلا قالماستىن،بەلكى ئۇنىڭ ئوبرازىنى زامان ئوقۇرمەنلىرى قەلبىدە قايتىدىن نۇرلاندۇرۇشتۇر.
يىغىپ ئېيىتقاندا،«ماقالە»مۇئەللىپى پۈتكۈل يازمىسىدا غەربنىڭ سىياسىي مۇستەملىكچىلىكى بىلەن شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنى،ئەدەبىيات پېنى بىلەن شەرقشۇناسلىق پېنىنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۋەتكەن.ئەدەبىي تەنقىدچى مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئەدەبىيات تارىخى بىلىملىرىگە،تارىختىكى شەخىسلەرنىڭ ئورنى،قانداق خاراكتېرگە ئىگە شەخىس ياكى ئوبراز ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك.بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھازىرقى زامان مەشھۇر ئەدەبىيات نەزەرىيەچىسى رېنې ۋېللىك،ئوستىن ۋاررىنلار مۇنداق دەيدۇ:«ئەدەبىيات تارىخى ئەدەبىي تەنقىدتىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇتىدۇ.چۈنكى،ئەدەبىي تەنقىد چوقۇم ئۆز خاھىشىغىلا تايىنىشنىڭ ئەڭ سۇبيىېكتىپ ھۆكۈمىدىن ھالقىغان بولۇشى كېرەك.بىر تەنقىدچى ئەدەبىيات تارىخىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلسا،ھۆكۈم قىلىشتا داۋاملىق خاتالىق سادىر قىلىدۇ.ئۇ قايسى ئەسەرنىڭ ئىجادىيلىقىنى،قايسىسىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئۇقالماي قالىدۇ.تارىختىكى ئەھۋاللارنى چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبلىك،داۋاملىق تۈردە نۇرغۇنلىغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى خاتا چۈشىنىۋالىدۇ.تەنقىدچىنىڭ ئەدەبىيات تارىخى بىلىملىرى يېتەرسىز بولسا ياكى پۈتۈنلەي بىلمىسە،چالا-بۇلا قارىغۇلارچە پەرەز قىلىپ،ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ،ئۆزىنى ‹مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك كەچۈرمىشلەر›نى باشتىن ئۆتكۈزۋاتقاندەك تەسۋىرلەيدۇ.» ⒂
نۆۋەتتە خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى،جۈملىدىن ئەدەبىيات،مەدەنىيەت،پىسخكا،تۇرمۇش شەكلى،ئەخلاق،پەن-تېخنىكا مەسىللىرىنى ھە دېسە تولىمۇ يىراقتىكى«غەرب مۇستەملىكچىلىرى»دىن،ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىلىملىرىنىڭ«تۇيدۇرماي زەھەرلىشى»دىن كۆرمەي،يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىمىزنى ئوبدان ۋاراقلاپ،ئۆزىمىزنىڭ ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزدىن كۆرىدىغان تەپەككۇر شەكلىنى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك.نېمىلا دېگەن بىلەن ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ خىلمۇ-خىل ساھەسى،ھەر قايسى پەنلەرنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ بۇزۇۋەتكەن،ۋەيران قىلىۋەتكىنىگە قارىغاندا كۆپلۈكىگە چىنپۈتمەي تۇرالمايمىز.خەلقىمىز ھازىرقى زامان نادانلىقىدىن ۋە زامانىۋى خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلۇشتا يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقيەتلىرىگە ئېھتىياجلىق.شۇنداق ئىكەن ساپ ئىلىم تۈسىدىكى سەرقشۇناسلىق ۋە باشقا ھەرخىل ئىلىملەرنى«غەرب جاھانگىرلىكى»نىڭ سۇيقەستى ۋە باشقا ھەرخىل ناملاردا سەت كۆرسىتىش خەلقىمىزنىڭ زامانىۋىي پەن-تېخنىكىنى،مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئەسلىي مەنبەسىدىن ئېلىشقا،ئەسلىي مەنبەسىدىن چۈشىنىشىگە ۋە قوبۇل قىلىشىغا توسالغۇ بولسا بولىدۇكى،ھەرگىز پايدىلىق تەسىر بەرمەيدۇ.

ئىزاھاتلار:
①«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى» ۋە خەنزۇچە«ئوكيانۇس»نىڭ شۇ سۆز ئىزاھلانغان يېرىگە قاراڭ.
②⑤ئېدۋارد سەئىد:«شەرقشۇناسلىق»،شىنجى ئۈچ بىرلەشمە كىتابخانىسى 1999-يىلى 5-ئاي نەشىرى،خەنزۇچە3-،7-،16-بەت.
③④⑥⑧⑨خەنزۇچە«بەيدۇ»ئىزدەش تورىغا ھالقىلىق سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ،ئىزدەش نەتىجىسىگە قاراڭ.
⑦⑩⑾ئوسمان ئىسمائىل:«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار»،شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى1994-يىلى 5-ئاي نەشىرى،174-،184-،446-بەت.
⑿⒀كېرىمجان ئابدۇرېھىم:«يېڭىچە ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى»قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،1993-يىلى 5-ئاي نەشىرى،164-،171-بەت.
⒁مۇھەممەت زۇنۇن،ئابدۇكېرىم رەھمان:«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى»،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1988-يىلى 5-ئاي نەشىرى،374-بەت.
⒂رېنې ۋېللىك،ئوستىن ۋاررېن:«ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»،مەدەنىيەت-سەنئەت نەشىرىياتى 2010-يىلى 9-ئاي نەشىرى،خەنزۇچە 38-،39-بەت.

(ئاپتور ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
مۇھەررىر  غېنى مۇھەممەت

تارىم ژورنىلى 2012-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 12:47 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25090
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5299
تۆھپە نۇمۇرى: 1027
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 10:18:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شەرقشۇناسلىق ھەققىدە ئەلى غوجاخۇن
نېمە دەيدۇ؟


