|
|
|
|
ھەممىمىزگە مەلۇم، تۈركىيەدە «جۇڭگو» نى «چىن» دەپ ئاتايدۇ، ھەمدە كۆپىنچە كىشىلىرىمىز «چىن» سۆزى «جۇڭگو» نىڭ قەدىمكى ئاتالغۇسى دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن. يېقىندا ئوقۇغان ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن قەلىمى ئاستىدىكى «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» ناملىق كىتاپتىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، «چىن» سۆز تار مەنىدىن كاشغەر (ھازىرقى قەشقەر) رايونىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىم. قەدىمكى ئەرەب-پارس ئەدىبلىرىنىڭ قەلىمىگە يۆگەلگەن «چىن» سۆزىمۇ باشقا يەرنى ئەمەس، دەل كاشغەرنى كۆرسىتىدىكەن. مەھمۇد كاشغەرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەسىرىدە چىن دائىرىسىنى ئۈچكە بۆلۈپ كۆرسىتىدۇ. يەنى يۇقىرى چىن – تاۋغاچ، ئوتتۇرا چىن – خىتاي، تۆۋەن چىن – كاشغەر (دىۋان 1-توم 593-بەت). «چىن» سۆزى قەدىمكى جۇڭگودىكى «چىن» سۇلالىسىنىڭ نامىدەك تەسىر بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى «چىن»نىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. جۇ سۇلالىسى زامانىدا، ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى چۈنچيۇ دەۋرىدە، شىمالدىكى مىللەتلەر 真人 دىيىلگەن، يەنى سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتىدىكىلەر «چىن» سۆزى بىلەن ئىپادە قىلىنغان. كېيىچە، شىمالدىكى مىللەتلەر سېپىلدىن بۆسۈپ كىرىپ، جۇڭگو تەۋەسىدە نۇرغۇن سۇلالىلەرنى قۇرغان، مەسىلەن، سىيانپىي توقباتلىرى قۇرغان شىمالىي ۋېي سۇلالىسى، خەنزۇ- توقبات ئارىلاشما ئائىلىسى قۇرغان تاڭ سۇلالىسى دىگەندەك. تاۋغاچ سۆز تاڭ سۇلالىسى، خىتاي سۆزى قىتانلارنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمكى ئەرەب- پارس- تۈرك دۇنياسىدىكى قەلەمگە ئېلىنغان «چىن» ئەمەلىيەتتە تۆۋەن چىن- كاشغەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مىلادىيە 3-ئەسىردە ياشىغان ئەبۇدەلىف ئىسىملىك ساياھەتچى ئۆزىنىڭ ساياھەتنامىسىدە «بۇخارادىن چىنگىچە» بارغانلىقىنى يازغان. سامانىيلار سۇلالىسى شاھى سۇلتان ناسىر بىننى ئەخمەت ۋاقتىدىكى ئابدۇللا ھىسسار بىننى ئەل مەھەلھىل ئۆزىنىڭ «ساياھەتنامە» سىدە چىنگە بارغانلىقىنى يازغان. مەلۇمكى ئابدۇللا ھىسسار بىننى ئەل مەھەلھىلنى سامانىيلار شاھى سۇلتان ناسىر كاشغەردىكى قاراخانىيلار ھوزۇرىغا 943-يىلى نىكاھ ئەلچىلىرى قاتارىدا ئىبەرتكەن ئىدى. دىمەك، قەدىمكى يازمىلاردىكى «چىن» - كاشغەر دىمەكتۇر. مەنبە: www.koktash.com
|
|
|
|
|
|