ئەسلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن يېقىندا مەن چىڭخۇا ئۈنىۋېرسىتنىڭ «كۇڭزى، مىڭزى ،جۇاڭزى مەدەنىيتى جۇڭگو پەن-تەتقىقات ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا »دىگەن ماقالىسىنى مەزكۇر تور بىكىتىمدە يوللىغان ئەپسۇسلىنارلىقى قېرىنداشلىرمىزنىڭ بۇ ماقالىگە دىققەت ئىتبارىنى يېتەرلىك بەرمىگەنلىكى ھەم مەزكۇر ماقالىىڭ تىمىسىدا ،رايۇنىمىزدا ھازىرغا قەدەر بېرەر تەتقىقات نەتىنجىسىنىڭ ۋۇجۇتقا كەلمىگەنلىكى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرسا ،ئەكىسچە بىر قىسىم دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەلدىكى بۇھەقتىكى تەتقىقاتلار كىشىنى تولىمۇ ئويلاندۇرماقتا.مەن تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئازغىنە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ قېرىنداشلىرمىز بىلەن ئورتاقلاشماقچى،لىكىن شۇنى ئالدىنئالا ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى بىز ئۆزىمىز ئىتقادى ھەققىدە تېخىمۇ پىكىر قىلىشقا ھۇقۇقلۇق دەپ قارايمەن،چۇنكى بۇ بىزنىڭ ئىتقادىمىز ،بۇ بىزنىڭ دىنىمىز ،ئۇ ھەم تۇرمۇشىمىز ،ھاياتىمىزنىڭ مۇھىمبىر قىسمى …! ئەمما ئارىمىزدىكى بىرقىسىم ئادەملىرمىز ئاپپاق خوجا دەۋىردىن قېلىپ قالغان دىنغا قارغۇلارچە ئىشنىش ،دوگماتىزىملىق قىلىش ۋە ياكى ئەسلىگە ئەقىل كۈزى بىلەن ۋارىسلىق قىلمايدىغان سۇپىۋىزىملىق ئىدىينى ھازىرمۇ بار كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىپ ئىتقادىمىزغا تىغ تەككۈزۈشكە بولمايدۇ دەپ ئۈزىمىزدىكى بار مەسىللەرنى تەتقىق قىلىشقا ،ئىلمى باھا بىرىشكە توسقۇنلۇق قىلماقتا.ھەدىسە ھەدىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ بۇ ھەقتە ئىلمى ئىجادى ئەمگەكلەرنى قىلغانلارنى جەدىت كۇففۇرلۇققا چىقىرۋەتمەكتە. بىز چۇقۇم ئۈزىمىزگە ئىلمى باھا بىرشىنى ئۆگۈنۈشىمىز ،ئىتقادىمىزغا يەككە مۇققەدەس ھالەتتە غايۋانە مۇئامىلە قىلماي ،تېخىمۇ مۇھىمى ئەمىليەتچىل مۇئامىلە قىلساق دىمەكچى ،بۇنىڭدىن سىرىت باشقا مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ ئىتقات قىممەت قارشىنى ئۆز ئىتقات قىمممەت قارشىمىزنىڭ ئورنىغا دەسسەتسەك توغرا بولمايدۇ دەپ قارايمەن.خوش تۆۋەندە مەن بۇ تىما ھەققىدە كۆز قاراشلىرىمىنى ئاددى ئوتتۇرغا قويماقچى.
ئىسلام پەن تەتقىقاتقا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ.بۇ بىر ھەقىقەت ،شەك-شۆبىھسىزكى ئۈزەممۇ بۇنىڭغا مۇتلەق ئىشىنمەن.ئەمما دىيارىمىزدىكى «ئىسلام»چۈشەنچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ پەن تەتقىقات ئىشلىرغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلماقتا.ھەممىمىزگە مەلۇم دۇنيادىكى ھەر قايسى جايلاردا ،دۆلەتلەردە ،ئوخشىمىغان مىللەتلەردە ئىسلامغا ئىتقات قىلدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتقات قىممەت قارشى پەرىقلىندۇ.بۇ خىل قىممەت قاراش ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ،ئالاقە ،ۋە مائارىپ ،پەن تەتقىقات ئىشلىرغا روشەن تەسىر كۆرسەتمەكتە.زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسەتتى ،ئىجابى تەسىرمۇ ياكى سەلبى تەسىرمۇ بۇ ھەقتە مىنىڭ بىلىشىمچە ۋە ئوخشىمغان نوقتىدىن ئىزدىنىشلىرىمغا ئاساسلانغاندا مۇسۇلمان دۆلەتلىردە خەلىقئاراغا تەسىر يەتكۈزگىدەك بېرەر ئىجادى ئىلمى ئەمگەكلەر بۇلۇپ باققان ئەمەس.ئەمما غەرىپتە ۋە دۆلىتىمىزدە ياپۇنيىدە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار ئىنتايىن جېق .ۋە بىز يەنى «ئۇيغۇرشۇناسلىق » ھەققىدكى تەتقىقاتلار ناھايتى جېق،«ئىتقات »ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر تىما بۇلۇپ قالغان .بىزگە كەلسەك بىز ھەققدە ئۇلار ھەققىدە تەتقىقات ئۇ يەردە تۇرسۇن ئۈزىمىز ھەققىدكى مەخسۇس كەسىپلاشقان تەتقىقاتلار ئىنتايىن ئاز.ئۇلارنىڭ تۈمەنمىڭلىغان ،نەزىريە جەھەتتىن ھەر قايسى پەن نوقتىلىردا تۇرۇپ قويغان سۇئاللىرى ئالدىدا (بۇلۇپمۇ تارخى نوقتىدىن )بىز قايىل قىلارلىق رەدىيە بىرىشكە ئامالسىز.مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا مۇسۇلمانلار بۇ خىل نەزىىريە ئۇرۇشىدا ھازىر مۇداپىئە ھالتىدا ئۈزىنى قوغدىماقتە دىسەم ئارتۇق كەتمەس دەپ ئويلايمەن.