يالقۇن روزى


«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 1- سانىدا مېنىڭ «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش» ناملىق ماقالەم ئېلان قىلىنغانىدى. مېنىڭچە بۇ ماقالەمدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇتۇق زىيالىيلارغا تونۇشلۇق بولغان «شەرقشۇناسلىق» ئىلمىنىڭ چوڭ جەھەتتىن «غەرب كۈچلىرىنىڭ شەرقنى بويسۇندۇرۇش ۋە تالان - تاراج قىلىش مەقسىتىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىلىم» ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي پاكىت ۋە چوڭقۇر نەزەرىيەۋى ئاساسلار بىلەن يورۇتۇپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن يېپيېڭى بىر مەسىلىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىدە دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇ ماقالەم ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا، جۈملىدىن زىيالىيلار ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلالىدى.
«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 4- سانىدا ئەلى غوجاخۇننىڭ «رستتىنلا <شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش> مۇ؟» ماۋزۇلۇق مۇنازىرە ماقالىسى ئىلان قىلىنىپتۇ.
مۇنازىرە قىلىش ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى پىكىر تۇرغۇنلۇقىنى تۈگىتىپ، تەپەككۇرنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدىغان ھەم مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىلمىي پائالىيەت. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا مۇنازىرىلىشىش زۆرۈر ھەم ئەھمىيەتلىك ئىش. بولۇپمۇ شەرقشۇناسلىقتەك مۇھىم تېمىلار مۇنازىرە قىلىپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېخىمۇ زۆرۈر ھەم تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك. مەن بۇ نۇقتىدا ئەلى غوجاخۇننىڭ مۇنازىرە ماقالىسىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
لېكىن، مۇنازىرە قىلىش مۇنازىرە ئۈچۈنلا مۇنازىرە بولۇپ قالماسلىقى، مۇنازىرىلەشكۈچى لوگىكىلىق پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇشى، پىكىرلىرى ئىزچىللىققا ئىگە بولۇشى، مۇھاكىمىسى چوڭقۇر بولۇشى كېرەك. مۇنازىرە يۇقىرى سەۋىيەلىك دىيالوگ بولۇشى، مۇنازىرىلەشكۈچى ساددا، ساۋات خاراكتىرلىق چۈشەنچىلەرنى قارىشىم بار دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ يۈرمەسلىكى، ئەڭ مۇھىمى خاتالىقى ئېنىق پاكىتلىق مەسىلىلەردىمۇ سۇۋاقچىلىق قىلىپ گەپ ئوينىتىپ يۈرمەسلىكى كېرەك!
ئەلى غوجاخۇننىڭ مۇنازىرە ماقالىسىدا دەل مۇشۇنداق ئاجىزلىق ئاشكارىلانغان.
مەن ماقالەمدە شەرقشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلارنىڭ بارلىققا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتى توغرۇلۇق بىرقەدەر ئەتراپلىق توختىلىپ، بۇ پەن ۋە بۇ پەن بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە «ياۋروپانىڭ شەرق سىياسىتى ۋە تاكتىكىسىنى ئىلمىي چۈشەنچە ئاساسىدا بېكىتىشكە» خىزمەت قىلغۇچىلار دەپ خاراكتېرلىگەن ئىدىم. مەن يەنە «غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە قوللانغان قاتتىق ۋاسىتىلىرىنى زاماننىڭ تەقەززاسىغا، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئىسلاھ قىلىشقا، يېڭىلاشقا توغرا كەلگەندىن كېيىن، بارا - بارا يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئاساسىي ئورۇنغا چىقتى. كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك دەپ ئاتالغان بۇ دەۋردە شەرقشۇناسلىق مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالىغا ئايلىنىپ قالدى» دەپ يازغانىدىم. روشەنكى، بۇنداق باسقۇچلۇق چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن مەنتىقىلىق ئىدى. ئەلى غوجاخۇننىڭ ماقالىسىدىن مەلۇم بولدىكى شەرقشۇناسلىق ھەققىدە ئۇنىڭ باشقىچە قارىشى بار ئىكەن. ئۇ مېنىڭ ماقالەمدىكى شەرقشۇناسلىق ھەققىدىكى پوزىتسىيەمنى پەقەتلا ياقتۇرماپتۇ. ھەتتا «ھەقىقەتەنمۇ شەرقشۇناسلىق بىر ئىلىم سۈپىتىدە ئۆز تارىخىدا ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ساپ ئىلىمگە تەئەللۇق بەزى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان» دېگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش پىكرىمگىمۇ «ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا (يالقۇن روزى) بۇ ئىلىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ باھا بېرىپتۇ. شۈبھىسىزكى چوڭ جەھەتتىن ئەيىپلەش ھەرگىزمۇ «پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش» قا باراۋەر ئەمەس. شۇڭا مۇنازىرىلەشكۈچى جەزمەن ئۇقۇمنىڭ لوگىكىلىق ھەجىمىنى بىلىش كېرەك.
مېنىڭ شەرقشۇناسلىقنى ماھىيەت جەھەتتىن ھەم چوڭ جەھەتتىن سىياسىي ئىلىم ھېسابلىنىدۇ دېگەن تەنقىدىي پىكرىمنى «پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش» دەپ قارىغان ئەلى غوجاخۇن شەرقشۇناسلىقنى چوڭ جەھەتتىن ساپ ئىلىم دەپ ئاقلاش ئۈچۈن نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە بىر نەزەر سېلىپ باقايلى. ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، مەن ئەلى غوجاخۇننىڭ «ئىلىم مەنىسىدىكى» دېگەن خاتا سۆزىنى «ساپ ئىلىم» دېمەكچى بولسا كېرەك دەپ چۈشىنىپ تۇردۇم.
ئەلى غوجاخۇن نېمە دەيدۇ، دېگەندە، «ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىق بىر خىل پەن، بىر خىل تەپەككۇر شەكلى، بىر خىل ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسەت، مەدەنىيەت زومىگەرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان قورللا ئەمەس، بەلكى شەرق ئەللىرىنىڭ ماددىي، مەنىۋىي قىممەتلىرىنىڭ غەرب ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قايتا ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەيدۇ.
ئەلى غوجاخۇننىڭ «شەرقشۇناسلىق» نى «پايدىلىق» قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئوتتۇرىغا قويغان بايانى ئىككى قانلامغا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى قاتلىمى: «ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىق بىر خىل پەن، بىر خىل تەپەككۇر شەكلى، بىر خىل ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى» دېگەن ئۈچ جۈملىدىن ئىبارەت.
بىلىش كېرەككى، بۇ ئۈچ جۈملە بايان «شەرقشۇناسلىق» نى «پايدىلىق» قىلىپ كۆرسىتىشكە لوگىكا جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ① «ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىق بىر خىل پەن» دېگەن جۈملىنى ئالساق، ئېنىقكى، پەن بولسىلا پايدىلىق ھېسابلىنىدىغان ئىش يوق. دۇنيادا مەنپەئەتلىك ئىلىم، پايدىسىز ئىلىم، زىيانلىق پەن، پايدىلىق پەن دېگەن ئۇقۇملارمۇ بار! يەنە بىر جەھەتتىن مەلۇم ئىلىم ياكى مەلۇم بىر پەننىڭ كىم ئۈچۈن پايدىلىق، كىم ئۈچۈن زىيانلىق بولۇش مەسىلىسىمۇ بار! ② شەرقشۇناسلىق بىر خىل تەپەككۇر شەكلى دېگەنلىك شەرقشۇناسلىق قانداقتۇ ئىجابىي مەنىگە ئىگە دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. دۇنيادا تەپەككۇر شەكىللىرى ساماندەك. بۇ خىل تەپەككۇر شەكىللىرىنىڭ مەقسىتى ۋە مەزمۇنى ھەر خىل. بىز مەلۇم تەپەككۇر شەكلىنى ئىلغار، توغرا، ئىلمىي، ھەققانىيەتكە ئۇيغۇن دېگەندەك نۇقتىلاردىن پەرقلەندۈرۈشنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. ③ «ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن» دېگەن جۈملىمۇ شەرقشۇناسلىقنىڭ پايدىلىق ياكى ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. ئادەم ئۆلتۈرىدىغان زەھەرلىك گازلارمۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قىرغۇچى قوراللارمۇ، باشقا مىللەتلەرنى قۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدىغان چارە - تەدبىرلەرمۇ ئالدى بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ساھەلىرىدە تەتقىق قىلىنىدۇ!
دېمەك، ئەلى غوجاخۇننىڭ شەرقشۇناسلىقنى «ئىجابىي تەرىپى كۆپ» ياكى ئاساسىي قىسمى «پايدىلىق» قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ جۈملە بايانى مانا مۇشۇنداق لوگىكىغا سىغمايدىغان باياندۇر!
ئەلى غوجاخۇننىڭ چۈشەندۈرۈشىنىڭ ئىككىنچى قاتلىمى: «شەرقشۇناسلىق غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسەت، مەدەنىيەت زومىگەرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان قوراللا ئەمەس، بەلكى شەرق ئەللىرىنىڭ ماددىي، مەنىۋى قىممەتلىرىنىڭ غەرب ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قايتا ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن سۆزىدىن ئىبارەت. ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ سۆزىدىن شەرقشۇناسلىقنىڭ زىيانلىق ۋە پايدىلىق ھېسابلىنىدىغان ئىككى تەرىپى بار، دېگەن مەنە چىقىدۇ. قارىماققا بۇ سۆزنىڭ خاتاسى يوقتەك، ئىلمىيدەك كۆرۈنگەن بىلەن ئۇنىڭ بىرىنچى قاتلامدىكى ئۈچ جۈملە «مەدھىيەسى» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، «ئىجابىي تەرىپى» نى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلىنىڭ پىرىنسىپال يېرى مانا مۇشۇ يەردە. مەلۇمكى، غەرب مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئېھتىياجى ئاساسىدا شەكىللەنگەن شەرقشۇناسلىق مەقسەت، مۇددىئا ۋە ماھىيەت جەھەتتىن غەربنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغانىكەن، ئۇنىڭ «سەلبىي تەرىپى» ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شەرقشۇناسلىقنىڭ بۇ تۈپ ماھىيىتى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك مەقسىتى ھازىرمۇ ئۆزگىرىپ باقمىدى. ئەمما ئۇنىڭ تاكتىكىسى كېيىنكى كۈنلەردە تەڭشەلدى. مۇشۇنداق بولغاچقا تەتقىقاتچىلار كونا مۇستەملىكىچىلىكتىن پەرقلەندۈرۈپ، غەربنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 3 - دۇنيا ئەللىرىگە تۇتقان سىياسىتىنى «يېڭى مۇستەملىكىزم»، «كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك» ياكى «كېيىنكى مۇستەملىكىزم» دەپ خاراكتېرلىدى. «يېڭى مۇستەملىكىزم» توغرىسىدا «ئىمپېرىيە» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورلىرى ئانتونىيو نېگىرى (Antonio  NeGri) بىلەن مىخائىل خاردىت (Michael Hardt) مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى مۇستەملىكىزم تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ ئادەتتىكىلەشكەن ھەم ھەممە يەردە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئىمپېرىيە مەۋجۇتلۇقى.» بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «يېڭى مۇستەملىكىزم » شارائىتىدا شەرقشۇناسلىق تېخىمۇ زور ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ ھېچ كىم ئېيتالمايدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بۈگۈنكى كۈندە كونا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاپىرىدە بولغان ھەم شۇنىڭ قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان شەرقشۇناسلىقنى ئۆزىنىڭ تۈپ خاراكتېرىرىنى، ماھىيىتىنى ۋە نىشانىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، 3 - دۇنيا ئەللىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان «ساپ ئىلىم» ھالىتىگە كەلدى دەپ قاراش سىياسىي گۆدەكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرگەندە «كونا مۇستەملىكىچىلىك» كاتەكلىرىڭىزدىكى توخۇ ۋە تۇخۇملىرىڭىزنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالغان بولسا، «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك» توخۇلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە باققۇزۇپ، تۇخۇملىرىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئالقىنىدا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ، سىزنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، تۇيدۇرمىغان ھالدا ئىشپىرىس بىلەن تۇخۇملىرىڭىزنىڭ جەۋھىرىنى سۈمۈرىۋالىدۇ. بۇ خۇددى جەنۇبىي ئافرىقىلىق مەشھۇر زات توتونىڭ گېپىگە ئوخشايدۇ. توتو ئاق تەنلىكلەر ئافرىقىغا ئاياغ باسقان چاغدا بىزگە «ئىنجىل» نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېچىنغان ھالدا سىلەر بەكمۇ قالاق، بەكمۇ ۋەيرانە ھالەتتە قاپسىلەر، سىلەر ئالدى بىلەن كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ، قەلبىڭلارنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇڭلار، دەپ ئۈگەتكەن. كېيىن كۆزىمىزنى ئېچىپ قارىساق «ئىنجىل» بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتۈپ قاپتۇ. ئافرىقا ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قاپتۇ دېگەنىدى.
