پۈتۈن يەر زىمىت قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغىنىپ ، يەر جاھان قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۇلۇپ، يەر زىمىت ئىللىشقا ، باھارغا تەلپۈنگەن يۈرەكلەر، باھارنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەس ئالىشقا باشلىغان، سۆگەتلەر بوتىلاق چىقىرىشقا باشلاپ، مامىكاپلار بىخ ئۇرۇشقا باشلىغان. تەبىئەت زىمىنستان قىشنى ئۇزۇتۇپ، گۈزەل باھارنى كۈتىۋالغان.يۈرەكلەر گۈللەرنىڭ پۆرەكلەپ ئېچىلىشىگە تەلپۈنىۋاتقان.باياشاتلىق ئەلچىسى ئۈرۈك چىچەكلىرى ئېچىلىشقا تەلپۈنگەن، بالىلار خوشاللىقتىن قېلىن كىيىملىرىنى تاشلىشىپ كوچىلاردا قوغلاشماق باشلىۋەتكەن. ھەمما كىشى كىش يىل بېشى ، ئىش بېشى ، قۇت بېشى دىيىىشىپ يېل بېشىدىكى تۈنجى قەدىمىنى، ئەمگەك، تازىلىق ، ئىتىپاقلىق، ياخشلىقتىن باشلاۋاتقان مۇشۇنداق بىر خاسىيەتلىك پەيىلەردە. مەرىپەت بۆشىگى بولغان غۇلجا شەھەرلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپ ھۆيلىسى نۇرۇز تەنتەنىسىگە چۆمدى .
نوۋرۈز مەركىزىدە ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىلىرى تەييارلىغان دىكلاماتسىيە ۋە سەنئەت نومۇرىلىرى بىلەن نۇرۇزغا بولغان تەنتەنىسى ۋە بالىلارغا بولغان چەكسىز مىھىر مۇھاببىتىنى ئىپادىلىسە ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان نومۇرلارنى كۆرسىتىپ ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلدى، تەبىئەتكە بولغان، باھارغا بولغا مۇھەببىتىنى ئىپدىلىدى. بىلىم مەرىپەتكە يۈرۈش قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. پۈتۈن مەكتەپ، ئەل يۈرۈت بۇ بايرام تەنتەنىسىگە جور بولدى.
غۇلجا شەھەرلىك تەنتەربىيە مەكتىۋىنكىڭ چانباشچى، پەلۋانلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئەركىن مۇشلىشىش، چىلىشىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە نومۇر كۆرسىتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشتى .
قازان قازانلاردا ئىنچىلىك بىلەن تەييارلانغان نوۋرۇز ئېشىنىڭ مېزىلىك ھىدى كەڭ تەبىيەتكە تارىلىپ، ئوقۇغۇچىلار، ئەتراپتىكى جامەئەت، خوشنا خولۇملار ئېىغىز تېگىپ ئىناقلىق ئىتىپاقلىق غۇنچىلىرىنى پۆرەكلەتتى.
كۆپ سۆزلەپ كەتتىمۇ قانداق ؟ بولدى سۆزنى ئاز قىلىپ بۇ پائالىيەتتىكى رەسىملەرنى سىلەرنىڭ ھۆزۇرۇڭلارغا سۇناي .
نورۇز بوۋاي نۇرۇز سۆزى قىلىپ ، بالىلارغا نوۋرۇز چاچمىسى چاچماقتا :
ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەييارلىغان نومۇرلىرنى كۆرسەتمەكتە
ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرماقتا
ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق تۇزۇلگەن قۇياش نۇرى گىمناسىتنكىسىنى ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلىپ گىماناستىنكا ئوينىماقتا بۇ گىمناستىنكىنى بۇ مەكتەپتە 4 - ئايندىن باشلاپ رەسمى دەرىس ئارىلىق گىمناستىنكىسى قىلىپ ئىشلىتىدىكەن .
غۇلجا شەھەرىلىك تەنتەربىيە مەكتەپ ماھىرىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ماھارەت كۆرسەتمەكتە
بالىلار نۇرۇز تەنتەنىسى قىلماقتا
نۇرۇز ئاشلىرى تەييارلانماقتا
ئوقۇغۇچىلار نۇرۇز ئاشلىرنى مەززە قىلىپ يىمەكتە