ئىسلام گەرچە ئۇ بىرخىل ئىلغاردىن ، مەدىنيەت سۈپتىدە تارىختا ئاجايىپ رول ئويناپ تا بۈگۈنكى قەدەر ئۈزىنىڭ سىھرى كۈچىنى يوقاتمىسىمۇ ئەپسۇس ئۈنىڭ بۇ خىل كۈچى تارىختىكىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن شانلىق دەۋىردىن كەلگەن،بۈگۈنكى ئىسلام مۇخلىسىلرنىڭ تۆھپىسى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ياراتقان تۆھپە ئالدىدا ھىچقانچە بىر گەپ ئەمەس.رايۇنىمىزدىمۇ شۇ .ئىسلامدا ئۇقۇغان كىشلەر ياكى دىنى ئىتقادىمىزغا يېتەكچىلىك قىلۋاتقانلارنىڭ زوركۆپچىلىكى يەنى ئاتالمىش ئىمام ئاخۇنلار ئىجىتمائى پەن ياكى تەبىئى پەن ساھەسىدە ھىچقانداق نەتىنجىسى يوق. لىكىن ھۆرمىتى ئالەمچە.ئەكىسچە دىننىڭ ھەقىقىتى يۇشرۇنغان سىرلارنى يىشىۋاتقان پەن -تەتقىقات خادىملىرمىز بۇنىڭچىلىق شۆھرەتكە ئىرشەلمەيدۇ. كۆپلىگەن مەسچىتلەردىكى يىللار بۇيان ئۆزگەرمەيدىغان تەبلىغ ۋەز نەسھەتلەر ،ئاددى ئىدولوگيە،كۈندۈلۈك ھەركەت ئۆلچىمى قاراشلىرى بىلەن تولغان قاقشاشلار بىزدىكى پەن تەتقىقات قەھەتچىلىكىنى ھەل قىلالامدۇ؟ ئېنىقكى ئۇيغۇرلاردا دىنى ئىتقات پەن تەتقىقات ئەمىليىتىدىن زور دەرىجىدىن يىرەقلاپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئەكىسچە بىزنىڭ پەن تەتقىقات ئىشلىرمىزغا توسالغۇ بولماقتا.بۇلۇپمۇ ئىتقادىمىزدىكى ئۇ دۇنيالىققا ھەممىنى باغلىغان غايۋىچىلىك ئىدىيسى ،شۈكۈر قانائەتچانلىق ئىدىيسى ،مائارىپنى سالبى نوقتىدىن سۈكۈپ قارغۇلارچە دىنغا دەۋەت قىلىش ئۇسۇلى مانا بۇلار پەن تەتقىقات ئىشلىرمىزغا توسالغۇلۇق قىلماقتا..بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە پەن تەتقىقاتقا ئۇمۇمى خەلىقنى قىزقتۇرۇش نىشانىمىزغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.
ئاخىردا دەيدىغىنىم بىز چۇقۇم بۇھەقتىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلرنى ،لىكسىيلەرنى ،تەتقىقاتلارنى چىڭخۇا ئۈنىۋېرسىتىغا ئوخشاش ئالى بىلىم يۇرۇتلىرى بولغان شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىسلام ئۈنىۋېرسىتلىردا قانائەت يايدۇرۇپ (ياكى باشقا ئالى مەكتەپلەرمۇ بولىدۇ) پەن تەتقىقات قاتارلىق ئىشلىرمىزنى ئىتقات نوقتىسىدىن ئىلمى چۈشەندۈرۈپ بېقىشقا ئۇرنۇپ بېقىشمىز ،ئىنكار قىلىشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىشمىز ياكى ئۆز گەرتىشمىز ،ۋو بۇساھەدىكى تەتقىقات قۇشۇنلىرمىزنى زورايتىشمىز كېرەك دەپ قارايمەن.
يازما ھوقۇقى: پاك سۆز قانۇن ۋە ئىقتىساد تورى ،يازما يوللۇغۇچى :نەنجىڭ تەبىئى پەن سانائەت پەنلىرى ئۈنىۋېرسىتىدىن ماگىستىر ئاسپىرانىت تۇرغۇن نىدائى . تور مەنزىلى :
www.paksoz.com
ئالاقىدار مەزمۇنلار مەزكۇر تور بەتتە ...