ئەلى غوجاخۇن شەرقشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشىدىكى سەۋەب توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟ دېگەندە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شەرقشۇناسلىق ئامېرىكىلىق ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ شەرق دەپ قارالغان رايونلاردىكى دۆلەت ھەم ئىنسانلار توپىنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسەت، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئىلىم ... تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە، بۇ ئىلىمنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىقتىساد، سودا، سىياسىي، دىن، ئىلمىي ئىزدىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىل مەۋجۇت.»
ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ بايانىدىكى روشەن خاتالىق شۇكى، ئۇنىڭدا شەرقشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەب، ئەڭ مۇھىم ئامىل بولغان مۇستەملىكىچىلىك تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسى بۇ يېمىرىلمەس تارىخىي ھەقىقەتكە كەينىنى قىلىۋالغانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، غەرب ئالىملىرىمۇ، شەرق ئالىملىرىمۇ شەرقشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىلنى مۇستەملىكىچىلىكتىن ئايرىپ قارىمايدۇ. ئەلى غوجاخۇننىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان بۇ ئامىلدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى لوگىكىغا زىت. مەنتىقىلىق پىكىر قىلىشنى ئادەت قىلغان ئادەم ھەرگىز بۇنداق پىكىر قىلمايدۇ. شەرقشۇناسلىققا ئامراقلىق قىلىش تارىخىي چىنلىققا زىت بولۇپ قالماسلىقى لازىم.
شۇنى بىلىش كېرەككى شەرقشۇناسلىق غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە، مۇستەملىكە ئېھتىياجى سەۋەبىدىنلا بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ شەكىللىنىشىنى مۇستەملىكىچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئايرىپ قاراش، ئەخمەقلىق. ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا ساپ ئىلىم تۈسىدىكى بىر قىسىم ئىلمىي نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ئۇنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
شەرقشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشى توغرۇلۇق يۇقىرىقىدەك تارىخىي ھەقىقەتكە پۈتۈنلەي مۇخالىپ چۈشەنچە بەرگەن ئەلى غوجاخۇن ماقالىسىنىڭ كەينىدىرەك، ئۆزىنىڭ پىكىر ئىزچىللىقىغا ئەمەل قىلىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، يەنە مۇشۇ توغرۇلۇق «ياۋروپا، ئامېرىكا شەرقشۇناسلىرى نېمە ئۈچۈن شەرقنى شۇ قەدەر قىزىقىپ تەتقىق قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ، بۇنى «تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزىتىشىگە قارىغاندا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دىن تارقىتىش، مۇستەملىكە قىلىش، سودا - ئىقتىساد، شەرقنىڭ مۇتەئەسسىپ ئىجتىمائىي - سىياسىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش ۋە ساپ ئىلىمنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بىرقانچە تەرەپتىن ئىكەنلىكى مەلۇم» دەپ ئىزاھلايدۇ. «تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزىتىشىگە قارىغاندا»، «ئىكەنلىكى مەلۇم» دېگەن ئىلىمان سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ بۇ قاراشقا قوشۇلمايدىغان مەۋقەسى چىقىپ تۇرسىمۇ، ھەر ھالدا ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ ئىزاھاتى يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشىدىن سەل پەرقلىنىدۇ. يەنى «مۇستەملىكە قىلىش» دېگەن مەزمۇن قوشۇلغان. بىراق بۇ مەزمۇن يەنىلا شەرقشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تۈپ سەۋەب سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنمىغان.
قىسقىسى، ئەلى غوجاخۇن شەرقشۇناسلىقنى چوڭ جەھەتتىن «ساپ ئىلىم» دېگەن مۇددىئاسىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن، ماقالىسىنىڭ كۆپلىگەن جايىدا ساپ مەنىدىكى شەرقشۇناسلىقنى «كۆپ قىسىم»، سىياسىي مەنىدىكى شەرقشۇناسلىقنى «بىر قىسىم» دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. ئەنگلىيەنىڭ «قۇياش پاتماس ئىمپېرىيە» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان مەزگىللىرىدە، يەنى مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىكى چېكىگە يەتكەن مەزگىللىرىدە باش ۋەزىر بولغان بىنجامىن دىسلىرنىڭ «شەرق − بىر خىل تىرىكچىلىك يولى» يەنى ياۋروپا ئۈچۈن ئېيتقاندا شەرق ئەللىرى تالان - تاراج قىلىپ بايلىق توپلاشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماكانى دېگەن مەنىدىكى سۆزىنى غەلىتە چۈشەندۈرۈپ «كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ سۆز ساپ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەمەس» دەپ چۈشەندۈرگەن. دۇنياۋى بىر چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ ئىرادىسىگە ۋە مۇددىئاسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سۆزنىڭ نەقەدەر كۆپ تارماققا چېتىلىدىغان ۋە نەقەدەر كەڭ دائىرىنى قاپلايدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن ئەلى غوجاخۇن تېخى ئۇ چاغلاردا ئاندا - مۇندا باش كۆتۈرۈۋاتقان ساپ مەنىدىكى شەرقشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرىنى شىپى كەلتۈرۈپ، شەرق خەلقلىرىنى قان يىغلاتقان يۇقىرىقى سۆزنىڭ جىنايى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنغان. ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ خىل چۈشەندۈرۈشىدىن كېلىپ چىقىدىغان يەكۈن نېمە بولىدۇ، دېگەندە، «كۆپ قىسمى» پايدىلىق بولغان شەرقشۇناسلىق بىلەن بىنجامىن دىسلىرنىڭ يۇقىرىقى گېپىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق! دېگەنلىك بولىدۇ. ئەلى غوجاخۇن بىنجامىن دىسلىر مۇشۇ گەپنى قىلغاندا ساپ ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلارنىڭ سانىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى، بۇ خىلدىكى ئالىملارنىڭ سانىنىڭ 20 - ئەسىردە ئاندىن ئاۋۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئىدى.
ئەلى غوجاخۇن شەرقشۇناسلىقنى چوڭ جەھەتتىن ئاقلاپ كېلىپ «ساپ ئىلمىي خاھىشتىكى شەرقشۇناسلارنىڭ ساپاسى ئىنتايىن يۇقىرى، سانى خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم» دەپ يازىدۇ. قىلىۋاتقان گېپىنىڭ ئاساسى بار - يوقلۇقى ئۈستىدە ئويلانمايدىغان ئەلى غوجاخۇن ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ساپاسى يۇقىرىمۇ ياكى كەسپىي ساپاسىمۇ دېگەنلەرنى پەرقلەندۈرمەستىن ھەم «سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم» دېگەن تەخمىن گەپنى نېمە بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتماستىن مۈجمەل بايان بىلەن بولدى قىلىدۇ. بىلىش كېرەككى كەسپىي ساپاسى يۇقىرى بەزى ئادەملەرنىڭ ھەق - ناھەق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇشى ناتايىن. شەرقشۇناسلارنىڭ ئىچىدە ئىدىيەسى زەھەرخەندىلىك بىلەن سۇغۇرۇلغان، ئەمما ئۆز كەسپىدە ۋايىغا يەتكەن تەتقىقاتچىلار ئاز ئەمەس.
ئەلى غوجاخۇن «شەرقشۇناسلىق» نى چوڭ جەھەتتىن پايدىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن يەنە نېمە دەيدۇ؟ دېگەندە، مۇنداق دەيدۇ:
«شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەننى ئىلىم نۇقتىسىدىن ئەمەس، سىياسىي زوراۋانلىق، مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىدىغانلار ئاساسلىقى يېقىنقى زامان تارىخىدا غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچراپ باققان مىسىر، تۇنىس، ئالجىرىيە، ماراكەش، لىۋىيە، سۇرىيە، ئىران، ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە بۇ ئەللەردىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلاردىن ئىبارەت. ئۇلار ئۆز تارىخىدىكى ئارامسىز كەچمىشلەرنىڭ دەردىنى غەربنىڭ ئۆزىدىن ئالالمىغاچقا، غەربنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن <شەرقشۇناسلىق> تىن ئىبارەت بۇ ساھەدىن ئالغان. بۇ تىپىك غەربتىن قېيداش، پاسسىپ ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى بولۇپ، <ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇ توقۇمنى> دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ ئەخمىقانە تەھلىلى ۋە نادانلارچە يەكۈنى بويىچە بولغاندا، شەرقشۇناسلىقنىڭ ماھىيىتىنى مۇستەملىكىچىلىككە باغلاپ چۈشىنىش غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچراپ باققان دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم قېيدىغاق، چىدىماس ئالىملارنىڭ قارىشىكەن. مۇشۇ بويىچە بولغاندا ھازىر دۇنيادا نوپوزلۇق ھېسابلىنىۋاتقان كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى تەتقىقاتچىلىرىدىن ئىدۋارد سەئىد، خۇمى بابا، سىپىۋاك، سىتارت خالىل، روبېرت يوڭ، ئائىجاز ئەھمەد، زىيائىددىن ساردىر قاتارلىقلار غەربكە ياكى ئېنىقراقى شەرقشۇناسلىققا ۋە شەرقشۇناسلارغا تۆھمەت قىلىۋاتقان تۆھمەتچى ئالىملار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلىگە مۇشۇنداق بىمەنە نەزەر بىلەن قارىغان ھەم قارىغۇلارچە يەكۈن چىقارغان ئەلى خوجاخۇنغا «سۇمۇرغ ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى چېن ئەننىڭ «ئامېرىكا زىيالىيلىرى − ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن مۇتەپەككۇرلار» دېگەن كىتابىنىڭ 217 - بېتىدە ئېدۋارد سەئىدنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ «ئۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىمغا ۋە دۇنيا زىيالىيلىرىنىڭ ۋىجدانىغا ئايلىنىپ قالدى» دېگەن باھاسىنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەلى غوجاخۇننىڭ يۇقىرىقى تەھلىلى ئۇنىڭ «شەرقشۇناسلىق» قا چېتىلىدىغان ھەرقانداق مۇنازىرىدە كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايدىغان دەرىجىدە تۆۋەن سەۋىيەلىك كۆزەتكۈچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تولۇق يېتىدۇ. مەن ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ ئەخمىقانە تەھلىلىنى ۋە نادانلارچە يەكۈنىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مۇنازىرە قىلىشقا پەقەت شەرتى توشمايدىغانلىقىنى ھەم ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولساممۇ، ئەمما، شەرقشۇناسلىقنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتى ھەققىدە كۆپلىگەن زىيالىيلىرىمىزنىڭمۇ چۈشەنچىسى تايىنلىق ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ يەنىلا رەددىيە بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئەلى غوجاخۇننىڭ شەرقشۇناسلىقنى ئىلىم نۇقتىسىدىن ئەمەس، سىياسىي زوراۋانلىق، مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىدىغانلار يېقىنقى زامان تارىخىدا غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچراپ باققان يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، دەپ چۈشىنىشى تولىمۇ بىلىمسىزلىك.
بۇنداق بىمەنە چۈشەندۈرۈشتىن يەنە قانداق يەكۈن چىقىدۇ، دېگەندە «يېقىنقى زامان تارىخىدا غەربنىڭ زۇلۇمىغا ئەمەس مانجۇلارنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان بىزدەك مىللەتلەر شەرقشۇناسلىقنى سىياسىي نۇقتىدىن ئەمەس، ساپ ئىلىم نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىشىمىز لازىم» دېگەن يەكۈن چىقىدۇ. چۈنكى بىز غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە ۋە شەرقشۇناسلىقنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىمىغان ئىكەنمىز. بۇ نۇقتىدا ئېلى غوجاخۇن يەنە «باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىمىزنىڭكىدەك ھېس قىلىپ، ئەندىكىپ كېتىشنىڭ ھازىرچە ھاجىتى يوق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى قوشۇمچە قىلىدۇ. قارىغاندا ۋاقتى كەلگەندە ئەلى غوجاخۇن بىزگە «ئەندىكىپ كېتىشنىڭ ئەمدى ھاجىتى بار» دەپ يوليورۇق بېرىدىغان ئوخشايدۇ. بىز شۇ چاغدا ئاندىن غەربكە، شەرقشۇناسلىققا سىياسىي نۇقتىدىن قارىساق توغرا بولىدىكەن.
مۇنازىرىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك دىيالوگ شەكىللەندۈرمەي، تۆۋەن سەۋىيەلىك ۋارى - ۋارى پەيدا قىلىدىغان بۇنداق ئىچى كاۋاك مۇنازىرىچىگە بېرىدىغان رەددىيەمنى مەن تۆۋەندىكى ئون سوئال ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويىمەن.

