مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 988|ئىنكاس: 1

ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەيرەتتىن قالما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 1470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4270
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 5673 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 04:03:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت 1972 ـ يىلى11 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى پىچان ناھىيىسىنىڭ تۇيۇق يېزىسى يېڭى مەھەللە كەنتىدە تۇغۇلغان. 1992 ـ يىلىتۇرپان ۋىلايەتلىك دارىمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ 1998 ـ يىلىتىل ـ ئەدەبىيات كەسپى بۇيىچە تولۇق كۇرس دىپلومى ئالغان. 1992 ـ يىلىخىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان پىچان ناھىيە تۇيۇق مەركىزىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، ئىلمىي مۇدىر، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۈجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2000 ـ يىلى8 ـ ئايدىن بۇيان تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. 2004 ـ يىلىتۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «كەسپ ۋە ئەخلاقتا تەڭ يېتىلگەن مۇنەۋۋەر يازغۇچى»، 2005 ـ يىلىتۇرپان ۋىلايىتى بويىچە «10 مۇنەۋۋەر» ياش بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
  ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى 7 ـ نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.
  يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت 1989 ـ يىلى«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «مەن دوستلۇققا يارىمايمەنمۇ؟» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان بولۇپ، «ياۋا جىگدە»، «ئىشقىم قايتا قوزغالدى» قاتارلىق ھېكايىلىرى، «ئەتىرگۈلگە خۇشتار قىز»، «ئانا، مېنى تۇققان كۈنىڭگە مۇبارەك» قاتارلىق نەسىرلىرى، «بۇلبۇلدىن گۇمانلىنىمەن»، «مۇھەببەتنىڭ خەتنىسى يېرىم» قاتارلىق شېئىر ـ داستانلىرى، «چاڭ باسقان ئالتۇن»، «سىم ـ سىم ئىشىكنى ئاچ» قاتارلىق پوۋېستلىرى، «ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تەۋەرۈك تونى»، «سەن ساقچى بولساڭ، مەن پۇقرا» قاتارلىق ئەدەبىي خاتىرە، فېليەتونلىرى، «زوقلار جىلۋىسى»، «شېئىرىيىتىمىزدىكى يېڭى يۈزلىنىش» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوبزورلىرى ۋە «كۆز يېشىدا ئېچىلغان گۈل» قاتارلىق رومانلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «دوختۇرلارمۇ ياش تۆكىدۇ» ناملىق ھېكايىسى، «ئانا، مېنى تۇققان كۈنىڭگە مۇبارەك» ناملىق نەسىرى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە، «زىلالىگۈلنىڭ ئويۇنچۇق دوستلىرى» ناملىق چاتما چۆچىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. تۆت پارچە ھېكايىسى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «تۇرپان» ژۇرنىلى (خەنزۇچىسى)، «جۇڭگو ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئۇ سېنارىيسىنى يازغان (شىرئەلى ھوشۇر بىلەن بىللە) «ئېھ، قىزىل لېنتا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قازاقچە نۇسخىلىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا، خەنزۇچىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلگەن ۋە مەملىكەت بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
  ئۇنىڭ «ئۆلۈم ۋەھىمىسى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى (2000)، «چاڭ باسقان ئالتۇن» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى (2000)، «تاشقا ئايلانغان كۆز ـ يېشى» ناملىق رومانى(2003)، «تىل ـ ئەدەبىيات تەكرار يېتەكچىسى» ناملىق ئوقۇتۇش پايدىلىنىش ماتېرىيالى( 2002)، «ئىناق دوستلار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى،(2005)، «بالىلىقتا سوئال كۆپ» ناملىق رومانى (2006)، «سېۋەتچىلىك ۋە بورىچىلىق» ناملىق پەن ـ تېخنىكا ئوقۇشلىقى(2007)، «كۆز يېشىدا ئېچىلغان گۈل» ناملىق رومانى(2009)، «پادىچى ۋاڭ» ناملىق تارىخىي رومانى(2010)، «ئازغان كۆڭۈل» ناملىق رومانى(2011) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. «41 يالغان»، «ئالتۇن بالاسى»، «مۇھەببەت داۋانلىرىدا»، «دورامچىنىڭ كەچۈرمىشى»، «ئېھ، قىزىل لېنتا»، «ساھىپجامال ئوغرى»، «ۋەھىمىلىك بۇلبۇل باغچىسى» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىنىڭ سېنارىيىسىنى يازغان، رېژىسسورلىقىنى قىلغان.
  ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ «تۆت تال شاكىلات» ناملىق ھېكايىسى 1990 ـ يىلىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلغان «غۇنچە مۇكاپاتى ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسى»دە 3 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «غۇۋا چىراق» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى 1993 ـ يىلىشىنجاڭ بۇيىچە گېزىت ئەدەبىيات بەتلىرىنى باھالاشتا 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئۇششاق باشلىقلار» ناملىق ھېكايىسى 1994 ـ يىلى«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «خوراز تۇغقان تۇخۇم» ناملىق ھېكايىسى 1994 ـ يىلى«تۇرپان گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «پاقلان ۋە بالىلار» ناملىق ھېكايىسى 1998 ـ يىلى«قۇمۇل ئەدەبىياتى» تەرىپىدىن 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «داۋۇت دىڭ قۇلاق» ناملىق پوۋېستى 1999 ـ يىلى«تۇرپان» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «قان شۇنداق تۆكۈلگەن» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى سىنارىيىسى 2000 ـ يىلى«تۇرپان» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ياۋا جىگدە» ناملىق ھېكايىسى(1996)، «داۋۇت دىڭ قۇلاق» ناملىق پوۋېستى (2000)، «ئانا، مېنى تۇغقان كۈنىڭگە مۇبارەك» ناملىق نەسىرى (2003) 3 قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «چەمبەردىن چىقىش» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» تەرىپىدىن 2005 ـ يىلى1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «دەپ قويغىنىم ياخشى» ناملىق فېليەتونى 2004 ـ يىلى«تۇرپان» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە 1 ـ دەرىجىلىك «ئىزچىلار لوڭقىسى» مۇكاپاتىغا، «ئاتام كېتىپتۇ خوش دېمەي» ناملىق داستانى 2010 ـ يىلى«تۇرپان گېزىتى» تەرىپىدىن 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «قارا سىياھ»، «قىزىمغا ئارخىپ» قاتارلىق ئون پارچىدەك ھېكايە ـ نەسىرى «تۇرپان گېزىتى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «تۇرپان» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 3 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


http://www.mirxap.com/unwirsal/2012/0205/article_1891.html[/td][/tr]
[tr][td][/td][/tr]
[/table] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-25 07:18 PM  


دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 12:45:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇرنىڭ؛‹‹كۆز يېشىدا ئېچىلغان گۈل›› ناملىق رومانىنى قىززىقىپ ئوقۇپ چىققان ئىدىم...  ئاپتۇرنىڭ يىرىك ئەسەرلەر ئىجادىيەت مۇساپىسىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش