ئارام بەر يۈرىگىم رىتىملىق سۇقۇپ
نەچچە كۈننىڭ ياقى يۈرىگىمنىڭ رىتىمسىز سۇقۇشى مىنى تۇلىمۇ گاڭگىرتىپ قويدى.كىچىكىمدىن يۈرىگىم رىتىمسىز سوقسا بىررەر ئەنسىز ئىش يۈز بىرەتتى.....
توۋۋا ،يۈرىگىم نىمانچە رىتىمسىز سۇقۇپ ئارام بەرمەيدىغانسەن؟سېنىڭ رىتىمسىز سۇقۇشۇڭ ماڭا بىرخىل بىشارەت بەرگەندەك تۇلىمۇ بىيئارام بۇلۋاتىمەن......ئاھ، يۈرىگىم بۇنداق رىتىمسىز سۇقۇشۇڭنىڭ بىشارىتى زادى نېمە؟خاتا قەدەم بېسىپ قالدىممۇ دەپ،ماڭغان يوللىرىمنى بىرمۇ-بىر قېزىپ چىقتىم.......ھېچ بىر خاتا قەدەم باسقاندەك ئەمەس...زادى ماڭا نېمىنىڭ بىشارىتىنى بىرىپ بۇنچە رىتىمسىز سۇقدىغانسەن؟شۇنداق ئەسلىسەممۇ زادى تاپالمايۋاتىمەنغۇ؟
ئاھ ،خۇدا بۇدۇنيادا مىنىڭ تېخى ھەممە نېمەم بارغۇ؟ئاتام يوق بولغىنى بىلەن مېھرىبان جان ئانام ،ماڭا كۆڭۈل بۈلىدىغان جان كۈيەر ئاكا-ئۇكۇلىرىم ،يەنە ئۆزىنىڭ قەيسەر ئىرادىسى چەكسىز مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ،بىزنى بەخىت قىلىش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دىمەي تىرشىۋاتقان قەدىناس يولدۇشۇم ،ماڭا ئانا بۇلۇشنىڭ نەقەدەر شەرەپلىكىنى ھىس قىلدۇرغان ئۇماق پەرزەنتىم بارغۇ؟شۇنداق بەخىت ئىچىدە تۇرۇپ يەنە نىمدانچە رىتىمسىز سۇقۇپ كىتدىغانسەن؟.....
يۈرىگىم مىنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى تىڭشاۋاتامسەن؟سىنىڭ رىتىمسىز سۇقۇشۇڭ تۈپەيلى ....كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ئۈنچىدەك ياشلار يامغۇر كەبى تۆكۈلىۋاتىدۇ.يېنىمدا ھەممە نىمەم بار تۇرۇپ خۇددى ئۆزۈمنى ،تەنھا ئادەمدەك ھىس قىلىۋاتىمەن...بۇ گۈزەل دۇنياغا ئەتراپىمغا قارىدىم،مېھرىبان ئانامنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سورىدىم.ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئانام ئۇرۇق-تۇققانلىرىم تىچ-ئامانكەن.يولدۇشۇم بالاممۇ تىچ-ئامان.
ئۇھ،بولدى يۈرىكىم ئەمدى رىتىمسىز سوقما؟ماڭا ئارام بەر.مەنمۇ خاتىرجەم بەخىت ئىچىدە ئەللەيلىنىپ،ئانامنىڭ كۈيۈمچان قىزى...يولدۇشۇمنىڭ ۋاپادار ئايالى...پەرزەنتىمنىڭ مېھرىبان ئانىسى بۇلۇپ،بۇ تۆت كۈنلۈك ئالامدە پەرزەنىتلىك بۇرچۇمنى،ئاياللىق مەسئۇلىيەت شەرپىنى،ئانىلىق مېھرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزەي...ئانام ئۇرۇق-تۇققانلىرىم.يولدۇشۇم،پەرزەنتىم مەندىن رازى بۇلسۇن...ئاللاھنىڭ رەھمىتى ...بەركىتىدە ھايات يۇلۇمنى خاتىرجەم داۋاملاشتۇرۇپ ئارزۇ-ئامانىمغا يىتەي...!
يۈرىكىم سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندەك رىتىمسىز سۇقۇشى جىمىپلا قالدى.شۇنداق جىمجىت خىيالغا پېتىپ تۇراتتىم... تۇنۇش نۇمۇردىن تېلفۇنۇم سايراپ كەتتى...
-ۋەي ،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام يۇلــتۇز ،يولدىشىڭىز ئاغرىپ قالدى.ئۇنى ھازىر جىددى قۇتقۇزۇشتا دۇختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى....چاققان دۇختۇرخانىغا كىلىڭ.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ جىمىپ قالغان يۈرىگىم جىددىچىلىكتە قېپىدىن چىكتىدىغاندەك سۇقۇپ كەتتى...ئەسلى ماڭا مۇشۇنىڭ بىشارىتىنى بىرىپتىكەندە يۈرىگىم.مەن كالۋا بىلمەي يۈرۈپتىمەن.بۇپتۇ يۈرىگىم رىتىمسىز سوقماي بەرداشلىق بەرگىن.بۇمۇ ساڭا ئاللاھنىڭ بەرگەن سىنىقى،نارازى بولماي قەيسەر بۇل،ئاللاھنىڭ بۇيرىقىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ.ھايات يۇلىدا بۇنداق ئەگرى -تۇقايلىق يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.
يولدۇشۇڭ ھاياتلا بولسا بەخىتلىك كۈنلىرىڭ تېخى ئالدىڭدا،ئەگەر ئاللاھقا ياراپ قېلىپ يېنىڭدىن ئېلىپ كىتىپ قالسا،پەرزەنتىڭ ،ئاناڭ ئۈچۈن تېخىمۇ قەيسەر بۇلۇپ،يولدۇشۇڭغا بولغان ساداقەت،ۋاپادارلىقىڭنى،پەرزەنتىڭنى ياخشى تەربىيلەپ ئادا قىلشىڭ كىرەك!
يۈرىگىم يىغلىماي رىتىملىق سۇقۇپ، گۈزەل ھايات يۇلىڭغا قەيسەر ئىرادەڭ بىلەن باق.
ئارام بەر يۈرىگىم رىتىملىق سۇقۇپ،
ئەندىشە تەشۋىشلەر كەتسۇن يىراققا.
بۇلۇتلار ئارىسىدىن غالىپ كىلىپ،
قەيسەر ئىرادەمدە ياشاي ھاياتتا.
تىنىمنى تىترەتسۇن ئىسسىق نەپىسىم،
ھەرقانداق جاپاغا بەرداشلىق بىرىپ.
ئادەملىك ئەپتىمگە يەتكۈزمەي مالال،
روھىمدا تەسەللى سۈكۈتنى تىزىپ.
مەنبە قەلىمىم