①  رۇسىيەنىڭ شەرقشۇناسلىقى بىر پۈتۈن شەرقشۇناسلىق كاتېگورىيەسىگە كىرەمدۇ، كىرمەمدۇ؟ ناۋادا «كىرىدۇ» دەپ قارالسا، ئۇنداقتا، رۇسىيەنىڭ شەرقشۇناسلىقى نېمە مەقسەتتە شەكىللەنگەن؟ چاررۇسىيە ئۆز شەرقشۇناسلىرىنىڭ تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلىنىپ تۈركىي خەلقلەرگە جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قانداق زۇلۇم كۆرسەتكەن ھەم قانداق سىياسىي تەدبىرلەرنى چىقارغان؟

② ئۇيغۇرلارنىڭ 19 - ۋە 20 - ئەسىردىكى تەقدىرىگە پىچىم كېسىلىدىغان ھالقىلىق پەيتلىرىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق قارارلارنى چىقارغانمۇ ياكى زىيانلىق قارارلارنى چىقارغانمۇ؟

③ شەرقشۇناسلار شىنجاڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي قىممەتلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەنمۇ ياكى ئۆز مەقسەتلىرىنى ئالىي نىشان قىلىپ كەلگەنمۇ؟

④ مۇستەملىكە بىۋاسىتە ھالەتتىلا بولامدۇ ياكى ۋاسىتىلىق ھالەتتىمۇ بولامدۇ؟

⑤ مۇستەملىكە قاتتىق ۋاسىتىلەردىنلا تەركىپ تاپامدۇ ياكى يۇمشاق ۋاسىتىلەردىنمۇ تەركىپ تاپامدۇ؟

⑥ غەربنىڭ نەزىرىدە ئۆزى بىۋاسىتە مۇستەملىكە قىلىپ باققان دۆلەت ۋە رايونلارلا شەرق ھېسابلىنامدۇ ياكى پۈتكۈل شەرق ئەللىرى شەرق ھېسابلىنامدۇ؟

⑦ شەرقشۇناسلىق پەقەت غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچراپ باققان دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزىرىدىلا سىياسىي مەنىدىكى ئىلىممۇ ياكى مەسىلىلەرگە ھەقىقەت نەزەرى بىلەن قارايدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزىرىدىمۇ سىياسىي مەنىدىكى ئىلىممۇ؟

⑧ بۈگۈنكى كۈندە شەرقشۇناسلىقنى سىياسىيدىن پۈتۈنلەي خالىي ئىلىم ھالىتىگە كەلدى دەپ ھېسابلاشقا بولامدۇ؟

⑨ سىياسىي مەنىدىكى شەرقشۇناسلىقنىڭ زەھەرلەش ئۇسۇللىرى ھەممە كىشى بىلىۋالغۇدەك دەرىجىدە روشەن بولامدۇ ياكى تۇيمىغۇدەك دەرىجىدە يوشۇرۇن بولامدۇ؟

⑩ سىياسىي مەنىدىكى شەرقشۇناسلىقنىڭ مۇددىئاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەرق زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز قىلمىشىنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق بىلەمدۇ ياكى بىلمىگەن ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ سەنىمىگە دەسسەۋېرەمدۇ؟

سىياسىي جەھەتتە بەكلا ساددا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئازراق بولسىمۇ سەگىپ قېلىشى ۋە ئەلى غوجاخۇندەك مۇستەملىكىچىلىك بىلەن شەرقشۇناسلىق بىر گەپ ئەمەس دەپ قارايدىغان نادان قەلەمكەشلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويۇش ئۈچۈن مەن شىنخۇا نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان، رۇسىيەلىك ئاكادېمىك نېكولاي ئىۋانوۋىچ رىۋكوفنىڭ «چوڭ دۆلەتنىڭ تىراگېدىيەسى − سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋىتى» دېگەن كىتابىنىڭ «قالايمىقانچىلىق نەدىن كەلدى» دېگەن 1 - بابىنىڭ 1 - بېتىدىكى بىر نۇتۇقنى مىسال كەلتۈرمەكچى. رىژكوف كىتابىدا مۇنداق يازغان:
«قەلەم تەۋرىتىشتىن ئىلگىرى 1945 - يىلى، يەنى 60 يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاللېن دۇللېسنىڭ ئامېرىكا پېرىزدېنتى تىرومىننىڭ ئالدىدا، خەلقئارا مۇناسىۋەت كومىتېتى يىغىنىدا بايان قىلغان نۇتقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ شۇ چاغدىلاا سوۋېت ئىتتىپاقىنى پارچىلاشتىكى مەقسەت، ۋەزىپە ۋە ۋاسىتىلەرنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان.

*              *              *

ئۇرۇش ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەممىنى بىر ئامال قىلىپ مۇۋاپىق ھەل قىلغىلى، ھەممىنى ئۆز جايىدا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بىز ھەممە نېمىمىزنى سەرپ قىلىپ، يەنى ھەممە ئالتۇنىمىزنى، بارلىق ماددىي كۈچىمىزنى چىقىرىپ كىشىلەرنى بىزگە لازىم بولغان ھالەتتە ياساپ چىقىمىز، ئۇلارنى گېپىمىزنى ئاڭلايدىغان قىلىمىز.
ئادەمنىڭ كاللىسى، ئېڭى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىز كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قالايمىقانلاشتۇرالىساقلا قىممەت قارىشىنى بىلىنە - بىلىندۈرمەي ئۆزگەرتەلەيمىز ھەم ئۇلارنى يوشۇرۇن ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن بىر خىل قىممەت قارىشىغا ئىشىنىشكە مەجبۇرلىيالايمىز. بۇنى قانداق ئامال بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ بىز چوقۇم رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىن بىزنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭىمىزغا قوشۇلىدىغان ئادەملەرنى تېپىشىمىز، ئىتتىپاقداش قوشۇن تېپىشىمىز كېرەك.
مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمدىكى بىر مەيدان تىراگېدىيە − ئەڭ تىز پۈكمەس بىر مىللەتنىڭ ھالاكەتكە يولۇقۇش تىراگېدىيەسى پەردىمۇ پەردە ئورۇنلانماقچى، ئۇلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى قۇتۇلدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يوقۇلۇشقا يۈزلەنمەكچى. ئالايلۇق، بىز ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىچىدىن ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇقىنى بارا - بارا ئۆچۈرۈۋېتىمىز. سەنئەتكارلىرىنى تەربىيەلەپ ئۇلارنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يۈز بېرىدىغان جەريانلارنى ئىپادىلەش ياكى تەتقىق قىلىش قىزىقىشىنى يوققا چىقىرىمىز. ئەدەبىياتى، تىياتىرى، كىنولىرى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ رەزىل ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە مەدھىيەلەيدىغان قىلىۋېتىمىز. بىز بارلىق چارىلار بىلەن ئاتالمىش بىر تۈركۈم سەنئەتكارلارنى قوللاپ ۋە كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا جىنسىيەتكە چوقۇنۇش، زوراۋانلىققا چوقۇنۇش، خورلاشقا چوقۇنۇش، ئاسىيلىق قىلمىشىغا چوقۇنۇش، ئومۇمەن بارلىق ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرىغا چوقۇنۇشنى سىڭدۈرۈشكە ئۈندەيمىز.
بىز بىلىنە - بىلىندۈرمەي ئەمما پائال ھەم داۋاملىق ھالدا ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ خالىغىنىچە ئەسكىلىك قىلىشىغا، خىيانەت قىلىشىغا، پىرىنسىپنى قايرىپ قويۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. بارا - بارا ئۇلار دوگماتىزم ۋە ئىشنى كەينىگە سۈرۈش ياخشى قىلمىش دەپ قارايدىغان، سەمىمىيلىك ۋە دۇرۇسلۇق كىشىلەر تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىدىغان، ھەممە ئادەم ئۇنى كۆزگە ئىلمايدىغان ۋە ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدىغان نەرسە دەپ قارايدىغان بولىدۇ. مۇتەھەملىك ۋە نومۇسسىزلىق، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىق، ھاراقكەشلىك ۋە زەھەر چېكىش؛ ئادەملەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ كېتىشى يىرتقۇچ ھايۋاندىن قورقۇشتىنمۇ ئېشىپ كېتىش؛ ئۇيۇلۇش ھېسسىياتى يوقۇلۇش، ساتقىنلىق، مىللەتچىلىك ۋە مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىك، ئالدى بىلەن رۇس مىللىتىگە بولغان ئۆچمەنلىك كۈچەيتىلىدۇ. بىز ئەپچىل چارىلەرنى قوللىنىپ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىنە - بىلىندۈرمەي مۇقەددەسلەشتۈرىمىز. بۇلارنى پورەك - پورەك ئېچىلدۇرۇۋېتىمىز ... پەقەت ئاز ساندىكى ئادەملىرى، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملىرىلا زادى نېمىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالىشى ياكى تونۇپ يېتەلىشى مۇمكىن. لېكىن بىز بۇنداق ئادەملەرنى يېتىم، يۆلەنچۈكسىز ھالەتتە قالدۇرىمىز. ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ مەسخىرە قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويىمىز. بىز ئۇلارغا تۆھمەت چاپلااش چارىلىرىنى تاپالايمىز. ئۇلارنى جەمئىيەتنىڭ سۈپۈرۈندىلىرى دەپ جاكارلايمىز. بىز بولشىۋىزمنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاپ، مەنىۋى ئەخلاقنىڭ ئاساسىنى چاكىنىلااشتۇرىمىز ھەم ئۇنى تازىلىۋېتىمىز. بىز ئىشنى ياش - ئۆسمۈرلەردىن باشلايمىز. ئاساسىي دونى ياشلارغا تىكىمىز. ئۇلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىپ چىرىتىۋېتىمىز. ئۇلارنى نومۇسسىز زاتلارغا، چاكىنا كىشىلەرگە ۋە دۇنياۋىزمچىلارغا ئۆزگەرتىۋېتىمىز. مانا بۇلارنى بىز چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز.»

*               *               *

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاللېن دۇللېسنىڭ 1945 - يىلى «ئىتتىپاقداش دۆلەت» دەپ قارىلىدىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنى گۇمران قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ تىرومىن قاتارلىق ئالىي ئەمەلدارلىرىغا سۆزلىگەن مۇشۇ نۇتقىدىن بىز 18 - ۋە 19 - ئەسىرلەردە جاھانگىرلىك قارا نىيىتى ئۇرغۇپ تاشقان غەرب خىرىستىيان دۆلەتلىرىنىڭ غەپلەتتە قالغان، ئاجىز، قالاق مۇسۇلمان ئەللىرىگە ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرگە قانداق رەزىل پىلانلارنى تۈزگەنلىكىنى پەرەز قىلاالايمىز. بىز تارىخنىڭ بۇ قەدەر كەڭ ھەم مۇھىم تەرەپلىرىگە نەزەر ئاغدۇرماي، مۇستەملىكىچىلىك شارائىتىدا شەكىللەنگەن ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باش ۋەزىپە قىلغان شەرقشۇناسلىقنى ئەلى غوجاخۇندەك «ئاز بىر قىسىم دىنىي، سىياسىي، مۇستەملىكە خاھىشىدىكى شەرقشۇناسلىق نامىدىكى ئەسەرلەر بىلەن ئىنتايىن كۆپ ۋە يۇقىرى سۈپەتكە ئىگە ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىقنى ئايرىش كېرەك» دەپ قاراپ يۈرسەك، سىياسىي جەھەتتە پىشمىغان مىللەتلەرنىڭ زىيالىيلىرىدا كۆرۈلىدىغان ساددا پىكىر قىلىش مەسىلىسىنى سادىر قىلغان بولىمىز. شۇڭا بىز شەرقشۇناسلىقنى «ئىجابىي تەرىپى كۆپ»، «ساپ ئىلىم» تەركىبى چوڭ دەپ قارىساق، يەنىلا نادان ئىكەنلىكىمىز ئايان بولىدۇ.
شەرقشۇناسلىقنى چوڭ جەھەتتىن ئاقلاشقا ئۇرۇنغان ئەلى غوجاخۇن پەلىپەتىش ئاساسلىرىنى، گاھ چولتا، گاھ بىمەنە مۇھاكىمىلىرىنى يېزىپ كېلىپ، ئاخىرىدا بىراقلا سەكرەپ مۇنداق يازىدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆرۈۋاتقان دۇنيا مەدەنىيەت تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەننىڭ ساپ ئىلمىي تەتقىقات تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىردەك ماقۇللايدۇ.»
ئەلى غوجاخۇننىڭ قارىسىغا يازغان بۇ بايانىدا كىشىگە ئەڭ ئەخمىقانە تەسىرات بېرىدىغان يېرى «دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىردەك ماقۇللايدۇ»دېگەن بايانىدۇر. بۇ ئاساسى يوق گەپنى قارىسىغا سۆزلىگەن ئەلى غوجاخۇنغا بۈگۈنكى كۈندە غەرب ئەللىرىدە ۋە باشقا جايلاردا ئىنتايىن بازار تېپىۋاتقان «كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك» (后殖民主义)، «يېڭى مۇستەملىكىزم» (新殖民主义)، «كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى» (后殖民理论) ۋە «كېيىنكى مۇستەملىكە ئوبزورچىلىقى» (后殖民批评) دېگەن پەن ۋە تەتقىقاتلارنىڭ نېمىگە قارىتىلغان ھالدا قانات يېيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆگىنىپ قويۇشىنى، «شەرقشۇناسلىق» دېگەن كاتتا ئەسىرىنى يېزىپ جاھانغا تونۇلغان ئېدۋارد سەئىدنى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن «خەلقئاراغا مەشھۇر كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەچىسى» دەپ تەرىپلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەلى غوجاخۇننىڭ شەرقشۇناسلىق توغرىسىدىكى تاققا - تۇققا بايان ۋە مۇھاكىمىلىرىگە جىددىي رەددىيە لازىم بولغاچقا بۇ تېز يازمىنى يازدىم. مەقسىتىم ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ماقالىسىدىكى خاتا قاراشلىرىغا بىرمۇ بىر رەددىيە بېرىش ئەمەس. سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ ماقالىسىدىكى لىئون سولوۋيوۋغا، نەسىرىدىن ئەپەندىگە ۋە ئەختەم ئۆمەرنىڭ «نەسىرىدىن ئەپەندى» دېگەن كىتابىغا ئالاقىدار ئاقلاش سۆزلىرىنى مۇنازىرە قىلغۇچىلىقى، رەددىيە بېرىپ يۈرگۈچىلىكى يوق دەپ قارايمەن. بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئەلى غوجاخۇننىڭ ئوشۇقچە سۇۋاقچىلىق قىلماي ئالدى بىلەن ماڭا ئەختەم ئۆمەرنىڭ يازغان «نەسىرىدىن ئەپەندى» دېگەن كىتابىنىڭ ژانېر جەھەتتىن قايسى ژانېرغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بېرىشىنى سورايمەن. چۈنكى مەن ماقالەمدە بۇ كىتابنى ھەممە جەھەتتىن ئەخلەتكە چىقىرىۋەتكەندىن سىرت «بۇ ئەسەر بەدىئىيلىك جەھەتتە بەك قوپال، ئەدەبىياتنىڭ ھېچقانداق ژانېرىغا ياكى شەكلىگە چۈشمەيدىغان غەلىتە ئەسەر» دەپ باھالىغان. ژانېرىنىڭمۇ مۈجمەل ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ باھا بىر ئەدەبىي ئەسەر ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ. قېنى ئەلى غوجاخۇن پاكىت ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن مېنىڭ مۇشۇ باھايىمنى ئاغدۇرالامدىكىن؟ ئەڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن يېزىلغان بۇ پاخپاخ كىتابنى بايان تىلىغا ئاساسەن ياكى سىنارىيە ياكى پوۋىست دىگىلى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە كىتابنىڭ 245 - بەتتىن 255 - بەتلىرىگىچە ھېچقانداق ئىش قوشماي ئون پارچىدەك لەتىپىنى شۇ پېتىلا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىغا قاراپ لەتىپىلەر توپلىمى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. پاكىت ئۈچۈن مەن يۇقىرىقى بەتلەردىن ئېلىنغان مۇنۇ ئۈچ لەتىپىنى ئوقۇرمەنلەرگە پاكىت سۈپىتىدە كۆرسىتىپ قوياي. ئېلى غوجاخۇن بۇ مەسىلىنى قانداق چۈشەندۈرىدىكىن؟

ئۇرۇش قانداق پارتلايدۇ

− دادا، ئۇرۇش قانداق پارتلايدۇ؟ − دەپ سورىدى بىر كۈنى ئەپەندىمنىڭ ئوغلى.
− شۇنىمۇ بىلمەمسەن، مەسىلەن، داداڭ بىلەن ئاپاڭ ئۇرۇشقاندا ...
− ئەپەندىم، بالا سىزدىن ئۆيدىكى ئۇرۇشنى ئەمەس، دۆلەتلەر ئارا بولىدىغان ئۇرۇشلارنى قانداق پارتلايدۇ دەپ سوراۋاتىدۇ، − دېدى ئەپەندىمنىڭ ئايالى ئەپەندىمنىڭ گېپى تۈگىمەيلا ئورنىدىن تۇرۇپ.
− دۆلەتلەر ئارا بولىدىغان ئۇرۇشمۇ ئۆيدە بولىدىغان «ئۇرۇش» قا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ، − دېدىم ئەپەندىم.
− زادى قانداق پارتلايدۇ؟ بالىغا ئوبدان چۈشەندۈرمەمسىز، − دېدى ئايالى.
− قانداق پارتلايتتى، سەن ئاغزىڭنى بۇزىسەن، مەن بۇنىڭغا چىدىماي سېنى تىللايمەن، ئاخىر «ئۇرۇش» پارتلايدۇ! − دېدى ئەپەندىم.
− قويۇڭە سىزنى، دەپ بېرەلمىدىڭىز! − دېدى ئايالى قايىل بولماي.
− ئەمىسە ئۆزۈڭ چۈشەندۈر! − دېدى ئەپەندىم نارازى بولۇپ.
− بولدى، بولدى تالاشماڭلار، ئۇرۇشنىڭ قانداق پارتلايدىغانلىقىنى بىلىپ بولدۇم! − دېدى ئەپەندىمنىڭ ئوغلى.

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ

− سەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خوتۇن، مەن نېمە دېسەم شۇنى قىلىسەن، قېينانام ماڭا بىر تاللا قىزنى تۇغۇپ بېرىپتىكەن، − دېدى ئەپەندىم مەشرەپكە بېرىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن.
− ھەي، ئەگەر ئانام ئىككىنى تۇغۇپ بەرگەن بولسا قانداق قىلاتتىڭىز؟ − دېدى ئايالى رەنجىگەن ھالدا.
ئايالىنىڭ بۇ سوئالى ئەپەندىمنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدىيۇ، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ دەپ:
− ئۇنىمۇ ئالاتتىم - دە! − دېدى.

ئەزرائىل مېنىڭ قېشىمغا كەلمەي ...

ئەپەندىم سەكراتتا ياتقاندا يېنىدا كۆز يېشى قىلىپ تۇرغان ئايالىغا:
− خوتۇن، قارىغاندا مەن بولالمايدىغان ئوخشايمەن، سەن بېرىپ چىرايلىق ياسىنىپ، گىرىم قىلىپ كېلىپ يېنىمدا كۈلۈپ تۇر! − دېدى.
− بۇ نېمە دېگىنىڭىز، خەق نېمە دەيدۇ، مەن قايسى يۈزۈم بىلەن شۇنداق قىلىمەن، − دېدى ئايالى ئۇنىڭ گېپىگە ھەيران قىلىپ.
− شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭمۇ؟ شۇنداق قىلساڭ ئەزرائىل مېنىڭ قېشىمغا كەلمەي، سېنىڭ قېشىڭغا بارىدۇ، − دەپ چۈشەندۈردى ئەپەندىم.

*               *               *

مانا مۇشۇنداق تەييار لەتىپىلەرنى چېكىت، پەشلىرىنىمۇ ئۆزگەرتمەي كىتابىغا كىرگۈزۈپ قويغان، ئەسىرىنىڭ بىر يېرىنى ھېلى سىنارىيە تىلىدا، ھېلى ھېكايە تىلىدا يازغان يازغۇچىنىڭ سۈپەتسىز يازمىسىنى قايسى ژانېرغا تەۋە قىلىش مۇمكىن؟ مۇشۇنداق تۆۋەن سەۋىيەلىك «ئەدەبىي ئەخلەت» نى ئەلى غوجاخۇن «كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، لەتىپىلەرنى ئەسلىدە بار بولغان ساتىرىك، يۇمۇرلۇق، پەلسەپىۋى خۇسۇسىيىتىنى يوقاتماسلىق ئاساسىدا نىسپىي مۇستەقىللىققە ئىگە قىلىش بىلەن پۈتۈن كىتابنىڭ مەزمۇن ئىزچىللىقى ۋە باغلىنىشىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت زىل ئىجادىيەت پائالىيىتىگە يازغۇچى ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان» دەپ ماختاپ ئۇچۇرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
بىلىش كېرەككى، ئوبزورچىلىق بىلەن گۇپپاڭچىلىق پەرقلىنىدۇ. مۇنازىرىچى بولۇش بىلەن ۋارى - ۋارىچى بولۇش پەرقلىنىدۇ. ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ كىتابىنى «ھېچنېمىسى مۇقامغا چۈشمەيدىغان ئاتالمىش كىتاب»، «ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قەلبىنى كىرلەشتۈرىدىغان مەينەت كىتاب»، بۇنداق كىتابنى نەشر قىلدۇرۇش «ئىقتىسادىي ئاچ كۆزلۈك ۋە ئىجتىمائىي كالۋالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ بىكار ئېيتمىدىم. پاكىت ئۈچۈن كىتابنىڭ 145 - بېتىدىكى بىر مەينەت لەتىپىنى ئوقۇپ باقايلى:

*               *               *

− ئوسمانجان ئۇستام، بۇ شاتۇتىنى نەدىن ئەكەلدىلە؟
− ئاكام ئاتايىن ئالغاچ كەپتۇ، دۇكانغا ئەكېلىۋالدىم، − دېدى ئوسمانجان.
− دۇكانغا بىر ئوبدان يارىشىپتۇ، ئەمما بۇ سالام بەرمەيدىغۇ؟ − دېدى ئەپەندىم.
− بۇ شاتۇتى ئەسلىدە نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلەيدىكەن. ئەمما، ئايرىم ئالاھىدە سالام بېرىپ پۇتىنى تۇتمىسا سالاملاشمايدىكەن، − دېدى ئوسمانجان.
ئەپەندىم شاتۇتىغا قولىنى تەڭلىدى، شاتۇتىمۇ ئوڭ پۇتىنى ئۇزاتتى.
− ئەسسالامۇئەلەيكۇم، شاتۇتى، − دېدى ئەپەندىم.
− خېللو، ئەپەندى! − دېدى شاتۇتى.
− پاھ، پاھ، قالتىسكەن، ئىنگلىزلار ئۆگەتكەن - دە، − دېدى ئەپەندىم.
− يەنە بىر پۇتىنى تۇتسىلا، ئەپەندىم، − دېدى ئوسمانجان.
ئەپەندىم شاتۇتىنىڭ يەنە بىر پۇتىنى تۇتتى.
− زىدراستىۋى! − دېدى شاتۇتى.
− ئورۇسمۇ بېقىپتىكەندە بۇنى، ئۇيغۇرچىنى ئۆگەتسەك بولغۇدەك، − دېدى ئەپەندىم.
− ئىككى قوللىرىدا ئىككى پۇتىنى تەڭ تۇتسىلا قېنى؟ − دېدى ئوسمانجان.
ئەپەندىم تەڭ تۇتتى.
− ئىككى پۇتنى تۇتقانغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئوخشىماملا، غوجام؟ − دېدى شاتۇتى.
ئەپەندىم ھەيران قالدى. ساتىراشخانىدىكىلەر «پاراققىدە» كۈلۈشۈپ كەتتى.

*               *               *

بۈگۈنكى رېستۇران، قاۋاقخانىلىرىمىزدا لاۋزا قىزىقچىلار تەرىپىدىن سۆزلىنىپ ئومۇملىشىپ كەتكەن مانا مۇشۇنداق مەينەت يۇمۇرلارنى نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ لەتىپىسى سۈپىتىدە كىتابىغا كىرگۈزۈپ ئۇيغۇر بالىلىرىغا سۇنغان ئەختەم ئۆمەرنى ئېلى غوجاخۇننىڭ ئەختەم ئۆمەر بۇ ئەسەرنى يېزىشتا «ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان» دەپ ماختىشى كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرمەمدۇ. مۇشۇ لەتىپىنى ئەختەم ئۆمەرنىڭ كىتابىدىن ئوقۇغان بىرەر ئۇيغۇر بالىسى ئاتا - ئانىسىدىن «ئىككى پۇتنى تۇتقانغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئوخشىماملا، غوجام» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە دەپ سوراپ قالسا، ئوڭايسىزلانغان ئاتا - ئانا نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن؟ بۇ چاغدا ئەلى غوجاخۇن ئوتتۇرىغا چىقىپ «يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىىنى يارىتىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالقىلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان،تۈركىي قوۋملارغا ئورتاق سىمۋول بولغان نەسىردىن ئەپەندى سىماسىنى ئۇيغۇر مىللىي كۇلتۇر بوستانلىقىدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش،ئۇنىڭدىن نەپ ئېلىشنى خالايدىغان ئەۋلادلارغا،دەۋرگە ماس بىر شەكىلدە تەقدىم ئېتىشتىن ئىبارەت» دەپ چۈشەندۈرۈش بەرسە نورمال ئەخلاقىي ئاڭغا ئىگە بىر ئادەم بۇ خىل تېتىقسىز مۇئەييەننلەشتۈرۈشتىن ھەيران بولماي قالامدۇ؟
ئوبزورچىلىق ئىلمىي،ئادىل،ئوبىيكتىپ پىرىنىسپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت.ئوبزورچىلىقنى كاززاپلىق دەپ بىلىپ قالغان ئەلى غوجاخۇننىڭ ئەختەم ئۆمەرنىڭ مەزمۇنىدىن تارتىپ شەكلىگىچە، ئىدىيەسىدىن تارتىپ جۈملە - ئىملالىرىغىچە پۈتۈنلەي ئەخلەت ھېسابلىنىدىغان ئەسىرىنى «ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان» ھالدا يېزىلغان دەپ ماختاپ ئۇچۇرغانلىقىغا قاراپ، نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدىم. ئىدۋارد سەئىدتەك «دۇنيا زىيالىيلىرىنىڭ ۋىجدانى» دەپ تەرىپلەنگەن ھەق سۆزلۈك ئەدەبىيات ئوبزورچىسىنى، غەربكە قېيىداپ شەرقشۇناسلىققا ۋە شەرقشۇناسلارغا تۆھمەت قىلغان تۆھمەتچى دەپ باھالىغان ئەلى غوجاخۇننى ئەقەللىسى قايسى ژانېرغا تەۋەلىكىنىمۇ ئايرىغىلى بولمايدىغان بىر مەينەت يازمىنى «ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يېزىلغان» دەپ ماختاپ - ئۇچۇرۇشلىرىغا قاراپ نېمە دەپ تەرىپلىسەك بولار؟ ئەلى غوجاخۇننىڭ ئانىق پاكىتقا كۆز يۇمىدىغان، لوگىكىغا چۈشمەيدىغان پەلىپەتىش مۇلاھىزىلىرى بىلەن ساۋات خاراكتېرلىق چۈشەنچىلىرىنى ئەزۋەيلەپ ۋارى – ۋارى قىلىدىغان يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى تەرىپلىۋالسۇن.
بەلكىم بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئەلى غوجاخۇننىڭ مۇنازىرە ماقالىسىدىكى مۇھاكىمە ۋە تەنقىدلىرىنىڭ بىرەرسىمۇ مۇۋاپىق ئەمەسمۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. مەن ئۇلارنىڭ بۇ سوئالىغا ئەلى غوجاخۇننىڭ ماقالىسىدىكى بىر تەنقىدنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويىمەن. ئەلى غوجاخۇن ماقالىسىدە سارتىرىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىپ كېلىپ مېنى «بىر بولسا بۇ سۆزلەرنى خاتا تەرجىمە قىلىۋالغان، بىر بولسا ئىلمىيلىككە يات ھالدا قورقماي ئۆزگەرتىۋەتكەن» دەپ ئەيىبلىگەن. مەن بۇ سۆزلەرنى ئىلمىيلىككە يات ھالدا قورقماي ئۆزگەرتىۋەتكەن ئەمەس. ھەقىقەتەن خەنزۇچە جۈملىدىكى «ۋە» دېگەن باغلىغۇچىغا دىققەت قىلماي تەرجىمىدە قېيىپ كېتىش ئەھۋالى سادىر قىلىپ قويۇپتىمەن. مەنبەگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىشنى خالايدىغانلار بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2009 - يىلى نەشر قىلغان، كوللېكتىپ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «چەت ئەل ئەدەبىياتى تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ 282 - بېتىگە مۇراجىئەت قىلىپ باقسا بولىدۇ. مەن بۇ يەردە يەنە ئەلى غوجاخۇننىڭ پاكىستانلىق يازغۇچى ھەم سىياسىي پائالىيەتچى ئىقبال ئەھمەد (1999 − 1933)نىڭ ئىسمىنى مېنى خاتا ئالدى دەپ، توغرىسى «ئەكبەر ئەھمەد» ئىدى دېگەن پىكرىنى خاتا دەپ ئەسكەرتىپ قويىمەن. چۈنكى ئىقبال ئەھمەدنىڭ ئىسمى «مىراس» ژۇرنىلىدا ھەم «يېڭى ئەسىر − مۇتەپەككۇرلار ساداسى» دېگەن كىتابتا «ئەكبەر ئەھمەد» دەپ ئېلىنغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچىسى «伊克巴•阿哈迈德»، ئىنگلىزچىسى«Eqbal Ahamad» دەپ ئېلىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim-pen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 10:19 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1120 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 11:01:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا،ئاللا،ۋۇي شەرەپسىزلەر!.

ئىلمى ھەقىقەت مۇشۇنداق مۇنازىرىلەر جەريانىدا بىزگە قەدەممۇ-قەدەم يىقىنلىشىدۇ.
ilim-pen ئەپەندىم،ماۋۇ تېمىڭىزدىن خۇش بولدۇم،مىنىڭدىن خاپا بولىۋەرمەڭ،ھە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 11:06 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75996
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 12:32:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىككى ئوبزورنىڭ تەڭلا بىرلىشى بۇئىككى مۇنازىرچىلارنىڭ بەس مۇنازىرسىنى يەنىمۇ بىر بالداق كۆتىرۋېتىدىغان بولدى.. ژورنالدا ئېلان قىلسا ماقالىسى ئايدابىر چىقىپ بولغىچە ئالدىراپ كىتىدۇ ئادەم ،ماۋۇ توردا ئېلان قلىسا تىز بولسا 10مىنوت ئاستا بولسا 1سائەت كىتەر ..

بېر كۈنلەر كىلىپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8955
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5524
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2010-9-3
ئاخىرقى: 2012-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 07:00:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى بىر ئامال قىلىپ مۇۋاپىق ھەل قىلغىلى، ھەممىنى ئۆز جايىدا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بىز ھەممە نېمىمىزنى سەرپ قىلىپ، يەنى ھەممە ئالتۇنىمىزنى، بارلىق ماددىي كۈچىمىزنى چىقىرىپ كىشىلەرنى بىزگە لازىم بولغان ھالەتتە ياساپ چىقىمىز، ئۇلارنى گېپىمىزنى ئاڭلايدىغان قىلىمىز.
ئادەمنىڭ كاللىسى، ئېڭى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىز كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قالايمىقانلاشتۇرالىساقلا قىممەت قارىشىنى بىلىنە - بىلىندۈرمەي ئۆزگەرتەلەيمىز ھەم ئۇلارنى يوشۇرۇن ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن بىر خىل قىممەت قارىشىغا ئىشىنىشكە مەجبۇرلىيالايمىز. بۇنى قانداق ئامال بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ بىز چوقۇم رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىن بىزنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭىمىزغا قوشۇلىدىغان ئادەملەرنى تېپىشىمىز، ئىتتىپاقداش قوشۇن تېپىشىمىز كېرەك.
مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمدىكى بىر مەيدان تىراگېدىيە − ئەڭ تىز پۈكمەس بىر مىللەتنىڭ ھالاكەتكە يولۇقۇش تىراگېدىيەسى پەردىمۇ پەردە ئورۇنلانماقچى، ئۇلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى قۇتۇلدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يوقۇلۇشقا يۈزلەنمەكچى. ئالايلۇق، بىز ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىچىدىن ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇقىنى بارا - بارا ئۆچۈرۈۋېتىمىز. سەنئەتكارلىرىنى تەربىيەلەپ ئۇلارنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يۈز بېرىدىغان جەريانلارنى ئىپادىلەش ياكى تەتقىق قىلىش قىزىقىشىنى يوققا چىقىرىمىز. ئەدەبىياتى، تىياتىرى، كىنولىرى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ رەزىل ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە مەدھىيەلەيدىغان قىلىۋېتىمىز. بىز بارلىق چارىلار بىلەن ئاتالمىش بىر تۈركۈم سەنئەتكارلارنى قوللاپ ۋە كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا جىنسىيەتكە چوقۇنۇش، زوراۋانلىققا چوقۇنۇش، خورلاشقا چوقۇنۇش، ئاسىيلىق قىلمىشىغا چوقۇنۇش، ئومۇمەن بارلىق ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرىغا چوقۇنۇشنى سىڭدۈرۈشكە ئۈندەيمىز.
بىز بىلىنە - بىلىندۈرمەي ئەمما پائال ھەم داۋاملىق ھالدا ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ خالىغىنىچە ئەسكىلىك قىلىشىغا، خىيانەت قىلىشىغا، پىرىنسىپنى قايرىپ قويۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. بارا - بارا ئۇلار دوگماتىزم ۋە ئىشنى كەينىگە سۈرۈش ياخشى قىلمىش دەپ قارايدىغان، سەمىمىيلىك ۋە دۇرۇسلۇق كىشىلەر تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىدىغان، ھەممە ئادەم ئۇنى كۆزگە ئىلمايدىغان ۋە ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدىغان نەرسە دەپ قارايدىغان بولىدۇ. مۇتەھەملىك ۋە نومۇسسىزلىق، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىق، ھاراقكەشلىك ۋە زەھەر چېكىش؛ ئادەملەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ كېتىشى يىرتقۇچ ھايۋاندىن قورقۇشتىنمۇ ئېشىپ كېتىش؛ ئۇيۇلۇش ھېسسىياتى يوقۇلۇش، ساتقىنلىق، مىللەتچىلىك ۋە مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىك، ئالدى بىلەن رۇس مىللىتىگە بولغان ئۆچمەنلىك كۈچەيتىلىدۇ. بىز ئەپچىل چارىلەرنى قوللىنىپ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىنە - بىلىندۈرمەي مۇقەددەسلەشتۈرىمىز. بۇلارنى پورەك - پورەك ئېچىلدۇرۇۋېتىمىز ... پەقەت ئاز ساندىكى ئادەملىرى، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملىرىلا زادى نېمىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالىشى ياكى تونۇپ يېتەلىشى مۇمكىن. لېكىن بىز بۇنداق ئادەملەرنى يېتىم، يۆلەنچۈكسىز ھالەتتە قالدۇرىمىز. ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ مەسخىرە قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويىمىز. بىز ئۇلارغا تۆھمەت چاپلااش چارىلىرىنى تاپالايمىز. ئۇلارنى جەمئىيەتنىڭ سۈپۈرۈندىلىرى دەپ جاكارلايمىز. بىز بولشىۋىزمنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاپ، مەنىۋى ئەخلاقنىڭ ئاساسىنى چاكىنىلااشتۇرىمىز ھەم ئۇنى تازىلىۋېتىمىز. بىز ئىشنى ياش - ئۆسمۈرلەردىن باشلايمىز. ئاساسىي دونى ياشلارغا تىكىمىز. ئۇلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىپ چىرىتىۋېتىمىز. ئۇلارنى نومۇسسىز زاتلارغا، چاكىنا كىشىلەرگە ۋە دۇنياۋىزمچىلارغا ئۆزگەرتىۋېتىمىز. مانا بۇلارنى بىز چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز.»

يۇقارقى قۇرلارنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم. ......ھەممىگە قادىر‹‹ئاللا›› دۈشمەننىڭ قەســـتىدىن ساقلىغىن.         

دۇشمەنگە رەھېم قېلېش -دوسقا زۇلۇم قېلېشتۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش